توي ۋە سۇيقەست 🧡 59-قىسىم (ئەپچىدە تولۇق)

文摘   2024-07-21 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ياش يازغۇچى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «توي ۋە سۇيىقەست» ناملىق روماننىڭ ئاۋازلىق ۋە يازما نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ! شۇنداقلا باشقا ئوقۇرمەن دوستلىرىڭىزغا تارقىتىپ قويۇڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم
2-قىسىم
3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
59-قىسىم

 ئايال دېرىكتور ماڭا بىر سەت قاراپ قويغاندىن كېيىن بۇرۇنقى يىگىتىم بىلەن ياندىكى ئىشخانىغا كىرىپ كەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ شىركىتىگە ۋاقىتلىق ئاجرىتىپ بېرىلگەن ئىشخانا بولۇپ، دەل مېنىڭ ئىشخانامنىڭ يېنىدا ئىدى.

جايىمدا ئولتۇرۇپ كومپىيۇتېرنى ئاچتىم. مۇئاۋىن دېرىكتور ئىشخانامغا كىردى. ئۇ تام ۋە تورۇسقا قاراپ قويدى.

- نېمىگە قاراۋاتىسىز؟ تېلىكامىراغىمۇ؟ يوق بولسا نېمە قىلاي دېگەن.

ئۇ يېنىمغا كەلدى.

- بىلەمسىز، سىز پارازىت قۇرتقا ئوخشايسىز.

- شۇنداقمۇ، ئەمىسە سىزنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈشۈمدىن ھەزەر ئەيلەڭ.

- ئائىلىڭىز بۇزۇلۇپ بىر يەرگە بېرىپمۇ، يەنە نېمىشقا بۇنچە كۈچەيسىز.

-ئائىلەم بۇزۇلغىنى يوق. تېخىمۇ مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ.

- ھاھا، ئۆزىڭىزنى بەزلىمەڭ. سىزنىڭ نېمە كۈنلەرنى كۆرىۋاتقىنىڭىز ماڭا ئايان.

-شۇنداقمۇ؟! دېمەك بۇ ئىشتا سىزنىڭمۇ تۆھپىڭىز باركەندە.

- ئەسلىمۇ يالغان مۇناسىۋەتكە مېنىڭ قول تىقىشىمنىڭ ھاجىتى يوق، سىز ئەسلىمۇ ئۇ ئۆيگە تەۋە ئەمەس، شۇڭا ھامان سىقىپ چىقىرىلىشىڭىز ئېنىق.

ئۇنىڭغا ئەجەپلىنىپ قارىدىم، ئۇ غەرەزلىك كۈلۈپ قويدى. يولدىشىم ئارىمىزدىكى ئىشنى ئۇنىڭغا دېگەندەك قىلاتتى. شۇئان چىرايىمنى ئەسلىگە كەلتۈردۈم.

-شۇنداقمۇ، سىقىپ چىقىرىلىدىغىنى زادى كىم، بىلگىلى بولمايدۇ.

- ئادەم ئۆزى بىلەن ئوخشاش تەبىقىدىكى ئادەم بىلەن ياشىشى كېرەك، بولمىسا دەسسىلىپ تۈگىشىدۇ.

- ئۇنداقتا سىز بۇ شىركەتتىن چىقىپ كەتسىڭىز بولغۇدەك. بولمىسا بىرىنچى بولۇپ دەسسىلىدىغىنى سىز.

ئۇ ماڭا قولىنى تەڭلىمەكچى بولدى.

- ماڭا چېقىلماقچىمۇ سىز، تېلىكامىرا ئالدىدا سىناپ بېقىڭ، مەن ھازىر سىز بىلەن ئوخشاش ئورۇندا، باشقىلار خىزمىتىنى كۆرەلمەي قەست قىلدى دېمىسۇن يەنە، ھۆرمەتلىك، مۇئاۋىن دېرىكتور.

ئۇ ماڭا بىر سەت قارىۋېتىپ كۈچلۈك كۈلدى.

