سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، سۇغۇرتا بولمىغان ئەھۋالدا، ئامېرىكىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئىنتايىن قىممەت، بولۇپمۇ قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىرلا يولغا چىقتىمۇ بولدى، بىر پاتمان پۇل يوق دېگەن گەپ. ئۇنداقتا قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرماي تۇرۇپ بۇ پۇلنى تېجەپ قالغىلى بولامدۇ؟
71 ياشلىق ۋىليام ئىلگىرى مۇشۇنداق ئويلىغان، لېكىن ئۇ بۈگۈنكى كۈندە ھەتتا قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭمۇ ئىشلارنى چەكتىن ئاشۇرىۋېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان.
(ۋىليام قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان)
2022-يىلى 10-ئايدا ۋىليام ئورېگون ئىشتاتىنىڭ كولومبىيە ناھىيەسىدىكى رېينىل تېغىدا ۋېلىسىپىت مىنىپ بەدەن چېنىقتۇراتتى، 70 ياشلىق بىر بوۋاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، ۋىليامنىڭ سالامەتلىكىنى خېلىلا ياخشى دېيىشكە بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇ ۋېلىسىپىت مىنگەن مەزگىلدە بىر ھادىسىدىن قايتىۋاتقان قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە ماڭغان، ئاندىن بىر ئوڭغا بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ۋىليامنى سوقۇۋەتكەن، ۋىليام قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ ئاستىغا كىرىپ كېتىپ، ئېغىر يارىلانغان. ئۇنىڭ قاڭشىرى سۇنۇپ، پۈتۈن بەدىنى سۈركىلىپ يارىلانغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئامراق ۋېلىسىپىتى قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ ئاستىدا قېلىپ كېرەكسىز تۆمۈرگە ئايلىنىپ قالغان.
بىر خۇش خەۋەر ۋە بىر شۇم خەۋەر ۋىليامغا شۇ ۋاقىتتا تەڭلا كەلگەن، شۇم خەۋەر شۇكى، ئۇ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىدى.خۇش خەۋەر شۇكى، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئادەمنى سوقۇۋەتتى، ئۇلار ۋىليامنى ماشىنىغا سېلىپ، ئۇدۇل دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالاتسا ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن كۆپ مەسىلە چىقماسلىقى مۇمكىن. لېكىن ۋىليامنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىققىنى شۇكى، دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن دوختۇرخانا ۋىليامدىن يەنە 1862 ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 13 مىڭ 400 يۈەن خەلق پۇلى) قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ھەققى تەلەپ قىلغان. ۋىليام نەق مەيداندىلا گاڭگىراپ قالغان، چۈنكى ماشىنا ئۇنى سوقۇۋەتتى، يەنە پۇل تەلەپ قىلامدۇ؟
(يۈزى قانغا بويالغان ۋىليام)
شۇنىڭ بىلەن ۋىليام شۇ جايدىكى قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى ئەرز قىلىپ، 997 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم تەلەپ قىلغان. ۋىليامنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تۆلەم ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان «ئازاب ۋە روھىي تۆلەم» ئۈچۈن 900 مىڭ دوللار تۆلەم، 47 مىڭ دوللار داۋالىنىش خىراجىتى ۋە 50 مىڭ دوللار كەلگۈسىدىكى داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، چۈنكى ئۇ بۇ قېتىمقى قاتناش ۋەقەسىدە ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولۇش، تۇتۇش كۈچى ئاجىزلاش قاتارلىق مەسىلىلەرگە يولۇققان، لېكىن ئۇ بۇ پۇللارنى ئالالمىغان.
(ۋىليامنىڭ بەدىنىدىكى يارا)
بىراق شۇ جايدىكى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ۋەزىپىسىگە مەسئۇل خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: بىز ئىگىلىگەن ئەھۋال ۋىليامنىڭ دېگىنى بىلەن ئوخشىمايدۇ، بىز مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، يارىلانغان ۋىليامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدۇق، شۇڭا باشقا مەسئۇلىيەت ۋە تۆلەمنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز.
دېلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ساقچىلارمۇ بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى شوپۇرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇلار بۇرۇلغاندا كۈچلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئاپتوموبىلنى توختىتىپ ئەھۋالنى تەكشۈرگەن، ئاندىن ۋىليامنىڭ يارىلانغانلىقىنى بايقىغان.
ئورېگون ئىشتاتلىق ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى شوپۇرى ئەينى چاغدا سائىتىگە 3-16 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ماڭغان، بۇ بوۋاي بولسا 8-16 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن ماڭغان، ئۇلارنىڭ قانداق سوقۇلۇپ كەتكەنلىكىگە كەلسەك، ساقچىلار تېخى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىمىغان.
