تۇرپاندىكى يەرلىك ۋاڭخۇڭ «ئۆمەر تاغا»نىڭ ھېكايىسى

文摘   2024-11-01 13:02   新疆  

ئۆمەر رېشىت: ئىتتىپاقلىق ھېكايىسىنى سۆزلەپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىمەن


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى لى يەنچياڭ


ئۇ ھەم تۇرپاندىكى تەك پەرۋىشى مۇتەخەسسىسى، ھەم تور دۇنياسىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى باشلامچى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ بوشاشماي تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىش ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، رايون خاسلىقى ۋە تەبىئىي شارائىت، ئۆرپ - ئادەتلەرنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا ئەپچىللىك بىلەن سىڭدۈرۈپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش سۇپىسى ئارقىلىق تۇرپاننىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈردى، شۇنداقلا تۇرپان ساياھەتچىلىكىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تېگىشلىك ھەسسە قوشتى. ئۇ، تۇرپاندىكى يەرلىك ۋاڭخۇڭ «ئۆمەر تاغا» ئۆمەر رېشىت. 

تومۇز ئىسسىق مەزگىلىدە، بۇيلۇق مەنزىرە رايونىدىكى بىر دېھقاننىڭ ھويلىسىغا كىرگىنىمدە، «ئۆمەر تاغا» ناھايىتى قىزغىن ھالدا تورداشلارغا ھەر خىل ئۈزۈملەرنى كۆرسىتىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: تۇرپانلىق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئالاقە تورى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ تۇرپاننىڭ ئەڭ تاتلىق ئۈزۈمىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلارغا تونۇشتۇرۇپ، دېھقان دوستلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەرگەنلىكىمدىن چەكسىز پەخىرلىنىمەن.

ئالاقە تورىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى تۇرپاننىڭ ئۈزۈمچىلىك كەسپىگە قانات بولدى. بولۇپمۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال تونۇشتۇرۇپ سېتىش قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن تىجارەت - سودا شەكلى تۇرپان ئۈزۈمىنى تاغ- دەريالاردىن ھالقىپ، تېز سۈرئەتتە مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئىستېمالچىلار پەقەت يان تېلېڧونىنىڭ ئېكرانىنى يېنىك باسسىلا، تۇرپاندىن كەلگەن شېرىن مېۋىلەرگە ئېغىز تېگەلەيدۇ. 

2017 - يىلى، ئۆمەر ئۆز تاراتقۇ كەسپىگە قەدەم قويدى. دەسلەپتە، ئۇمۇ مەستانىلىرى ئاز بولۇشتەك قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. لېكىن بىر قېتىملىق بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە، ئۇ «ئۇيغۇر» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى يېشىپ چۈشەندۈردى: «维» خېتى قوغداش دېگەن مەنىدە، «吾» خېتى بىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، «尔» خېتى بولسا سىلەرنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا «维吾尔» خېتى ئورتاق دۆلىتىمىزنى بىرلىكتە قوغداش، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ چۈشەندۈرۈش تورداشلارنىڭ كەڭ ماختىشىغا ئېرىشتى، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دېيىشتى: ئۆمەر شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە گۈزەل مەنزىرىسىنى تەشۋىق قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاكتىپ ئېنېرگىيەسىنى تارقاتتى. 

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، يەرلىكنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ - ئادىتى، مەززىلىك تائاملىرى، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە تەبىئىي مەنزىرىلىرى نامايان قىلىنغان قىسقا سىننىڭ تارقىتىلىشى بىلەن، «ئۆمەر تاغا» ھېسابات نومۇرى تەدرىجىي ھالدا نۇرغۇن تورداشنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۇمۇ شۇ سەۋەبتىن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئۆز تاراتقۇ رىياسەتچىسىگە ئايلاندى. تورداشلارنىڭ تۇرپاننىڭ ھۆل ئۈزۈمىنى خاتىرجەم سېتىۋېلىشى ئۈچۈن، ئۇ ئۈزۈم ئۈزۈش، يەشىككە قاچىلاشتىن تارتىپ مال ئەۋەتىشكىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى كۆڭۈل قويۇپ سىنغا ئېلىپ، تورداشلارغا ئۈزۈمنىڭ ئېتىز بېشىدىن تاماق ئۈستىلىگە يەتكۈزۈلۈشىگىچە بولغان ھەربىر ئىنچىكە ھالقىنى نامايان قىلدى. بۇ، تۇرپاننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خاس جەلپكارلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە شەھىرىمىز مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولدى. 

ئۆمەر ئۆزىنىڭ كامېرا ئالدىدىكى يۇمۇرىستىك ئۇسلۇبى، مول بىۋاسىتە كۆرسىتىش تەجرىبىسى، سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يۇرتىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى بىلەن، تۇرپاندىكى يەرلىك ۋاڭخۇڭغا ئايلاندى. ھازىرغىچە، ئۇ ھەرقايسى چوڭ تور سۇپىلىرىدا 1 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق مەستانىنى توپلىدى، 6 مىليوندىن ئارتۇق ئالقىشقا ئېرىشتى، سىننىڭ قويۇلۇش مىقدارى 100 مىليون قېتىمغا يېقىنلاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆمەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «تۇرپان شەھىرىنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت تەشۋىقات ئەلچىسى»، «ئىدىقۇت رايونى بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش يولىدا داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە تۇرپاننىڭ شېرىن مېۋىلىرىنى تېتىتىپ، تۇرپاننىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشى ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆز كۈچۈمنى قوشىمەن.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章