بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
شاھرۇھ خاننىڭ تۇغۇلغان كۈنى ھەريىلى مەستانىلىرىنى خۇشال قىلىدىغان بىر كۈن. پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەستانىلىرى ۋىدىيو يازمىلارنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە نومۇرلارنى تەييارلاپ تەبرىكلىسە ھىندىستاندىكى مەستانىلىرىنى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ ئۆزلىرىگە قول پۇلاڭلىتىشىنى بىر كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن بېرىشىدۇ. مانا بۇ يىلمۇ نۇرغۇن مەستانىلەر ئۇنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا يىغىلغان ئىدى.
ئەمما ھەپتە بۇرۇنلا قىستاڭچىلىق باشلانغان بۇ كوچىنى ساقچىلار قامال قىلىپ توسۇشنى باشلىغان. چۈنكى ئۇنى بىر كۆرۈش ئىستىكىدە بولغانلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. يەنە كېلىپ خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە تۇغۇلغان كۈنىدىن ھەپتە بۇرۇن يىغىلىۋالغان كىشىلەر سەۋەبلىك ھادىسە يۈز بەرگەن ئىكەن.
ئەمدى ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتىگە كەلسەك شاھرۇھ خان بۇ قېتىم ئۆيىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان مەستانىلىرىنى مۇرادىغا يەتكۈزەلمەي قالغان بولسىمۇ ھىندىستاننىڭ ھەرجايلىرىدىن كېلىدىغان مەستانىلىرىگە ئالاھىدە بىر زىياپەت ئورۇنلاشتۇرغان.
مانا زىياپەتنىڭ بېشىدا ياش قىزلار ئۇنىڭ ناخشىسىغا زامانىۋى ئۇسسۇل ئويناپ سەھنىگە چىقىشتى. ئارقىدىن سەھنىنىڭ ئارقىدىن قارا پوسما كىيىۋالغان شاھرۇھ خان چىقىپ كەلدى. بۇ چاغدا پەستىكى مەستانىلەرنىڭ توۋلاشلىرى ئەۋجىگە چىققان ئىدى.
(لېكىن نېمانداق قارا پوسما كىيىۋالغاندۇ، زۇكام بالىدەك. بەزى مەستانىلىرى تازا ياقتۇرمىدىيا بۇ تۇرقىنى...)
ئارقىدىن مېكرافوننى پەستىكى مەستانىلەرگە سۇنۇپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل سۆزلىرىنى قىلىدىغان بۆلەك باشلاندى.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مەستانىلەرنىڭ ئۆزىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقى شاھرۇھ خاننىلا ئەمەس رىياسەتچىنى ۋە نەق مەيداندىكى بارلىق كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرۇۋەتتى.
ئارقىدىن ئۇنىڭ يەنە بىر مەستانىسىنىڭ قولىغا مېكرافون تەگدى. ئۇ ئېغىزىنى ئېچىشىغىلا ھەممىسى ۋاھ دەپ قالدى. ئۇ ئۆزى تۈزۈۋالغان دىيالوگلىرىنى شاھرۇھ خاننىڭ ئاۋازىدا ئېيتىپ بېرىۋاتاتتى. ئۇنىڭ چىرايىغا قارىماستىن ئاڭلىساق بۇنى ئېنىق شاھرۇھ خاننىڭ ئاۋازى دەپ قالاتتۇق. ئۇ نومۇرىنى تۈگەتكەندە پەستە ئىختىيارسىز: «پاھ!!!» دېگەن ئاۋازلار ياڭرىدى.
ئارقىدىن ئېكراندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مەستانىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتقان تەبرىك سۆزلىرى قويۇلدى. بۇنىڭ ئارىسىدا داڭلىق كىشىلەرمۇ نۇرغۇن ئىدى ئەلۋەتتە. يەنە ئارقىدىن ئۇ رول ئالغان فىلىملاردىكى يارقىن كۆرۈنۈشلەر قويۇلدى. ھەربىر دىيالوگلىرى ھەربىر ناخشا بۆلەكلىرى ئېكراندا ئالماشقاندا پەستىكىلەرنىڭ قىقاس-سۈرەن ئاۋازى زالنى تىتىرەتكۈدەك ئەۋجىگە چىقاتتى. بۇلارنى كۆرسىڭىز سىزمۇ شۇ مەيداندا باردەك ھاياجانىڭىزنى باسالماي قالىسىز!
