توي ۋە سۇيقەست 🧡 60-قىسىم (ئەپچىدە تولۇق)

文摘   2024-07-22 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ياش يازغۇچى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «توي ۋە سۇيىقەست» ناملىق روماننىڭ ئاۋازلىق ۋە يازما نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ! شۇنداقلا باشقا ئوقۇرمەن دوستلىرىڭىزغا تارقىتىپ قويۇڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم
2-قىسىم
3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
60-قىسىم

يولدىشىمنىڭ تېلىفونى سايراپ سىرتقا چىقىپ كەتتى. مەن بولسام تېلىفونۇمدا يولدىشىمنىڭ قىز دوستىنىڭ بايىقى ئاۋازىنى كېسىپ ئىشلەشكە باشلىدىم.

ئۇنىڭ تېلىفون نومۇرى ئارقىلىق ئۈندىدارغا قوشتۇم. بىردەمدىن كېيىنلا قارشى تەرەپنىڭ قوشقان ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالدىم.

- سىز كىم؟

 دېگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرىۋېلىپلا بايىدىن بېرى كېسىپ تەييارلىغان ئاۋازنى ئۇنىڭغا يوللىدىم.

- ئۇ ماڭا ئىككىڭلارنىڭ ئاراڭلاردا مۇھەببەت يوقلىقىنى، ئۆزىنىڭ سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى دېدى.

 ئۆزىڭىزنى ئالدىماڭ، ئۇ دادىسىنىڭ ئالدىدىمۇ مەن بىلەن توي قىلغۇسى بارلىقىنى دېيەلىدى. دېمەك ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

- شۇنداق. بۇ ئۆينى يولدىشىڭىز ماڭا ئىجارە ئېلىپ بەردى، بۇ ئۆيدە ياخشى كۈتۈنۈڭ دەيدۇ، ئىچىگە كىرىپ كۆرەمسىز، شۇنداق كاتتا.

- ماڭا بۇنداق گېپىڭىز تەسىر قىلمايدۇ. ئۇ ھامان ماڭا ئۆي ئېلىپ بېرىدۇ. ئاۋۇ داچىغا مېنى ئېلىپ كىرىدۇ، سىز ھەيدىلىسىز.

ئۇ ماڭا شۇئان ئاۋازلىق ئۇچۇر قايتۇردى.

- ھۇ پاسكىنا، مېنى بايىدىن بېرى گەپكە سېلىپ ئاۋازىمنى ئۈنگە ئاپسەندە.

- ئەلۋەتتە. يېنىڭىزدىن قۇرۇق قايتىپ كەلسەم بولمايدۇ-دە.

- ھاھا، مۇشۇنداقلىقىڭدىن يولدىشىڭنىڭ ئاجرىشىپ كەتكۈسى كەپتۇ.

- ئۇ مەن بىلەن ئاجراشمايدۇ. ئاجرىشالمايدۇ.

- سەن چۈپرەندىنىڭ قولىدىن نېمە كېلەتتى، ئاۋازنى ئالساڭ نېمە قىلالايتتىڭ، قانۇن بەرىبىر مېنى جازالىمايدۇ.

- شۇنداقمۇ، قانۇن سېنى جازالىيالمىسا خەلىق، سېنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭ سېنى جازالىيالايدۇ.

- ھەي بۇزۇق، سەن نېمە دېمەكچى؟

-نېمە دېمەكچىلىكىمنى سەن بىلىسەن، سېنىڭ توردا نەچچە تۈمەن ئەگەشكۈچىلىرىڭ باركەن، ئۆزۈڭ مەينەت يول بىلەن پۇل تېپىپ، يەنە تېخى خەققە ياخشىلىق توغرىسىدا دەرس ئۆتىدىكەنسەن، مەن بۇ ئاۋازنى ئاشكارلىسام قانداق بولار.

-ھۇ قارانىيەت چۈپرەندە، سېنى نىيىتىڭگە يەتكۈزمەيمەن.

- بولىدۇ. قېنى سىناپ باق، داۋاملىق مۇشۇنداق قىلىمەن دېسەڭ، مەن يەنە باشقىچە يول تۇتىمەن.