(ھادىسە يۈز بەرگەن جاي)
تورداشلارغا كەلسەك بەزىلەر ۋىليام تەرەپتە تۇرۇپ، قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ ھەقىقەتەن قىممەتلىكىدىن ئاغرىنىغان، ئۇلار مۇنداق دېيىشكەن:
«ئاڭلىشىمچە، لوس ئانجىلىس شەھەر ئەتراپى رايۇنىدا بىر ئەر ۋېلىسپىت بىلەن سوقىۋېتىلگەنىكەن، يارىسى ئانچە ئېغىر بولمىغاچقا، ئۇ قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى رەت قىلىپ، قوشنىسىغا ئۆزىنى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇشنى ئېيتىپتۇ. نەتىجىدە، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى ئۇنى داۋالاش بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغان، چۈنكى ئۇ قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا چىقمىغان.»
«بۇ ھېچقانچە ئىش ئەمەس. تەخمىنەن 15 يىل ئىلگىرى، لوس ئانژېلېس ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى مېنى ھوشسىز ھالەتتە دوختۇرۇمنىڭ ئىشخانىسىدىن شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىپ، 10 مىڭ يۈەن پۇل ئالدى. ئەمەلىيەتتە دوختۇرخانا كوچىنىڭ ئۇدۇلىدا، ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش مىنۇتتىلا بارغىلى بولىدۇ، ھېلىمۇ ياخشى شۇ چاغدا مەن سۇغۇرتا سېتىۋاپتىكەنمەن!»
«ئۇنىڭ بۇ يېشىدا قۇتقۇزۇش ئاپتۇموبىلى كېسەل كۆرسىتىش ھەققىنى سۇغۇرتىلاتسا بولىدىغۇ؟ مەيلى ئەرز قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، ئۇ بىر ياخشى ئادۋوكاتنىڭ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ پۇل ئېلىشىغا مۇھتاج، بۇ ئىش ئانچە نورمال ئەمەس.»
«مەن پورتلاندلىقلارنىڭ قانداق ۋېلىسىپىت مىنىدىغانلىقىنى كۆرگەن، ئۇلار بىر توپ تەلۋىلەر. رېنىل پورتلاندتىن ئانچە يىراق ئەمەس، بەلكىم ھەممىسى ئوخشاش ئۇسلۇبتا بولۇشى مۇمكىن. لېكىن قانداقلا بولمىسۇن، سىز ئادەمنى سوقۇۋەتكەندىن كېيىن يەنە ئۇلاردىن كىرا ھەققى ئالسىڭىز بۇ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ.»
«مېنىڭچە پىراۋا ئېلىشتا يەنە بىر بەلگىلىمە بولۇشى كېرەك، شوپۇرلار يولدا بىر مەزگىل ۋېلسىپىت مىنسە ئاندىن بولىدۇ. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئوڭغا بۇرۇلغاندا ئادەمنى سوقۇۋەتكەن، شۇ چاغدا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى سىگنال بەرمىگەن بولسا نېمىلا دېگەن بىلەن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ئىكەن.»
ئەمما يەنە بەزى تورداشلار، ۋېليام بوۋاينىڭ قالايمىقان ۋېلىسىپىت مىنىپ قاتناش ۋەقەسى سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان، ئۇلار مۇنداق دېيىشكەن:
«يۈزەكى جەھەتتىن قارىغاندا، ئۇ يا يولنىڭ خاتا تەرىپىگە مىنىۋالغان، يا ئىچكى ئايلانمىدا كېتىۋاتقان ئاپتوموبىلنى يانداپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان، كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، بارلىق ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەرنىڭ بۇ خىل ئىنتايىن ناچار ۋە ئومۇميۈزلۈك ئادەتنى تۈزىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
«مەن ئالدى بىلەن سوراپ باقاي، بۇ ئادەم تار كىيىم كىيىپ، يولدا ئۆزى خالىغانچە يۈرگەن ۋېلىسىپىت مىنگۈچىمۇ؟ ئۇ شوپۇرغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ئۈچۈن ماشىنا سۈرئىتىنى ئاستىلاتتىمۇ؟ ماشىنا توختىتىش قائىدىسى ۋە قىزىل-يېشىل چىراغقا سەل قارايدىغان ئادەممۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، ئۇ پۇل تۆلەشكە ھەقلىق، يەنە كېلىپ باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ نەچچە مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ ياسىغان ۋېلىسىپىت يولىنى ئۇ قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كېرەك.»
ئەلۋەتتە، كونكرېت كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى يەنىلا ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ، بىراق نېمىلا دېگەن بىلەن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئاۋۋال ئادەم سوقۇپ ئاندىن پۇل تەلەپ قىلسا بۇ ھەقىقەتەن سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ.