تويلۇق 🧡 117-قىسىم (دىلارەنى سېتىۋىتەيلى)

文摘   2024-07-25 00:12   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ياش يازغۇچى، تەرجىمان دىلىم قەلىمىدە ئۆزلەشتۈرۈپ يېزىلغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «تويلۇق» ناملىق روماننىڭ يازما نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ! شۇنداقلا باشقا ئوقۇرمەن دوستلىرىڭىزغا تارقىتىپ قويۇڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىمدىن 60-قىسىمغىچە   بۇنى بېسىڭ
61-قىسىم62-قىسىم
63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم81-قىسىم
82-قىسىم83-قىسىم84-قىسىم
85-قىسىم86-قىسىم87-قىسىم
88-قىسىم89-قىسىم90-قىسىم
91-قىسىم92-قىسىم93-قىسىم
94-قىسىم95-قىسىم96-قىسىم
97-قىسىم98-قىسىم99-قىسىم
100-قىسىم101-قىسىم102-قىسىم
103-قىسىم104-قىسىم105-قىسىم
106-قىسىم107-قىسىم108-قىسىم
109-قىسىم110-قىسىم111-قىسىم
112-قىسىم113-قىسىم114-قىسىم
115-قىسىم116-قىسىم117-قىسىم
118-قىسىم119-قىسىم120-قىسىم
121-قىسىم122-قىسىم123-قىسىم
124-قىسىم125-قىسىم126-قىسىم
127-قىسىم128-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

117-قىسىم

دىلارەنى سېتىۋىتەيلى

زەينەپ ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ چاندۇرماي كۈلۈمسىرەپ ئېرشاتقا قارىدى، ئىرشات ماشىنىدىن چۈشمەي، رولنى تۇتۇپ ئولتۇرغان پېتى كۆزدىن سوغۇق نۇر چاچراتقىنىچە :

- نېمە دەپ ماڭا ئەگىشىۋالىسىز؟  

- مەن شۇ زىرىكىپ كېتىپ، نەگە بېرىشنى بىلەلمەي تۇرغىنىمدا سىز ئۆتۈپ قالدىڭىز، شۇڭا شوپۇرغا سىزگە ئەگىشىشنى بۇيرۇغان ئىدىم.

- ئاندىنچۇ؟

-نېمە؟

-بىكارچىلىقتا ئەگىشىپسىز، ئەگىشىپ بولغاندىن كېيىنچۇ؟

- شۇ ئەگەشتىم، باشقىسى يوق .

- ئۆزىڭىزنى بىلىپ مۇشۇ يەردە توختاپ قېلىڭ، ئەمدى كەينىمدىن ئەگىشىپ ماڭغۇچى بولماڭ، بىكار سەتلىشىپ قالسىز،- ئىرشات شۇنداق دېگەچ ئەينەكنى ئەتمەكچى بولۇۋىدى، زەينەپ قولىنى سۇنۇپلا دېرىزە ئەينىكىنى تۇتۇۋالدى.

- ئىرشات ئاكا، مەن پەقەت سىزنى توي قىلغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ ئازراق قىزىقىپ قالدىم شۇ، نېمىشقا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزمىدىڭىز؟سىلەر بىللە تۇرىۋاتقان تۇرۇپ نېمىشقا دىلشاتنى ئۆيىڭىزگە بارغۇزمايسىز؟ ئەجەبا بۇنىڭدا بىرەر مەخپىيەتلىك بارمۇ ؟

-بۇنىڭ سىز بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ ئەگەر مەخپىيەتلىك بولسا سىز مۇشۇنى باھانە قىلىپ ماڭا تەھدىت سالايدېگەنمۇ؟

-نەدىكىنى، مەن پەقەت مۇنداقلا سوراپ باقتىم، نېمىشقا ماڭا بۇنداق دۈشمەنلىك نەزىرىڭىزدە قارايسىز؟ مەن سىزگە ھېچنېمە قىلمىدىمغۇ؟ پەقەت ئايالىڭىزنىڭ قانداقراق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقاي دېدىم خالاس، سىز بۇنچە يۇشۇرىۋالغانسېرى، مەن تېخىمۇ قىزىقىپ قالىدىكەنمەن.

- ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىشىغا ئارتۇقچە بەك قىزىقىپ قېلىش، ئۇنچە ياخشى ئىش ئەمەس، -ئىرشات شۇنداق دەپ قويۇپلا ماشىننى قويۇندەك ھەيدىگىنىچە كېتىپ قالدى.

زەينەپ كىچىكىدىن باشلاپ ھازىرغىچە كەينىدىن ۋاي دەپ قوغلىشىپ يۈرگەن يىگىتلەرنىڭ كۆپلىكىدە بىرەرسىمۇ ئۇنىڭغا بۇنداق سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ باقمىغاچقا، ئۇ ئىرشاتقا تېخىمۇ قىزىقىپ قالدى بەلكىم «ئىت ئۇرغۇچىغا ئامراق» دېگەن مۇشۇنىڭدىن قالغان بولسا كىرەك، ئىنسان دېگەن بەزىدە مۇشۇنداق تېتىقسىز ھەم ئىزا خالتىسى بولۇپ قالىدىغان گەپكەن...

گۈزەلنۇر قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، ياتاق ئۆيگە كىرىپ تېلېفونغا قارىغاندا، ئېلىنمىغان ئون نەچچە تېلېفون تۇراتتى، ھەممىسى ناتونۇش نومۇر، ئۇ تېلېفۇننى بىر يانغا تاشلاپ قويۇپ كارۋاتقا چىقىپ ياتتى.

يەنە بىر تەرەپتە لېتىپ گۈزەلنۇرنىڭ ئۆزىگە تېلېفون قايتۇرۇشىنى ساقلاپ تېلېفوننى سىقىمداپ ئولتۇراتتى، ئۇ دوختۇرخانىدا تۇرۇشقا جۈرەت قىلالماي، ئۆيگە قايتىپ كەلگەن بولۇپ، دىلارەنىڭ دادىسىنىڭ ئىشى ھەم داۋالىنىش ھەققىنى تۈلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىشىكتىن چىقىشقىمۇ جۈرەت قىلالمايدىغان بولۇپ كەتكەن ئىدى، مانا كېچە بىر ۋاق بولغاندا تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلدى، لىتىپ، يۈرىكى سۇ ئىشىككە قاراپ جىممىدە ئېغىرراق تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي قالدى .

-لىتىپ بىلىمەن سەن ئۆيۈڭدە بار، ئىشىكنى ئاچ.

بۇ دىلارەنىڭ ئاۋازى ئىدى، لىتىپنىڭ يۈرىكى سەل جايىغا چۈشتىيۇ، ئارقىدىنلا دىلارە دادىسىنىڭ ئىشى ئېسىگە كېلىپ يۈرىكى ئورنىدىن قوزغىلىپ كەتتى، ئىشىكنىڭ ئۇرۇلغان ئاۋازدىن موماينىڭ ئۇيقۇسى ئېچىلىپ كېتىپ ياتىقىدىن چىقتى.

-ئوغلۇم بىرەرسى ئىشىكنى چېكىۋاتامدۇ نېمە؟

- ھەئە ئاپا، دىلارە كەپتۇ .

-دىلارە كەلسە ئىشىكنى ئاچماي نېمىگە قاراپ ئولتۇرىسەن؟ -موماي خۇشاللىقىدىن بېرىپلا ئىشىكنى ئاچماقچى بولىۋېدى، لىتىپ ئۇنى توسۇۋالدى.

-ئاپا ئىشىكنى ئاچماڭ.

-نېمىشقا؟ سەن ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىشنى ئويلاپ يۈرمىگەنمىدىڭ، ھازىر ئىشىك ئالدىغا كەلسە، پۇرسەتنى قولدىن بېرەي دەمسەن؟ قىز بالا دېگەننىڭ باغرى يۇمشاق بولىدۇ، چىرايلىق ئىككى ئېغىز گەپ قىلساڭ ئۇ سېنى كەچۈرۋېتىدۇ.

موماي بېرىپ ئىشىكنى ئاچتىيۇ تۇرۇپلا قالدى، چۈنكى ئىشىك ئالدىدا قاراپ تۇرغان دىلارەنىڭ چىرايىدىن بوران چىقىپ تۇراتتى، موماي تېخى ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلماستا دىلارە ئۇنى ئىتتىرىۋېتىپلا، ئىچىگە كىرىپ لېتىپقا يەۋەتكۈدەكلا قارىدى، لىتىپ بىر نەرسە دەي دەپ بولغۇچە، دىلارە ئۇنىڭ يۈزىگە چاڭ قىلىپ بىر كاچات سالدى، قارىغاندا خېلى كۈچەپ سالغان بولسا كېرەك، دىلارەنىڭ بەش بارمىقىنىڭ ئىزى مانا مەن دەپلا قاپىرىپ چىقتى .

-ھايۋان، قىلغان ياخشى ئىشىڭنى قارا، دادامنى پالەچ قىلىپ قويۇپ، يەنە ئۆيگە يوشۇرۇنىۋېلىپ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزۈڭنى قاچۇرىۋاتامسەن؟ مۇشۇنداقلا قۇتىلىمەن دەپ قالدىڭمۇ؟ سەن بەكلا گەپدان ئىدىڭغۇ، ئەمدى ئەجەب زۇۋانىڭ تۇتۇلۇپ قالدىغۇ، گەپ قىلە.

- مەن قەستەن قىلمىسام.