-ھاھا، سىزگە قانداقمۇ قەست قىلاي، چاقچاق قىلىپ قويدۇم.

- شۇنداقمۇ، چاقچاققا بەك ئۇستىكەنسىز، كۈلۈش ياكى يىغلاشنى بىلەلمەيۋاتىمەن.

- ئىشقىلىپ ئۆزىڭىزگە ھېزىي بولۇڭ، ئادەم بەك يوغىناپ كەتسە ئېتىلىپ كېتەرمىش.

- كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. خىزمىتىم ئالدىراش، باشقا ئىش بولمىسا چىقىپ كېتىڭ.

مۇئاۋىن دېرىكتور چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئورنۇمدا ئېغىر تىنىۋەتتىم. ھەر قېتىم باشقىلارغا قايتۇرما ھۇجۇم بەرگەندە مۇشۇنداق جىددىيلىشەتتىم.

پىلاننى تۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، يۈزۈمنى يۇيۇش ئۈچۈن سۇخانىغا كىرىپ چېچىنى ئوڭشاۋاتقان ئايال دېرىكتورنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا قارىماي سۇ كۆلچىكىگە ئىڭىشتىم.

- چىرايىڭىز تازا خوشال ئەمەستەك، تۇرمۇشىڭىز كۆڭۈللۈك ئەمەس ئوخشىمامدۇ.

- ياقەي. سىزنىڭكىگە قارىغاندا كۆپ ياخشى.

- قانداق گەپ بۇ، شىركەتتىن كەتكىنىڭىزگە ئۇزۇن بولدى، شۇڭا ئەھۋال سوراپ قويدۇم.

-شۇنداقمۇ، ماڭا قەست قىلىپ پۇتۇم قايرىلغاندا ئەھۋال سورىماي. ساق ۋاقتىدا ئەھۋال سورايدىكەنسىز.

- ئۆتۈپ كەتكەن ئىشنى تەگەپ نېمە قىلىسىز، نورمال سالامغىمۇ سالام قايتۇرمايدىغان نېمانداق ئەدەپسىز نېمە سىز.

- ئەدەپسىزلىك كىمدىن باشلاندى، مەن ھازىر سىزنىڭ خىزمەتچىڭىز ئەمەس، بۇ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى. سىزنىڭ ھەمكارلاشقۇچىڭىز. شۇڭا ماڭا گەپ قىلغاندا ئەدەپلىك بولۇڭ.

- مۇئاۋىن دېرىكتور؟ ھاھا، قىزىق ئىش بولدى. سىزدەكلەر مۇئاۋىن دېرىكتور بولغان بولسا بۇ شىركەتنىڭ كەلگۈسى تۈگىشىپتۇ.

- ئۇلار سىز بىلەن ھەمكارلاشقاندا تۈگىشىشكە ئاز قالغان، مەن بۇ يەرگە شىركەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كەلدىم.

- بايغا تېگىۋېلىپ گەپلىرىڭىزمۇ ئۆزگىچە بولۇپ كېتىپتۇ، لېكىن قانداقلا قىلسا سىز يەنىلا ماڭا تەڭ بولالمايسىز.

- مەن سىز بىلە تەڭ بولۇشنى ئويلاپ باقمىدىم، ھازىر مەن سىزنىڭ ئۈستىڭىزدە.

- ھاھا، قەلەندەرگە ھال كىرىپتۇ مانا، بايدىن بىرگە تېگىپلا ئۆزىنى باي دەپ ئويلاپ قاپتۇ.

- مەن قەلەندەر ئەمەس. سىزمۇ ھەم ئۇنچە ئىقتىدارلىق كاتتا ئادەم ئەمەس، ئىككىمىزنىڭ چوڭ پەرقى يوق، بۇنچە يوغىناپ كەتمەڭ.

- سەن نېمە دېمەكچى.

 دېدى ئۇ كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ.

- بۇرۇن سىزنى ھۆرمەتلەيتتىم، سىز مېنى قەستلەپ شىركەتتىن ھەيدىگەندىلا نەزىرىمدىن چۈشۈپ بولدىڭىز، مېنىڭچە ھەقىقىي ئىقتىدارلىق ئادەم سىزدەك يول تۇتمايدۇ.

