تىرامپ يەڭدى، بۇ قېتىمقى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى قانداقتى؟

文摘   2024-11-06 22:20   新疆  
سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ




ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭ 
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ بۈگۈن (2024-يىلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى) ئەڭ يېڭى بېلەت ھېسابلاش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تىرامپ 277 سايلام بېلىتىگە، ھاررىس 226 سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەن. تىرامپ 270 ياكى 270تىن ئارتۇق بېلەتكە ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن، 2024-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، كېلەر يىلى 1-ئايدا زۇڭتۇڭلۇق تەختىدە ئولتۇرىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، تىرامپ شىمالىي كارولىنا ئىشتاتى، ئىداخو ئىشتاتى، ئىئوۋا ئىشتاتى، كانزاس ئىشتاتى، مونتانا ئىشتاتى، يۇتا ئىشتاتى، مىسسۇرى ئىشتاتى، تېكساس ئىشتاتى، ئوخايو ئىشتاتى، ۋيومىڭ ئىشتاتى، نېبراسكا ئىشتاتى، لويىزاننا ئىشتاتى، شىمالى داكوتا ئىشتاتى، جەنۇبى داكوتا ئىشتاتى، ئاركانزاس ئىشتاتى، ئوكلاخوما ئىشتاتى، فىلورىدا ئىشتاتى، جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتى، ئالاباما ئىشتاتى، مىسسىسىپى ئىشتاتى، تېننېسسى ئىشتاتى، ئىندىيانا ئىشتاتى، كېنتۇككى ئىشتاتى ۋە غەربىي ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدا غەلىبە قىلغان.
كامالا ھاررىس ۋىرگىنىيە ئىشتاتى، يېڭى مېكسىكا ئىشتاتى، ئورېگون ئىشتاتى، كالفورنىيە ئىشتاتى، ۋاشىنگتون ئىشتاتى، كولومبىيە ئالاھىدە رايونى، كولورادو ئىشتاتى، نيۇيورك ئىشتاتى، ئىللىنوئىس ئىشتاتى، دېلاۋىيەر ئىشتاتى، يېڭى جېرسىي ئىشتاتى، مارىلاند ئىشتاتى، كوننېكتىكۇت ئىشتاتى، ماسساچۇسېتس ئىشتاتى، رود ئارىلى ئىشتاتى، ۋېرمونت ئىشتاتى، ھاۋاي ئىشتاتىدا غەلىبە قىلغان.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا سايلىغۇچىلار ئۆمىكى تۈزۈمى قوللىنىلىدۇ، 50 ئىشتاتتا نوپۇس نىسبىتى بويىچە سايلىغۇچىلار بېلىتى تەقسىملىنىدۇ، 538 سايلام بېلىتىنىڭ ئاز دېگەندە 270ىگە ئېرىشكۈچى غەلىبە قىلغان ھېسابلىنىدۇ.

2024-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئەمدىلا چىقتى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى دونالد تىرامپ شىمالىي كارولىنا، جورجىيە، پېنسىلۋانىيە قاتارلىق تەۋرەنمە ئىشتاتلاردا ئارقا-ئارقىدىن غەلىبە قىلىپ، پات ئارىدا ئاقسارايغا يەنە قايتىپ كېلىدىغان بولدى!
بۇ خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا، پۈتۈن ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى، بەزىلەر يىغلىدى، بەزىلەر تەنتەنە قىلدى، كوچا-كويلاردىن تىرامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ھالدا ئۇنىڭغا ئالقىش سادالىرىنى ياڭراتتى.
نەق مەيداندا يەنە تىرامپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە پەيدا بولدى، ئۇ كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆزىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغانلىقىنى، «بالا-قازادىن ئامان قالغان»دىن كېيىن يەنە ئاقسارايغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
تىرامپ سەھنىگە چىقىشتىن بۇرۇن ئارگىنالنى يادلاۋاتىدۇ.
