جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى ئىشلىرىنى ئۇل خاراكتېرلىك ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. تۇرپاندىن ئىبارەت ئۇزاق تارىخقا ئىگە ۋە كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇ شەھەر ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2022 - يىلى يەنە بىر قېتىم شەرەپ بىلەن مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك شەھەر دېگەن نامغا ئېرىشتى، بۇ دەل «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»، «تۆتتە بىللە بولۇش»، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى. شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ كونكرېت ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالغان، بىز قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۇرپان كۈچىنى قوشىمىز.
ئۆگىنىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو قەلبى، جۇڭگو روھىنى ئورتاق بەرپا قىلىمىز. «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەڭ جانلىق ئوخشىتىشى. بىز ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئومۇميۈزلۈك چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، دائىملىق ئۆگىنىش بىلەن مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈش، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش بىلەن ئەمەلىيەتتە قوللىنىشنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان» قاتارلىق دەرسلىكلەرگە تايىنىپ، «تارىخقا نەزەر سېلىش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش» ئاممىۋى خاراكتېرلىك تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ دەۋر قىممىتى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز ھەم بۇ ئاساسىي لىنىيەنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو قەلبى، جۇڭگو روھىنى بىرلىكتە مۇستەھكەملەيمىز.
مەۋقەنى ئىش ئورنى ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۇرپان يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تەدبىر» دەپ كۆرسەتتى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە، بىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى زىچ چۆرىدەپ، خەلقنى مەركەز قىلىپ، تۈرلۈك ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۇختا تۈرتكە بولىمىز. بىرىنچى، ئىقتىساد ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى» ۋە «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى»نى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن ئۇدۇللىشىپ، تۇرپاننىڭ «يەتتە چوڭ كەسىپ توپىدىكى نۇقتىلىق 18 كەسىپ زەنجىرى»نى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى ئورتاق يارىتىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئىقتىساد ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىمىز. ئىككىنچى، دېموكراتىك قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش شەكلىدىكى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. ئۈچىنچى، تەشۋىقات، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، تۇرپان ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، يېڭى دەۋردىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىپ، «تۇرپان ئۈلگىسى»نى بەرپا قىلىمىز.
دىققەتنى مەسىلە يۆنىلىشىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى ئالدىن يۈرۈش رايونىنى ئورتاق قۇرىمىز. «مەدەنىيەت بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ جېنى.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت قارىشى بىزگە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. تۇرپاننىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى ۋە شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتىكى ئالدىن يۈرۈش رايونى قۇرۇش ئەمەلىيىتىدە، بىز مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيمىز. بىرىنچى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز. ئىككىنچى، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت بازىرىنىڭ مۇھىم ئامىللىرىنى جانلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى جانلاندۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، كۆپ خىل كەسىپ ھالىتىدىكى مەدەنىيەت ھېس قىلىش تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. ئۈچىنچى، ساياھەت ئىستاتىستىكا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشنى ئاساس بىلەن تەمىنلەيمىز.
ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مەركەزداش چەمبەرنى ئورتاق سىزىپ چىقىمىز. «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بارلىق خىزمەتلىرىمىزنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. بىز ئاساسىي قاتلامغا سىجىل چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىمىز. خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئەمەلىي ئىشلار تىزىملىكى تۇرغۇزۇش، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى ئەۋەتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبە نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەپ ۋە كېڭەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى تېخىمۇ كۆپ «تۇرپان ئۈلگىسى» بىلەن تەمىنلەپ، مەركەزداش چەمبەرنى ئورتاق ھالدا ياخشى سىزىمىز.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