تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ غوپۇر، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز لو شۈەن، ياۋ جيەن) يېقىندا، مۇخبىرلارنىڭ تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تۇنجى تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى توپى __ تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكى ۋېنجىساڭ زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرى توپىغا بۇ يىل كىرگۈزۈلگەن ئومۇمىي تەبىئىي گاز 600 مىليون كۇب مېتىردىن ئاشقان بولۇپ، بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق تەبىئىي گاز ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى تەڭشەپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكىدىكى ۋېنجىساڭ زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرى توپى ۋېنشى 1 - ئامبىرى، ۋېنبا، نەخۇل ۋە چيۇدۇڭدىن ئىبارەت تۆت قۇرۇپ كەتكەن تەبىئىي گاز ساقلاش كۆلىنى ئۆزگەرتىشتىن ياسالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكى ۋېنشى 1 - ئامبىرى بىلەن ۋېنبا تەبىئىي گاز ئامبىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، ئىشلىتىلىدىغان گاز مىقدارى 1 مىليارد 40 مىليون كۇب مېتىر. ھازىرغا قەدەر، ۋېنشى 1 ـ زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرى پىلان بويىچە گاز كىرگۈزۈشنى توختاتقان، مۆلچەرلىنىشىچە ۋېنبا زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرىدا 10 ـ ئاينىڭ ئاخىرى گاز كىرگۈزۈش توختىتىلىپ، تەبىئىي گاز بېرىش - ئېلىش بويىچە ئالماشتۇرۇش مەزگىلىگە كىرىدىغان بولۇپ، بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق تەبىئىي گاز ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى تەڭشەپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشقا تولۇق تەييارلىق قىلىنىدىكەن.
تۇرپان - قومۇل نېفىتلىكى زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرى شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى مېن ۋەنشېڭ مۇنداق دېدى: 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنىگىچە، بۇ يىل جەمئىي 620 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز كىرگۈزۈلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋېنشى 1 - زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرىغا جەمئىي 770 مىليون كۇب مېتىر گاز كىرگۈزۈلۈپ، يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى تەڭشەش ئىقتىدارى 200 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈلدى.
قۇرۇپ كەتكەن گاز كۆلى ئاستىغا زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرى قۇرۇش نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، ئەڭ تېجەشلىك بولغان بىر خىل يەر ئاستى زاپاس تەبىئىي گازى ساقلاش شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈش باھاسى تۆۋەن، يۈرۈشۈشى ئىشەنچلىك بولغاچقا، يەر ئاستى زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرى قۇرۇلۇشىدىكى ئالدىن تاللاش بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن كېيىن، تۇرپان ـ قومۇل نېفىتلىكى زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرى شىركىتى ۋېنجىساڭ زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرى توپى __ نەخۇل ۋە چيۇدۇڭدىن ئىبارەت ئىككى زاپاس تەبىئىي گاز ئامبىرىنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ «14 ـ بەش يىل»نىڭ ئاخىرىغا بارغاندا زاپاس تەبىئىي گاز ئامبارلىرى توپىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، رايوننىڭ زاپاس تەبىئىي گاز ساقلاش يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