- يولدىشىڭ مەن تەرەپتە، سەن يېڭەلمەيسەن.

- بولىدۇ. يولدىشىم زادى يۈزى تۆكۈلۈپ ئۈچىنچى شەخسكە بۇزۇلدى دېگەن گەپكە چىداشنى تاللامدۇ ياكى مەن بىلەن ئۆي تۇتۇشنى تاللامدۇ ئۇنىڭ ئۆزىدىن سوراپ باقايلى، ئەگەر ئۈچىنچى شەخىسكە بۇزۇلغىنى توردا ئاشكارلانسا دادىسى ئۇنىڭغا ھېچقانداق پۇل تۇتقۇزمايدۇ، سەنمۇ ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيسەن، ئەگەشكۈچىلىرىڭ بىلەن بايلىقتىن تەڭلا ئايرىلىسەن. بىلدىڭمۇ؟

-ھۇ پەس، قارانىيەت، بىركۈنى جاجاڭنى يەيسەن، مەن ئۇنىڭغا دەپ بۇ ئىشنى ھەل قىلىمەن.

- ھەل قىلالىساڭلا مەن ساڭا قول قويىمەن، ھەل قىلالمىساڭ چوقۇم مەندىن كەچۈرۈم سوراپ يولدىشىم بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزىسەن.

- مۇمكىن ئەمەس. مەن بۇ مۇناسىۋەتنى ئۈزمەيمەن.

-بولىدۇ. ئۇنداقتا مېڭىپ باقايلى، قېنى كىم يېڭىدىكىن.

- سەن يېڭەلمەيسەن، يىگىتىم سېنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

ئۇنىڭ تېلىفونىنى قويىۋېتىپ سىننى ئۆزۈمنىڭ ئۈچ خەت ساندۇقۇمغا يوللىۋەتكەندىن كېيىن ئۇخلىغان قىياپەتكە كىرىۋالدىم.

يولدىشىم بىرئازدىن كېيىن قايتىپ كىرىپ جايىغا كېلىپ ياتتى. تامغا چۈشكەن يورۇقتىن ئۇنىڭ تېخىچە تېلىفوننى ئۆچۈرمىگىنى بىلىنىپ تۇراتتى.

مەن بولسام تىرىشىپ ئۇخلىغان بولۇپ ياتاتتىم.

ئۇ يېنىمغا كېلىپ قولۇمدىن تارتتى.

-بىرمۇنچە ئىشنى تېرىپ قويۇپ خاتىرجەم ئۇخلاۋاتامسىز.

- نېمىش بولدى، مېنى ئۇخلىغىلى قويۇڭ.

-ئۇنىڭ يېنىغا نېمىشقا بارىسىز؟

-بارسام نېمە بوپتۇ، سىزنىڭ نېمە كارىڭىز؟

-نېمە كارىڭىز؟ ئۇ مېنىڭ ئادىمىم، نېمىشقا كارىم بولمىغۇدەك.

-سىزنىڭ ئادىمىڭىز بولغاچقا ئۇنىڭ يېنىغا باردىم، بولماپتۇما؟

ئۇ مېنىڭ چېچىمنى تارتتى.

-ھەي، مەن سېنى راست ئالغىنىم يوق. بىز بىر-بىرىمىمزنىڭ ئىشىغا ئارلاشمايمىز دەپ ۋەدىلەشكەن. ئۆزۈڭنى تولا مېنىڭ راست ئايالىمدەك كۆرسەتمە.

- بولىدۇ. توختامنى تېپىڭ. بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى، دادىڭىزنى ئۇنۇتۇڭ. مەن شۇئان كېتىمەن، قىلالامسىز؟ ئۇنداق قىلالمىسڭىز مەن سىزنىڭ ئايالىڭىز، بۇ ھەقىقەتنى قۇبۇل قىلسىڭىزمۇ قىلىسىز، قۇبۇل قىلمىسىڭىزمۇ قىلىسىز.

-دۇنيادا سەندەك ناچار ئادەمنى كۆرمەپتىكەن، تېخى ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئۈنگە ئېلىۋاپسەن.