- سەن مېنىڭ يولدىشىمنى ئازدۇردۇڭ، شۇڭا شۇنداق قىلدىم.

- يولدىشڭىزنى ھېچكىمنىڭ ئازدۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئۇ بۇرۇنلا ئېزىپ بولغان ناچار ئادەم، لېكىن، مېنى ھەيدىشىڭىزدە يالغۇز ئۇلا سەۋەب ئەمەسقۇ دەيمەن.

-نېمە دېمەكچى، نېمە گېپىڭىز بار؟

-ھېچنېمە، بويىڭىزدا بار، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ.

 ئۇنىڭغا سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتىم.

ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ دەرىزىدىن پەسكە قاراپ ئويغا پېتىپ كەتتىم. بۇ ئائىلىگە كىرىپ، بۇ جەمەتنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان كۈندىن باشلاپ دۈشمىنىم جىقلاپ كەتتى. ئەسلى ھېچكىم بىلەن كارى يوق ئاددىي ئادەم ئىدىم. بۈگۈنكى كۈندە كەلگەندە ھەممەيلەن كۆزدىن يوقىتىشنى ئويلايدىغان دۈشمەنگە ئايلانغانىدىم.

ئەزەلدىن دادىسى بولۇپ باقمىغان مەن تۇيۇقسىز دادىغا ئېرىشتىم، لېكىن كۆڭلۈم يەنىلا خاتىرجەمسىز ئىدى. بىردە دادامنىڭ تۇيۇقسىز مېنى ئېتىراپ قىلماي قېلىشىدىن ئەنسىرىسەم، بىردە ئەتراپتىكىلەرنىڭ سالاھىتىمنى بىلىپ، مېنى قەستلىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. بۇ ھېسسىياتىم تولىمۇ مۇرەككەپ ئىدى.

«غەيرەت قىل. بۇرۇندىن ئۇتتۇرۇپ كەلدىڭ، ئەمدى سەن ئۇتىدىغان ۋاقىت كەلدى. ھېچكىمگە بوزەك بولما، چوقۇم بىر كۈنى يېڭىپ چىقىسەن» دەيتتىم ئۆز-ئۆزۈمگە.

قەھۋە ئىچىش ئۈچۈن زالغا چىقىپ قەھۋە تەڭشەۋاتقان كاتىپ قىزنى كۆردۈم. ئۇ ياندىكى قارا خالتىدىن قەھۋە ئېلىپ يولدىشىمنىڭ ئىستاكانىغا تۆكتى ۋە ئۈستىگە قايناقسۇ قۇيدى.

- ماڭىمۇ قەھۋە تەڭشەپ بېرىڭ.

 دېدىم ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ.

- بولىدۇ، مۇئاۋىن دېرىكتور ساقلاپ تۇرۇڭ.

ئۇ ياندىكى قوڭۇر رەڭلىك خالتىدىكى قەھۋەنى ئېلىپ يېڭى ئىستاكانغا تۆكتى.

-مېنىڭ ئاۋۇ خالتىدىكى قەھۋەنى ئىچكۈم بار ئىدى.

- ئۇ دېرىكتورنىڭ مەخسۇس قەھۋەسى، مۇئاۋىن دېرىكتور باشقىلارغا مۇشۇ خالتىدىكى قەھۋەنى تەڭشەشنى بۇيرىغانىدى.

 كاتىپ شۇنداق دەپ قەھۋەنى ياندىكى ئىشكاپنىڭ ئۈستىگە ئېلىۋەتتى.

- شۇنداقمۇ؟! چۈشەندىم، رەھمەت.

قەھۋەنى كۆتۈرۈپ ئىشخانىغا كىردىم. لېكىن يولدىشىمنىڭ قايسى ۋاقىتلاردا باشقىلاردىن پەرقلىق قەھۋە ئىچىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيتتىم.

