زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ خان جەمەتىدىكى ئوغلى يەنە چاتاق تېرىدى

文摘   2024-11-04 21:45   新疆  

سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

يېقىندا نورۋېگىيە خان جەمەتىدە مۇنداق بىر خەۋەر تارقالغان: ۋەلىئەھدىنىڭ ئۆگەي ئوغلى 1997-يىلى تۇغۇلغان مارىيۇس بورگ ھوبى (Marius Borg Hoiby) ۋەلىئەھد ئەر-خوتۇننىڭ تۇرالغۇسىدىن رەسمىي قوغلاپ چىقىرىلغان، ھەمدە قايتا قەدەم بېسىشى چەكلەنگەن.

بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىگەن.

ئامال يوق، نېمىلا دېگەن بىلەن كىچىكىدىن باشلاپ خان جەمەتىنىڭ تەسىرىدە چوڭ بولغان بۇ ياش ھەقىقەتەن خاتىرجەم ئەمەس. ئۇ توغرىلىق ھەر خىل تالاش-تارتىشلار چولپانلارنىڭ غەيۋەتلىرىدىنمۇ كۆپ.

ئىشنى بۇ يىل 8-ئايدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

نورۋېگىيە ساقچىلىرى ھوبىنى لايىقى رېبېككا ئارنسونغا ئائىلە زوراۋانلىقى قىلدى دەپ گۇمانلىنىپ، تۇيۇقسىز ھوبىنىڭ تۇرالغۇسىغا بېسىپ كىرگەن. لايىقى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان، كېيىن نىڭ مېڭىسى سىلكىنىپ كەتكەن، دەپ دىياگنوز قويۇلغان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرالغۇ ئىنتايىن قالايمىقان بولۇپ، خىرۇستال ئاسما چىراغ چېقىلىپ چېقىلىپ كەتكەن، تىغلىق ئەسۋاب ھۇجرىنىڭ تېمىغا سانجىلغان، ئۆي قارىماققا قورقۇنچلۇق فىلىم نەق مەيدانىغا ئوخشاپ قالغان.

ئۇنىڭ لايىقى ئاشكارا يازما ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورلانغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما بۇ ئەيىبلەشلەر ئالدىدا، ھوبى ئۆزىنى ئاقلىمىغان.

ئۇ باياناتىدا مۇنۇلارنى ئېتىراپ قىلغان: «ئەينى چاغدا ئىسپىرت ۋە كوكائىننىڭ تەسىرىدە، باشقىلار بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ، جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملەندۈرۈش قىلمىشىنى سادىر قىلدىم ھەمدە ئۆي ئىچىدىكى بۇيۇملارنى بۇزۇۋەتتىم.»

ئۇ ئۆزىنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن باھانە تېپىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك روھىي كېسەللىكنىڭ ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىنى يوقىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، روھىي كېسەلگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئۆزىگىمۇ ئاسان ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. لېكىن، بىر ئايدىن كېيىن، ئۇ يەنە چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، يوشۇرۇن نومۇر بىلەن بۇرۇنقى لايىقىنى پاراكەندە قىلغان، نەتىجىدە يەنە ساقچىلار قولغا ئالغان.

شۇنىڭ بىلەن نورۋېگىيە خەلقى ئۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ ھوبىنىڭ تۇنجى قېتىم سەتچىلىك پەيدا قىلىشى ئەمەس، پەقەت بۇ قېتىمقى تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولۇپ، پۈتۈن دۆلەت ھەتتا چەتئەللەرمۇ ئۇنىڭ يامان ئىشلىرىنى بىلىپ قالغان.

نورۋېگىيە خەلقى ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ «ۋەلىئەھدىنىڭ ئۆگەي ئوغلى» پۈتۈنلەي خەلقنىڭ ئەرز قىلىش نىشانىغا ئايلىنىپ قالغان.

نورۋېگىيە خان جەمەتى ئادەتتە بەك كەمتەر، بۇ يەردە ئالدى بىلەن ئارقا كۆرۈنۈشىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي.

نورۋېگىيەنىڭ ھازىرقى پادىشاھى ھارالد V بۇ يىل 84 ياشقا كىرگەن بولۇپ، قازا قىلغان ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابېت IIنىڭ نەۋرە ئىنىسى.

ئۇنىڭ خانىش بىلەن ئىككى بالىسى بار، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا ۋەلىئەھدى ھاكون ۋە مەلىكە مارتا لۇيىس.