قىزىل رەڭلىك «MAGA» (ئامېرىكىنى يەنە بىر قېتىم ئۇلۇغ قىلايلى دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى) شەپكىسى يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا شەھەرلىرىنىڭ ئاساسىي رەڭگىگە ئايلاندى، تىرامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى بەس-بەستە كوچىلارغا چىقىپ تەبرىكلەشتى، ئالقىش سادالىرى، شوئار سادالىرى، ھەتتا ئاندا-ساندا پوجاڭزا ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، غەلبە كېچىسىدە ئۇلارنىڭ كەيپىياتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىمۇ تىرامپنىڭ غەلبىسى بىلەن توشۇپ كەتتى، ئۇ فىلورىدا ئىشتاتىدا سەھنىگە چىقىپ غەلبىسىنى ئېلان قىلغان پەيت، ئالاقە تورىدا دۇنيادىكى ئەڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
تىرامپنىڭ سانسىزلىغان قوللىغۇچىلىرى تورلاردا يازما يوللاپ ئۇنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى، ئېلون ماسك بۇ پەيتكە ھەممىدىن بەك تەقەززا بولۇپ كەتكەندەك قىلاتتى.
ئېلون ماسىك ئالاقە تورىدا راكىتاسىنىڭ سۈرىتىنى يوللاپ، بۇ قالتىس پەيتنى تەبرىكلىدى.
غەلىبە نۇتقىدا، تىرامپ قوللىغۇچىلىرىغا ئىشەنچ بىلەن رەھمەت ئېيتتى، ئۇنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتى ئىپادىلىنىپ تۇراتتى.
يەنە بىر تەرەپتىن، كامالا ھاررىس نۇتۇق پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى سالپايغان، ئاھ ئۇرغان، يىغلىغان ھالدا مەيداندىن ئايرىلدى.
ھاررىسنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ مەغلۇبىيەت كىشىنى تېخىمۇ ئازابلايدۇ، ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭ بولۇشقا پەقەت بىر قەدەملا قالغانىدى، ھازىر مەغلۇبىيەتتەك رەھىمسىز رېئاللىقىغا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولدى.
غەلىبە قىلغۇچى ۋە مەغلۇپ بولغۇچى.
ھاررىسنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ كەسكىن، ئەڭ كۆپ پۇل كۆيدۈرىدىغان، نەچچە ئون مىليارد دوللارلىق سايلام رىقابىتىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇشى كېيىنكى تۆت يىلدا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئامېرىكىنىڭ سىياسەتلىرى مۇقەررەر ھالدا يەنە بىر قېتىم تىرامپنىڭ تەشەببۇسىغا ئاغىدۇ.
بىز نەچچە ئايغا سوزۇلغان بۇ كەسكىن ئېلىشىش ۋە تىغمۇتىغ تىركىشىشنى ئەسلەپ، بۇ بىر نەچچە ئايدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىرلىكتە سۆزلەپ باقايلى.
ئالدى بىلەن ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ تۈزۈمىنى سۆزلەپ باقايلى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا «سايلىغۇچىلار ئۆمىكى» سىستېمىسى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق سايلىغۇچىلارنىڭ بېلەت سانى زۇڭتۇڭنى بىۋاسىتە بەلگىلىمەيدۇ. ھەر قايسى ئىشتاتلار سايلام بېلىتىنى ئايرىم-ئايرىم ئىستاتىستىكا قىلىدۇ ھەمدە نەتىجىگە ئاساسەن سايلام بېلىتىنى تەقسىم قىلىدۇ.
مەملىكەت بويىچە جەمئىي 538 سايلام بېلىتى بار بولۇپ، ھەربىر ئىشتاتتا مۇئەييەن ساندا سايلام بېلىتى بولىدۇ، سايلام بېلىتىنىڭ سانى ئىشتاتنىڭ نوپۇس كۆلىمىگە باغلىق بولۇپ، نوپۇسى كۆپ ئىشتاتلاردا سايلام بېلىتى كۆپ بولىدۇ، نوپۇسى ئاز ئىشتاتلاردا سايلام بېلىتى ئاز بولىدۇ.
كۆپ ساندىكى ئىشتاتلار «يەڭگۈچى ھەممىگە ئىگە بولۇش» قائىدىسىنى يولغا قويىدۇ، مەسىلەن بىر ئىشتاتتا ئەڭ كۆپ سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەن نامزات شۇ ئىشتاتنىڭ بارلىق سايلام بېلىتىگە ئېرىشىدۇ.
