ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسى قىزىپ كەتتى

文摘   2024-11-15 16:45   新疆  

13 - نۆۋەتلىك ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى سەييارە ساياھەت پائالىيىتى قالتىس ئۆتكۈزۈلدى


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ زىئاڭ خەۋىرى، فوتوسى: 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، 13 - نۆۋەتلىك ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى سەييارە پائالىيىتى ئىدىقۇت رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى، موتوسىكلىت ئەترىتى سەييارە ساياھەت قىلىش شەكلىدە بۇ شەھەرگە مىسلىسىز ھاياتىي كۈچ ۋە قايناق ھېسسىيات بېغىشلىدى.


سەييارە ساياھەت موتوسىكلىت ئەترىتى ئىدىقۇت رايونىنىڭ ساياھەت - مەدەنىيەت مەيدانى ئالدىدا تولۇق جابدۇنۇپ يولغا چىقماقتا.


سەييارە ساياھەت ئەترىتى 100دىن ئارتۇق موتوسىكلىت ماھىرىدىن تەشكىللەنگەن. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دە، ھۆرمەت توپىنىڭ ئېتىلىشى بىلەن، سەييارە ساياھەت موتوسىكلىت ئەترىتى رەسمىي يولغا چىقتى، ماھىرلار جەلپكار موتوسىكلىتلىرىنى مىنىپ ساياھەت - مەدەنىيەت مەيدانىدىن يولغا چىقىپ، ئاۋات شەھەر رايونىدا يۈرۈپ، خاسلىققا تولغان نۇرغۇن كوچا ھەم قىزىق ساياھەت داكا نۇقتىلىرىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا مۇنار يولىغا يېتىپ باردى. يول بويى موتوسىكلىت مەدەنىيىتى بىلەن ساياھەت ئامىللىرى مۇكەممەل يۇغۇرۇلدى، موتوسىكلىت ئەترىتى ئۆتكەنلىكى جايدا، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەر بەس - بەستە قەدىمىنى توختاتتى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يان تېلېفونىدا بۇ ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىنى سۈرەتكە ئالسا، بەزىلىرى قول پۇلاڭلىتىپ تەنتەنە قىلىپ ماھىرلار بىلەن قىزغىن ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىرلىكتە سەييارە ساياھەت قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ كەلگەن چەكسىز خۇشاللىق ۋە شادلىققا چۆمدى.



شەھەر ئاھالىسى ئەلى ئابلىز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇ مەن ھازىرغىچە كۆرگەن كىشىنى ئەڭ ھاياجانلاندۇرىدىغان ھەيۋەتلىك موتوسىكلىت پائالىيىتى بولغاچقا قەلبىم ھاياجانغا تولدى، دەرھال ئۇلارنىڭ سىپىگە قوشۇلۇش خىيالىغىمۇ كەلدىم.

بۇ قېتىمقى سەييارە ساياھەت پائالىيىتى ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ چەكسىز جەلپكارلىقى ۋە شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى قىشلىق ساياھەت تۈرلىرىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەپ، شەھىرىمىز قىشلىق ساياھەتچىلىكىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا بۇرغا چالدى.



مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىر دېڭ ۋېي مۇنداق دېدى: سەييارە ساياھەت پائالىيىتى ئۆز سالاپىتىمىزنى نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەڭ موتوسىكلىت ھەۋەسكارلىرى ۋە تاماشىبىنلارغا موتوسىكلىت مۇسابىقىسى ئېلىپ كېلىدىغان كۈچلۈك كۆرۈش - ئاڭلاش سېزىمىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدۇردى. بۇ كۆپچىلىكنىڭ موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسىگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.


سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات

− 2024 - يىللىق شىنجاڭ . تۇرپان 13 - نۆۋەتلىك ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسىنىڭ SS2 مۇسابىقە بۆلىكىدىن كارتىنىلار 


مۇسابىقە مەيدانىدىكى «ئىس - تۈتەك». 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، 2024 - يىللىق شىنجاڭ . تۇرپان 13 - نۆۋەتلىك ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى 2 - مۇسابىقە بۆلىكى (SS2)نىڭ دەرىجە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن فوتوسى


11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، 2024 - يىللىق شىنجاڭ . تۇرپان 13 - نۆۋەتلىك ئايدىڭكۆلنى ئايلىنىش موتوسىكلىت راللى مۇسابىقىسى 2 - مۇسابىقە بۆلىكى (SS2)نىڭ دەرىجە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. 


قەيسەرلىك بىلەن ئۈستۈنلۈك تالىشىش. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ زىئاڭ فوتوسى 

بۇ مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىدىقۇت رايونى چاتقال يېزىسىدىكى شور ئارىشاڭغا چۈشۈش مەركىزىگە، ئاخىرلىشىش نۇقتىسى توقسۇن ناھىيەسىدىكى ئېنېرگىيە، ئېغىر خىمىيە سانائىتى باغچە رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 240 كىلومېتىر كېلىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 90دىن ئارتۇق مۇسابىقە موتوسىكلىتى ماھىرى ماھارىتىنى نامايان قىلىپ كەسكىن مۇسابىقىلەشتى. 


كەسكىن رىقابەتلىشىش. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن فوتوسى


باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ زىئاڭ فوتوسى 

2006 - يىلىدىن بۇيان، بۇ مۇسابىقە 12 نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى موتوسىكلىت دالا ھەۋەسكارلىرىنىڭ كاتتا مەرىكىسىگە ئايلاندى. 

«چەۋەنداز»لار سالاپىتى. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ زىئاڭ فوتوسى


شورلۇق بۆلەكتىن كېسىپ ئۆتۈش. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن فوتوسى


بىر - بىرىدىن قالماي ئىلگىرىلەش.  تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ جيەن فوتوسى


بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە بەش كۈن داۋاملىشىدۇ، مۇسابىقە بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 1000 كىلومېتىر، بىر مەيدان دالا مۇسابىقىسى ۋە تۆت ئۇزۇن مۇساپىلىك دالا راللى مۇسابىقە بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، دالا راللى مۇسابىقىسى يول بۆلىكى تەخمىنەن 600 كىلومېتىر، ئالاھىدە مۇسابىقە بۆلىكى 400 كىلومېتىر. مۇسابىقە بۆلىكى تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى، توقسۇن ناھىيەسى، پىچان ناھىيەسى ھەمدە جۇڭگو قۇرۇقلۇقىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى ئايدىڭكۆل مەنزىرە رايونىنى قاپلايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى يەنە تۈز لىنىيەدە سۈرئەتنى تېزلىتىش مۇسابىقىسى، قۇملۇقتا دۆڭگە يامىشىش مۇسابىقىسى قاتارلىق بىر قاتار ئالاقىدار قىزىقارلىق مۇسابىقىلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章