- قەستەن قىلمىسام دە، ھەي قەلەندەر نېمە دەپ چۇۋۇق سىۋەتتە مېۋە كۆتۈرۈپ كېلىسەن، بۇ سېنىڭ قەستەن قىلغىنىڭ بولماي نېمە؟ ساڭا دەپ قوياي، ئەگەر دادامغا ئىش بولۇپ قالىدىغان بولسا سېنى ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيمەن .

-بولىدىغان ئىش بولۇپ بولدى، ئەمدى ئاچچىقلىغانغا ئورنىغا كىلەمدۇ؟ قانداق قىلماقچى سىز؟

-قانداق قىلاتتىم؟ ئۈستۈڭدىن ئەرز قىلىمەن، پۈتۈن تاراتقۇلارغا سېنىڭ ئەسكىلىكىڭنى چۇۋۇپ، يېيىپ نامىڭنى سېسىتىۋىتىمەن، سېنى قىلغان ئەسكىلىكلىرىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەتكۈزىمەن.

 شۇ تاپتا دىلارەنىڭ ئاچچىقىغا ھېچنېمە توغرا كەلمەيتتى، ئەگەر قانۇن يول قويىدىغان ئىش بولسا شۇ تاپتا لېتىپنى پارە پارە قىلىۋەتسىمۇ، چايناپ پۈركىۋەتسىمۇ دەردى چىقمايتتى .

دىلارە ھازىر ئۆلگۈدەك پۇشايماندا قالغانىدى، «ئەگەر مۇشۇ قەلەندەر بىلەن تونۇشمىغان بولسام بۇنداق ئەھۋالغا قالامتىم؟ ئائىلىمىزمۇ بۇنداق ۋەيران بولۇپ كېتەمتى؟» ئۇ ھەممە ئوڭۇشسىزلىقنى، بېشىغا كەلگەن كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىنى لېتىپتىن كۆرگەن ئىدى.

- ھە دەپ بەرسە بەك ئاشۇرىۋەتمەڭ جۇمۇ، مەن دېدىمغۇ قەستەن قىلمىدىم، دادىڭىز ئۆزى يىقىلىپ چۈشكەن تۇرسا نېمە دەپ ماڭا ئېسىلىۋالىسىز ؟

-ھەي ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن قەلەندەر، سەن بىر نېمە كەلمىگەن بولساڭ، دادام يىقىلىپ چۈشەمتى؟ مەن ساڭا خېلى بۇرۇنلا ئايرىلىپ كېتەيلى دەپ بولغان تۇرسام، سەن يەنە قاشاڭلىق قىلىپ ئۆيگە ئىزدەپ كەلمىگەن بولساڭ، دادام بۇنداق پالاكەتكە يۇلۇقامتى؟ ئۆزۈڭچە مېنى سېنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭنى بىلمەيدۇ دەپ قېلىۋاتامسەن؟ سېنىڭدەك قەلەندەرلەر پۇلى بار ئادەملەرنى كۆرسەڭلار ئۆلۈكىڭنى سېتىپ بېرىپ يېتىۋالىسەن، ھەقاچان، ئايرىلىپ كېتەيلى دېسەممۇ، مېنىڭ پۇلۇمغا قىيالمىغانسەن، ساڭا دەپ قوياي، سەندەك پىتلىق، غورورسىز، قىزلارنىڭ پۇلىنى خەجلەپ جان باقىدىغان قەلەندەرگە، ھېلىقى ئوتتۇز كويلۇق قىزلار لايىق، مېنىڭ پۇلى ھەرقانچە جىق بولۇپ كەتسىمۇ، تىلەمچىگە بەرسەم بېرىمەنكى، ساڭا بىر موچەن بەرمەيمەن، خەپ توختاپ تۇر، سېنى سويغان پىيازدەك قىلىۋەتمەيدىغان بولسام.

 لىتىپ ئۆزىنىڭ دىلارە ئەرز قىلىسا تۈرمىدە ياتىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت ئىزدىسىمۇ خىزمەت تاپالمايدىغانلىقىنى، ئاخىرى بېرىپ كوچىدا قالىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ قورقۇپ كەتتى، شۇڭا بېرىپلا دىلارەنى چىڭ تۇتۇۋالدى.

-بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ.

- نېمىشقا بولمايدىكەن؟ سەن دادامغا زىيانكەشلىك قىلىپ، دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ قويغان تۇرساڭ، ئەجەبا مەن ساڭا رەھمەت ئېيتسام بولامتى؟

-ئىشقىلىپ بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ .

-ماڭا بۇيرۇق سوقىدىغانغا ئۆزۈڭنى كىم چاغلاپ قالدىڭ؟ مەن زادى شۇنداق قىلىمەنغۇ قانداق قىلالايتتىڭ؟ قويۇۋەت، يەنە قويۇۋەتمەيدىغان بولساڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن جۇمۇ.

لىتىپ دىلارەنىڭ قولىدىكى تېلېفوننى ئېلىۋېلىپ يەرگە ئاتتى، تېلېفون چېقىلىپ ئۈچ تۆت پارچە بولۇپ چېچىلىپ كەتتى.

- دىلارە، مەن خاتا قىپتىمەن، مېنى كەچۈرۈڭ بولامدۇ؟ بۇنىڭدىن كېيىن مەن دادىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالاي، سىزنىڭ دادىڭىز مېنىڭ دادام، ئۇنى ياخشى كۈتەي بولامدۇ؟

-خام خىيال قىلما، دەرھال مېنى قويىۋەت.

- قويۇۋەتمەيمەن، ماڭا ئەرز قىلمايمەن دەپ ۋەدە قىلسىڭىز، ئاندىن قويۇۋېتىمەن، ماڭا بىر پۇرسەت بېرىڭ، ئورنىنى تولدۇرىدىغان پۇرسەت بېرىڭ بولامدۇ؟ سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي بىز يارىشىپ قالايلى.

- كاللاڭدىن چاتاق چىقتىمۇ نېمە؟ ھەي لىڭتاسما، كۆك ماڭقا، سەن نومۇس قىلماي، يەنە مەن بىلەن يارىشىۋالماقچىمۇ تېخى، ماڭا تولۇقلاپ بېرەرمىش؟ نېمەڭ بىلەن تولۇقلاپ بېرىسەن؟ ئاۋۇ ئىتنىڭ ئۇۋىسىدەك ئۆيۈڭ بىلەنمۇ ياكى ئالىدىغان تۆت تال مائاشىڭ بىلەنمۇ؟ مەن سېنىڭ بۇنداق نېمىلىرىڭگە خۇشتار ئەمەس، قويۇۋەت.

- بولدى جېدەل قىلماڭلار، دىلارە بىز ئولتۇرۇپ چىرايلىق پاراڭلىشايلى بولامدۇ؟ نېمە ئىش بولسا بۇنداق سەتلىشىپ يۈرسەك ياخشى بولمايدۇ.

-ۋاي بېشىمنى ئاغرىتماي نېرى تۇرىڭە، سىزمۇ ياخشى نېمە ئەمەس، بېرىپ ئوغلىڭىزنى تارتماي مېنى نېمىگە تارتىسىز؟  بىرلىشىپ مېنى ئۆلتۈرۋەتمەكچى ئوخشىمامسىلەر؟-دىلارە ئاچچىق بىلەن موماينى ئىتتىرىۋەتتى، ئارقىدىن لىتىپ ئۇنى ئىتتىرىپ يىقىتىۋىتىپلا بېرىپ موماينى يۈلىدى.

-ئاپا بىر نېمە بولمىغانسىز ؟ 

-ھېچنېمە بولمىدىم بالام، -موماي ئاغىرىۋاتقان بىلىنى سىلاپ بىردىنلا كۆزلىرى يوغىناپ كەتتى، -دىلارە نېمە قىلىۋاتىسىز؟

لىتىپ بىر يامانلىقنى سەزگەندەك ئارقىسىغا قارىشىغا، دىلارە كۈلدان بىلەن ۋاڭڭىدە بىرنى سالدى.

-ھۇ يارىماس، مېنى ئىتتىرىۋەتكۈدەك بولدۇڭمۇ؟ سېنىڭدەك ئاياللارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان كېرەكسىز، داشقال، ئانىسنىڭ بىجىقىدىن ئايرىلمىغان، مەيدانى يوق لىڭتاسمىنىڭ بۇ جاھانغا ئارتۇقچە يۈك بولۇپ ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، -دېگىنىچە لىتىپنىڭ كاللىسىغا كۈلدان بىلەن كۈچەپ بىرنى سالدى، لىتىنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ، مېڭىسى غۇڭۇلداپ كەتتى، ئۇئاغرىققا چىدىماي، ئورنىدىن تۇرۇپلا ئېتىلىپ كېلىپ دىلارەنى بىر كاچات سالدى .

-ئېغىزىڭنى يۇم پاسكىنا.

 دىلارە تاياق زەربىسىدىن شىرە ئۈستىگە زوككىدە ئولتۇرۇپ قالدى، ئارقىدىنلا كۈلداننى كۆتۈرگىنىچە جان ئاچچىقىدا لېتىپقا ئېتىلدى.

-سەن مەينەتكە جېنىمنى تىكىپ قويدۇم.

 بۇ قېتىمدا لىتىپ تەييارلىق بىلەن تۇرغاچقا، دىلارنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ ئۇ كۆتۈرۈۋالغان كۈلداننى ئېلىپ يەرگە ئېتىۋەتتى، دىلارە ئۇنى ئۇرالماي ھەم ئاچچىقى كېلىپ ھەم غەزەپلىنىپ يىغلىۋەتتى .

-لىتىپ بۇ دېگەن ئۆتنە جاھان، قىلىۋالدىم دەپ كۆرەڭلەپ كەتمە، ماڭا قىلغانلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى بىر بىرلەپ تارتمىساڭ ھېساب ئەمەس.