- شۇنداق. ئەگەر ئۇ ماڭا يەنە شۇنداق گەپ قىلسا، بۇ ئىسپاتنى تورغا تارقىتىپ ئۇنىڭ نامىنى بۇلغايمەن، ئۆزى يامان ئىش قىلىپ قىز ئاياللارغا قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىدىكەن تېخى.

- مەن راستىنلا سەندىن قورقتۇم، مال دۇنيا ئۈچۈن ھەر ئىشنى قىلىدىكەنسەن.

- مېنىڭ ئۇنداق قىلغۇم يوق ئىدى. سىز شۇنىڭغا مەجبۇر قىلدىڭىز.

- مەن ھېچنېمە قىلمىدىم. ئەسلىمۇ ئارىمىزدا توختامدىن باشقا ھېچقانداق ھېسسىيات يوق.

- سىز ئەسلى بىر يىل ئۆي تۇتىمىز دېگەن. لېكىن نەچچە ئايدىلا مېنى ھەيدىدىڭىز، يەنە كېلىپ ئەڭ ئاجىز ۋاقتىمدا، مەن نېمىشقا بۇنداقلا كەتكۈدەكمەن.

- ئۆزۈڭ بالىنى چۈشۈرىۋەتتىڭ. بۇنى مەندىن كۆرمە.

- سىز رەزىل قاپقان قۇرمىغان بولسىڭىز مېنىڭ بالام چۈشۈپ كەتمىگەن بولاتتى.

- مەن سېنى دەسسىسۇن دەپ قۇرمىغان، ئۆزۈڭ دەسسىدىڭ بۇنى ئۆزۈڭنىڭ دۆتلىكىدىن كۆر.

- بولىدۇ. مېنى نەچچە قېتىم دۆت دېدىڭىز. ئەمدى سىزگە ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ئەقىللىق ئىكەنلىكىمنى ئىسپاتلاپ بېرىمەن.

ئۇ كارىۋات بېشىدىكى تېلىفونۇمنى قولىغا ئالدى.

-مۇشۇغۇ، ئىسپات مۇشۇنىڭدىغۇ؟! مانا.

 يولدىشىم تېلىفوننى تامغا زەردە بىلەن ئاتتى. تېلىفون تامغا تېگىپ پارچىلاندى.

تېلىفوننى قولۇمغا ئېلىپ ئېچىنىم قارىدىم.

-بۇ نېمە قىلغىنىڭىز، نېمىشقا تېلىفونۇمنى چاقىسىز.

- تارتقان نەرسە مۇشۇ بولغاندىن كېيىن چاقتىم، ئەمدى بىر نەرسە تارتقىنىڭنى مەن بىر كۆرەي.

- مەن سىزدەك باينىڭ بالىسى ئەمەس، مۇشۇ بىرلا تېلىفونۇم بار ئىدى. بۇنى چېقىۋەتسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن.

- سېنى ئۆزىچە يامان كۆرسىتىۋاتقان. توختىماي بىر نەرسە تارتقۇزىۋاتقان مۇشۇ بولغاندىن كېيىن يوق بولسۇن. ئەمدى يەنە قانداق يامان پىلان تۈزىسەنكىن.

تېلىفوننى تۇتۇپ كۈلدۈم.

- بۇ تېلىفون يوق بولسا، مەن يەنە باشقا تېلىفون ئالالايمەن، تېلىفوننى چاققان بىلەن مېنى توسۇپ قالالمايسىز.

- ھاھا، دادامغا دەپ تېلىفون ئالامسەن، سېنىڭ قولۇڭدىن دادامغا دەرت ئېيتىشتىن باشقا نېمە كېلەتتى.

- شۇنداق. دادىڭىز ئاۋۇ قىز دوستىڭىزدىن بەكرەك ماڭا ئامراق. ئۇ مېنى ئېتىراپ قىلىدۇ، قانداق؟!

- ھامان بىركۈنى داداممۇ سېنى قوغدىيالمايدۇ.

