توي ۋە سۇيقەست 🧡 63-قىسىم (ئەپچىدە تولۇق)

文摘   2024-07-25 00:12   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ياش يازغۇچى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «توي ۋە سۇيىقەست» ناملىق روماننىڭ ئاۋازلىق ۋە يازما نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ! شۇنداقلا باشقا ئوقۇرمەن دوستلىرىڭىزغا تارقىتىپ قويۇڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم
2-قىسىم
3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
63-قىسىم

يولدىشىمنىڭ قىز دوستىدىن يەنە ئۇچۇر كەلدى.

«مەن شىركىتىڭىزنىڭ ئاستىدىكى قەھۋەخانىدا، بۇ يەرگە چۈشۈڭ»

يولدىشىمنىڭ ئىشخانىسىغا قاراپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئىشلەۋاتقىنىنى مۇقىم قىلغاندىن كېيىن ئاستا لېفىت تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.

ھېچكىم كۆرمەستە چىقىپ شىركەتنىڭ ئاستىدىكى قەھۋەخانىغا چۈشتۈم. بۇلۇڭدىكى بىر ئورۇندا ئولتۇرغانىدى. ئۇدۇلدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم.

- مېنى نېمە ئىش بىلەن ئىزدىگەن.

-ئاۋۇ نەرسىنى يۇيىۋەتكەن بولسىڭىز.

- نېمىشقا؟ نېمىشقا يۇيىۋەتكۈدەكمەن.

- مەن ئاۋۇ ئەگەشكۈچىلەرنى بەك تەستە يىغقان.

- تەستە يىغقان، يالغان گەپنى قىلىپ بولالماي تەستە يىغقانمۇ؟!

-مەن بۇ سىن قانال ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردىم. ئەگەشكۈچىلەردىن بۇنداقلا ئايرىلىپ قالغۇم يوق، باشقىلارنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراپ كەتكۈم يوق، دادامنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا ئۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

-بولىدۇ. ئۇنداق بولسا يولدىشىمدىن ئايرىلىپ كېتىڭ.

- ئۇنداق قىلالمايمەن. بۇ مېنىڭ تاللىشىم ئەمەس.

-ھاھا. يولدىشىمنىڭ تاللىشى شۇنداقمۇ؟! يولدىشىم سىزنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلدىما؟

- ياق. باشقا بىرسىنىڭ، بۇ باشقا بىرسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى.

ئۇنىڭغا ھەيرانلىقتا قارىدىم.

- باشقا بىرسى؟ كىم؟

-مەن دەپ بېرەلمەيمەن، مېنى كەچۈرۈڭ.

- دەپ بېرەلمىسىڭىز ئەمىسە ئۇ نەرسىنى تورغا يوللايمەن.

- سىز ئۇنداق قىلسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ يۈزىگىمۇ سەت. يولدىشى تالاغا قاراپتۇ دېسە ئۆزىڭىزمۇ يۈزىڭىزنى كۆتۈرۈپ يۈرەلمەيسىز.

- سىز پەيدا بولغاندىن بېرى مەن بۇ مەسىلىلەرنى ئويلىماس بولدۇم، يۈزۈمنى كۆتۈرۈش مەسىلىسى يولدىشىمنى قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسىدەك چوڭ مەسىلە ئەمەس.

- بىز ئايرىم يەردە پاراڭلىشايلى.

دېدى قىز ئەتراپقا قارىۋەتكەندىن كېيىن.

- ياق. مەن سىزگە ئىشەنمەيمەن. مۇشۇ يەردە پاراڭلىشايلى.

- ئەمىسە توختاپ تۇرۇڭ.

 ئۇ قەھۋەخانا خىزمەتچىسى بىلەن پاراڭلاشقاندىن كېيىن يېنىمغا كەلدى.

- ئورۇن يۆتكىلەيلى، بۇلارنىڭ ئايرىمخانىسى باركەن.

ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئايرىمخانىغا كىردىم. بۇ قىزماڭا بارغانسىرى غەلىتە بىلىنمەكتە ئىدى.

