بۇ ئەمەلداردىن 51 كىلوگىرام ئالتۇن بايقالدى

文摘   2024-11-03 21:49   中国  
قاتىللىق دېلوسى سەۋەبلىك ھىندونېزىيەدىكى ئەمەلداردىن 51 كىلوگىرام ئالتۇن بايقالدى

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

يېقىندا، ھىندونېزىيەدىكى بىر چىرىكلىك دېلوسى پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالغان. 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ھىندونېزىيە باش تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرگۈچىلىرى ھىندونېزىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئەمەلدارى زاروف رىكار (Zarof Ricar)نىڭ پايتەخت جاكارتادىكى تۇرالغۇسىدىن 920 مىليارد ھىندونېزىيە رۇپىيەسى (تەخمىنەن 417 مىليون يۈەن) نەق پۇل ۋە 51 كىلوگىرام ئالتۇننى قولغا چۈشۈرگەن.

شۇ كۈنى، زاروف بالى ئارىلىدىكى بىر مېھمانخانىدا قولغا ئېلىنغان. ئارقىدىن ھىندونېزىيە باش تەپتىش ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، زاروفنى چىرىكلىشىشكە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىگەن. بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا، ئاممىنىڭ غەزىپى تاشقان.

قاتىللىق دېلوسى كەلتۈرۈپ چىقارغان چىرىكلىك سەتچىلىكى

زاروف ھازىر 62 ياشقا كىردى. 2012-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە ئۇ ھىندونېزىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. زاروف ئۆزى ئالغان زور سوممىلىق پارا پۇلىنىڭ ئاساسەن 2012-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتىن كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ 10 يىلدا ئۇ «ۋاسىتىچى» سالاھىيىتى بىلەن، نۇرغۇن دېلولاردا جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ جىنايەتتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، پايدىغا ئېرىشكەن. لېكىن دېلوغا چېتىشلىق ئادەم كۆپ بولغاچقا، تەكشۈرگۈچىلەر ھەر بىر پارچە پۇلنىڭ كونكرېت كېلىش مەنبەسىنى جەزملەشتۈرەلمىگەن.

2022-يىلى زاروف پېنسىيەگە چىققان. بۇ قېتىمقى ۋەقە بىر يىل بۇرۇنقى قاتىللىق دېلوسىدىن كېلىپ چىققان.

2023-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ سۇرابايادىكى بىر كۇلۇبنىڭ سىرتىدا، ھىندونېزىيەنىڭ سابىق ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئېدۋارد تاننۇرنىڭ ئوغلى رونالد تاننۇر لايىقى بىلەن تالاش-تارتىش قىلغان. كۇلۇبنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا، كەيپىياتى كونترول قىلىنمىغان رونالد ئاپتوموبىلدا لايىقىنى سوقۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. كۆزىتىش ئاپپاراتىدا رونالدنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئادەم سوقۇۋەتكەن پۈتكۈل جەريانى سىنغا ئېلىنغان.

بۇ دېلونى سوت قىلغىلى يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان. تاكى بۇ يىل 7-ئايغا كەلگەندە، سۇرابايا يەرلىك سوت مەھكىمىسى ئاخىرى ھۆكۈم چىقىرىپ، رونالدنى جىنايەتسىز دەپ بېكىتكەن. سوتچىلارنىڭ قارىشىچە، رونالدنىڭ لايىقى ھاراقنى كۆپ ئىچكەنلىكتىن ئۆلۈپ كەتكەن، رونالد لايىقىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى قۇتقۇزۇش بىلەن تەمىنلىگەن. ھۆكۈم نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن، رونالد سوتتا قويۇپ بېرىلگەن، ئامما قاتتىق غۇلغۇلا قىلىشقان.

ئامما پىكرىنىڭ بېسىمى بىلەن، ھىندونېزىيە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتى دەرھال سۇرابايا يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، ھىندونېزىيە باش تەپتىش ئىشخانىسى ھۆكۈم نەتىجىسىگە قارىتا ئالىي سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھىندونېزىيە باش تەپتىش ئىشخانىسى سۇرابايا يەرلىك سوت مەھكىمىسىدىكى بۇ دېلوغا مەسئۇل ئۈچ سوتچىنى مەخپىي تەكشۈرگەن.

10-ئاينىڭ 24-كۈنى ھىندونېزىيە باش تەپتىش ئىشخانىسى بۇ ئۈچ سوتچىنى قولغا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان. تەكشۈرگۈچىلەر ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسىدىن قىممىتى 20 مىليارد ھىندونېزىيە رۇپىيەسى نەق پۇلىنى تاپقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قولغا ئېلىنغانلاردىن يەنە رونالدنىڭ ئادۋوكاتىمۇ بار ئىدى. ھىندونېزىيە تەپتىش مەھكىمىسى بۇ ئادۋوكاتنى رونالد دېلوسىدىكى ئۈچ سوتچىغا پارا بېرىپ، رونالدنىڭ جىنايىتىدىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى دەپ ئەيىبلىگەن.