لېتىپ كېلىپلا ئۇنىڭ گېلىنى سىقتى .

-تىللىغىنە، يەنە تىللىيە، ئەمدى بىر تىللاپ باقە...

دىلارەنىڭ تىنىقى بارغانسىرى قىسىلىپ، كۆزىنىڭ ئېقى ئارقىسىغا ئۈتۈپ كېتەيلا دەپ قالغاندا موماي قورقۇپ كېتىپ:

-ئوغلۇم قويۇۋەت، تېز قويۇۋەت، ئەخمىقانىلىق قىلما قويۇۋەتكىن ئۆتۈنۈپ قالاي سەندىن ئۆتۈنەي بالام.

 موماينىڭ يىغا ئاۋازىدىن سەل ئېسىنى تاپقان لىتىپ، ئۆزىنىڭ دىلارەنىڭ گېلىنى سىقىپ تۇرغان قولىنى بوشاتتى .

- ئوغلۇم نېمە قىلغىنىڭ بۇ؟ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويساڭ، مەن قانداق قىلىمەن؟ داداڭ قانداق قىلىدۇ؟

- ئاپا ئەگەر دىلارەنى مۇنداقلا قويۇۋەتسەم، ئۇ مېنى ئەرز قىلسا، مەن تۈرمىدە ياتىمەن ئۇ چاغدا قانداق قىلىمەن؟ -دېدى لىتىپ، ھۇشسىز ياتقان دىلارەگە قاراپ قويۇپ.

- شۇنداق بولسىمۇ ئۇنى مۇنداقلا بىر تەرەپ قىلىۋەتسەڭ بولمايدۇ دە، بۇ دېگەن قانۇنغا خىلاپ.

- ئاپا، بولمىسا ئۇنى يىراققا سېتىۋېتەيلى، بۇنداق بولغاندا ئۇ مېنى ئەرز قىلالمايدۇ .

- بۇ ياكى كىچىك بالا بولمىسا، چوپچوڭ ئادەمنى قانداق سېتىۋېتىسەن؟ قالايمىقان ئىش قىلما ئوغلۇم.

-ئاپا، سەن يۇرتتىكى تۇغقانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ باققىن، بىزنىڭ ئۇ تاغلىق رايوندا خوتۇن ئالغىلى پۇلى يوقلار جىققۇ، شۇلارنىڭ بىرسىگە ئاپىرىپ بېرەيلى، ئۇ تاغلىق رايوندىن قېچىپ چىقالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆمۈر ئىشلەپ ئۆتۈپ كەتسە، مېنى ئەرز قىلالمايدۇ.

 شۇنداق قىلىپ موماي لىتىپنىڭ كەينىگە كىرىپ، ئاقىۋتىنى ئويلاشمايلا، بىردەمدىلا يۇرتتىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ دىلارەنى ئاپىرىپ بېرىدىغان بولۇشتى، دىلارە بايا گېلى قاتتىق سىقىلغان ھەم قورقۇپ كەتكەچكە تېخىچە ھۇشسىز ياتاتتى .

لېتىپ ماشىنىنى تېخى سېتىۋەتمىگەن بولغاچقا، دەرھال دىلارەنىڭ پۇت قولىنى باغلاپ ئاغزىغا بىر نەرسىنى كەپلەپ، نەدىندۇر بىر يوغان يەشىكنى تېپىپ كىلىپ قاچىلاپ، پەلەمپەيدىلا ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا چۈشتى، ئۇ باشقا يەردە كۆزىتىش ئاپپاراتىنىڭ بولمىسىمۇ، ئەمما ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 128-قىسىمغىچە تولۇق چىقىدۇ👇



...............................................................................................................................................................................................................................................................................................ھە؟

-پۇشايمان قىلىۋاتامسىز؟

-ياقەي، مەن شۇ تازا ئىشنەلمەيۋاتىمەن، سىز باي ئائىلىنىڭ قىزى، مەن بولسام ھېچنىمەم يوق يالاڭتۆش،مېنى تاشلىۋەتمەيدىغانسىز ھە مۇنىرە؟

-مەن سىزنى بىر ئۆمۈر باقىمەن، ئەتىۋارلايمەن، ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن،-دېدىم مەن يادىكارنىڭ يۈزىنى سىلاپ.

-مېنى بوزەك قىلمايدىغانسىز؟

-ئەلۋەتتە ھەركۈنى بوزەك قىلىمەن.

-ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ تازا بىر ھازازۇلنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قالدىممۇ نېمە؟ پۇشايمان قىلسام پۇرسەت بارمۇ؟

-ئەمدى پۇشايمان قىلسىڭىز بولمايدۇ، چىكىنىش يولىڭىز قالمىدى جۇمۇ، ئەتە ئەتىگەندىن باشلاپ سەھەر تۇرۇپ ماڭا ناشتىلىق تەييارلايسىز، ئاندىن ئۆي يىغىشتۇرىسىز، كىر يۇيىسىز، ئاندىن چىقىپ سەي ئەكىرىپ، ماڭا تاماق ئىتىپ بىرىسىز، مېنى ياخشى كۈتسىز.

بىز چاقچاقلىشىپ بىردەم كۈلۈشتۇق.

ئەتىسى ئەتىگەندە مەن يادىكارنى ناشتىغا چاقىرىپ كىرسەم ئۇنىڭ چىرايى تازا ياخشى ئەمەس كۆرۈندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ياتقۇزۇپ قويۇپ، ناشتىلىقنى ياتىقىغا ئېچىقىپ بەردىم، يادىكار ئازراق قىزىپ قالغانىدى، دوختۇرخانىغا بارايلى دېسەم ئۇنىماي، قىزىتما ياندۇرۇش دورىسىنى ئىچىپ قايتىدىن يوتقانغا كىرىپ ياتتى.

ئاپام يادىكارنىڭ قىزىپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئەنسىرەپ ئولتۇرالماي قالدى.

-دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى.

-ئۇنىمىدى ئاپا، دورا ئىچىتى.

-مۇنىرە، يادىكار سەن ئۈچۈن بەك كۆپ قۇربانلىق بىرىۋەتتى، شۇڭا ئۇنى قەدىرلە، بۇرۇنقىدەك ئاچچىقلىنىپ قىلساڭ بولمايدۇ، ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ رايىغا باققىن، كۆڭلىنى ئاغرىتما ماقۇلمۇ؟

-بىلدىم ئاپا، مەن چۇقۇم دېگىنىڭدەك قىلىمەن.

-يەنە ئۆزۈڭنى تەكشۈرتۈپ باققىن، مەسىلە بولسا داۋالىنىپ، توغۇش ئۈچۈن تىرىشقىن.

مەن ئەسلىدىمۇ شۇنداق قىلىشنى ئويلاپ يۈرگەن، شۇ ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىدىم شۇ.ئىلگىرى خالىدە دورامنى ئالماشتۇرۋەتكەچكە ھامىلدار بولمىغان، ئەمدى تەكشۈرۈتۈپ بېقىشىم كىرەك ئىدى.

بىر چاغدا ئىشك قوڭغىرىقى جىرىڭلىدى، بېرىپ ئىشكنى ئاچسام، يادىكارنىڭ ئاپىسنىڭ سىڭلىسى كەپتۇ، مەن بۇ ئايالنى بىر قېتىم باھار بىلەن بىللە تاماق يەۋاتقاندا كۆرگەن ئىدىم. مەن دەقىقە قاراپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ئارقامغا قاراپ:

-ئاپا، يادىكارنىڭ كىچىك ئاپىسى كەپتۇ،-دېدىم.

ئۇ ئايال ئىشكتىن كىردى، ئۇ چىرايلىق بولۇپلا قالماستىن مېڭىشلىرىمۇ شۇنداق چىرايلىق ئىدى.

ئاپام ئالدىغا چىقىپ ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن:

-بىلمىدىم خاسىيەتگۈل بىزنىڭ ئۆيدە نېمە ئىشڭىز بار ئىدى؟

-بۈگۈن مەخسۇس سىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدىم نىگار خانىم،-دېدى يادىكارنىڭ كىچىك ئاپسى خاسىيەتگۈل.

-ھە...

«مەن بۇ خېنىم بىلەن ئەزەلدىن باردى كەلدى قىلىپ باقمىسام، مېنى ئىزدەپ كەلگۈدەك ياخشىراقمۇ تونۇشمايدىغان تۇرساق نېمىگە كەلگەندۇ؟»...

-يادىكارنىڭ مىجەزى سەل قوپال ھەم بەكلا جاھىل، بىر ئىشنى قارار قىلدىمۇ بولدى، ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، شۇڭا نىگار خانىم ئۇنىڭغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولسىڭىز.

ئاپام ئىككىمىز يادىكارنىڭ بۇ كىچىك ئاپسىغا قاراپ ئولتۇرۇپ قالدۇق، بىز تېخى ئۇنى ئاچىسىنىڭ ئورنىدا بىزگە گەپ قىلىپ قايىل قىلغىلى كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمىز، بىراق ئۇنىڭ يادىكارنىڭ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمىز.

-مۇنىرە، ئەگەر بىزنىڭ يادىكار بولمىغان بولسا، سىزمۇ بۈگۈنكىدەك سورۇقچىلىق، كۆڭۈل ئاغرىقىلىرىنى تارتمىغان بولاتتىڭىز، ھەممىسى يادىكارنىڭ خاتالىقى، نېمىلا بولمىسۇن ھازىر بىللە ئۆتۈدىغان بولدۇڭلار، مەن بۇنىڭدىن بەكلا خوشال بولدۇم، مېنىڭ سىلەرگە بەرگۈدەك باشقا نەرسەممۇ يوقكەن، بۇنى ئىلىڭ، ئىككىڭلارغا بەخت تىلىگىنىم بولۇپ قالسۇن قىزىم،-دېدى خاسىيەت ئاپاش چىرايلىق بىر دۇخاۋا قاپنى ماڭا سۇنۇپ.