- ئەمدى دەڭە، زادى كىم؟ دوستۇمما؟

- ياق، ئۇ ئەمەس، باشقا بىرسى.

-باشقا بىرسى نېمىش قىل دېسە قىلامسىز؟ سىزدە ۋىجدان يوقما؟

- ئۇنداق ئەمەس، مەنمۇ ئىشنىڭ بۇنداق بولارىنى ئويلىمىغان.

-زادى قانداق ئىش، ئېنىقىنى دەڭە.

- سىز ئاۋال ماڭا ئاۋۇ نەرسىنى يۇيۇش ئۈچۈن ۋەدە بېرىڭ، ئاندىن مەن سىزگە بولغان ئىشنى دەپ بېرىمەن.

- ئاۋال دەڭ، سەۋەبى مېنى قايىل قىلالىسا، ئاندىن يۇيىمەن.

- ھېلىقى كۈنىدىكى شىركەت ئولتۇرۇشى.

- دوستۇم ئاپارغان شىركەت ئولتۇرۇشىمۇ؟

-شۇنداق. لېكىن مېنى دوستىڭىز تەكلىپ قىلمىغان.

- ئەمىسە كىم تەكلىپ قىلدى؟ ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىما؟

قىز بېشىنى بوشقىنە لىڭشىتتى.

- سىز ئۇنىڭ بىلەن تونىشامتىڭىز؟

- شۇنداق. مەن ئۇنىڭ بىلەن نەچچە يىللىق تونۇش.

- ھە؟! بۇ قانداق گەپ مەن بىلىپ بولالمىدىمغۇ، دوستۇم ئىككىڭلارنى تونۇشمايدۇ دېگەنتىغۇ.

- ئالدىرىماڭ. مەن تەپسىلىي دەپ بېرەي، مەن مۇئاۋىن دېرىكتورنى دوستىڭىزدىن بۇرۇن تونۇيتتۇم، ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ دوستىڭىز بىلەن ئارلاشقىنىنى دېمىگەن.

- شۇنىڭ بىلەنچۇ؟

- ئۇ كۈنى مېنى شىركەت ئولتۇرۇشىغا چىللىدى. مەن بېرىشقا ئەسلى قوشۇلمىغان. لېكىن ئارقىدىن دوستۇممۇ چىللىدى، بىر تونۇشۇم بولغاندىن كېيىن دەپ باردىم، لېكىن ئىككىسىنىڭ ئارلىشىۋاتقىنىنى مەن بىلمەيمەن. بارسام سىزنىڭ يولدىشىڭىز يەنە شىركەتتىكى نۇرغۇن ئادەم باركەن، كېيىن مۇئاۋىن دېرىكتور ھەممىمىزنىڭ ئىستاكانىغا ئىچىملىك قۇيدى. يولدىشىڭىزغىمۇ شۇنداق، مەن ئىچىملىكنى ئىچكەندىن كېيىن بېشىم قېيىشقا باشلىدى، كۆڭلۈم بىئارام بولۇپ بالدۇرلا كېتىمەن دېسەم ئۇ ئاپىرىپ قوياي دېدى، ھالىمنىڭ يوقلىقىدىن ماقۇل بوپتىمەن، ماشىنىغا چىققىنىمنى بىلىمەن، ئارقىدا بولغان ئىشلار ئېسىمدە يوق، كېچىدە كۆزۈمنى ئاچسام يېنىمدا يولدىشىڭىز بار ئىكەن.

- ماڭا بۇنداق گەپ توقۇپ بەرمەڭ. مېنى ئىشىنەمدىكىن دەپ ئويلىدىڭىزما؟

- ئىشەنمىسىڭىزمۇ مەيلى. لېكىن مەن دېمىسەم بولمايدۇ.

_-بوپتۇ دەڭ، ئاخىرىنى قانداق توقۇيسىزكىن.