-ئۇ چاغدا ئۆزۈمنى ئۆزۈم قوغدايمەن.

تېلىفوننىڭ پارچىسىنى قولۇمغا ئالدىم. پۈتۈنلەي بۇزۇلغان بولۇپ ئوڭشاش ئىمكانىيىتى يوقتەك قىلاتتى.

- ئەمدى يەنە قىز دوستۇمنىڭ كەينىگە چۈشكىنىڭنى بىر كۆرەي، ئۇنىڭ ئاۋازىنى تورغا يوللىماقچىمىتىڭ تېخى، مەن ھەرگىز بۇنىڭغا يول قويمايمەن.

-بۇ ئىسپات يوق بولسا، مەن يەنە باشقا ئىسپات تاپالايمەن.

- مەن ھەممە ئىسپاتىڭنى يوق قىلىمەن، ئۇنىڭغا قەست قىلغىنىڭنى بىر كۆرەي.

يولدىشىم چىراغنى ئۆچۈرۈپ ياتتى. مەنمۇ ئۆز كارىۋىتىمغا كەلدىم. ئۆزۈمنىڭ ئىسپاتنى باشقا خەت ساندۇقىغا يۆتكىۋالغىنىم ئۈچۈن خوشال ئىدىم.

تام تەرەپكە ئۆرۈلۈپ كۈلۈپ قويۇپ كۆزۈمنى يۇمدۇم.

دادامدىن پۇل سوراپ يېڭى تېلىفوندىن بىرنى ئالدىم-دە، شىركەتكە يۈرۈپ كەتتىم.

ئىشخانا بىناسىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە بۇرۇنقى يىگىتىم تۇراتتى. ئۇنىڭغا قارىماستىن لېفىت ئالدىغا كەلدىم.

- ئاڭلىسام مۇئاۋىن دېرىكتور بوپسىز.

 دېدى ئۇ يېنىمدا تۇرۇپ.

-شۇنداق. ئۇچۇر سىزگە بەك تېز يېتىپ بارىدىكەن.

-بىزنىڭ شىركەتنىڭ بىر ئىشخانىسى سىلەرنىڭ قەۋەتتە، ئاڭلىماي دېسەممۇ قۇلاققا كىرىپ قالىدۇ.

- بېزىكىڭلارنى بىر ئايدا پۈتىدۇ دەۋاتقانتى. تېخىچە پۈتمىدىمۇ؟!

- بىز ئىشخانىنى كاتتا ياسىماقچى، شۇڭا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، يېقىندا يېڭى مەھسۇلاتلارنى كىرگۈزدۇق. بەلكىم يەنە نەچچە قەۋەت سېتىۋېلىشىمىز مۇمكىن.

- شۇنداقمۇ؟! بۇ كاتتا ئىشلاردا سىزنىڭ بىر ئازمۇ ھەققىڭىز يوققۇ دەيمەن.

- ئايالىمنىڭ تاپقىنى مېنىڭ تاپقىنىم، مەن شىركەتنىڭ ئادىمى، نېمىشقا ھەققىم بولمىغۇدەك.

لېفىت ئېچىلىپ ئىككىمىز تەڭ لېفىتقا چىقتۇق. قولىمىز لېفىت قەۋەت سانىنى تەڭ بېسىپ قېلىپ، قولۇمنى ئۇنىڭ قولى ئاستىدىن تارتىۋالدىم.

- بۇرۇن يولدىشىڭىز ئەكەپ قوياتتىغۇ، ھازىر يالغۇز كېلىدىغان بوپ قالدىڭىزما؟

- ئۇنىڭ خىزمىتى ئالدىراش، شۇڭا بالدۇر ماڭىدۇ.

- ھاھا، دادىسىنىڭ شىركىتىگە ئىگە بولىمەن دەپ بالدۇر ماڭار كاشكى.

-قانداقلا قىلسا ئۇ بۇ گورۇھنىڭ دېرىكتورى، دادىسى ئۇنىڭغا ئىشىنىپ شۇ ئورۇننى تاپشۇردى، سىزدەك ئايالىنىڭ چاپىنىدا تەرلەۋاتقىنى يوق.