(ھاكون ۋەلىئەھدىنىڭ ئائىلىسىدىكى بەش جان، پادىشاھ ئەر-ئايال، مەلىكە مارتا لۇيىس ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى)

ۋەلىئەھدى ھاكون 1973-يىلى تۇغۇلغان، ھازىر 51 ياشقا كىردى.

ئۇنىڭ بىردىنبىر ئوخشىمىغان قىلغان ئىشى مەلىكە مېت مارىت (Mette-Marit) بىلەن توي قىلىشى.

مېت مارىتنىڭ ھېچقانداق ئاقسۆڭەك ئارقا كۆرۈنۈشى يوق، ئۇ ئادەتتىكى ئىشچى دېھقان ئائىلىسىدە چوڭ بولغان (دادىسىنىڭ جىنايەت تارىخى بار)، 21 يېشىدىن باشلاپ كېچىلىك كۇلۇبتا ئىشلەشكە باشلىغان.

24 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ بىر زەھەر ئەتكەسچىسى بىلەن ئارىلىشىپ، بىر بالىلىق بولغان (بۇ دەل ۋەقە سادىر قىلغان ئوغلى ھوبى ئىدى).

شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ كېچىلىك بەزمىخانىدىكى خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، قەھۋەخانىدا تىرىكچىلىك قىلغان، يەنە ئوسلو داشۆسىدا بىلىم ئاشۇرغان.

(چوڭ ئوغلىنىڭ ئۆز دادىسى)

1999-يىلى ۋەلىئەھدى ھاكون بىلەن مېت مارىت نورۋېگىيەدىكى ئەڭ چوڭ تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكا بايرىمىدا ئۇچراشقان. ئىككەيلەن بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەن.

مۇھەببەت تىياتىرىغا ئوخشاش بۇ ھېكايە ھەقىقەتەن مۇكەممەل نەتىجىگە ئېرىشكەن. 2000-يىلى 12-ئايدا ئىككىيلەن تويغا پۈتۈشكەنلىكىنى جاكارلىغان.

بىراق، مېت مارىتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى نورۋېگىيەدە غۇلغۇلا قوزغىغان، ئامما ۋەلىئەھدىنىڭ نەزىرىدىن گۇمانلانغان. ھاكون ۋەلىئەھدى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يۈزلەنگەن، مېت مارىت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يەنە قارا تارىخى بىلەن ئۈزۈشۈشكە ۋەدە بەرگەن.

كېيىن، ئۇ ھەقىقەتەن «باشقىدىن ئادەم بولۇپ»، ياردەم سۆيەر ئىشلارغا پائال ئاتلىنىپ، ئاممىۋى ساغلاملىق، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، ئەدەبىياتنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق تېمىلارغا كۆڭۈل بۆلگەن، يەنە ھاكون ۋەلىئەھدى بىلەن بىر قىز، بىر ئوغۇل پەرزەنتلىك بولغان، ئۇلار مەلىكە ئىنگرىد ۋە شاھزادە سىۋېر.

دەسلەپتە نورۋېگىيەلىكلەر ۋەلىئەھدىنىڭ ئىلگىرى زەھەر ئەتكەسچىسى بىلەن بالىلىق بولغان بىر ئايال بىلەن توي قىلغانلىقىدىن نارازى ئىدى، بىراق مېت مارىت كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن نام-ئابرۇيىنى ئۆزگەرتىپ، بارا-بارا ئاممىنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ھۆرمەت قىلىشىغا ئېرىشكەن.

بىردىنبىر ئادەمنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغىنى، ئۇنىڭ زەھەر ئەتكەسچىسى يىگىتى بىلەن بولغان بالىسى ھوبى.

ئەينى يىلى خان جەمەتىگە ئېلىپ كېلىنگەن بۇ بالا، كىچىك ۋاقتىدا ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتاتتى، لېكىن ئۇ قۇرامىغا يېتىش مەزگىلىگە كىرگەندىن كېيىن ۋە قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، نورۋېگىيە خان جەمەتى ئەڭ تەستە ئۆچۈرىدىغان «داغ» بولۇپ قالغان.

مېت مارىت ھوبىنى ئوردىغا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ھوبى باشقا خان جەمەتى بالىلىرى بىلەن بىللە چوڭ بولغان، ۋەلىئەھدىمۇ ئۇنى ئۆز بالىسىدەك كۆرگەن، خان جەمەتى سالاھىيىتى بولمىغاندىن باشقا، باشقا مۇئامىلىلەرنىڭ ھەممىسى ۋەلىئەھد شاھزادىلىك ئۆلچىمى بىلەن بىردەك بولغا.