- ئورنۇمدىن تۇرۇپ يولدىشىڭىزنى ئويغىتىشتىن خىجىل بولدۇم، ئۇدۇل چىقىپ مۇئاۋىن دېرىكتور بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇنىڭدىن بۇ قانداق ئىش دەپ سورىدىم. ئۇ يولدىشىڭىز بىلەن ئىكككىمىزنى بىللە كەتكەن دەپ تۇرىۋالدى. لېكىن مېنى ماشىنىغا چىقارغىنىنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتور ئىكەنلىكى ئېنىق ئېسىمدىتى.

- دېمەك بۇ ئۇنىڭ ئوينىغان ئويۇنىكەندە.

- شۇنداق. لېكىن مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئىسپاتلىيالمىدىم، ماشىنىنىڭ تېلىكامىراسىنى تەكشۈرۈپ باقاي دېسەم.ماشىنىنىڭ نومۇرى ھەتتا شوپۇرنىڭ چىرايىمۇ ئېسىمدە يوق، مەن قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم. شۇنىڭ بىلەن مۇئاۋىن دېرىكتور يولدىشىڭىزغا ئېسىلىۋېلىشنى ئېيتتى.

- ھاھا، بۇ قىزىق ئىشنى كۆر، ئۆزىڭىزنىڭ نېمىش قىلغىنىنى بىلمەي خالىغان كىشىگە ئېسىلىدىغان ئىشما؟

- مەنمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئىچىملىكىمگە دورا سېلىپ قويغىنىنى بىلمەيمەن.

 -دوستۇمچۇ؟ ئۇ سىز بىلەن بىللە ماڭمىدىما؟

- بىلمەيمەن. مەن بىئارام بولىۋاتقاچقا ئۇنىڭ نېمە قىلغىنىغا دېققەت قىلماپتىمەن. بېشىم قېيىپ بىئارام بولىۋاتىمەن دېسەم ئۇ ئىشەنمىدى.

-ئەمىسە يولدىشىم نېمىشقا سىزدە چىڭ تۇرىدۇ. ئەگەر ئېيتقىنىڭىز راست بولسا يولدىشىممۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىكەنغۇ.

- شۇنداق. بەلكىم يولدىشىڭىزمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بولىشى مۇمكىن، لېكىن مەن ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى.

- ئۆزىڭىزگە چىڭ بولۇپ بارغان تۇرغان جايىڭىزغا، ئىچكەن نەرسىڭىزگە دېققەت قىلغان بولسىڭىز بۇنداق ئىش بولمايتتى. بۇنى نېمىشقا يولدىشىمغا دۆڭگەپ قويىسىز.

- مۇئاۋىن دېرىكتور شۇنداق دېدى.

- ئۇ نېمە دېسە شۇنى قىلامسىز؟

- ئۇ مۇشۇنداق قىلسام ماڭا ئايدا 20مىڭ يۈەن بەرمەكچى بولغان، يەنە ئۇ ماڭا يولدىشىڭىزنى ئازدۇرىدىغان نەرسە بەردى، ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ ئىچىملىكىگە ئارلاشتۇرۇپ قويىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنىڭ دېگىنىمگە كۆنىدۇ.

- شۇنىڭ بىلەن ۋىجدانىڭىزنى قايرىپ قويۇپ يولدىشىمغا چىڭ ئېسىلدىڭىز شۇنداقمۇ؟

- مېنى كەچۈرۈڭ. مېنىڭ دادام ئېغىر كېسەل. خىزمىتىم يوق.

-سىزدەك نومۇسسىز ئادەمنى كۆرمەپتىكەنمەن. ئائىلىڭىزدىكى قىيىنچىلىقنى مۇشۇنداق نومۇسسىز ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلامسىز؟

-مېنىڭمۇ ئۇنداق قىلغۇم يوق ئىدى. لېكىن بولىدىغان ئىش بولدى، بىر ئادەمگە ئېسىلمىسام بولمايتتى.

- ئاخىرىنى دەڭ.