تېلىفوننى ئېچىپ شىركەتنىڭ ئورگان سىن قانىلىنى كۆرىۋېتىپ بىر قىزنىڭ ھەربىر سىنغا ئىنكاس يازغانلىقىنى بايقىدىم. ئېچىپ قاراپ يولدىشىم ئۆيگە باشلاپ كىرگەن قىزنىڭ باش سۈرىتىنى كۆردۈم ۋە ئۇنىڭ سىن قانال بېتىگە كىردىم.

ئۇ ھەرخىل گۈزەل جايلاردا فىلىم ئىشلىگەن بولۇپ، قىزلارغا ئۆزىدە مۇستەقىل، گۈزەل بولۇشنى شۇنداق بولغاندىلا بەخت ۋە پۇلغا ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

بەزى سىنلاردا ئەركىشى بولۇپ، ئەركىشىنىڭ قولى ۋە دۈمبىسىلا چىقىپ چىرايى چىقمىغانىدى. قىزىق يېرى مۇشۇنداق ھالەتتىمۇ ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، ھەرخىل ئىنكاسلارنى يازغانىدى.

« سىزگە بەك ھەۋەس قىلىمەن، مەنمۇ سىزدەك بىلىملىك ھەم بەختلىك بولسامكەن دەيمەن»

« مېنىڭمۇ سىزدەك مۇستەقىل بولغۇم بار، ئۆز ئالدىمغا پۇلۇم ۋە ئۆز ئالدىمغا كۆز قارشىم بولسىكەن دەيمەن»

« مەن ئۆمرۈمدە بۇنداق ھەم چىرايلىق ھەم ئىقتىدارلىق قىزنى كۆرمىگەن. ئەگەشتىم»

ئىنكاسلارغا قاراپ كۈلۈپ كەتتىم. تور دۇنياسىدا ھېچكىم ئۇنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى، يولدىشىمنىڭ پۇلىنى خەجلەپ، قالايمىقان ئىش قىلىپ، يەنە ئائىلىسىگىچە كىرگىنىنى بولسا ھېچكىم بىلمەيتتى.

ئىشتىن چۈشۈپ ھېچكىمگە قارىماي، دوستۇم يوللاپ بەرگەن ئادرىسقا يۈرۈپ كەتتىم.

بۇ ئېگىز قەۋەتلىك بىنا بولۇپ، شەھەردىكى خېلى ئېسىل قورۇغا كىرەتتى. زالنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئۇنى ساقلاشقا باشلىدىم.

يولدىشىمنىڭ ماشىنىسى يىراق ئورۇندىن كۆرۈنگەندە بولسا، ياندىكى زالنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئۇلارغا قاراشقا باشلىدىم. يولدىشىم بىر نەرسىلەرنى دەپ ئۇنىڭ چاچلىرىنى ئوڭشاپ قويغاندىن كېيىن ماشىنا بىلەن چىقىپ كەتتى. ئۇلارنى سۈرەتكە تارتىۋالغاندىن كېيىن قىزنىڭ ئالدىغا باردىم. ئۇ ماڭا قاراپ چۆچۈپ كەتتى.

- سىز؟! سىز بۇ يەردە نېمە قىلىسىز؟

- قانداق؟! بۇ يالغۇز سىزنىڭ قورۇيىڭىزما؟ مەن كەلسەم بولمامدىكەن.

قىز ماڭا بىر ئالىيىپ قويغاندىن كېيىن زال تەرەپكە ماڭدى. ئۇنىڭ چاپىنىغا ئېسىلدىم.

- توختاڭ. مەن سىزنى ئىزدەپ كەلدىم. يەنە ئالدىڭىزغا ماڭىسىزغۇ.

- نېمە گېپىڭىز بار، سىز بىلەن دېيىشكۈدەك گەپ يوق.

- ئاۋۇ ئادەم مېنىڭ يولدىشىم، نېمىشقا دېيىشكۈدەك گەپ بولمىغۇدەك.

- ئۇ ماڭا ئىككىڭلارنىڭ ئاراڭلاردا مۇھەببەت يوقلىقىنى، ئۆزىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى دېدى، شۇڭا سىز بىلەن پاراڭلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق.

