ئەما ئانا ئۆلۈپ كەتكەن ئوغلىنىڭ جەسىتى بىلەن 20 يىل ياشىدى

文摘   2024-11-01 22:12   新疆  

سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ




ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالدىنقى ھەپتە ھىندىستاننىڭ تېلانگانا ئىشتاتىنىڭ ھەيدەرئاباد شەھىرىدە كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئۆلۈم ۋەقەسى يۈز بەرگەن. بۇ پاجىئە پېنسىيەگە چىققان ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى كالۇۋا رامانا ئائىلىسىگە كەلگەن. كالۇۋا بىلەن ئايالى شانتىكۇمارا كۇمارى 60 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، ئىككىلىسى ئەما، ھەرىكىتى قولايسىز، ئادەتتە كىچىك ئوغلى پرامود ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ.

پرامود ئەسلىدە ئۆز ئائىلىسىنى قۇرغان، لېكىن ئۇ ئىزچىل ھاراق ئىچىشتىن قۇتۇلالمىغان، ئاخىرىدا ئايالى چىدىيالماي، ئىككى قىزىنى ئېلىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلغان. كېيىن پرامود ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە ئۆي ئىجارە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان.

(ساقچىلار كالۇۋا راماغا يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىمەكتە)

ئەسلىدە بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ ھېچقانداق ئىشى يوق ئىدى، ئەمما مۇشۇ دۈشەنبە كۈنى، قوشنىسى تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن چىققان سېسىق پۇراقنى پۇراپ قالغان، ساقچىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ساقچىلار ۋاقتىدا نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرگەن، نەتىجىدە كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن ھەيران قالغان.

پەقەت كالۇۋا بىلەن شانتىكۇمارا كارىۋاتتا يېتىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىپ، يېرىم ھوشسىز ھالەتكە كېلىپ قالغان. ئۇنىڭ يېنىدا كىچىك ئوغلى پرامودنىڭ چىرىپ كەتكەن جەسىتى بار ئىدى.  جىددىي قۇتقۇزۇش خادىملىرى بۇ ئىككى ياشانغان كىشىنىڭ سۇسىزلىنىپ كەتكەنلىكىنى، ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلىكىنى بايقاپ، ئۇلارنى دەرھال سۇ ۋە يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىگەن. ئەر-ئايال ئىككىسى ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆتكەن بىر نەچچە كۈندىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئاستا-ئاستا بايان قىلغان.

ئەسلىدە، ئۇلار ئۆيدە ئاچ-توق، ئۇسساپ يۈرگىلى نەچچە كۈن بولغان بولۇپ، ئۆزلىرى ماڭالمايتتى، ھەر قېتىم ئوغلىدىن ياردەم سورىغاندا يەنىلا جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. ئۇلار ئوغلىنىڭ يېنىدا ئۆلۈپ كەتكىنىنى قىلچە سەزمىگەن. كېيىن ئۇلار يەنە تاشقى دۇنيادىن ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولغان، ئەمما ئاۋازى بەك ئاجىز بولغاچقا، ھېچكىم ئاڭلىمىغان. ئەگەر قوشنىلار جەسەتنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغاندىن كېيىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلمىغان بولسا، بەلكىم ئۇلارمۇ ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

پرامودنىڭ ئۆلگەن ۋاقتى ۋە سەۋەبىگە كەلسەك، ساقچى تەرەپ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇنىڭ تۆت-بەش كۈن بۇرۇن ئۇيقۇدىلا ئۆلۈپ كەتكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغان، بەلكىم ھاراقنى كۆپ ئىچىشتىن كېلىپ چىققان ئەگەشمە كېسەللىك سەۋەبىدىن ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ جەسىتى ئاللىقاچان دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ جەسەت تەكشۈرۈلگەن، كونكرېت قانداق قىلىش توغرىسىدا كېيىنكى نەتىجىنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

بىچارە ئىككى ياشانغان ئەر-ئايال ئوغلىنىڭ جەسىتىگە ھەمراھ بولۇپ نەچچە كۈن تىركەشكەنلىكىنىمۇ سەزمىگەن. بەختكە يارىشا ئۇلارنىڭ يەنە بىر چوڭ ئوغلى پرادېپ بار بولۇپ، ئۇمۇ ھەيدەرئاباد شەھىرىدە تۇرىدىكەن. ساقچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلەشكەندىن كېيىن پرادېپ ئاتا-ئانىسىنى ئېلىپ كېتىپ ھالىدىن خەۋەر ئالغان، ئۇلار كەلگۈسىدە تېخىمۇ بىخەتەر مۇھىتتا كۈتۈنىدىكەن.

ئۆزى مېيىپ بولسىمۇ، ئەڭ يار-يۆلەكسىز قالغاندا ئوغلى ئۇلارنىڭ يېنىدا ئۆلۈپ كەتتى، ئۇ ھاياتنىڭ قوش زەربىسگە ئۇچرىسا ھېچقانداق بىر ئادەم بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن بۇنداق تراگېدىيە تۇنجى قېتىم يۈز بېرىشى ئەمەس. تەخمىنەن سەككىز يىل ئىلگىرى ئامېرىكا نيۇيوركنىڭ برۇكلىن رايونىدىمۇ ئوخشاش ۋەقەلىك سادىر بولغان، ئوخشاشلا ئوغلى ئۆيىدە ئۆلۈپ كەتكەن، ئەما ئانا بۇنى بىلمەي جەسەتكە ھەمراھ بولۇپ تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت مۇشۇنداق بولغان.