- ئاخىرىدا يولدىشىڭىزغا بويۇمدا بارلىقىنى ئېيتتىم، ئۇ بېشىدا ھەيران بولدى، لېكىن ئىتتىكلا قۇبۇل قىلدى. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ بويىڭىزدىن ئاجراپ كېتىپتىكەن.

يۈرىكىم ئاغزىمغا تاقىشىپ قالىدىغاندەك قىلاتتى.

- شۇنىڭ بىلەن ئۇ مېنى ئىلىشقا قوشۇلدى، بالامنى ئېتىراپ قىلىدىغان بولدى.

- ھۇ نومۇسسىز.

 چاچراپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.

 -قايسى يۈزۈڭ بىلەن ماڭا مۇشۇ گەپلەرنى قىلىۋاتىسەن، قاراپ تۇرۇپ بويىدىن ئاجراپ كەتكەن ئايالنىڭ ئورنىدا قورسىقىڭدىكى بالا بىلەن دەسسەشنى ئويلىدىڭما؟ سەن ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە نومۇسسىزكەنسەن.

- ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولغان بولسا سىزگە بۇ گەپنى دېمىگەن بولاتتىم، مېنى كەچۈرۈڭ.

- شۇڭا سەن نېمە قىلماقچى؟ ئۆزۈڭ تاپقان بالىنىڭ كىمنىڭ ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ مېنىڭ يولدىشىمغا ئېسىلماقچىما

 ئۇنىڭ قولىدىن تارتتىم.

- ماڭ، بالىنىڭ گېنىنى تەكشۈرىمىز.

- مېنى قويىۋېتىڭ ئۆتۈنۈپ قالاي، مەنمۇ ئايال كىشى بۇنداق رەھىمسىزلىك قىلماڭ.

- سەن بەك نومۇسسىزكەنسەن، ئۆزۈڭ قىلغان خاتالىقنى خالىغان بىرسىگە دۆڭگەپ، يەنە ئۇنىڭ ئايالىنى قوغلاپ چىقارماقچى بوپسەن.

- مېنىڭ ئۇنداق قىلغۇم يوقتى، مۇئاۋىن دېرىكتور شۇنداق قىلىشقا بۇيرىدى.

- ئۇ نېمە دېسە شۇنى قىلامسەن؟

- ئۇ ئۆزىنىڭ بىركۈنى بۇ شىركەتنى قولىغا ئالىدىغانلىقىنى ۋاقتى كەلگەندە ماڭا چوڭ ھوقۇق بېرىدىغانلىقىنى دېدى.

- كاللاڭنىڭ دەردى بارمۇ؟ بۇ شىركەت ئۇنىڭ ئەمەس.

- بىلىمەن. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭ پايچىك ئىكەنلىكىنى دېدى.

- ساراڭ بوپسەن، ئۇ سېنى ئالداپتۇ، ئۇ پايچىك ئەمەس، ئۇ پەقەت بۇ شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى خالاس.

- قالغىنىنى مەن بىلمەيمەن. لېكىن يولدىشىڭىز بىلەن ئۇ بەرگەن پۇلدا دادامنىڭ كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتتىم، قىيىنچىلىقىم ھەل بولدى.

- دادىڭىز قىزىنىڭ مۇشۇنداق ئىپلاش ئۇسۇلدا پۇل تاپقىنىنى بىلسە قانچە ئازابلىنىپ كېتەر.

- بىلىمەن. مېنىڭ قىلغىنىم خاتا، لېكىن مەندىمۇ ئامال يوق.

- ئامال يوق دېگەن قانداق گەپ؟! خاتالىقنى تۈزىتىشكە ئامال يوقما؟ مەن ئىشەنمەيمەن، پەقەت تۈزىتىشنى خالىمىغانلىقلا بار خالاس.

- شۇنداق. دېگىنىڭىز خاتا ئەمەس، مېنىڭ تۈزىتىشنى خالىمىغىنىممۇ راست، چۈنكى يولدىشىڭىزدىن ئايرىلغۇم كەلمىدى.

