شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالىدى، «زاپاس ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق نىزامى» ئېلان قىلىندى.
«نىزام»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زاپاس ھەربىيلەر قانۇنى»نىڭ ئەمەلىيلىشىپ يۈرۈشتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى كۆزلەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ يۆنىلىشى روشەن، قاتلىمى ئېنىق، سىستېمىسى يۈرۈشلەشكەن يېڭى دەۋردىكى زاپاس ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، زاپاس ھەربىيلەرنى تاللاپ تولۇقلاش، ئۇنۋان بېرىش - ئۇنۋان ئۆستۈرۈش، ئىش ئورنى ۋەزىپىسىگە تەيىنلەش، تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش، باھالاش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش ۋە زاپاس ھەربىيلىكتىن چېكىنىش قاتارلىق تۈزۈملەر تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، زاپاس ھەربىيلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش تىرەك بىلەن تەمىنلەندى.
«زاپاس ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق نىزامى»نىڭ ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشى ھەربىي ئىشلار ئادەم كۈچى بايلىقى سىياسەت - تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىشنىڭ مۇھىم نەتىجىسى بولۇپ، زاپاس ھەربىيلەرنى باشقۇرۇشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن زاپاس ھەربىيلەر قوشۇنىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