- ئاغزىڭنى يۇم دېدىم.

 بۇرۇنقى يىگىتىم قولىنى كۆتۈرۈشى بىلەن ئىشىك ئېچىلىپ باشقا خىزمەتداشلار كۆرۈندى. ئۇ ئاستا قولىنى يىغىۋالدى.

- ھەمكارلىقىمىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن.

 كۈلگىنىمچە ئىشخانىدىن چىقتىم.

ئىككىمىز يۈرىكىمىزدىكى غەزەپنى چىرايىمىزدىكى يالغان كۈلكە بىلەن بېسىپ شىركەت ئىچىگە قاراپ ماڭدۇق. ئەگەر زالدا ئادەم بولمىسا ئۇنىڭ گېلىمنى سىقىپ قويغۇسى بار ئىدى.

- ئىش بولسا مېنىڭ ئىشخانامغا كىرسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭغا غەرەزلىك كۈلۈپ قويۇپ ئىشخانامغا كىرىپ كەتتىم. ئۇ ماڭا سەت بىر قارىۋاتكەندىن كېيىن ئىچىدىكى ئىشخانىسى تەرەپكە ماڭدى.

تېلىفوننى ئېچىپ يولدىشىمنىڭ قىز دوستىنىڭ ئۈندىداردىكى ئۇچۇرىنى تاپشۇرىۋالدىم.

-مەن ساڭا دېگەنغۇ، يىگىتىم ھەرگىز سېنى بوش قويىۋەتمەيدۇ.

- ئالدىراپ خوش بوپ كېتىپسەن.

خەت ساندۇقۇمنى ئېچىپ ئۇنىڭغا ئاۋازىنى چۈشۈردۈم-دە ئۈندىدارىغا يوللىۋەتتىم.

بىردەمدىن كېيىنلا ئۇنىڭدىن ئۈندىدار تېلىفونى كەلدى.

- ھەي بۇزۇق، بۇنى نېمىشقا يوق قىلمايسەن.

- نېمىشقا يوق قىلىمەن. ساڭا مەن يوق قىلىمەن دەپ ۋەدە بەرگەنما؟

- سەن بەك ھىيلىگەر نېمىكەنسەن، يولدىشىم تېلىفونۇڭنى بۇزىۋەتسىمۇ يەنە قايتا ئوڭشىتىپسەن.

- قانداق قىلىمەن. بۇنداق مۇھىم ئۇچۇرنى يوق قىلىۋەتسەم بولماس.

- مەن سېنى بوش قويىۋەتمەيمەن، قاراپ تۇر، سېنى چوقۇم يىقىتىمەن.

-چاتاق يوق. مەن چوقۇم سەن بىلەن بىرگە ماڭىمەن.

ئۇنىڭغا شۇنداق ئۇچۇر يوللاپ قويۇپ يەنە قايتا كومپىيۇتېرغا قاراشقا باشلىدىم. ئەمدىكى پىلانىم بولسا بۇرۇنقى يىگىتىم بىلەن ئايال دېرىكتورنىڭ شىركىتىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى كۆرۈش ئىدى. ئۇلار يېقىندا ئاياللار يۈز تېرىسىنى ئاسراش مەھسۇلاتى كىرگۈزگەن بولۇپ، ئېلانلىرىنى بېرىشكە باشلىغانىدى.

ئۇلارنىڭ مېلىنىڭ كېلىشىنى كۈتىۋاتاتتىم.

ئىشخانامنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ كاتىپ كىردى.

- سىزنى باش دېرىكتور چاقىرىدۇ.

يولدىشىمنىڭ ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدىم. كىرىشىم بىلەن ئۇ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىدى.

- سىز زادى نېمىش قىلماقچى؟ نېمىشقا ئۇ نەرسىنى يوق قىلمايسىز.

- ئۇ بىردەمدە سىزگە دەرت ئېيتىپ بوپتۇدە.

- مەقسىدىڭىز زادى نېمە؟ مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن. بىر يەرگە كېلىشىمىزمۇ مۇمكىن ئەمەس، يەنە نېمىشقا ۋاز كەچمەيسىز.