- مەن راستىنلا ھەيران قېلىۋاتىمەن، مۇشۇنداق گەپلەرنى قانداقمۇ ئاغزىڭىزغا ئالغۇڭىز كەلدى.

- مېنى كەچۈرۈڭ، مېنى كەچۈرۈڭ.

_-شۇڭا سىز نېمىگە ئېرىشمەكچى.

- ئاۋۇ سىننى تورغا يوللىمىغان بولسىڭىز، دادام بىلسە ئازابلىنىدۇ، ئۇنى ئاران ساقايتتىم.

- يوللىمىسام سىز ماڭا نېمىش قىلىپ بېرىسىز؟

- بىلمەيمەن. مەن نېمىش قىلالايدىغىنىمنى بىلمەيمەن.

-ھېچنېمە قىلىپ بەرمىسىڭىز مەن نېمىشقا سىننى يۇيغۇدەكمەن.

- دادامنىڭ يۈرىكىگە كۆۋرۈك سالغان، ئۇ بۇنداق ئازابنى كۆتۈرەلمەيدۇ، ئەگەر بۇ ئىش ئۇنىڭ قۇلىقىغا يېتىپ قالسا بەلكىم.

- شۇنداقمۇ؟! دادىڭىز سىزنىڭ شۇنداق يولدا پۇل تېپىپ داۋالاتقىنىڭىزنى بىلسە ئازابلانماسما؟

-مەن ئۇنداق يولدا پۇل تاپمىدىم. شۇ بىر قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىدىم. يولدىشىڭىزغا بويۇمغا بارلىقىنى دېگەچكە ئۇ ماڭا چېقىلىپ باقمىدى.

- ئەمىسە ئاۋۇ مەست قىلىش دورىسى قانداق گەپ؟

- ئۇ ئادەمنىڭ كاللىسىنى كونترول قىلىدۇ. ماڭا مۇئاۋىن دېرىكتور بەرگەن، يولدىشىڭىزنىڭ ئىچىملىكىگە ئارلاشتۇرىۋەتسەملا بولىدۇ.

يۈرىكىم ئېچىشىشقا باشلىدى. يولدىشىمنىڭ نېمىشقا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ كەتكىنىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولىۋاتاتتىم.

- قانداق نەرسە، ماڭا كۆرسەت.

-ياق. كۆرسەتسەم بولمايدۇ.

- كۆرسەتمىسەڭ مەيلى، ئەمىسە مەن بۇنىمۇ تورغا يوللايمەن.

 ئۇنىڭغا ئاۋاز ئۈنگە ئېلىۋاتقان تېلىفونۇمنى كۆرسەتتىم.

- سىز نېمانداق ھىيلىگەر، بۇنىمۇ ئاۋازغا ئالدىڭىزما؟

- نېمىشقا ئاۋازغا ئالمىغۇدەكمەن. سېنىڭ ھەربىر گېپىڭ مەن ئۈچۈن مۇھىم تۇرسا.

- ئۇنداق قىلماڭ، يۇيىۋېتىڭ.

- يۇيمايمەن. بۇنى داداڭغا ئاڭلىتىمەن، ئازابقا چىدىيالامدىكىن، يولدىشىمغىمۇ ئاڭلىتىمەن، ئەمدى ئۇنىڭ يەنە سېنى چوڭ بىلگىنىنى بىر كۆرەي.

- ئۇنداق قىلماڭ، ئۆتۈنەي، بولمىسا مەن ئادەم چاقىرىپ تېلىفونىڭىزنى يوق قىلىمەن.

-مەن ئۇنچە دۆت ئەمەس، ھەممە نەرسىنى خەت ساندۇقىغا يوللاپ تۇرىمەن، تېلىفوننى يوق قىلساڭمۇ ئىسپاتنى يوق قىلالمايسەن.

- مەن بېرەي، ئۇنداق قىلماڭ، ئۆتۈنەي.

ئۇ سومكىسىدىن بىر قۇتىنى چىقىرىپ ماڭا سۇندى.

- مانا مۇشۇ نەرسە، سىزگە بېرەي.