-رەھمەت خاسىيەتگۈل، كۆڭلىڭىز بىزگە تىگىل بولدى، بىراق بۇ سوۋغىتىڭىزنى بىز قوبۇل قىلالمايمىز،-دېدى ئاپام رەت قىلىپ.

-مۇنىرە، بۇنى چۇقۇم قۇبۇل قىلىڭ.

-....

-مەن ئىلگىرى يادىكارغا ۋەدە قىلغان، ئۇ توي قىلىدىغان چاغدا مەن كىلىنچەككە بىر سوۋغات بىرىدىغان بولغان، سىلەرنىڭ تويۇڭلارغا مەن ھەقاچان قاتنىشالمايمەن، شۇڭا قۇلۇمنى ياندۇرمىغان بولسىڭىز.

خاسىيەت ئاپاش ئۇنىمىغىنىمىزغا ئۇنىماي سوۋغىسنى قويۇپ قايتىپ كەتتى، ئۇ يادىكارنى سورىمىدى.

-ھەجەپ ئىش، خاسىيەت بىلەن خەدىچە بىر تۇققان بولسىمۇ، بىراق مىجەزى پەقەتلا ئوخشىمايدىكىنا.

-شۇ ئەمەسمۇ، ئۇ نېمىشقا چۇقۇم ماڭا سوۋغا بىرىمەن دەپ تۇرىۋالىدۇ؟

مەن شۇنداق دېگەچ ئۇ قالدۇرغان سوۋغاتلىق قاپنى ئاچتىم، ئىچىدە ئىنتايىن نەپىس سۇقۇلغان بىر يۈرۈش ئالاھىدە نۇسقىلىق ئاق ئالتۇن يۈرۈشلىكى جۇلالىنىپ ياتاتتى.

-بۇ نەرسە قانداق بولۇپ خاسىيەتنىڭ قولىدا بولۇپ قالدى؟-دېدى ئاپام بىردىنلا تاتىرىپ.

-نېمە بولدى ئاپا؟

-بۇ ياقۇتتىن كۆز قويۇلغان ئاق ئالتۇن يۈرۈشلىكى قانداق بولۇپ ئۇنىڭ قولىدا بولۇپ قالدى دەيمەن؟

-ئاپا، ئادەمنى تېپىشماق تاپقىلى سالماي گەپنى ئۇچۇق قىلغىنە.

-بۇ بىر يۈرۈش زىبۇ زىننەت ئوتتۇز يىل ئىلگىرى بىر كىم ئارتۇق سېتىشتا بىر مىليۇن باھاغا سېتىلغان، ئەينى چاغدا داداڭ ئىككىمىز قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقت ئىدى، مەن شۇچاغدا بۇ بىر يۈرۈشنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالغاچقا داداڭ يۇقىرى باھادا سېتىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئاخىرىدا يادىكارنىڭ دادىسى بىر مىليۇن باھا بىلەن ئېلىۋالغان، ئۇ چاغدا بىر مىليۇن دېگەن بەكلا كۆپ پۇل ئىدى.

-يادىكارنىڭ دادىسى سېتىۋالغان بولغاندىكىن، خەدىچە خانىمنىڭ قولىدا بولماي نېمىشقا خاسىيەتگۈل ئاپاشنىڭ قولىدا بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە يادىكارنىڭ دادىسى بۇنى ئۆزىنىڭ خوتۇنىغا بىرىشى كىرەكتۇ؟

-كىم بىلىدۇ دەيسەن؟ ئۇ ۋاقىتلاردا جەننەت ئاپاڭ بىلەن يادىكارنىڭ دادىسى يەھيا تېخى ئايرىلىپ كەتمىگەن، مەن تېخى ئۇنى جەننەتكە سوۋغا قىلامدىكىن دەپتىكەنمەن.

ئاپام مېنى بۇ قىممەت نەرسە ياخشىراق تىقىپ قوي دېگەچكە مەن بۇ زىننەت بۇيۇمىنى ياتاق ئۆيگە ئېلىپ چىقىپ يىغىشتۇرۋەتتىم، بىر چاغدا يادىكار ئويغاندى.

-قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟

-ياق، ئۇسساپ قالدىم.

مەن ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان سۇقويۇپ بەرگەندىن كېيىن:

-ھەراست بايا كىچىك ئاپىڭىز كەپ كەتتى.

-ھە كىچىك ئاپام كەلدىمۇ؟ نېمە دەپ كەپتۇ؟

-بۇنى ئىككىمىزنىڭ تويىغا ئاتاپ ئەكەپتۇ،-دېدىم مەن بايا تىقىپ قويغان قاپنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلەپ.

-قارىغاندا كىچىك ئاپام سىزنى ھەقىقەتەن بەك ياقتۇرۇپ قاپتۇ، ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسنى بىرىشكە كۆزى قىيىپتۇ ئەمەسمۇ.

-يادىكار سىزنىڭ كىچىك ئاپىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز بەكلا ياخشىمۇ نېمە؟

-ھەئە، ئاپام بەكلا ئاچكۆز ئايال، ئۇ بوۋام مومامنىڭ ئۇنىڭغا شىركەتنىڭ موچەن پېيىنى ئۆزىگە تۇتقۇزمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە بىكار تۇرماي شىركەتكە ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى قانداق قىلسا قىلىپ كىرگۈزۈپ شىركەتنى قانداق قىلىپ كونتۇرول قىلىشنىڭ كۇيىدىلا يۈرىيدىغان ئايال، بىراق كىچىك ئاپام ئۇنداق ئەمەس، ئۇ بەكلا مۇلايىم، ئەقىللىق، كۈيۈمچان ئايال، ئىلگىرى ئاپام ھەر تەرەپكە چېپىپ يۈرگەچكە ئاكام ئىككىمىزنىڭ ھالىدىن ئىزچىل كىچىك ئاپام خەۋەر ئېلىپ كەلگەن، مەن تۇغۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ھەممە ئىشمنى كىچىك ئاپام بىر قوللۇق قىلىپ، مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان، بىراق ئاپام بىرەر قېتىممۇ ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ باققىنى يوق، شۇڭا بىزنىڭ توي ئىشمىزدا ئاپامنىڭ پىكىرى مۇھىم ئەمەس دېگىنىم شۇ، بىراق كىچىك ئاپامنىڭ پىكىرى بەكلا مۇھىم.

-كىچىك ئاپىڭىز بىزنىڭ ئىشىمىزغا قارشى ئەمەستەك.

-ھەئە، ئۇ سىزگە بەكلا ئامراق ئىكەن، بولمىسا ماۋۇنى ئۇ ھەرگىز سىزگە بەرمەيتتى.

-يادىكار كچىك ئاپىڭىز نېمىشقا ھازىرغىچە توي قىلماي كەلدى؟ ئۇ شۇنداق چىرايلىق، مۇلايىم تۇرسا، بۇنداق يالغۇز ئۈتۈپ كەتسە ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئەمەسمۇ؟

-بۇنى مەنمۇ بىلمەيمەن، مېنىڭ قىياسىمچە كىچىك ئاپام مۇھەببەتتىن قاتتىق ئازار يىگەن شۇڭا ئۇ بۇ ئۆمرىدە ياتلىق بولماسلىقنى تاللىۋالغان بولسا كېرەك.

بىز توي خېتىنى ئېلىۋىتىش ئۈچۈن نوپۇس دەپتىرى كىملىكنى ئالغىلى بارغان بولساقمۇ، بىراق بوۋاي بىزنى ئىشكتىن كىرگۈزمەي قويدى، يادىكار تېلېفۇن قىلىغانىدى، ئالمىدى، قارىغاندا بىزنىڭ بىللە بولىشىمىز بۇنداق ئاسانغا توختىمايدىغاندەك قىلاتتى.

-مۇنىرە، مېنىڭ سەۋەبىمدىن شىركەت تاقىلىپ قالسا، ۋەيران بولۇپ كەتسە قانداق قىلىمىز؟

-پەقەت سىزبىلەن بىللە بولسام، ھەممە نېمەمدىن ئايرىلىپ قالساممۇ مەن رازى.

تەلىيىمگە ئاپاممۇ بۇ قېتىم ئىككىلەنمەيلا بىز تەرەپتە تۇردى.

-بوۋىڭىز خالىغاننى قىلسۇن، ناھايتى كەلسە شىركەت ۋەيران بولار شۇ، قىزىم بەختلىك بولسىلا، قالغىنى چوڭ ئىش ئەمەس.

بىز نوپۇس دەپتىرىنىڭ ئىشىغا تاھىرنى ياردەم قىلامدىكىن دەپ ئۇنى چاقىرىپ چىقتۇق.

-كەچۈرگىن بۇرادەر، بۇ قېتىم بوۋاڭ بۇيرۇقنى بەك سوقتى، دادام«ئەگەر يادىكارغا ياردەم قىلىپ ئائىلىمىزنى بالاغا تىقىدىغان بولساڭ پاچىقىڭنى چېقىپ، ئىتنى باققاندەك باقىمەن» دەيدۇ، شۇڭا ساڭا ياردەم قىلالمايمەن، مېنى كەچۈر ئاغىنە.

-بوۋامغا دەپ قوي، ئەمدى مېنى قىستايدىغان بولسا، مېنىڭدىن رەنجىمىسۇن.