شۇ قېتىمقى ۋەقەدىكى باش پېرسوناژنىڭ ئىسمى رىتا ۋولفېنسون بولۇپ، ئىككى كۆزىدىن ئايرىلغان قېرى ئايال ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتى ئەگرى-توقاي بولۇپ، ئېرى 1987-يىلىلا ئۆلۈپ كەتكەن، چوڭ ئوغلى مايكول ۋولفېنسوخنمۇ 2003-يىلى 38 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن. ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت كىچىك ئوغلى لۇيىس ۋولفېنسوخن ئۇنىڭ بىلەن بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولۇپ، ئانا-بالا ئىككىسى ئىككى قەۋەتلىك كېسەك ئۆيدە تۇرغان.

(لۇئىسنىڭ جەسىتى بايقالغان ئۆي)

ئەمما بىر كۈنى لۇئىسنىڭ ھېچقانداق خەۋىرى بولمىغان. رىتا ئۇنى پەقەت كۆچۈپ چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان، شۇڭا ئۇ سۈرۈشتە قىلمىغان، ساقچىغا مەلۇم قىلمىغان، مۇشۇنداق ئەخمىقانە ھالدا يالغۇز تۇرمۇش كەچۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغان.

تاكى 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇ ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، كېلىن سىڭلىسى جوسېت بۇچمان ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆيىگە نەرسە-كېرەك ئالغىلى كەلگەن، نەتىجىدە ئىشىكتىن كىرىپلا پۈتۈن ئۆينىڭ قالايمىقان بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان، ھەممە يەر ئەخلەت، خەت-چەكلەر تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن، يەنە تېخى يېمەكلىكلەردىن سېسىپ كەتكەن پۇراق تارقىلىپ تۇراتتى.

ئىككىنچى قەۋەتتىكى ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلغاندا نەق مەيدان تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغان. پۈتۈن ئۆي ئۆمۈچۈك تورى بىلەن قاپلانغان، يەنە بىر ئەخلەت دۆۋىسى بار، خۇددى بىر ئەخلەت ماشىنىسى كىرىپ ئەخلەتنى ئۆيگە تۆكۈۋەتكەندەك... ئارقىدىنلا جوسېت بۇ نېپىز ماتراسنىڭ ئۈستىدە مۇكەممەل بىر ئادەمنىڭ سۆڭىكى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆڭلەك، پايپاق ۋە پادىچىلار ئىشتىنى كىيىلگەنلىكىنى، جىمجىت ياتقانلىقىنى كۆرگەن، ئادەم ئۆلگىلى قانچىلىك ۋاقىت بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، چىرىگەن گۆشنىڭ پۇرىقى قالمىغان، جوسېت قورققىنىدىن دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان.

(كېلىنى جوسېت بۇچمان)

كېيىن ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ئۆلگۈچى لۇئىس بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، تەبىئىي ئۆلۈمگە تەۋە ئىكەن. ئۇ ئۆلۈپ كەتكىلى 20 نەچچە يىل بولغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ نۇقتىنى ئائىلىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمۇ ئىسپاتلاپ بەرگەن، ئۇلار ھەقىقەتەن ئۇنى كۆرمىگىلى شۇنچە ئۇزۇن بولغان.

ئەگەر لۇئىس ئۆلمىگەن بولسا 2016-يىلى 49 ياشقا كىرگەن بولاتتى، ئۇنداقتا ئۇ 29 ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا ئۆيىدە ئۆلۈپ كەتكەن. رىتا بولسا بۇ ئىشتىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز بولۇپ، ئوغلىنىڭ جەسىتى بىلەن مۇشۇنداق 20 نەچچە يىل ياشىغان.

ئەينى چاغدا نۇرغۇن تورداشلار بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ، 20 يىلغىچە بايقىلىپ قالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر رىتانى قاتىل دەپ پەرەز قىلغان، ئىككى ئوغلى بالدۇرلا ئۆلۈپ، بۇ بەلكىم تاسادىپىيلىق بولماسلىقى مۇمكىن. بەزى ئاخبارات ۋاستىلىرىمۇ بۇ ئىشنى رىژىسسور ھىچكوكنىڭ قورقۇنچلۇق فىلىمى «ۋەھىمە خاتىرىسى»گە ئوخشاتقان، فىلىمدە قاتىل ئانىسىنىڭ جەسىتىنى تاكى قۇرۇق جەسەتكە ئايلانغانغا قەدەر يەر ئاستى ئۆيىگە قويۇپ قويغان ھەر خىل سۆزلەر بۇ خىل كەيپىياتنى ياراتقان.

(ۋەھىمىلىك ھېكايە» ناملىق كىنودىن كۆرۈنۈشلەر)

ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت تورداشلارنىڭ قالايمىقان پەرەز قىلىشى، رىتانىڭ ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، بۇ ئىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس. نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ كۆرەلمەيدۇ، يەنە ھەرقانداق نەرسىنى ئۆيگە يىغىدۇ، ئۇ ئۆيىگە نۇرغۇن ئەخلەتلەرنى توشقۇزىۋەتكەن، كۆپىنچە ئەخلەتنىڭ سېسىق پۇرىقى جەسەتنىڭ سېسىق پۇرىقىنى بېسىپ كەتكەچكە ئۇ ئوغلىغا بىرەر ئىش بولغانلىقىنى سەزمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئادەتتە ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنىلىرى بىلەنمۇ ئالاقىسى يوق بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاڭلاش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

(رىتانىڭ ئىنىسى جوزىف بۇچمان)

بىراق ئۇ مەلۇم بىر پىسخىكا ياكى روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغاچقا، يوقاپ كەتكەن ئوغلى بىلەن كارى بولمىغان بولۇشى مۇمكىن. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، بۇ يەنىلا بىر مەيدان ساغلاملىق مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان تراگېدىيە...

كىنولار

تەۋسىيەلىك رومانلار

مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340



Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章