- يەنىچۇ؟ ماڭا يەنە نېمىش قىلىپ بېرىسەن؟

-مەن بىلمەيمەن. باشقا نېمىش قىلىپ بېرەلەيدىغىنىمنى بىلمەيمەن.

-بالاڭنىڭ گېنىنى تەكشۈرىمىز.

- ئۇنداق قىلماڭ، ئەگەر راستىنلا يولدىشىڭىزنىڭ بالىسى چىقىپ قالسا ئۆزىڭىزگىمۇ ئازار بولىدۇ.

- سەن قورقىۋاتىسەن. چۈنكى بۇ بالا يولدىشىمنىڭ بالىسى ئەمەس.

- ياق. مەن راستىنلا كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن.

-شۇنداقمۇ! ياخشى، ئەمىسە بۇ ئىسپاتنى ساقچىغا تاپشۇرۇپ سېنى ئادەم قاقتى سوقتى قىلىش جىنايىتى بىلەن تۇتقۇزىۋېتىمەن، بالىنىڭ زادى كىمنىڭ ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدا دەيسەنغۇ دەيمەن.

- سىز راستىنلا بەك ئەسكىكەنسز، مەن ئايال كىشى بولغاندىن كېيىن مېنى چۈشىنەمدىكىن دەپتىمەن.

- مەن شاپائەتچى ئەمەس، نېمىشقا سېنىڭ بۇ گەپلىرىڭگە ئىشىنىپ ساڭا ئىچ ئاغرىتقۇدەكمەن، سېنىڭ سەۋەبىڭدىن يولدىشىم ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق ئىشلارنىڭ بولغىنىنى بىلەمسەن.

- لېكىن سىلەرمۇ توختاملىشىپ توي قىپتىكەنسىلەرغۇ، يولدىشىڭىز بۇنى ماڭا دېدى.

- قانداق؟! بىزنىڭ توختاملىشىپ توي قىلغانلىقىمىزغا ئىسپات بارمۇ؟

- يوق. لېكىن ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن شۇنداق دېدى.

- شۇنداق دېدىمۇ دەيلى، بىز ئاجراشتۇقمۇ؟! ئاجراشمىغاندىن كېيىن سېنىڭ بۇ ئائىلىگە ئارلىشىش ھوقۇقۇڭ يوق.

- شۇنداق. لېكىن مەندىمۇ ئامال يوق.

- ئامال يوق دەپ گەپ يوق. سەن پەقەت ئۇنىڭ باي كېلىشكەن ئىكەنلىكىگە قاراپ چىڭ چاپلاشتىڭ.

- ئۇنداق ئەمەس، مۇئاۋىن دېرىكتور ماڭا پۇل بېرىدىغانلىقىنى دېگەچكە، دادام بەك ئېغىر كېسەل، شۇڭا ئامال بولمىدى.

-ھاھا، ھاھا، ساختىپەزلىككە بەك ئۇستىكەنسەن، لېكىن مەن گېپىڭگە ئىشەنمىدىم.

-ئىشەنمىسىڭىز مەيلى، لېكىن دېگەنلىرىم راست.

- بولىدۇ. ئەمىسە بۇنى ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بېرەي، راستلىقىنى شۇ يەردە ئىسپاتلا، بۇ قىلمىش ئالدامچىلىق قىلىپ باشقىلارنى قاقتى سوقتى قىلىشقا تەۋە، يا پۇل تۆلەيسەن، ياكى تۈرمىدە ياتىسەن.

- ئۇنداق قىلماڭ، بىلگەن بولسام سىزگە بۇ گەپلەرنى دېمىگەن بولاتتىم.

 ئامال يوق. ئەمدى دەپ بولدۇڭ.

ئىشىكنىڭ يېنىغا كېلىشىم بىلەن ئۇ بىلىكىمگە ئېسىلدى.

-بولدى. مەن دەپ بېرەي، بۇ بالا مۇئاۋىن دېرىكتورنىڭ.


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز بارلىق قىسىملىرى تولۇق چىقىدۇ👇


Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章