-نېمە قىلاي دەيسەن؟ بوۋاڭنىڭ مەقسىتى سېنى كەينىڭگە قايتۇرۇش، پەقەت سەنلا بېشىڭنى ئەگسەڭ ھەممە ياخشى بولۇپ كەتمەمدۇ؟

-مەن بېشىمنى ئەگسەم مەيلى بىراق شەرتىم شۇ مۇنىرە بىلەن توي قىلغىنىم قىلغان.

å-ياق، مەن نېمىشقا ئاشىقىمنى بۇنداق ئۇۋالچىلىققا قويغۇدەكمەن؟

-مۇنىرە، بىلىمەن يادىكار سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ، بىراق ئۆزىڭىزمۇ كۆردىڭىز بۇ سولتەك ئىشەكتەك جاھىل نېمە، سىز ئەقىللىق قىز، ياخشى ياماننى ئايرىيالايسىز، ئىككىڭلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن، كەينىڭىزگە بىر قەدەم چىكىنىسىڭىز بولماسمۇ؟ يادىكارنىڭ قەلبىدە بەرىبىر سىز بولغاندىكىن، ئازراق ئۇۋالچىلىق تارتقانغا ھېچنىمە بولماس.

-بولمايدۇ، ئىشقىلىپ مەن ھەرگىز ئۇنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا گەپكە قالدۇردىغان ئىشنى قىلمايمەن، سەنمۇ بىزگە نەسىھەت قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولما، ھازىر بوۋاي مېنىڭ تېلېفۇنۇمنى ئالمايۋاتىدۇ، شۇڭا سەن ئۇنىڭغا دەپ قوي، مېنى بەك قىستىمىسۇن، ئەگەر قىستاۋەرسە، مەن ئاچچىقىمدا گوروھنىڭ رەقىبىگە ئىشلەپ قالسام ئۇچاغدا ئىشنىڭ ئاخىرىنى يىغىشتۇرۋالغىلى بولمايدۇ.

-يادىكار ساقتۇ سەن؟

-ھازىرچە ساق، ئەمما بۇۋام ماڭا ياشاش يۇلى بەرمىسە، قالغىننى ئۆزىدىن كۆرسۇن، سەن پەقەت گەپنى يەتكۈزۈپ قويساڭ بولدى، مېنىڭ مۇنىرەنى ئالغىنىم ئالغان، مەن دادام ئەمەس، ئۇ نېمىلا دېسە مەيلى دەپ ئۆز سۆيگىنىمدىن كىچىپ ئۇلارنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنىدىغان.

-ساراڭ بوپتىغۇ بولار، ماقۇل ماقۇل مەن يەتكۈزۈپ قوياي.

ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، بىر كۈنى تۇيۇقسىز ناتۇنۇش بىر نومۇردىن تېلېفۇن كەلدى.

-مۇنىرە، ئىككىمىز بىر كۆرۈشسەك بوپتىكەن.

بۇ يادىكارنىڭ مومىسى ئىدى، مەن قۇلۇمدىكى دەزمالنى پاتەمخان ھاممامغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، موماي دېگەن يەرگە كەلدىم.

-مۇنىرە، سىزدىن ئۈتۈنەي يادىكاردىن ئايرىلىپ كېتىڭ بولامدۇ؟ مېنى نېمە قىل دىسىڭىز شۇنى قىلاي.

-سىز يادىكارنىڭ مومىسى، شۇڭا مەن سىزدىن ئۈتۈنەي بىزنى ئايرىۋەتمىگەن بولسىڭىز.

-سىز مۇشۇنداق جاھىللىق قىلىپ، بىزنىڭ ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلمىغۇچە كۆڭلىڭىز تىنمايدىغان ئوخشىمامدۇ؟

-مېنىڭ قولۇمدىن ئۇنداق قالتىس ئىشلار كەلمەيدۇ، يادىكار بىلەن ئىككىمىز بىرگە بولۇشى ئاسانغا توختىمىدى، شۇڭا بىزنى مۇرادىمىزغا يەتكىلى قويسىڭىز.

-مۇنىرە سىز يادىكارنى ياخشى كۆرسىڭىز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا چىداپ تۇرالمىغان بولاتتىڭىز، يادىكار سىزنى دەپ پۈتۈن بىر گوروھتىن ۋاز كىچىپ كەتتى، بىراق سىزچۇ؟ مېنىڭ نەۋرەم ئۈچۈن نېمە قىلىپ بىرەلىدىڭىز؟سىزنىڭ مەقسىتىڭىز نەۋرەمنى ئالداپ، بىزنىڭ رىقابەتچى شىركەت بىلەن بىرلىشىپ ياپراقنى ۋەيران قىلىش شۇنداقمۇ؟

-ئۇنداق ئەمەس، مەن ئەزەلدىن ئۇنى سىلەر بىلەن دۈشمەنلىشىپ كەتسۇن دېگەننى ئويلاپ باقمىدىم، نېمىشقا بىزنى خاتىرجەم ياشىغىلى قويمايسىلەر؟

موما ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا چوڭلار سىز بىلەن بوۋامنى بىللە بولۇشقا قوشۇلمىغان بولسا سىز بوۋامدىن ۋاز كىچەمتىڭىز؟

-ھەقەپ گەپكە ئۇستىكەنسىز ھە،بىلەتتىم زادى سىز كۈرۈنىشتىكىدەك بۇنداق ئاددى، يۇۋاش قىز ئەمەس.

-موما، مەن يادىكاردىن ئايرىلمايمەن، شۇڭا نېمە دېسىڭىزمۇ پايدىسى يوق.

موماي ئۇزاقتىن ئوزاق ماڭا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى.

-مۇنىرە، مەن كەينىمگە بىر قەدەم چىكىنەي، سىزمۇ بىر قەدەم چىكىنىڭ.

-قانداق چىكىنىمەن؟

-سىز يادىكار بىلەن ئارلاشسىڭىز بولىدۇ، مەن قارشى تۇرمايمەن، بىراق ئۇنىڭ ئايالى سىز بولمايسىز، پەقەت ئادەم يوق يەردىلا يادىكار بىلەن بىللە بولىسىز، سورۇنلارغا، تويلارغا ئاشكارە يىتىلىشىپ بارمايسىز، يادىكار سىزنى ياخشى كۆرسە بولىدۇ، بىراق سىزنى ئالسا بولمايدۇ، ئۇ بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلاپ بىز دېگەن قىزنى ئېلىشى، ئۇنىڭ بىلەن بالىلىق بولۇپ ئائىلە ئىگىلىكىمىزنى گۈللەندۈرۈشى كىرەك.

-سىز مېنى يادىكارنىڭ يۇشۇرۇن ئادىمى، سەترەك قىلىپ دېگەندە مېنى نەۋرىڭىزگە ئاشنا بول دېمەكچىمۇ؟

-سىز ئىلگىرى قىلىپ باقمىغان ئىش ئەمەسقۇ بۇ؟ مېنىڭ بىلىشمچە سىز ئىرىڭىز بار تۇرۇپ بىزنىڭ يادىكار بىلەن يىتىلىشىپ يۈرۈپتىكەنسىزغۇ؟-دېدى موماي مېنى مازاق قىلغاندەك قاراپ.

مەن ئەنە شۇ چاغدىلا دادامنىڭ نېمىشقا ماڭا يادىكار بىلەن بولغان ئىشمنى ئۇققنىدا ئاچچىقلاپ ئۆيگە سولاپ قويغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم، شۇ تاپتا يۈزۈم كۈيۈشۈپ ئاسمانغا چىقاي دېسەم يىراق يەرگە كىرىۋالاي دېسەم قاتتىق كىلىۋاتاتتى.

-ئەگەر قوشۇلمايدىغان بولسىڭىز، دادىڭىزنىڭ سىرتتىن تاپقان قىزى چولپاننىڭ ئىشنى ئاپىڭىزغا ئاشكارلىۋىتىمەن.

مەن قۇلاقلىرىمغا ئىشنەلمەي مومايغا قارىدىم، ئۇلار شۇ قەدەر رەھىمسىز ئىدىكى ئۆز نەۋرىسىگە گەپ يىگۈزەلمەي مېنىڭ ئاجىزلىقىمدىن پايدىلىنىپ بىزنى ئايرىۋەتمەكچى بولىۋاتاتتى.

-قايتىپ كېتىپ ياخشى ئويلىنىپ جاۋاب بىرىڭ، ئەر كىشى دېگەن تېپىلىدۇ، بىراق مۇشۇ سەۋەبلىك ئاپىڭىزغا بىر ئىش بولۇپ قالسا، سىزمۇ بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابى تارتىسىز. مەنمۇ سىزنى يادىكاردىن ئايرىلىپ كەت دېمىدىمغۇ، ئىلگىرى ئۆزىڭىزمۇ دېگەن، يادىكارغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىمەن، ھېچقانداق نام مەنپەئەت يادىكاردەك مۇھىم ئەمەس دەپ، بۇ ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلى، يادىكار ئىگىلىكىمىزگە ۋارىسلىق قىلىشى كىرەك، بۇ ھەر ئىككىمىز ئۈچۈن ياخشى.

- موما بۇ گەپلرىڭنىڭ بەك ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلمىدىڭمۇ؟

يادىكارنىڭ مۇزدەك ئاۋازى يېنىمىزدىلا ياڭرىدى، ئۇ قاچانلاردا بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلگەندۇ؟ قانداق تېپىپ كەلگەندۇ؟

يادىكار يېنىمغا كىلىپ قۇلۇمنى تۇتتى.

-موما، قانداق گەپ بولسا ماڭا دېسەڭلا بولمىدىمۇ؟ ئۇنى تەڭلىك قىلىپ نېمە قىلىسەن؟

-قارا بۇ سولتەكنى، موماڭغىمۇ مۇشۇنداق گەپ قىلامسەن؟ سەن جاھىللىق قىلىپ تۇرۋالمىغان بولساڭ بوۋاڭ ئىككىمىز ئۇنى ئىزدەپ يۈرەمتۇق؟

-موما، بوۋام تېلېفۇننى ئالغىلى ئۇنمىدى، شۇڭا سەن بوۋامغا دەپ قويغىن، مېنىڭ سەۋرىم چەكلىك، مۇنىرەنى ئۇچۇق ئاشكارە خوتۇن قىلىپ ئالىمەن، ھەرگىزمۇ بۇلۇڭ پۇشقاقلاردا ئوغۇرلۇقچە كۆرۈشۈپ جېنىمنى قىينايدىغان ئىشنى قىلمايمەن، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن موما، ئەمدى چولپاننىڭ ئىشنى قېيناپامغا ئېيتىدىغان نىيىتىڭدىن يان، مەن سېنى بۇ مەقسىتىڭگە يەتكۈزمەيمەن.

-سەن سولتەك، بۇرنۇڭغا يىمىگۈچە ئادەم بولمايدىغان ئوخشمامسەن؟

-موما ئۇنتۇپ قالما، بەش يىل ئاۋال، مەن سىلەرنىڭ قىستىشىڭلار بىلەن ۋاز كىچىپ بولغان، بۇ قېتىم ھەرگىز ئۇنداق خاتالىقنى سادىر قىلمايمەن، گىپىم يەنىلا شۇ مېنى قىستاۋەرمەڭلار، ئاقىۋىتىنى سىلەر كۈتۈرەلمەيسىلەر، ساراڭلىقىم تۇتىدىغان بولسا، مەن ھەرقانداق ئاقىۋەتنى ئويلىماي ئەسكىلىكنى قىلىۋىتىشىم مۇمكىن.

-سەن بىزگە تەھدىت سېلىۋاتامسەن؟

-ياق موما، مەن پەقەت ئەسكەرتىپ قويىۋاتىمەن، ھازىر مەن ئۆزۈمنىڭ نېمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنىلىكمىنى، يەنە نېمىلەرگە يۈزلىنىدىغانلىقمنى ئىنىق بىلىمەن. شۇڭا بۇنداق بىسىم قىلىدىغان ئىشنى ئامال بار قىلمىغىنىڭلار ياخشى، موما سەنمۇ ئائىلىمىزنىڭ ئىگىلىكىنىڭ مېنىڭ قولۇمدا ۋەيران بولۇپ كېتىشىنى خالىمايسەنغۇ ھە؟

115-قىسىم 

ياق موما، مەن پەقەت ئەسكەرتىپ قويىۋاتىمەن، ھازىر مەن ئۆزۈمنىڭ نېمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنىلىكمىنى، يەنە نېمىلەرگە يۈزلىنىدىغانلىقمنى ئىنىق بىلىمەن. شۇڭا بۇنداق بىسىم قىلىدىغان ئىشنى ئامال بار قىلمىغىنىڭلار ياخشى، موما سەنمۇ ئائىلىمىزنىڭ ئىگىلىكىنىڭ مېنىڭ قولۇمدا ۋەيران بولۇپ كېتىشىنى خالىمايسەنغۇ ھە؟

يادىكار مېنى مومىسىنىڭ ئالدىدىن يىتىلىگەن پېتى چىقىپ كەتتى.

-بۇنىڭدىن كېيىن بۇۋام مومام تېلېفۇن قىلىپ قالسا ئالماڭ، ئۇلارغا تەڭ كىلەلمەيسىز، ئۇلار دېگەن گەپكىمۇ ھەرگىز ئىشەنمەڭ، بولمىسا ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كېتىسىز.

-بىراق ئۇلار ئاپامغا چولپاننىڭ ئىشنى دەپ قويامدىكىن دەپ بەكلا ئەنىسرەۋاتىمەن.

-ئۇنداق قىلمايدۇ، ئەگەر ئېيتىدىغان ئىشى بولسا بۇرۇنلا ئېيتقان بولاتتى، ھەرگىز ھازىرغا كەلگەندە سىزگە تەھدىت سالمايتتى.

-سىز شىركەتكە كەتمىگەنمىدىڭىز؟ قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كىلىپ قالدىڭىز؟

-ئوناق خوتۇنۇم ماڭا قوۋەت شورپىسى قىلىپ بىرىمەن دېگەن تۇرسا، شۇڭا قايتىپ كەلمىسەم قانداق چىدايمەن؟ قايتىپ كەلسەم سىز يوق، قېينئاپامدىن سورىسام، سىزنى تېلېفۇن كەلگەن ئېلىپلا ئالدىراپ چىقىپ كەتتى دېدى، شۇڭا ئىزدەپ كەلدىم.

-چولپاننىڭ ئىشى ھەرۋاقىت بېشىمغا بالا بولامدىكى دەپ ئەنسىرەپلا يۈرىۋاتىمەن، بۇ ئىشنى زادى قانداق بىر تەرەپ قىلسام بولار؟

يادىكار ماڭا تەسەللى قىلىپ كۆڭلۈمنى تىندۇردى.

مەن بىر قانچە دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنگەن بولساممۇ بىراق نەتىجە ئوخشاش چىقتى، ئاپام كۆڭلۈمگە تەسەللى بىرىپ تۇرسىمۇ، نېمىشقىكىن كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم ئىدى، مەن لىتىپ دېگەن خۇمسى بىلەن بەش يىل بالىنىڭ دەردىنى تارتىقىنىم ئۈچۈن، ئەمدى يادىكار بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئاجىزلىقىمنىڭ بېشىمنى تۈۋەن قىلىپ قويىشىنى خالىمايتتىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە يادىكارنىڭ ئائىلىسىگە نىسپەتەن مەن توغمايدىغان بوپ قالسام ئۇلارغا ئۇۋال بولاتتى، يادىكارنىڭ ئاكىسى تۈگەپ كەتكەن، ھازىر شۇنچە چوڭ جەمەتتە، بوۋاينىڭ بىردىنبىر نەۋرىسى پەقەت يادىكار ئىدى، مەن بۇ ئىشقا قانداق يۈزلىنىشنى بىلەلمەي قالدىم. مەن يادىكارنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىگە ئىشەنمىگىنىم ئەمەس، بالىلىق بولۇش مەسلىسى راستىنلا ئاددى مەسىلە ئەمەس ئىدى.

مەن بۈگۈن شىركەتكە يادىكارنى ئىزدەپ بېرىپ، زالدا سانىيە بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدىم.

-بۇ يەرگە نېمە دەپ كەلدىڭىز؟-دېدىم مەن ئاچچىقىم بىلەن.

-ئەلۋەتتە يادىكارنى ئىزدەپ كېلىمەندە، مەن ئۇنىڭغا يىللاردىن بىرى ئۇنتۇيالماي كەلگەن ئاشىقىنىڭ ئۇچىرىنى يەتكۈزۈپ قوياي دەپ كەلگەن.

-ھېھ، ساختىپەز، مېنى يالغان گەپلەرگە ئىشەندۈرىمەن دەپ قالماڭ.

-سىز ئىشەنمىسىڭىز كارايىتى چاغلىق، يادىكار ئىشەنسىلا بولدى، بەك كۆرەڭلەپ كەتمەڭ«موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە»دەپتىكەن، نەچە كۈنگە قالمايلا يېلى چىققان توپتەك بولۇپ قالمىغىنىڭىزنى كۆرەي، ئۆزىڭىزچە يادىكار بىلەن ئەر -خوتون بولۇپ ئۆتىمەن دەپ قاپسىزدە، نامىڭىز شۇنداق سەت، يەنە كېلىپ توغالمايدىغان بىر قىچىرنىڭ يوغىناپ كەتكىننى كۆرەيمۇ؟

سانىيەنى دەيدىغاننى دەۋىلىپلا ماڭا گەپ قىلغۇدەك پۇرسەت بەرمەي تولغاپ دەسسەپ چىقىپ كەتتى. مەن بولسام ئاچچىق يۇتقان پېتى ئۇدۇل يادىكارنىڭ يېنىغا چىقتىم.

-مېنى يوقلاپ كەلدىڭىزمۇ؟-دېدى يادىكار مېنى كۆرۈپ كۈلۈپ.

-سانىيە نېمىگە كەپتۇ؟-دېدىم مەن دوقۇلداپ.

-ماڭا دەيدىغان ئازراق ئىش بار ئىكەن شۇڭا كەپتۇ، نەدىكى ئاقماس گەپلەرنى كۈتۈرۈپ كەپتۇ، كارىڭىز بولمىسۇن، نېمە بولدى ئاچچىقىڭىز كەپ قاپتىغۇ قوزام؟

-ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسىڭىز كۆڭلۈم بىئارام بولىدىكەن شۇ.

-بۇنىڭدىن كېيىن كۆرۈشمەي.

يادىكار مېنى تىزىغا ئولتۇرغۇزۇۋېلىپ سۆيدى، مەن ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ:

-سىزگە دەيدىغان بىر گەپ بار ئىدى.

-ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇشقا ئۇستا جۇمۇ سىز، دەڭە.

-دوختۇرخانىغا بارغانىدىم...

-نەرىڭىز ئاغرىيدۇ؟

-ھېچ يېرىم ئاغىرىمايدۇ.

-ئەمىسە نېمىشقا دوختۇرخانىغا باردىڭىز؟

-مەن شۇ توغالامدىم يوق دەپ تەكشۈرتكىلى بارغان.

