سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
يېقىندا بىر تور چولپىنى تورغا ۋىدېيو يوللاپ، ئامېرىكا غەربىي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنى غەزەپ بىلەن شىكايەت قىلىپ، «ئىنتايىن قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن مېنى ۋە ۋاپات بولغان ئاپامنى ھاقارەتلىدى» دېگەن.
تۆت يىل ئىلگىرى، لۇسىنىڭ ئاپىسى قازا قىلغان، لۇسى ئەينى ۋاقىتتا قاتتىق ئازابلانغان، ئەمما ئۇ پەقەت يانفونى ئارقىلىق ئاپىسى بىلەن خوشلاشقان.
ئاپىسىنىڭ قازا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى شۇم خەۋەرگە چىدىيالماي لۇسى، شۇنىڭدىن كېيىن ئاپىسىنىڭ جەسەت كۈلىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان بولغان.
شۇنچە يىللاردىن بۇيان، لۇسى ئاپىسىنىڭ جەسەت كۈلىنى ئېلىپ ھەر تەرەپكە قاتراپ، تەنھەرىكەت قىلىپ، ساياھەت قىلغان. بىراق، ئۇ غەربىي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرسا، ئاپىسى ئىككىسىنىڭ بۇنچە چوڭ ھاقارەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.
ۋەقە يۈز بەرگەندە، لۇسى غەربىي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىققان. گىتارنى ئايرپپىلانغا ئېلىپ چىققىلى بولمىغاچقا، ئۇ ئاپىسىنىڭ جەسەت كۈلى بىلەن گىتارنى بىر يەرگە قويۇپ بىللە توشۇغان. مەنزىلگە بارغاندىن كېيىن، لۇسى يۈك-تاق ئېلىش ئورنىدا ساقلاپ تۇرغان. نەتىجىدە گىتارنىڭ چىققىنىنى كۆرمىگەن، غەربىي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن سورىغاندىن كېيىن، ئۇچۇش جەريانىدا گىتارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلگەن.
غەربىي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى تاپقاندىن كېيىن تېز يوللانما قىلىپ ئۆيىگە ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئەندىشە پەيدا بولغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا غەربىي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆيدە جىمجىت ئولتۇرۇپ گىتارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ساقلاشنى تاللىغان.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، لۇسى تېز يوللانما تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان، گىتار ئاخىرى قايتىپ كەلگەن. لۇسى خۇشال ھالدا پوسۇلكىنى ئاچقاندا، بىر خىل سېسىق سۈيدۈك پۇرىقى كەلگەن. گىتار قۇتىسىنى ئاچقاندىن كېيىن، ئىچىنىڭ ئىنتايىن نەم ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ پۇراق بەئەينى سۈيدۈكنىڭ پۇرىقىغا ئوخشايتتى.
«پۇرىماققا سۈيدۈككە ئوخشايدىكەن. ناھايىتى ئېنىقكى بىرسى مېنىڭ گىتار ۋە گىتار قۇتامنىڭ ئىچىگە سىيىپ قويغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپامنىڭ جەسەت كۈلىمۇ گىتار قېپىمدا ئىدى.»
شۇنىڭ بىلەن، لۇسىنىڭ ئاپىسىنىڭ جەسەت كۈلى بىلەن باشقىلارنىڭ سۈيدۈكى ئارىلىشىپ كەتكەن. لۇسى قاتتىق غەزەپلەنگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ، سۈيدۈك بىلەن تولغان گىتار قۇتىسى ۋە جەسەت كۈلىنى بىر تەرەپ قىلغان.
بۇ قاباھەتلىك چۈشكە ئوخشاش كەچۈرمىش لۇسىنى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرىدا لۇسى ئامالسىز قالغان: «مەن نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن پاراڭلاشتىم، مەن گىتارىمنىڭ سۈيدۈك بىلەن مەينەت بولۇپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈردۈم، لېكىن ئۇلار تېگىشلىك ئەھمىيەت بەرمىدى.»
بىرىنچى قېتىم ئەرز قىلغاندا، غەربىي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى 30 كۈن ئىچىدە جاۋاب قايتۇرغان. گەرچە لۇسى مەسىلىنى دەرھال ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، «سىلەرنىڭ بىر خىزمەتچىڭلار مېنىڭ گىتارىمنى ئېچىپ، ئاپامنىڭ جەسەت كۈلىگە سىيىپ قويدى» دېگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا كۈتۈشكە مەجبۇر بولغان.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، لۇسى بۇ ئىشنى توردا ئېلان قىلىپ، بىردەمدىلا زور بىر تۈركۈم تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىغان.
ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، دەلىللەش ئارقىلىق، لۇسى بۇ سۇيۇقلۇقنىڭ سۈيدۈك ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. ئەمما، ئۇ بىر خالتا نەرسىنىڭ قازا قىلغان ئانىسىنىڭ جەسەت كۈلى ئىكەنلىكىنى قانداق بېكىتىش كېرەك؟ لۇسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ جەسەت كۈلىنىڭ ئاپىسىنىڭ جەسەت كۈلى ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلمەيدىكەن، چۈنكى ئۇ ئاپىسىنى ئېلىپ DNA تەكشۈرۈشى قىلىشنى خالىمايدىكەن.
ئىككىنچى قېتىملىق يېڭىلانغان ۋىدېيودا، لۇسى ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا ئۆزىنىڭ ئاخىرى غەربىي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ھادىسە دوكلاتىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، ئەرز قىلىش تەرتىپىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئەمما غەربىي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئېيتىشىچە، تۆلەم بېرىش ئۈچۈن لۇسىدىن ئىسپات ئېلىش كېرەك ئىكەن. مەسىلەن، گىتارنىڭ تالونى، جەسەت كۈلىنىڭ ئىسپاتى دېگەندەك.
لۇسىنىڭ نەزىرىدە، ئۇنىڭغا ئۇزۇن يىل ھەمراھ بولغان گىتار ۋە ئاپىسىنىڭ جەسەت كۈلىنىڭ ئەھمىيىتىنى پۇل بىلەن ئۆلچەش تەس.
ئۇنى ئەڭ ئازابلىغىنى شۇكى، بۇ ئىش تۆلەم بېرىش ياكى تۆلىمەسلىك مەسىلىسى ئەمەس. ئەكسىچە، غەربىي جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى بىر خىل ئىنتايىن ھاقارەتلىك ئۇسۇل بىلەن، ئۇ ئىلگىرى قەدىرلىگەن بارلىق نەرسىلىرىنى ئېلىپ كەتكەن، ئىشتىن كېيىن يەنە ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، قىلچە كەچۈرۈم سورىمىغان.
بۇ ئىشنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ!
كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار