ئىلى-ئۈرۈمچى مۇسابىقىسىنى بۇنى بېسىپلا كۆرۈڭ
ئاتۇش لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرى تولۇق ئاخىرلىشىپ سەككىز كۈچلۈك كوماندا بارلىققا كەلدى، ئىككىنچى كۈنلۈك بىرىنچى مەيدان شاللاش 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بۈگۈن (12-نويابىر) 17:00دە باشلاندى. ئىلى VS ئۈرۈمچى مۇسابىقىسى ئوينىلىدۇ.
توپچىلار مەيدانغا كىردى، ئاتۇش لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ ئىلى بىلەن ئۈرۈمچى مۇسابىقىسى باشلاندى.
مۇسابىقە باشلىنىپلا ئۈرۈمچى كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمدىكى ئىپادىسى ياخشى بولدى.
مۇسابىقىنىڭ 6-مىنۇتىدا ئىلى كوماندىسى ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ لېكىن توپ كىرمەي قالدى.
8-مىنۇتتا ئىلى كوماندىسى توپچىسى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە يىقىلدى، لېكىن رېپىر يالغان يىقىلدى دەپ قارىدى. شۇنداقلا سېرىق كارتا چىقاردى.
9-مىنۇتتا ئىلى رېپىر سىن ياردەمچى رېپىرىغا قارىغاندىن كېيىن ھۆكۈمنى ئۆزگەرتتى، سېرىق كارتىنى بىكار قىلىپ شۇنداقلا نۇقتا توپ قويۇپ بەردى.
11-مىنۇتتا مۇزەپپەر نۇقتا توپنى تەپتى، توپ كىردى، نەتىجە ئىلى 0:1 ئۈرۈمچى
13-مىنۇتتا ئىلى كوماندىسى يەنە بىر قېتىم ھۇجۇم قوزغىدى، شۇنداقلا خەمىت ئىنتايىن چىرايلىق ھەيدەپ كىرىپ توپنى كىرگۈزدى، نەتىجە ئىلى 0:2 ئۈرۈمچى
17-مىنۇتتا ئۈرۈمچى كوماندىسى ئىنتايىن خەتەرلىك ھۇجۇم قوزغىدى، ئىلى قاپقىچىسى خالمۇرات ئارقا-ئارقىدىن ئىككى توپ توسۇپ چىقىرىۋەتتى.
24-مىنۇتتا ئۈرۈمچى كوماندىسىغا ئىنتايىن ياخشى يەردىن ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتى كەلدى، ئىلھامجان بىۋاستە قاپقىغا تەپتى، قاپقىغا ئىنتايىن خەتەرلىك ماڭدى، لېكىن خالمۇرات توسۇپ چىقىرىۋەتتى.
ئىلى-ئۈرۈمچى مۇسابىقىسىنى بۇنى بېسىپلا كۆرۈڭ
34-مىنۇتتا ئىلى كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى ۋە رەخمۇتۇللا پاس چىقاردى، مۇزەپپەر توپنى كىرگۈزدى، نەتىجە ئىلى 0:3 ئۈرۈمچى
كۆرۈنۈش ئىلى مەستانىلىرىگە بېرىلدى.
36-مىنۇتتا ئۈرۈمچى كوماندىسى تاكتىكىلىق ئادەم ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.
40-مىنۇتتا ئۈرۈمچى كوماندىسى ئىنتايىن چىرايلىق ھۇجۇم قوزغاپ قايتا-قايتا تەپكەن توپ كىرمەي قالدى.
45 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ 4 مىنۇت تولۇقلىما ۋاقتى قوشۇپ بېرىلدى.
46-مىنۇتتا ئۈرۈمچى كوماندىسىنىڭ خەتەرلىك ھۇجۇمى كىرمەي قالدى.
48-مىنۇتتا ئۈرۈمچى كوماندىسىغا يەنە بىر قېتىم ئىنتايىن ياخشى جايدىن ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتى كەلدى. لېكىن توپ بەكلا ئۆرلەپ كەتتى. كېيىنكى مىنۇتلاردا مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولماي ئىلى كوماندىسى ئالدىنقى مەيداندا ۋاقتىنچە 0:3 نەتىجىدە ئالدىدا تۇردى.
15 مىنۇتلۇق ئارام ئېلىش ئاخىرلاشتى، ئىككى تەرەپ توپچىلىرى مەيدانغا قايتىپ كەلدى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلاندى.
46-مىنۇتتىلا ئۈرۈمچى كوماندىسى ياخشى بىر ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ توپ كىرمەي قالدى.
48-مىنۇتتا ئىلى كوماندىسى ئىنتايىن چىرايلىق ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ لېكىن پۇرسەت كېتىپ قالدى.
53-مىنۇتتا ئىككى كوماندا توپ تالىشىش جەريانىدا ئازراق قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت يۈز بەردى، ئىلى كوماندىسى توپچىسى سېرىق كارتا يېدى، ئۈرۈمچىگە ياخشى يەردىن ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرستى كەلدى.
لېكىن ئارقىدىنلا تېپىلگەن توپ ياخشى بولماي قالدى.
56-مىنۇتتا ئۈرۈمچى كوماندىسى ئادەم ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.
ئۈرۈمچى كوماندىسى بىر توپ قايتۇرۇۋالدى، نەتىجە ئۈرۈمچى 3:1 ئىلى
60-مىنۇتتا ئۈرۈمچى كوماندىسى خەتەرلىك ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ توپ كىرمەي قالدى
81-مىنۇتتا ئۈرۈمچى كوماندىسىنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق تېپىلگەن توپىنى قاپقىچى تۇتۇۋالدى