-بالىلىق بولغىڭىز كەپ قالدىمۇ؟-ئۇ يۈزۈمنى چىمدىپ،-ئاندىن قانداق بولدى؟

-دوختۇر مېنى ھامىلدار بولۇش نىسپىتىڭىز تۈۋەن دەيدۇ.

-قايسى دوختۇرخانىدا تەكشۈرتتىڭىز؟

-ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش بىلەن ھەربىي دوختۇرخانىدا.

-شۇنداقمۇ؟ ئۇلار دەپ قويۇپتۇ، سىزدە مەسىلە يوق، چۇقۇم ھامىلدار بولالايسىز.

-بىراق دوختۇر ئىنىق شۇنداق دېگەن تۇرسا، يەنە كىلىپ بىز سانسىز قېتىم بىللە بولغان تۇرۇپمۇ، ئازراق شەپىسىمۇ بولمىسا...

-مۇنىرە، سىز راست بىلمەمسىز ياكى بىلمەسكە سېلىۋاتامسىز؟

-نېمىنى؟

يادىكار كۈلۈپ كېتىپ قولىقمغا ئاستا پىچىرلىدى.

-مەن نېمىشقا بىلمىدىم؟

-بولدى ئەمدى بۇ مەسىلىنى دېيىشمەيلى،  راستىنلا ماڭا توغۇپ بەرگىڭىز بولسا، بۈگۈن كەچتە ئۆيگە كەتمەي، ياتاق ئېچىپ بالا تاپايلى قانداق؟

-نېمىشقا ياتاق ئاچىمىز؟

-ئۆيدە بولۇپ قالساق، ئاپام ئاڭلاپ قالىدۇ، سىزمۇ مەنمۇ خىجىل بولۇپ قالىمىز.

-مەن ئاۋازىمنى چىقارمىساملا بولمىدىمۇ؟

-بولمايدۇ، چىقىرىسىڭىز پەيزى بولمامدۇ؟ مەن سىزنىڭ تاتلىق چىقىراشلىرىڭىزغا ئامراق.

-داپ، قېلىن داپ...

كەچتە ئىككىمىز ھويلىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا ئاپام يادىكارنى چاقىرىپ ئەكىرىپ كېتىپ ئۇزاققا قالماي يادىكارنىڭ تېلېفۇنى سايرىدى.

-تېشلىقمۇ؟

-....

قارشى تەرەپ گەپ قىلماي بىردەم تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن قويىۋەتتى.

بىردەمدىن كېيىن مەن ئۆيگە كىرىپ، يادىكارغا تېلېفۇننى ئۇزاتتىم.

-ھازىر بىرى تېلېفۇن قىپتىكەن، مەن ئالسام گەپ قىلماي قويىۋەتتى.

-خاتا ئۇرغان بولسا قويىۋەتكەندۇ؟-دېدى يادىكار ئىرەنشىمەي.

ھېلىقى نۇمۇردىن قايتىلاپ تېلفۇن كەلگەنىدى، يادىكار ئېلىپ ئىنگىلىزچە بىر قانچە ئېغىز پاراڭلىشىپ، چىرايى بىرىدىنلا ئۆزگىرىپ كەتتى.

-نېمە ئىش بولدى؟

-ھە..ھېچ ئىش يوق ئەنسىرىمەڭ.

بىردەمدىن كېيىن يادىكار ئۆزىنىڭ تاھىر بىلەن كۆرۈشۈشكە دېيىشىپ قويغانلىقىنى، كەچتە مېنى ساقلىماسلىقنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى.

ئەتىسى شەكىلە ماڭا تېلېفۇن قىلىپ دوختۇرخانىغا بېرىشىپ بىرىشىمنى، يىقىندىن بىرى نېمىلا يىسە يېنىپ، ئاشقازىننىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفۇن قىلىپ قالدى.

بىز دوختۇرغا ئەھۋالنى دېگەندىن كېيىن، دوختۇر شەكىلەگە دورا يېزىپ بەردى.

دورا ئالايلى دەپ ماڭساق، يارى ھاىسراپ ھۆمىدەپ كەپتۇ.

-سىلەرنى ھەجەپ تەستە تاپتىم.

-خوتۇنۇڭنى يەپ كىتەرمىكى دەپ ئەنسىرەپ كەلگەن ئوخشىمامسەن؟

-ئۇنداق ئەمەس، بىردەم جىم تۇرە سەن، خوتۇن بىز ئاياللار بۈلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرتەيلى.

-نېمىشقا؟

-سىز بەلكىم ئاشقازان كىسىلى بولماسلىقىڭىز مۇمكىن.

-دوختۇر مېنى ئاشقازان كىسىلى بولۇپ قاپسىز دېدى، سىز دوختۇرمۇ ياكى ئىچىدىكى دوختۇرمۇ؟

-دوختۇر سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى بىلمەيدۇ، بەلكىم قورسىقىڭىزدا بالىمىز بار بولىشى مۇمكىن، ئۇنداق قىلماي مەن بىلەن بىللە ئاياللار بۈلۈمىگە بېرىڭ بولامدۇ خوتۇن؟

-مۇمكىن ئەمەس.

-نېمىشقا مۇمكىن بولمايدىكەن؟ سىزنىڭ ھېلىقى نېمە بۇئايدا كەلمىدىغۇ.

-كىچىكىپ قالدى شۇ، كېلىدۇ، مەن ھامىلدار ئەمەس.

شەكىلەنىڭ بۇنداق دېيىشىدە ئۇ يارىغا ئۇقتۇرماي ئىزچىل ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يەۋاتقان بولغاچقا، شۇڭا ئۆزىنى ھامىلدار ئەمەس دېيەلەيتتى.

-مەن سىزنىڭ دورىڭىزنى ۋىتامىنغا ئالماشتۇرۋەتكەن، شۇڭا تەكشۈرتۈپ باقايلى.

-نېمە؟خەپ بۇ ئەبلەخنى...

-خوتۇن، ئوبدان خوتۇن ئاچچىقلانماڭ، گەپ بولسا چىرايلىق دېيىشەيلى، ئەگەر ھامىلدار بولغان بولسىڭىز خوشاللىق ئىش ئەمەسمۇ، جۈرىڭە.

-سىز كالۋا ماڭا زىيانكەشلىك قىپسىز.

-قانداق زىيانكەشلىك قىلدىم؟ بىز دېگەن ئەر خوتۇن، بالىلىق بولۇش دېگەن نۇرمال ھادىسە، قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، تىز بولىڭە تەكشۈرتۈپ چىقايلى.

-تەكشۈرتمەيمەن.

-مۇنىرە، دوستۇڭغا گەپ قىلە.

-شەكىلە، ئاۋال تەكشۈرتەيلى، بۇ سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس قارا، يارىنىڭ گىپىنى ئاڭلا ھە ئۇمىقىم.

يارى ئىككىمىز ئاران دېگەندە شەكىلەنى قايىل قىلىپ ئاياللار بۈلۈمىگە كىلىپ بىچاۋ تەكشۈرتتۇق، دېگەندەكلا شەكىلە ھامىلدار بىر ئايدىن ئاشقان ئىدى. يارى خوشاللىقىدا كىچىك بالىدەك سەكرەپ كەتتى، ئاندىن دەرھال تېلېفۇننى قولىغا ئېلىپ دادىسىغا ئۇلىدى:

-دادا، سەن بوۋا بولىدىغان بولدۇڭ،-دېدى.

يارى خوشاللىقىدا قاقاھلاپ كۈلۈپ ئۆزىنى باسالماي تۇرغاندا، شەكىلە بىر تەرەپتە تۇرۇپ ئۇنى تىللاۋاتاتتى.

-قېلىن داپ، ھىلىگەر، ساختىپەز....

-خوتۇن مەن شۇنداق قىلمىسام قاچان دادا بولالايمەن؟

-يەنە دېگىننى، سىزنىڭ بىر توپ ئامرىقىڭىز بار ئىدىغۇ، نېمىشقا ئۇلارغا دېمەيسىز؟ شۇلار توغۇپ بەرسە بولمامتى؟

-خوتۇن، يوق گەپنى قىلماڭە، مېنىڭ سىرتتا ھېچكىمىم يوق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنى جىلە قىلىش ئۈچۈن ئويناپ قويغان ئويۇنلىرىم خالاس، خوتۇن جۈرۈڭ ئۆيگە قايتايلى، ھەراست مەن ھازىرلا توغۇت باققۇچى تاپاي، مەخسۇس سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالسۇن.

-مېنى ياشىغىلى قويامسىز يوق؟

مەن يارىنىڭ شەكىلەنى يۈلەپ ئېچىقىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم، شەكىلەمۇ خوشاللىقىدا مېنى ئۇنتۇغان ھالدا قورسىقىنى تۇتۇپ يارى بىلەن چىقىپ كەتتى. مەنمۇ ئېغىر كۈنلەردە ماڭا ھەمدەم بولغان دوستۇم ئۈچۈن خوشال بولدۇم. مەن جايىمدا بىردەم تۇرغاندىن كېيىن، ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا ماڭدىم، خىيال بىلەن ماڭغاچقا تۇيۇقسىزلا بىرسىگە سۇقۇلۇپ كەتتىم.

ئۇنىڭغىچە مەن سۇقۇلۇپ كەتكەن قىزنى ئارقىسىدىكى سېمىزرەك ئايال يۈلىۋالدى.؟ ھامىلدارلىقىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر سۇقۇپ يىقىتىۋەتسىڭىز قانداق قىلىسىز؟

-كەچۈرۈڭ.

مەن ئالدىدىمدىكى كۆزەينەك تاقاپ، ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىۋالغان قىزنىڭ قوللىرىغا قاراپ، ئۇنى بەك ئاق بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم

-قىزىم بىرنېمە بولمىغانسىز؟-دېدى ھېلىقى سىمىز ئايال.

