ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
«ئۈمىدسىزلىك»، «ئېچىنىشلىق»، «پۈتۈنلەي تۈگىشىش»... تۈنۈگۈن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەر بىلەن تولغان بولۇپ، كىشىلەر بۇ سۆزلەر بىلەن نۆۋەتتە يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىسپانىيىنى تەسۋىرلىدى.خەۋەر ئېلان قىلىنغانغا قەدەر بولغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئىسپانىيىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئاز دىگەندىمۇ 205 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، يەنە نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغان. نۇرغۇن شەھەر ۋە كەنت بازارلار ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك زەربىگە ئۇچرىغان، يوللار ئۈزۈلۈپ، ھەممە يەرنى سۇ ئېلىپ كەتكەن، ئىلگىرىكى ئاۋات كوچىلار خارابىلىككە ئايلانغان.خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاپتوموبىل ۋە ئىمارەتلەردە تېخىمۇ كۆپ جەسەتلەر بايقىلىشى مۇمكىن بولغاچقا، قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى يەنىمۇ ئاشىدىكەن.تېخىمۇ يامان بولغىنى، ئىسپانىيە دۆلەت مېتىئورولوگىيە ئىدارىسى ئاگاھلاندۇرۇپ، ناچار ھاۋارايىنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە يەنە داۋاملىق داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. ۋالېنسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت رايون يامغۇر ۋە بوران-چاپقۇننىڭ خەتىرى تۈپەيلىدىن يەنىلا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش ھالىتىدە تۇرماقتا.ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيىدە بۇ قېتىم يۈز بەرگەن بوران-چاپقۇننى «يۈز يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك بوران-چاپقۇن» دېيىشكە بولىدىكەن، شۇنداقلا ياۋروپادىكى 50 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر بوران-چاپقۇن ئاپىتى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئىسپانىيىدىكى 1973-يىلىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، ئەينى چاغدا ئاز دېگەندىمۇ 150 ئادەم قازا قىلغانىكەن.ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئىسپانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان رايونلارغا يەنە 500 ئەسكەرنى ئەۋەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە تەخمىنەن 1200 ئەسكەر ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە تازىلاش ھەرىكىتىگە ياردەملەشمەكتە.كەلكۈن پەيدا بولۇش سەۋەبى: ناچار ھاۋارايى كۆپ يۈز بېرىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرى كۆرۈنەرلىك بولدى.مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئاپەتنى ھاۋارايى ھادىسىسى «دانا» كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، بۇ خىل ھاۋارايى سىستېمىسى دائىم قاتتىق يامغۇر يېغىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا دېڭىز سۇ رايونىدىكى ئىللىق ھاۋا سوغۇق ھاۋا بىلەن ئۇچراشقاندا ئاسانلا كۈچلۈك قارا يامغۇر ۋە كەلكۈن پەيدا قىلىدىكەن.مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 10-ئاينىڭ 29-كۈنى ۋالېنسىيە رايونىدا سەككىز سائەت ئىچىدىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى 20 ئايلىق ھۆل-يېغىن مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئېتىزلار، يوللار سۇ ئاستىدا قالغان، ئاھالىلەر رايونى تېزلىكتە كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان.ئىسپانىيە دۆلەت مېتېرولوگىيە ئىدارىسى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھاۋارايى ھادىسىلىرى بارغانسېرى كۆپەيدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىرىسى ۋە كۈچىنىشى بارغانسېرى زورايدى، بۇ قېتىمقى <دانا> ۋالېنسىيەنىڭ 100 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ شىددەتلىك بىر قېتىملىق بوران-چاپقۇنى بولۇپ قالدى، كېلىمات ئۆزگۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ناچار ھاۋارايىنىڭ پەيدا بولۇشى بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئىسپانىيە ھەتتا پۈتكۈل ياۋروپاغا تېخىمۇ زور خىرىس ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.»شۇ جايدىكى تاللا بازىرىنى كەلكۈن بېسىپ كەتتى، ماللار مال جازىسىدىن چېچىلىپ، لاي-لاتقا ئارىلىشىپ يولنى بىر ئالدى.بۈگۈن ئەتىگەندە قۇتقۇزۇش خادىملىرى يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنى داۋاملىق ئىزدىدى ھەمدە تازىلاش خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى. ۋالېنسىيا رايونىدىكى پايپورتا شەھىرىدە، كوچىلارغا پارچە-پۇرات نەرسىلەر چېچىلىپ كەتكەنىدى.زىيانغا ئۇچرىغان ئاپتوموبىللار لاي-لاتقا ۋە كېرەكسىز نەرسىلەر بىلەن قاپلىنىپ، بۇلۇڭ-پۇچقاقلارغا دۆۋلىنىپ كەتتى.پۈتۈن رايوننىڭ يول يۈزىنى قېلىن سېرىق لاي قاپلىدى.ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى ئېلان قىلغان سېلىشتۇرما سۈرەتتە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسپانىيەدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلار پۈتۈنلەي سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك لاي-لاتقا ئاستىدا قالغان.ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى كۆرۈنۈشلەر يوللانغان بولۇپ، كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن ئاپتوموبىللار تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەن ئىدى.لاي-لاتقىلار كوچىلارنى قاپلاپ، كۆۋرۈكلەرنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتتى.ئاپەت رايونىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىبۈگۈن ۋالېنسىيە رايونى ئالفافار شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ يېتەرلىك ياردەمگە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «كىشىلەر قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، بەزىلەر ھەتتا ئۆيىدە جەسەت بىلەن بىللە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.»بۇلا ئەمەس، بۇ شەھەر باشلىقى تۇرمۇش بۇيۇملىرى، دورىلارنىڭمۇ ناھايىتى ئاز قالغانلىقىنى بىلدۈردى. كوچىلار دۆۋىلىنىپ كەتكەن ئاپتوموبىل ۋە كېرەكسىز نەرسىلەر بىلەن توسۇلۇپ قالغاچقا، كىشىلەر ئۆيلىرىگە قاپسىلىپ قالدى. بەزى رايونلاردا توك، سۇ توختاپ قالغان بولۇپ، مۇقىم تور ئالاقىسىمۇ يوق ئىكەن.ئاھالىلەر ماددىي ئەشيالارنى يۈدۈپ بىخەتەر جايغا يۆتكەلدى، ئاپەت ئەڭ ئېغىر بولغان شەھەر-بازارلارنىڭ بىرى بولغان ئالفافاردىكى بىر ئاھالە ئۆزلىرىنىڭ «زور ئاپەت»كە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.«نۇرغۇن ياشانغانلاردا دورا يوق، نۇرغۇن بالىلاردا يېمەكلىك يوق، بىزدە سۈت، سۇ يوق، بىز ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيمىز. بۇ يەردە بىز پۈتۈنلەي ئۇنتۇلۇپ كەتتۇق، بۇ ئادەمنى بەك ئازابلايدۇ.»ۋالېنسىيەنىڭ سابىق پۇتبول چولپىنى كەلكۈندە قازا قىلدى.بۇنىڭدىن باشقا، بۈگۈن ئىسپانىيە ۋالېنسىيا كۇلۇبى بايانات ئېلان قىلىپ، ۋالېنسىيەنىڭ پۇتبول كۇلۇبىنىڭ سابىق توپچىسىنىڭ كەلكۈندە قازا قىلغانلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى .باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «28 ياشلىق جوسې كاستىلېخو ئىلگىرى بۇ كوماندا ۋە توررېلېۋانت كوماندىسى، پاتنا كوماندىسى ۋە ئېلدېنس كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلاردا توپ تەپكەن بولۇپ، ئوتتۇرا مەيدان ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، بىز <دانا> كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاپەتكە دۇچ كەلدۇق، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جوسې كاستىلېخونىڭ ۋاپاتىدىن قاتتىق قايغۇردۇق. ئۇ ياشلار كوماندىسىدا توپ تېپىشتىن بۇرۇن كۇلۇب شۆيۈەنىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ۋالېنسىيە ئاپتونوم رايونىدىكى نۇرغۇن كوماندىلاردا توپ تەپكەن.»باش ۋەزىر بىلەن پادىشاھ ئاپەت ئەھۋالىغا تەزىيە بىلدۈردى، ھۆكۈمەت پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ۋەدە بەردى.تۈنۈگۈن ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز ۋالېنسىيەدىكى ئاپەت رايونىغا بېرىپ، قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى. ئۇ ئاپەت رايونىنى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن بارلىق زۆرۈر بايلىق بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە بەردى، ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «پۈتۈن مەملىكەت سىلەر بىلەن بىللە قايغۇرىدۇ، بىز سىلەردىن ئايرىلمايمىز.»ئىسپانىيە پادىشاھى فېلىپ ئالتىنچىمۇ قاتتىق قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان بارلىق ئائىلىلەردىن ھال سورىدى.ۋالېنسىيە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باش ئەمەلدارى تەنقىدكە قارىتا، يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ ئاممىغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلگەنلىكىنى، ئەمما بىر قىسىم كەلكۈن ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ سەيشەنبە كۈنىگىچە ئاممىنىڭ يان تېلېفونىغا يەتكۈزۈلمىگەنلىكىنى، شۇڭا بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ كېچىكىپ خەۋەر تاپقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلەنمىگەنلىكىنى ئېيتتى.قۇتقۇزۇش ۋە قايتا قۇرۇش تەس، ياۋروپا ئىتتىپاقى ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەردى.ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئىسپانىيە قۇتقۇزۇش ئەترىتى تېزدىن ھەرىكەتكە كەلدى، ياۋروپا كومىتېتىمۇ «كوپېرنىك» سۈنئىي ھەمراھ سىستېمىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ۋون دېر لېين ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىسپانىيەنىڭ بۇ ئاپەتتىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەردى. سانچېز مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ھۆكۈمەت قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدۇ ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلىتىشكە بولىدىغان بايلىقنى يۆتكەپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ يۇرت ماكانىنى قايتا قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.»ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىزتۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدىتەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭيانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340