سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
«ساغرىسىدىن گۈل ئېچىلدۇرۇش» رىقابىتىگە جەڭ ئېلان قىلىپ جېنىنى سېلىپ بەردى
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بۇ يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ھىندىستاننىڭ دىۋالى بايرىمى كارناتاكا ئىشتاتىنىڭ كونانا كۇئېنتاي بازىرىدا، 32 ياشلىق ئەر شابارىش ئالتە دوستى بىلەن بىللە تەبرىكلىگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھاراق ئىچكەن، ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىمار ئويناشقا باشلىغان.
بىر تورداش «پوجاڭزىغا جەڭ ئېلان قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شابارىش بىلەن دو تىكىشكەن. ئاتالمىش «پوجاڭزىغا جەڭ ئېلان قىلىش» دېگىنىمىز، قەغەز يەشىككە پوجاڭزا قاچىلاپ پوجاڭزىغا ئوت تۇتاشقاندىن كېيىن يەشىكنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ، پوجاڭزا ئېتىلغۇچە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتسە ياكى قېچىپ كەتسە ئۇتتۇرغان ھېسابلىنىدۇ.
كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ، ئۇتتۇرغۇچى بىر ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىت بەرمەكچى بولغان، بۇ جەڭ ئېلان قىلىشقا شابارىس ئۆزى يالغۇز تىكىشكەن، قالغان ئالتە دوستى بۇ توكسىكىلىتنى چىقىرىدىغان بولغان، شابارىس ئۇتتۇرسا ئۇلار ئۇنى بازاردىن قوغلاپ چىقىرىدىغان بولغان.
ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شابارىش ئادەتتە باشقىلارغا مەدىكارلىق قىلىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن، ئادەتتە كۈنلۈك ئىش ھەققى ئالىدىكەن، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئۇنىڭ خىزمىتى يوق ئىكەن. تۇرمۇش بېسىمى ئۇنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا رازى قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ رىقابەتنى قوبۇل قىلىپ، توكلۇق ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتنى يېڭىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بىرەر ئىش تېپىپ جېنىنى تېخىمۇ ياخشىراق باقماقچى بولغان.
(ھىندىستاننىڭ ئۈچ چاقلىق توكسىكىلىتى)
كۆزىتىش ئاپپاراتىدىكى كۆرۈنۈشتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شۇ كۈنى كەچ سائەت 9:30دىن ئاشقاندا، شابارىس دوستلىرى بىلەن يولغا چىقىپ، پوجاڭزا قاچىلانغان تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك قەغەز يەشىك تەييارلىغان.
ئۇچىسىغا ئاق رەڭلىك چاپان كىيىۋالغان شابارىس قەغەز يەشىكتە ئولتۇرغان، بىر دوستى پوجاڭزىغا ئوت ياققان.
ئارقىدىن، ئالتە دوستى دەرھال يىراققا بېرىۋېلىپ، شابارىسنىڭ كېيىنكى ئەھۋالىنى كۆزەتكەن.
قاتتىق ئاۋاز بىلەن تەڭ، قەغەز ساندۇقتىكى پوجاڭزا پارتلاپ، ئەتراپنى ئاق ئىس-تۈتەك قاپلىغان، شابارىسمۇ پارتىلاشتا يەرگە يىقىلغان.
مەيلى شابارىسنىڭ ئۆزى بولسۇن ياكى دوستلىرى بولسۇن، پوجاڭزىنىڭ بۇنداق كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. ئۇ تىركىشىپ ئورنىدىن تۇرماقچى بولغان.
ئاخىرىدا ئۇ يەنىلا ئازابلانغان ھالدا يەردىن تۇرالمىغان، دوستلىرى ئۇنى ئورىۋېلىپ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.
ئارقىدىن، شابارىس دوختۇرخانىغا جىددىي ئاپىرىلغان بولسىمۇ، پوجاڭزا ۋە كۈچلۈك كۆيۈش سەۋەبىدىن يارىسى ئېغىر بولغاچقا، يەنىلا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. دىۋالى بايرىمى ھىندىستاننىڭ مۇھىم بايرىمى، كىشىلەر بايرام ئۆتكۈزگەندە دائىم پوجاڭزا ئاتىدۇ، شۇڭا پوجاڭزا ۋەقەسى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل.
كارناتاكا ئىشتاتى سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 31-ئۆكتەبىر دىۋالى بايرىمى كېچىسى، پايتەخت بانگالوردا ئاز دېگەندە 150 ئادەم پوجاڭزا ئېتىپ يارىلانغان. بۇ يارىدارلار بانگالوردىكى ئوخشىمىغان دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىلىپ داۋالانغان، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كۆزى يارىلانغان. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بەزى ياشانغانلارمۇ پوجاڭزىنىڭ ئىسىنى سۈمۈرۈپ نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدىكەن. يەنە ئىككى ئادەم يولدا پىيادىلەرگە قارىتىپ پوجاڭزا ئاتقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. بىراق، شابارىسقا ئوخشاش ئەھۋال ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ.
ھازىر ساقچىلار ئۇنىڭ ئالتە دوستىنى قولغا ئالغان ھەمدە ئۇلارنى سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىپلىگەن. بايرامنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ياخشى ئىش، ئەمما مۇشۇنداق قاملاشمىغان رىقابەتلەرگە جەڭ ئېلان قىلىش ھەقىقەتەن ھەرقانداق بىر ئادەمگە ياخشى ئەمەس.