- ھەرقانداق ئەركىشى بىر قىز بالىنى كەلتۈرمەكچى بولغاندا ئۆزىنىڭ ئايالىنى يامان كۆرسىتىدۇ.

- سىز ئوخشىمايسىز، ئۇ ماڭا دېدى، ئىككىڭلارنىڭ تويى پەقەت مەقسەتلىككەن.

- شۇنداقمۇ، ئىسپاتىڭىز بارمۇ؟

- ئۇ ئۆزى ماڭا شۇنداق دېدى، سىلەر توختاملىشىپ توي قىپتىكەنسىلەر، ھازىر توختام توشۇپتۇ، سىز ئۇنىڭ ھەقىقىي ئايالى ئەمەس، شۇڭا بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزگە ئارلىشىش ھوقۇقىڭىز يوق.

- توختاملىشىپ توي قىلغان بولساق، ئۇ سىزگە توختامنى كۆرسەتتىمۇ؟!

- ماڭا كۆرسەتمىسىمۇ مەن ئۇنىڭغا ئىشىنىمەن. ماڭا ئىسپات كەتمەيدۇ.

- ھاھا، دۆت قىزكەنسىز، ئەركىشى سىزنى ئالداش ئۈچۈن ھەرقانداق باھانىنى كۆرسىتەلەيدۇ.

- ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ، ئۇ دادىسىنىڭ ئالدىدىمۇ مەن بىلەن توي قىلغۇسى بارلىقىنى دېيەلىدى. دېمەك ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

- شۇنداقمۇ، ئەمىسە ئۇ سىزنى كېلىن قىلىشقا دادىسىنى ئۇنىتالىدىمۇ؟

- ھامان ئۇنىتىدۇ، قاراپ تۇرۇڭ، ئۇ مېنى ئۆيگە ئېلىپ كىرىدۇ.

- بولىدۇ. بىڭسىڭىز بولسا سىناپ بېقىڭ، لېكىن مەنلا بولىدىكەنمەن ئۇ ئۆيگە سىز كېلىن بولالمايسىز.

- قېنى كۆرەرمىز. ئۇ زادى كىمگە تۇرىدىكىن.

- ماقۇل. قېنى كۆرەرمىز، مەن ئەسلى سىز بىلەن ياخشى پاراڭلىشاي دەپ ئويلىغان بۇ ھالىڭىزغا قارىسام سىزگە چىرايلىق گەپ تەسىر قىلمىغۇدەك.

-چىرايلىق پاراڭلىشاي؟! ھاھا، ماڭا نەسىھەت قىلماقچىمىتىڭىز؟ ھاجىتى يوق.

- شۇنداق. راستىنلا ھاجىتى يوقكەن. چۈنكى سىز نەسىھەت تەسىر قىلىدىغان قىزغا ئوخشىمايسىز.

- ئىشىڭىز بولمىسا كېتىڭ، مەن ئارام ئالىمەن. يىگىتىم ماڭا ياخشى ئارام ئېلىشنى ئېيتتى، ئۇ ھەركۈنى مېنى ئەكەپ قويىدۇ.

بىناغا قارىدىم.

- سىز بۇ بىنادا تۇرىسىزغۇ دەيمەن.

- شۇنداق. بۇ ئۆينى يولدىشىڭىز ماڭا ئىجارە ئېلىپ بەردى، بۇ ئۆيدە ياخشى كۈتۈنۈڭ دەيدۇ، ئىچىگە كىرىپ كۆرەمسىز، شۇنداق كاتتا.

-ھاھا، كاتتا بولسىمۇ، ئىجارە دېگەن ھامان ئىجارە، ئىجارە دېگەن قانداق گەپ بىلەمسىز؟ ئۇ سىز ئىشلىتىۋاتقان نەرسە ھامان ئۆز ئىگىسىگە قايتىدۇ دېگەن گەپ، مەيلى ئۆي ياكى ئادەم.

