يېزا ئۆيلۈك يەرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش كۇرسى ئېچىلدى

文摘   2024-11-12 12:37   新疆  
شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى 2024 - يىللىق يېزا ئۆيلۈك يەرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش كۇرسى ئاچتى 


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ئالىيە) 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى 2024 - يىللىق يېزا ئۆيلۈك يەرلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش كۇرسى ئاچتى.
بۇ قېتىمقى كۇرستا تۇرپاننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى بىلەن سىياسەت، بەلگىلىمىلەر ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ئۆيلۈك يەر كۆلىمىنىڭ يۇقىرى چېكى بىلەن تۆۋەن چېكى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلىپ، ئۆيلۈك يەر تەقسىملەشنىڭ مۇۋاپىقلىقى ۋە ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىندى؛ مەنبەدىن ئىشلىتىشكىچە بولغان پۈتۈن زەنجىرلىك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى قانداق قۇرۇش، زامانىۋى تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى ۋە توغرىلىقىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرۈش چۈشەندۈرۈلدى؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بايقىغاندا، كونكرېت ئەھۋالغا قاراپ مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىش چارىسىنى ئىزاھلاندى.
كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى كۇرس ئەمەلىيەتچانلىققا، قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، ئاساسىي قاتلام خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ ئۆيلۈك يەر تەستىقلاش كەسپىي سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېزا ئۆيلۈك يەرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە پۇختا ئاساس سالدى. ئىدىقۇت رايونى قىزىليۇلتۇز تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۇنىۋېرسال تۈزەش ئىشخانىسىنىڭ 3 - دەرىجىلىك مۇدىر ئەزاسى مەريەم ئەكبەر مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى كۇرستا ھەربىر ھالقا ناھايىتى ئەتراپلىق سۆزلىنىپ، بىزگە ئۆيلۈك يەرنى تەستىقلاشنىڭ تەرتىپلىرىنى تېخىمۇ ئېنىق تونۇتتى ۋە چۈشەندۈردى.
شەھەرلىك يېزا - ئىقتىساد - تەرەققىيات ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ يارۇڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، شەھىرىمىزنىڭ ئۆيلۈك يەرلەرنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش مىخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئۆيلۈك يەرلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرىمىز. 




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章