ئارقىدىن ياش ئۇسسۇلچىلار چىقىپ ئۇنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتكەن ناخشىلىرىغا نومۇر ئورۇندىدى. بۇمۇ بىر ھاياجانلىق كۆرۈنۈش ئىدى.
شاھرۇھ خان ھېچقاچان مەستانىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئەمەس. ئۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە مېكرافوننى قولىغا ئېلىپ ئۆزىنىڭ كىنوسىدىكى ئۆزى ئورۇندىغان ناخشىسىنى مۇزىكىسىزلا ئورۇنداپ بەردى. ئارقىدىن يەنە ئۆتكەن يىل مودا بولغان ئەڭ ئالقىشلىق فىلىمى «جاۋان»نىڭ دىيالوگىنى ئورۇنداپ بەردى. پەستە يەنە بىر قېتىم قىقاس-سۈرەن توۋلىغان ئاۋازلار قاپلىغان ئىدى.
ئۇ يەنە ئارقىدىن ئېكراندىكى ئۆزىنىڭ توپ ئويناۋاتقان سۈرىتىگە قاراپ پۇتبول ئويناشنى ياقتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە ئارقىدىن: «بۇ ۋاقتىمدا ئەجەب ياش ئىكەنمەن» دېۋىدى. پەستە: «ھازىرمۇ شۇ!» دەپ ۋاقىرىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى. ھەي مەستانىلەر....!!!
ئۇ قارىغاندا ئېكراندا چىققان سۈرەتلەرگە قاراپ ئۆزىنىڭ شۇ كىنولارنى ئىشلىگەن ۋاقىتتىكى ئەسلىمىلىرىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ ئارىلىقتا: «كاجول بىلەن نۇرغۇن فىلىم ئىشلىدىم بىلىسىلەر، ئۇ بەك قىزىقچى. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن خىزمەت قىلىش بەك كۆڭۈللۈك» دەپ ئۆتتى. ئۇ يەنە ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ئىككى يىل مودا بولغان «پاتان» كىنوسىنىڭ ناخشىسىغا رىياسەتچى بىلەن بىرگە ئۇسسۇل ئويناپ بەردى.
ئۇنىڭ مۇنداقلا قىلىپ قويغان ھەرىكەتلىرىمۇ مەستانىلىرىنى ھاياجانغا سالاتتى. رىياسەتچى كۆينەك بىلەن تازا قولىشالمىغاندەك قىلسىمۇ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي دەپ قالدىمۇ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ تەڭ ئويناپ بەردى. ئارقىدىن ئۇ سۆزلەۋاتقاندا بىرمۇنچە خىزمەتچى خادىملار چىرايلىق بېزەلگەن تورتنى ئىتتىرگەن پېتى سەھنىگە چىقىپ كېلىشتى. مەستانىلەر توختىماستىن: «سىزنى سۆيىمىز! سىزنى سۆيىمىز» دەپ توۋلىشىۋاتاتتى.
ۋاي ۋۇي يەنە تېخى چىقىۋاتقان ئاۋازنىڭ ھەممىسى ئەركىشىنىڭ! يەنە ئۇلار توۋلىغان پېتى: «رەسىمگە چۈشىمىز» دېيىشتى. شاھرۇھ خاننىڭ ۋوي ئەلۋەتتە دېگەن گېپى بىلەن يەنە توۋلاشلار ئەۋجىگە چىقتى. قانداق سىلەرمۇ مەيداندا باردەك ھېس قىلدىڭلارمۇ؟ قېنى ئۇنىڭ مەستانىلىرى ئىنكاس رايونىغا چىقىپ بېقىڭلار!