- ماڭا بۇنداق گېپىڭىز تەسىر قىلمايدۇ. ئۇ ھامان ماڭا ئۆي ئېلىپ بېرىدۇ. ئاۋۇ داچىغا مېنى ئېلىپ كىرىدۇ، سىز ھەيدىلىسىز.

- بولىدۇ. ماقۇل. سىزنىڭ كىرىشىڭىزنى كۈتىمەن، مېنى بەك ئۇزۇن ساقلىغۇزماڭ جۇمۇ.

- سىز بار ۋاقىتتا ئەمەس. سىز كەتكەندە بارىمەن، مېنى ساقلىماڭ. چۈنكى ئۇزۇنغا قالماي كېتىپ قالىسىز، ئۇلار سىزنى ھەيدىۋېتىدۇ.

- ھاھا، ئۆزىڭىزگە بەك ئىشىنىدىكەنسىز ھە.

- ئەلۋەتتە، چۈنكى مەندە ئۇنىڭ بالىسى بار، سىزنىڭ بالىڭىز يوق.

-بالىغىمۇ بەك ئىشنىپ كەتمەڭ. بىلىپ بىلمەي چۈشۈپ كېتىپ قالمىسۇن يەنە.

- ھۇ چۈپرەندە، بالامغا قەست قىلىدىغان بولساڭ، سېنى بوش قويىۋەتمەيمەن.

 دېدى ئۇ بىلىكىمگە ئېسىلىپ.

- مەن باشقىلارنىڭ بالىسىغا قەست قىلمايمەن. لېكىن يامان نىيەت بىلەن تېپىلغان بالىنىڭ قورساقتا تۇرىشى ناتايىن، ئۆزىڭىزگە دېققەت قىلىڭ.

ئۇنىڭغا قارىماستىن قورۇدىن چىقىپ كەتتىم. بويىدا بار ئايالغا بۇنداق گەپ قىلىشىمنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلەتتىم. لېكىن ئۇنى چوقۇم نىيىتىدىن ياندۇرۇم كېرەك ئىدى.

ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، ھۇجرىدا ئولتۇرۇپ تېلىفونغا قاراۋاتقان يولدىشىمنى كۆردۈم. ئۇنىڭغا گەپ قىلمايلا چاپىنىمنى ئىشكاپقا سېلىپ ئۆرۈلدۈم.

- ھاھا، شىركەتكە كىرىپلا كەچ قايتىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىسىز.

- بۈگۈن تېخى بىرىنچى كۈنىغۇ، كۆنەي دەپ شۇڭا.

- نېمىگە كۆنەي دەپ، كەڭ ئىشخانىغا كۆنەي دەپمۇ، ياكى مۇئاۋىن دېرىكتورلۇق ئورنىغىمۇ؟

-بېسىلىشتىن كېيىنكى كۆتۈرۈلۈشكە، ئالدىنىشتىن كېيىنگە ئەقىلگە، ۋاپاسىزلىقتىن كېيىنكى ئويغۇنۇشقا، ھەممىسىگە، كۆنەي دەيمەن.

- ھاھا، يېقىندىن بېرى كىتاب ئوقۇۋاتقان ئوخشىمامسىز، گەپلىرىڭىز باشقىچىغۇ.

-شۇنداق. بۇ ئورۇندا تۇرىمەن دەيدىكەنمەن. كىتاب ئوقۇشۇم، باشقىلارغا بوزەك بولماسلىقىم كېرەك.

يولدىشىم ئورنىدىن تۇردى.

- جېنىڭىزنى قىينىماڭ. سىز بۇ ئائىلە، بۇ شىركەتنىڭ ئادىمى ئەمەس، ھامان كېتىپ قالىسىز.

- مەيلى. كەتكەندە بىرگەپ بولسۇن.

يولدىشىمنىڭ تېلىفونى سايراپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. مەن بولسام تېلىفونۇمدا يولدىشىمنىڭ قىز دوستىنىڭ بايىقى ئاۋازىنى كېسىپ ئىشلەشكە باشلىدىم.


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز بارلىق قىسىملىرى تولۇق چىقىدۇ👇


Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章