ئەپسۇس، ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنى ساراسىمىگە سېلىشقا باشلىغان.

گەرچە ھوبىنىڭ خان جەمەتى ئۇنۋانى بولمىسىمۇ، خان جەمەتىنىڭ خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەمىشە ئۆزىنىڭ ۋەلىئەھدىنىڭ ئۆگەي ئوغلى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ سالاھىيەت بىلەن تەرەپ-تەرەپتە داۋراڭ سالغان.

2017-يىلى ئۇ ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەندە، خان جەمەتى ھوبىنىڭ خان جەمەتىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى بىراقلا جاكارلىغان، ئۇنىڭ شەخسىي ماتېرىيالىمۇ جەمەت تور بېكىتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.

لېكىن ئۇ يەنىلا خان جەمەتى مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ ئىمتىياز ئىزدىگەن، ئەمما بۇنىڭغا ماس مەسئۇلىيەتتە بولمىغان ۋە تۆھپە قوشمىغان.

ئۆگەي دادىسى ۋەلىئەھدى ھاكون بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەتتا ئەينى چاغدا قۇرامىغا يەتمىگەن سىڭلىسى ئىنگرىدمۇ ئۇنىڭدىن مىڭ ياخشى ئىدى.

تېخىمۇ چاتاق بولغىنى، ئۇنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق. ئۇ نۇرغۇن كەسىپلەرنى سىناپ باققان، مەسىلەن، مودا مۇھەررىرى، مودېل، كارخانىچى دېگەندەك، لېكىن ھەممىسى سۇغا چىلىشقان.

ھوبىنىڭ «قوشۇمچە كەسپى» كىشىنى تېخىمۇ بىئارام قىلىدۇ، ئۇ ئىلگىرى كوكائىننى ساقلىغانلىقى ۋە ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلەنگەن.

كىشىنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرىدىغىنى شۇكى، بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ دائىم دوستلىرىنى ئوردىغا يىغىپ يىغىلىش قىلىپ كۆڭۈل ئاچقان، «ئۇ يىغىلىشلار»دا ۋەلىئەھدىنىڭ ئۆيىدىكى قىممەتلىك بۇيۇملار ئارقا-ئارقىدىن ئوغرىلانغان.

نورۋېگىيەلىكلەر ھەر قېتىم ھوبىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغاندا، ئاڭلىغىنى چوقۇملا ناچار خەۋەر بولىدۇ.

ئۇ نورۋېگىيەلىك داڭلىق مودېل جۇلىياننا سىنېكېستاد بىلەن ئارىلاشقان، ئۇزۇن ئۆتمەي ئايرىلىپ كەتكەن. ئىككىنچى قېتىملىق ئاشكارا لايىقى نورا ھوۋلاند ئۇنى ئۆزىگە جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان دەپ ئەيىبلىگەن، گەرچە ھوبى بۇنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ سەتچىلىك يەنىلا غۇلغۇلا قوزغىغان.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلە زوراۋانلىقىدىن مېڭىسى سىلكىنىپ كەتكەن يېقىنقى لايىقى رېبېككا بىلەن ئۇ تونۇشقىنىغا بىر ئاي بولغاندا ماۋۇ چاتاقنى تېرىغان.

ساقچىلار ئىچكىرىلەپ تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەسلىدە ئالدىنقى ئىككى لايىقىنىڭمۇ ئۇنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايقىغان.

بۇ يىل 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ھاكون ۋەلىئەھدىنىڭ ئاچىسى مەلىكە مارتا لۇيىس ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق ھەمراھى دۇرېك ۋېرېت بىلەن توي قىلغان. بۇ ئىككىسىنىڭ ھېكايىسى توغرىلىق نۇر تورىدا كۆپ توختالغانىدۇق، شۇڭا بۈگۈنچە بۇ ھەقتا ئايرىم توختىلىپ يۈرمەيلى.

بىراق، مۇھىم نۇقتا بۇ يەردە ئەمەس. مەلىكە تويغا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، نۇرغۇن مېھمانلار ئېنىق قىلىپ، ئەگەر ھوبى كەلسە، ئۆزلىرىنىڭ قاتنىشىشنى بىۋاسىتە رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇڭا، بۇ قېتىم ھوبى قولغا ئېلىنىپ، خان جەمەتى قوغلاپ چىقىرىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر ئالقىشلاپ، نورۋېگىيە خان ئوردىسى ئاخىرى تازىلاندى، دەپ قارىغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇرغۇن كىشىلەر مەلىكە مېت مارىتقا ئىچ ئاغرىتقان.

بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن ئۇ ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىل ئۆپكە تالالىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدۇ، بۇ خىل كېسەللىك ئۆپكە توقۇلمىلىرىدا تارتۇق پەيدا قىلىپ، نەپەس ئېلىشتا قىينىلىدۇ.

بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، مەسئۇلىيىتىنى تىرىشىپ ئادا قىلىپ، نورمال خىزمەت رىتىمىنى ساقلىغان.

بىراق، بۇ قېتىم ئوغلىنىڭ كەينى-كەينىدىن چىققان سەلبىي خەۋەرلىرى ئۇنىڭغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. يېقىندا، ئۇ ئامالسىز خىزمىتىنى توختىتىپ، داۋالاشنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان ھەمدە بىر ھەپتىدىن ئارتۇق كېسەل رۇخسىتى ئالغان. ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشى نورۋېگىيە خەلقىنى ئەندىشىگە سالغان.

بەلكىم مۇشۇنداق قالايمىقان ۋاقىتتا، نورۋېگىيە خان جەمەتىنىڭ بىردىنبىر تەسەللىسى بولغۇسى ۋەلىئەھدى مەلىكە ئىنگرىد بولۇشى مۇمكىن.

ئۇ ئانا بىر دادا باشقا ئاكىسى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ قالغان.

ئۇ نورۋېگىيە پادىشاھلىق تەختىنىڭ ئىككىنچى ئورۇندىكى ۋارىسى بولۇپ، كەلگۈسىدە 600 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى نورۋېگىيە ئايال پادىشاھى بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد بار.

ھوبىنىڭ سەتچىلىكى ھەممە يەرنى قاپلاۋاتقاندا، ئۇ نورۋېگىيەنىڭ شىمالىدىكى بىرىگدنوردتا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەپ، پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان مىجەزىنى نامايان قىلغان.

گەرچە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش نورۋېگىيەدە مەجبۇرىي تەلەپ قىلىنمىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قاتنىشىشنى تاللاپ، باشقا ئەسكەرلەر بىلەن بىللە يېتىپ-قوپۇپ، ئوخشاش قاتتىق ھەربىي مەشىقنى قوبۇل قىلغان.

بۇ مەزگىلدە ئۇ توپچى بولۇپلا قالماي، يەنە ئايروپىلان ھەيدەپ، مانېۋىرغا قاتناشقان.

ئۇنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مۇددىتى ئەسلىدە يىل ئاخىرىدا ئاخىرلىشاتتى، لېكىن 9-ئايدا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مۇددىتىنى كېلەر يىلىغىچە ئۇزارتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

«ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەندىن بۇيان، مەن نۇرغۇن خىرىسقا دۇچ كەلدىم، مەن ئۆگەنگەن ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، ئادەمنىڭ يوشۇرۇن كۈچى تەسەۋۋۇردىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىدىكەن.»

ۋەلىئەھد ئەر-خوتۇننىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى، 2005-يىلى تۇغۇلغان شاھزادە سىۋېر بۇ يىل ئەمدىلا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈردى، ھازىر ئۆيدىن كۆچۈپ چىقىپ بىر مەزگىل خىزمەت قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.

ئوخشاشلا مېت مارىتنىڭ بالىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۈچ بالىنىڭ يېتىلىشى ئاسمان-زېمىن پەرقلىنىدۇ.

مەلىكە مېت مارىتنىڭ خان جەمەتىگە كىرىشى مەلىكە دۇنياسىدىكى رىۋايەتكە ئايلانغان، ئەمما ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى سەلبىي ئاتاقتىن قۇتۇلالمىغان، ئەكسىچە ئۇ ئوردىدىن قوغلانغانغا قەدەر چاتاق تېرىپلا تۇرغان.

ھازىر ھېلىمۇ ياخشى ۋەلىئەھد ئىنگرىد ناھايىتى قالتىس، ئۇ ۋاقتىنچە ئەلرايىنى تۇراقلاشتۇرالايدۇ.

ئۇنداقتا ئىنگرىد كەلگۈسىدە ھەقىقەتەن نورۋېگىيەنىڭ ئايال پادىشاھى بولۇپ قالارمۇ؟

كىنولار


تەۋسىيەلىك رومانلار

مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章