تەكشۈرگۈچىلەر ئىشنىڭ تېگىگە يېتىپ، بۇ ئۈچ سوتچىنىڭ پارا ئېلىشىغا ياردەم بەرگەن «ۋاسىتىچى»نىڭ دەل پېنسىيەگە چىققان زاروف ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

10-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھىندونېزىيە باش تەپتىش ئىشخانىسىنىڭ جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈش مەسئۇلى خاكنىڭ بۇ دېلونىڭ دېلو ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ دېيىشىچە، رونالدنىڭ ئادۋوكاتى ئالدى بىلەن زاروفنى تېپىپ، ئۇنىڭغا 5 مىليارد ھىندونېزىيە رۇپىيەسى نەق پۇلى ئەۋەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1 مىليارد ھىندونېزىيە رۇپىيەسى زاروفنىڭ ئۆزىگە بېرىلگەن، قالغان 4 مىليارد ھىندونېزىيە رۇپىيەسىنى زاروف رونالد دېلوسىغا مەسئۇل ئۈچ سوتچىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

ئەينى چاغدا، زاروف يەنە ئادۋوكاتتىن ھىندونېزىيە رۇپىيەسىنى چەت ئەل پۇلىغا ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولغان. ئارقىدىن، جاكارتادىكى بىر پۇل ئالماشتۇرۇش ئورنىدا، ئادۋوكات 5 مىليارد ھىندونېزىيە رۇپىيەسىنى چەتئەل پۇلىغا ئالماشتۇرغان. زاروف بۇ زور سوممىلىق پۇلنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ھىندونېزىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىدىكى تەسىر كۈچىنى ئىشلىتىپ رونالد دېلوسىغا ئارىلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە، زاروفنىڭ پارا ئېلىش دېلوسى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلمەكتە. ھىندونېزىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى، باش سودىيە يانتو مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ھىندونېزىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قانات ئاستىغا ئالمايدۇ.» ئۇ ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاھىدە گۇرۇپپا تەشكىللەپ، رونالد دېلوسىغا مەسئۇل ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سودىيەسىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

رونالد دېلوسىغا قارىتا، ئۈچ سوتچى ۋە ئادۋوكات قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ھىندونېزىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى سۇرابايا يەرلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ رونالدقا بولغان ئىلگىرىكى ھۆكۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ھىندونېزىيە تەپتىش مەھكىمىسى رونالدنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ۋە ئېغىر زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇنىڭغا 12 يىللىق قاماق جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا، ئالىي سوت مەھكىمىسى رونالدنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىمىگەن، پەقەت رونالدنى ئېغىر زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى بىلەن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

كىنوچى زاروف

زاروف قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ھىندونېزىيەدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلار ئۇنىڭ بىر قىسىم تەرجىمھالىنى رەتلەپ چىققان.

1962-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى، زاروف ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىي ياۋا سۇمېنېپتا تۇغۇلغان. ئۇ ھىندونېزىيەدىكى بىر قانچە داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قانۇن شۆيۈەنىدا ئوقۇغان، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.

2012-يىلى، 50 ياشلىق زاروف ھىندونېزىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىدە ۋەزىپە ئۆتەپ، ئالىي ئەدلىيە باش ئىدارىسىنىڭ 2-دەرىجىلىك ئەمەلدارى بولۇپ، سودىيەلەرنى ئۆزگەرتىش، ئۆستۈرۈشنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولغان. 2016-يىلى زاروف ھىندونېزىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى ئەدلىيە باش ئىدارىسىنىڭ كاتىپى بولغان، 2017-يىلى ھىندونېزىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى مائارىپ ۋە ئەدلىيە تەربىيەلەش مەركىزىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زاروف يەنە ھىندونېزىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئەخلاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان.

ھىندونېزىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، زاروفنىڭ پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇنقى مائاشى ھەر ئايدا 20 مىليون ھىندونېزىيە رۇپىيەسى ئىكەن. ھىندونېزىيە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئورگان تورىدا ئېلان قىلىنغان ھىندونېزىيە دۆلەت باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنىڭ مۈلۈك دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، زاروف 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى دوكلات قىلغان شەخسىي مۈلكى 51 مىليارد 400 مىليون ھىندونېزىيە رۇپىيەسى ئىكەن. بۇمۇ زاروفنىڭ ئەڭ يېقىنقى بىر قېتىملىق شەخسىي مال-مۈلكىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشى.

زاروفنىڭ شەخسىي مۈلكى جاكارتا، باندۇڭ قاتارلىق شەھەرلەردىكى نۇرغۇن يەر ۋە ئۆي-مۈلۈك (ئومۇمىي قىممىتى 45 مىليارد 500 مىليون ھىندونېزىيە رۇپىيەسى)، قىممىتى 4 مىليارد 400 مىليون ھىندونېزىيە رۇپىيەسى نەق پۇل ۋە نەق پۇلغا تەڭداش مۈلۈنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭ باھاسى 740 مىليون ھىندونېزىيە رۇپىيەسى بولغان ئۈچ ئاپتوموبىلى، 680 مىليون ھىندونېزىيە رۇپىيەسى قىممىتىدىكى باشقا كۆچمە مۈلكى ۋە 66 مىليون 400 مىڭ ھىندونېزىيە رۇپىيەسى قىممىتىدىكى باشقا مۈلكى بار.

ھىندونېزىيە پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، 2007-يىلى زاروفنىڭ شەخسىي مۈلكى 6 مىليارد 300 مىليون ھىندونېزىيە رۇپىيەسى بولۇپ، 2016-يىلى ئۇنىڭ بايلىقى 36 مىليارد 400 مىليون ھىندونېزىيە رۇپىيەسىگە يەتكەن، 2017-يىلى يىللىق شەخسىي مۈلكى 43 مىليارد 200 مىليون ھىندونېزىيە رۇپىيەسىگە يەتكەن.

قىزىقارلىقى شۇكى، زاروف پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن «سەنئەت ساھەسى»دە جانلىنىپ، فىلىم ئىشلىگۈچى بولغان. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، زاروف مەبلەغ چىقىرىپ «سودىيە» (法官) ناملىق كىنونى سۈرەتكە ئالغان. بۇ كىنودا بىر ياش سوتچىنىڭ قارا كۈچلەر بىلەن كۈرەش قىلىش ھېكايىسى بايان قىلىنغان.

كىنو تەشۋىقات مەزگىلىدە، زاروف ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، سودىيە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ھىندونېزىيە ياشلىرىنىڭ بارغانسېرى ئازلاپ كەتكەنلىكىنى، كىنونىڭ مەقسىتى ياشلارنىڭ سودىيەدىن ئىبارەت بۇ كەسىپكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغاش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. 10-ئاينىڭ 24-كۈنى «سودىيە» ھىندونېزىيە، مالايسىيا، سىنگاپور قاتارلىق دۆلەتلەردە قويۇلغان.

چىرىكلىك كۆرسەتكۈچى 34 نومۇر

بەزى تەتقىقاتچىلار بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېگەن: «چىرىكلىك مەسىلىسى ئىزچىل ھىندونېزىيە سىياسىيسىدىكى بىر زەھەرلىك ئۆسمە. 1998-يىلى ھىندونېزىيە دېموكراتىك ئىسلاھاتنى يولغا قويۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتى قۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى زورايتقان، لېكىن چىرىكلىكنىڭ مەنبەسى ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولمىغان، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدە يەنىلا ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق.»

2004-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، ھىندونېزىيەدە 1385 ئەمەلدار چىرىكلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە پارلامېنت ۋە يەرلىك پارلامېنتلارنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى، مىنىستىرلار ۋە ئاپپاراتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ھاكىملىرى، سوتچىلىرى، ھەتتا مەخسۇس خىيانەتچىلىك، چىرىكلىشىش دېلولىرىغا مەسئۇل ھىندونېزىيە پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىمۇ بار. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ھىندونېزىيە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كومىتېتىنىڭ شۇ چاغدىكى رەئىسى فېرلېيمۇ چىرىكلىك دېلوسىغا چېتىلىپ قېلىپ، ھىندونېزىيەنىڭ سابىق يېزا ئىگىلىك مىنىستىرىدىن پۇل ئۈندۈرۈۋالغان دەپ ئەيىبلەنگەن.

«سۈزۈك خەلقئارا»نىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلان قىلغان چىرىكلىك كۆرسەتكۈچى رەت تەرتىپىگە ئاساسلانغاندا، ھىندونېزىيە دۇنيادىكى 180 دۆلەت ۋە رايون ئىچىدە 115-ئورۇندا تۇرغان، چىرىكلىك كۆرسەتكۈچى نومۇرى 34 نومۇر (تولۇق نومۇر 100 نومۇر) بولۇپ، چىرىكلىك مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى سانالغان.

2023-يىلى 12-ئايدا ھىندونېزىيەنىڭ شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭى جوكو جاكارتادا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈنى» پائالىيىتىگە قاتناشقان. 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى ھىندونېزىيەنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى پىرابوۋو ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. ئۇ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا، ھېندونېزىيەنىڭ پارىخورلۇققا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىشقا ۋەدە بەرگەن.

كىنولار

تەۋسىيەلىك رومانلار

مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章