قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى بويىچە كونسۇلتاتسىيە كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى

文摘   2024-11-14 18:05   新疆  
تۇرپان شەھىرىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى «بىر يىرىك پىلان، ئىككى پىروگرامما»نىڭ يولغا قويۇلۇشىنى خۇلاسىلەش، باھالاش مەخسۇس تېمىلىق كونسۇلتاتسىيە كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ئادىلە) 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، تۇرپان شەھىرىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى «بىر يىرىك پىلان، ئىككى پىروگرامما»نىڭ يولغا قويۇلۇشىنى خۇلاسىلەش، باھالاش مەخسۇس تېمىلىق كونسۇلتاتسىيە كۇرسىدا ئوقۇش باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى جوۋ ۋېي، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋېي چېڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى شەھەرنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىغا ئەزا ھەرقايسى ئورۇنلار، ھەرقايسى رايون، ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ھەم كەسپىي تايانچلاردىن بولۇپ جەمئىي 56 كىشى تەربىيەلەشكە قاتناشتى.

تەربىيەلەش نەق مەيدانى.


بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشتە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى «بىر يىرىك پىلان، ئىككى پىروگرامما»نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە نىشان - ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك دەل جايىدا ئىگىلىنىپ، خىزمەت ئۈنۈمى ۋە كەمتۈكلۈك، يېتەرسىزلىكلەر ئىلمىي خۇلاسىلىنىپ، باھالىنىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كونكرېت تەدبىرلىرى تەتقىق قىلىنىپ، 2025 - يىلدىكى «بىر يىرىك پىلان، ئىككى پىروگرامما» تاماملىنىدىغان يىللىق باھالاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئاساس سېلىندى، تەييارلىق كۆرۈلدى. تەربىيەلەش كۇرسىنىڭ ۋاقتى ئىككى كۈن بولۇپ، قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، «دەرس سۆزلەش + يېتەكچىلىك قىلىش» شەكلى قوللىنىلىپ، «بىر يىرىك پىلان، ئىككى پىروگرامما»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش چۆرىدىلىپ مەخسۇس تېمىدا دەرس ئۆتۈلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى رايون، ناھىيەلەر، شەھەرگە بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، «بىر يىرىك پىلان، ئىككى پىروگرامما»نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پەرق، يېتەرسىزلىكلەرگە سەگەكلىك بىلەن توغرا قاراپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى «بىر يىرىك پىلان، ئىككى پىروگرامما»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئىدىيە، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك. خىزمەت نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئالغا سىلجىتىش يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى «بىر يىرىك پىلان، ئىككى پىروگرامما» خىزمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى كېرەك.



تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章