سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
كىچىك تۇرۇپلا تور چولپىنىغا ئايلىنىش تىلغا ئېلىنسا، ئالدى بىلەن كاللىڭىزغا كارداشىيان كېلەمدۇ؟
دەل بۈگۈنكى كۈندە، يۇقىرىقى تەسۋىرگە ماس كېلىدىغان يەنە بىر ئادەم كۆپەيگەن، ئۇ بولسىمۇ بېكھامنىڭ كىچىك قىزى، بۇ يىل 13 ياشقا كىرگەن خارپېر سېۋېن بېكھام (Harper Seven Beckham).
ھەتتا چەتئەل تاراتقۇلىرى بېكھامنىڭ ئايالى ۋىكتورىيەنىڭ كىچىك قىزى، بۇ يىل 13 ياشقا كىرگەن خارپېر سېۋېن بېكھامنى ئىككىنچى كارداشىيانغا ئايلاندۇرماقچى بولغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېيتقان.
شۇنىڭ بىلەن، ۋىكتورىيەنىڭ 13 ياشلىق قىزىنى كېيىنكى كىم كارداشىيانغا ئايلاندۇرماقچىم بولغانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان.
ئۇنىڭ تاماشا ساھەسىگە چىقىدىغانلىق خەۋىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خارپېر تەلتۆكۈس ئۆزگىرىپ، تور چولپىنىغا ئايلانغان:
شياۋچى بىر تەرەپتىن ئۇستىلىق بىلەن گىرىم قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاپىسىنىڭ VB ماركىلىق لەۋ سۇرۇخ قەلىمى ۋە لەۋ سىرنى نامايان قىلغان.
ئەلۋەتتە ئۇ مال سېتىشنى باشلىغان، لېكىن بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم توردا مال سېتىشى ئەمەس. ۋىكتورىيە ئېلان قىلغان سىندا كۆرسىتىلىشىچە، خارپېر يەنە كامېراغا قاراپ VBنىڭ يېڭى قول ئاسراش مېيىنى كۆرسەتكەن.
ئۇ مال ساتقاندىن باشقا يەنە لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. بېكھام «ئەنگلىيە ۋە دۇنيا مودا ساھەسىدە يېڭىلىق ياراتقانلىقى ۋە تۆھپە قوشقانلىقى» ئۈچۈن «مودا بازىرى يىللىق كارخانىچىسى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشكەن.
ئۇنىڭغا مۇكاپات تارقىتىپ بەرگىنى دەل 13 ياشلىق كىچىك قىزى خارپېر ئىدى.
ئەينى چاغدىكى خارپېر ئۇچىسىغا VB مۇراسىم كىيىمى كىيىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ يۈزىدىكى گىرىممۇ VBنىڭ ئىدى.
قىسقىغىنە بىر ھەپتە ئىچىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ شىركىتىنى قۇرۇپ، داڭلىق خانىم-قىزلار يىغىلغان مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، ئاپىسىنىڭ ماركىسىنى تەشۋىق قىلغان.
بەلكىم خارپېرنىڭ ئۆزىمۇ ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن، ئۇ تېخى يېقىندىلا گىرىم قىلىپ سىرتقا چىقىشى چەكلەنگەن 13 ياشلىق قىز ئىدى.
دادىسى بېكھام ۋە ئاپىسى ۋىكتورىيە ئەينى چاغدا گىرىمغا مەپتۇن بولۇپ قالغان ھەم گىرىم قىلىش تالانتىغا ئىگە خارپېرنىڭ گىرىم قىلغاندىن كېيىن سىرتقا چىقىشىنى چەكلىگەن. لېكىن، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، خارپېر دائىم گىرىم قىلغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىدە پەيدا بولغان.
كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ۋىكتورىيە ئۆزى خارپېرنىڭ گىرىم قىلغان سىن كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلغان.
ۋىكتورىيە زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئەمدى ئۆزىنىڭ چولپانلىق سالاھىيىتى بىلەن كارى بولمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۆزىنىڭ تاماشا ساھەسىدىكى كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش كالتىكىنى 13 ياشلىق قىزى خارپېرغا بەرگەنلىكىنى ئېيتقان.
داڭق چىقىرىشنى تىلغا ئالساق، دادىسى بېكھام بىلەن ئاپىسى ۋىكتورىيەنىڭ مۇناسىۋىتى بولغاچقا، خارپېر كىچىكىدىن تارتىپلا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەتىۋارلىق ئادىمى بولۇپ كەلگەن.
پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ياخشى كۆرىدىغان بۇ كىچىك سىڭىلچاق دائىم ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، يەنە دائىم ئاتا-ئانىسى ۋە ئۈچ ئاكىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا پەيدا بولغان.
شۇنداق قىلىپ، خارپېر پۈتۈن تورداشلار ئارىسىدا چوڭ بولغان.
لېكىن ئۇ دائىم كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىدە پەيدا بولغاچقا، كىچىكىدىنلا باشقىلارنى باھالىشىغا ئۇچراپ كەلگەن. خارپېر تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەملىك تور زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغاندا ئاران 10 ياشتا ئىدى.
2022-يىلى خارپېر بېكھاملارغا ئەگىشىپ ئىتالىيەنىڭ ۋېنىتسىيەدىكى بىر تىياتىر پائالىيىتىگە قاتناشقان.
دەل مۇشۇ پائالىيەتتە، خارپېرنىڭ قىياپىتى نۇرغۇن تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، تالاش-تارتىش نۇقتىسى ئاساسلىقى بۇ ھال رەڭ ئۇزۇن كۆينەككە مەركەزلەشكەن.
-ئون ياشلىق بالىلار بۇ خىل يوپكىنى كىيسە مۇۋاپىق بولماس...
-قىزچاقنىڭ بۇ تۇرقى پەقەت بولماپتۇ.
ئىنكاس رايونى ئاساسەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش گەپلەر بىلەن قاپلانغان.
ئەينى يىلى، ۋىكتورىيە يەنە «ھەققانىي ھالدا» قىزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئۇنىڭ بۇنداق كىچىك ۋاقتىدا «جىسمانىي ھاقارەت»نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئىدى.
بىراق، قىسقىغىنە ئىككى-ئۈچ يىلدىن كېيىن، ۋىكتورىيە قىزىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقماي، گىرىم قىلىش، تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقىش، مال سېتىشتەك يولدا ماڭغۇزماقتا.