-ياق.

مەن تۇنۇش ئاڭلانغان ئاۋازدىن بېشىمنى كۈتۈرۈپ قىزغا تىكىلىپ قارىدىم، بىراق قىز ھۇدۇقۇپ تىزلا كۆزىنى مەندىن قاچۇرۇپ يېنىدىكى ئايالغا:

-ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى بىز ماڭايلى،-دېگىنىچە تىز تىز مېڭىپ كەتتى.

مەن ئۇ قىزنىڭ ئارقىسدىن قاراپ ئاۋازى تۇنۇشلا بىلىنگەن بۇ قىزنى ھەرقانچە ئويلاپمۇ كىملىكىنى يادىمغا ئالالمىدىم، مەن بۇنداق بىرىنى تۇنۇمايتتىم، بىراق ئۇنىڭ ئاۋازى بەكلا تۇنۇشلۇق ئىدى. مەن زادى نەدە ئاڭلىغان بولغىيتتىم بۇ ئاۋازنى؟

-مۇنىرە، بۇ يەردە يۈرىيسەنغۇ، ئاغرىپ قالمىغانسەن؟

-ياقەي، شەكىلە ھامىلدار بوپتۇ، شۇڭا كەلگەن.

-شۇنداقمۇ؟ يارى دېگەن گۇي خوشال بولۇپ كەتكەندۇ؟

-ئۇنى بىر دېمە.

نىجات مېنى ئۇنىمىغىنىمغا قويماي بىللە تاماق يەيلى دەپ بىر يەرگە باشلىدى.

-مۇنىرە، يادىكار بىلەن قاچان توي قىلايلى دەۋاتىسىلەر؟

-بىلمەيمەن.

-بىلمەيمەن دېگەن قانداق گەپ؟ ئۇ توي قىلايلى دېمەيۋاتامدۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ؟

-يادىكارنىڭ نوپۇس دەپتىرى چوڭلارنىڭ يېنىدا بولغاچقا بەرمەيۋاتىدۇ.

-ئەمدى قانداق قىلىسىلەر؟

-بىلمىدىم، قاراپ باقارمىز، مەن يادىكارغا لايىق ئەمەس، توي قىلىپ ئاجراشقىنىمغۇ مەيلى، ئۈستىلەپ بالا توغالمايدىغان تۇرسام، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام پۇشايمان قىلامدىكىن دەپ قورقۇپ قالدىم.

-ئۆزۈڭنى بۇنداق تۈۋەن كۆرمە، سېنىڭ ھېچ يىرىڭ يادىكاردىن كەم ئەمەس، يادىكار توي قىلمىغىنى بىلەن ئۇنداق بوش ئەمەس، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ باھار بىلەن بولغان ئىشمۇ جاھانغا بىر بولۇپ كەتكەن.

مەن بۇگەپنى ئاڭلاپ نىجاتقا قاراپلا قالدىم، مەن ئىزچىل يادىكار بىلەن باھارنىڭ مۇناسىۋىتىنى سانىيە ئويدۇرۇپ چىقارغان دەپلا ئويلاپ كەپتىكەنمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى قېتىم باھار دوختۇرخانىدا ماڭا ئۇنداق گەپلەرنى قىلدى ئەمەسمۇ، ئەمدى بولغاندا نىجات ئۇلارنى بۇنداق دەۋاتىدۇ، بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتتى ئەمدى؟ مېنىڭ ئۆتمۈشىمنى يادىكار ئىنىق بىلىدۇ، بىراق مەن ئۇنىڭ ئۆتمۈشى توغۇرلۇق ھېچنىمە بىلمەيدىكەنمەن.

-ئۇلارنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋىتى بار ئىدى؟

-ھە... بۇ ئۈتۈپ كەتكەن ئىشلار، ئۇ ھازىر سەن بىلەن بىللە بولۇشنى قارار قىلغان ئىكەن، بۇ ئىشلارنى كولاپ يۈرگەننىڭ ئەھمىيىتى يوق.

-نىجات مەن بۇ ئىشقا بەكلا قىزىقىپ قالدىم، ماڭا دەپ بەرسەڭ بولامدۇ؟

-ئەمىليەتتىغۇ يوشۇرغىدەك ئىش ئەمەس، مېنىڭ بىلىشمچە يادىاكر بىلەن باھار ئىلگىرى ئارلاشقان، كېيىن يادىكارنىڭ بوۋا مومىسى قوشۇلمىغان بولغاچقا، سەل داغدۇغا قوزغاپ قويغان، ئاخىرىدا ئىككەيلەن يەنىلا ئايرىلىپ كەتكەن.

-مۇشۇنچىلىكمۇ؟

-ئەمىسىچۇ؟ يەنە قانداق بولسا بولاتتى؟-نىجات كۈلۈپ تۇرىۋالدى.

مەن بۇ ئىشنىڭ بۇنداق ئاددى ئەمەسلىكنى قىياس قىلدىم، نىجات دېمىگەن ئىكەن مەن قانداق قىلساممۇ دەپ بەرمەسلىكى ئىنىق.

تاماقتىن كېيىن مەن شىركەتكە كەلدىم، يادىكار يىغىندا ئىكەن، مەن ئۇنى ساقلىغاچ ئويۇن ئويناشقا چۈشتۈم، يادىكار تېلفۇننى قويۇپ چىقىپ كەتكەنىدى، بىر چاغدا ئۇنىڭ تېلېفۇنى سايراۋەردى، مەن دەسلەپ ئىرەن قىلمىغان بولساممۇ، بىراق كەينى كەينىدىن سايرىغاچقا، بېرىپ قارىدىم، تېلېفۇن قىلغىنى تاھىر ئىدى. مەن تېلېفۇننى ئېلىپ يادىكارنىڭ يىغىندا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قويىۋەتكەندىن كېيىن تېلېفۇننى ئۈستەلگە قويىشىمغا تېلېفۇن ياندىكى شۇبىياۋغا تىگىپ كېتىپ ئىكىران يۇرىدى، ئىكراندا ئارقا تەرىپى ئىنتايىن تۇتۇق بولغان، ئەمما يان تەرەپتىن تارتىلغان ئىنتايىن چىرايلىق بىر قىزنىڭ سۈرىتى پاقىراپ تۇراتتى. مەن دەرھال يىقىن كىلىپ قايتىدىن قارىدىم، بۇ باھاردەك قىلامدۇ نېمە؟ بىراق يادىكار نېمىشقا كومپىيوتېرنىڭ ئىكىرانىغا باھارنىڭ سۈرىتىنى قويۇپ قويىدۇ؟

مەن رەسىمگە ئۇزاقتىن ئوزاق قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىم، بۇ رەسىم ئىلگىرى بىز ساياھەت قىلىپ، كۆڭۈللۈك ئويناپ كەلگەن خاڭجۇدىكى ھېلىقى يەر شۇ ئىدى، مۇشۇ ئارىدا ئۇنىڭغا دائىم شۇ يەردىن تېلېفۇن كىلىدىغان، ئاندىن چىرايى ئۆزگىرىپ، نەچچە كۈنگىچە باشقىچە بولۇپ قالىدىغان بولۇپ قالغانلىقىمۇ راست ئىدى. مەن ئىچىم سىقىلغان ھالدا ئىشخانىدىن چىقىپ يىغىن زالىنىڭ ئالدىغا كەلدىم، قارىسام يادىكار تېخىچە يىغىن ئېچىۋىتىپتۇ، شۇڭا ئۇ يەردە ئۇزۇن تۇرمايلا كەينىمگە ياندىم.

-ئوھوي، خاتىرجەم بولالماي، شىركەتكىچە قوغلىشىپ كەپسەندە.

مەن ئارقامغا قاراپ ئاپئاق پەلتۇ كىيىۋالغان چولپاننى كۆردۈم.

-ھەي مۇنىرە، سەن مۇشۇنداق چاپلاشقاق ئىكەنسەندە، يادىكارنىڭ سېنى تاشلىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ كەلگەن ئوخشىمامسەن؟ بىر يىرىڭ قىمىلداپ بولالماي قاپسەندە، چىك..چىك..چىك.. قارىغىنە چىرايىڭغا، سۇلۇپ، ئۇششاق قورۇقلار چۈشۈپ كېتىپتۇ، ئېغىزىڭدىكى گۆشنى خاتىرجەم يىيەلمەسلىكنىڭ بەكلا ئازابلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلمىدىڭمۇ؟ ساڭا شۇنى دەپ قوياي يىغلايدىغان كۈنلىرىڭ ئالدىڭدا تېخى.

چولپان ھازىر شىركەتتە ئاشۇ بەش پىرسەنىت پېيىغا تاينىپ ئەڭ تۈۋەن قاتلامدا ئىشلەۋاتاتتى، دادىسىمۇ مالىيە بۈلۈمىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، ئاللىقاچان شىركەتتىن ھەيدەلگەن، يادىكار ئۇنىڭغا تىنغۇدەك ئارام بەرمىگەنىدى، ئەگەر ئاشۇ پاي بولمىغان بولسا، ئۇ شىركەتنىڭ ئىشىكىدىنمۇ كىرەلمەيتتى.

-چولپان، ئەجىبا «ئادەم ئېغىزىدىن كېتىدۇ»دېگەن گەپنى ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟

-يەنە نېمە قىلالايسەن؟ مېنى شىركەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ بولدۇڭ يەتمىدىمۇ؟

-يەتمىدى قانداق؟ ئەڭ ياخشىسى چىشىمغا تەگمەي، كۆزۈمدىن نېرى تۇر، بولمىسا، ئۆيۈڭگە كەت، يوقال

Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章