-مەن سىزگە بۇ گەپنى جىق دېدىم، دادىڭىز قوشۇلغان بولسا، مېنىڭ بىر مىنۇتمۇ سىز بىلەن بۇنداق ياشىغۇم يوق.

-تولا يالغان سۆزلىمەڭ. سىز مەن بىلەن شىركەتكە تەڭ ئىگە بولماقچى.

- نېمە دەپ ئويلىسىڭىز مەيلى، دادىڭىزنى ئۇنۇتۇشقا قۇربىڭىز يەتمىسە جىم بولۇڭ، مەنمۇ ھەم ئەمدى سىزنىڭ بېسىمىڭىزغا چىداپ ئولتۇرمايمەن.

يولدىشىم ئالدىمغا كەلدى.

- مېنى ھازىرمۇ ياخشى كۆرەمسىز؟

- ياق

 دېدىم كەسكىنلىك بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ.

- ئۇ ۋاقىتلاردا سىزگە ئالدىنىپ قاپتىمەن. مەن ھازىر سىزگە ئۆچ. چىش تىرنىقىمدىن ئۆچ.

- ئەمىسە نېمىشقا يەنە بۇنداق قىلىسىز؟

- سىز مېنى قىينىغاچقا، بالا چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا ئادەم ئورنىدا كۆرمىگەچكە، بالام كېتىپ قېلىشى بىلەنلا باشقىلاردىن بالا تاپقاچقا شۇنداق قىلىمەن.

- مەندىن ۋاز كېچىڭ. ئۇ قىزنىمۇ قىينىماڭ بولامدۇ؟! سىزدىن ئۆتۈنەي.

- قانداق؟! تۈنۈگۈنكىدەك مېنى سىلكىپ ئۇرالمايسىزغۇ، ئىشخانىدا كامىرا بولغاچقىما؟

ئىشىك ئېچىلىپ كاتىپ قىز ئىككى ئىستاكان قەھۋەنى كۆتۈرگىنىچە كىردى.

- قەھۋە ئىچىڭلار دېرىكتور.

ئىككىمىزنىڭ ئىستاكانى ئوخشىمايتتى. لېكىن ئىچىدىكى قەھۋەنىڭ رەڭگى ئوخشاش ئىدى. تۈنۈگۈن تېخى ئىككىمىزگە ئوخشىمايدىغان قەھۋە قۇيغان كاتىپنىڭ قانداق بولۇپ بۇ قېتىم ئوخشاش قەھۋە ئېلىپ كىرگىنى مېنى گۇمانغا سېلىۋاتاتتى.

قەھۋەنى قولۇمغا ئالدىم.

- مەن چىقىپ كەتتىم. قەھۋەرىڭىزگە رەھمەت.

قەھۋەنى كۆتۈرگىنىمچە ئىشخانامغا كىردىم-دە، قەھۋەگە قاراشقا باشلىدىم. تۈنۈگۈن تېخى يولدىشىم بىلەن ماڭا ئوخشىمايدىغان قەھۋە بەرگەن كاتىپنىڭ بۈگۈن ئوخشاش قەھۋە بېرىشى مېنى ھەيران قالدۇرىۋاتاتتى. قەھۋەنى بوش تېتىپ كۆردۈم. تەمى تۈنۈگۈنكى قەھۋەگە راستىنلا ئوخشىمايتتى.

 ئادەتتە قەھۋە ئىچسەم ھارغىنلىقىم تۈگەيدىغان ئادەم بېشىم ئاغرىپ بىئارام بولىۋاتاتتىم.

ھەممەيلەن چۈشلۈك دەم ئېلىشقا چىقىپ كەتكەندە ئىشكاپنى ئېچىپ يولدىشىم ئىچىدىغان قارا خالتىلىق قەھۋە بىلەن ئۆزۈم تۈنۈگۈن ئىچكەن قەھۋەنى كىچىك خالتىغا تۆكىۋېلىپ ئىشخانامغا قايتىپ كىردىم.


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز بارلىق قىسىملىرى تولۇق چىقىدۇ👇


Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章