زۇڭتۇڭ نامزاتى بولۇش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 270 سايلام بېلىتى بولۇشى كېرەك (538نىڭ يېرىمىغا بىر بېلەت قوشۇلىدۇ).
شۇڭا، بەزىدە بېلەت ھېسابلاش جەريانىدا، نامزاتلار يېتەرلىك سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەن بولسا، بارلىق ئىشتاتلارنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىش ھاجەتسىز، 270تىن ئارتۇق سايلام بېلىتىگە ئېرىشكەن نامزات ئۇتقان ھېسابلىنىدۇ.
تىرامپ بىلەن ھاررىس ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە دېموكراتلار پارتىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئىككى پارتىيەنىڭ سىياسەت تەشەببۇسلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.
ئاساسىي سىياسەتتىن قارىغاندا، ئۇنى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتكە بۆلۈشكە بولىدۇ:
1. ئىقتىساد ۋە باج
تىرامپ: پۇلدارلار ۋە چوڭ كارخانىلارغا باج كېمەيتىش، باجنى كېمەيتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇش، ياسىمىچىلىق كەسپىنى جانلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، بۇ سىياسەتلەر ئاساسلىقى «تەمىنلەش ھالقىسىدىكى ئىقتىساد»قا مايىللىشىدۇ.
ھاررىس: بايلار ۋە چوڭ كارخانىلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى كۆپەيتىش ۋە بۇ باجنى مائارىپ ۋە داۋالاش قاتارلىق ئىجتىمائىي تۈرلەرگە ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىش. ھاررىسنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتى «ئېھتىياج تەرەپ ئىقتىسادى»غا تېخىمۇ مايىل بولۇپ، كىرىم باراۋەرسىزلىكىنى ئازايتىشقا تىرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ يۇقىرى فېدېراتسىيە ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
تىرامپ تۆۋەن باج كىرىمى ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ دەپ قارايدۇ، ھاررىس بولسا بايلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى كۆپەيتىش ئارقىلىق ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلام جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
2. كۆچمەنلەر سىياسىتى
تىرامپ: تېخىمۇ قاتتىق بولغان كۆچمەنلەر قانۇنىنى تەشەببۇس قىلىپ، تام قوپۇرۇش ۋە يۇرتىغا قايتۇرۇشنى مۇراجەت قىلىدۇ، ئۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ھەممىسىنى قوغلاپ چىقىرىشقا مايىل.
ھاررىس: قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قانۇنلۇق سالاھىيەت يولى بىلەن تەمىنلەشنى قوللايدۇ، يەنە بۇ كىشىلەرنىمۇ ئۆتكۈزۈۋېلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىنسانپەرۋەرلىك پاناھىدا ساقلاشنى خالايدۇ.
تىرامپ چېگرانى چىڭىتىپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئېقىپ كىرىشىنى توسۇشقا ئەھمىيەت بەردى؛ ھاررىس ئامېرىكىدىكى كۆچمەنلەرگە قانۇنلۇق پۇرسەت يارىتىپ بېرىش، كۆچمەنلەرنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ.
3. كىلىمات ۋە ئېنېرگىيە
تىرامپ: يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىنىڭ سۈنئىي ئامىل يەنى كىشىلەر بىلەن تۈپتىن مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايدۇ، تاشقا ئايلانغان يېقىلغۇنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە ئىشلىتىش كېرەك، مۇھىت ئاسراش قانۇن-نىزاملىرىنىڭ ئۇنچە قاتتىق بولۇشىنى قوللىمايدۇ، ئۇ ھاسىلىي ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سېلىشنى ئازايتىشنى، ئەڭ مۇھىمى ئامېرىكا ئېنېرگىيەسى مۇستەقىل بولۇشى كېرەكلىكىنى قوللايدۇ.
ھاررىس: مۇھىت ئاسراش تەرەپدارى، پاكىز ئېنېرگىيە بىلەن پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئۇ يېڭى يېشىل سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قايتىدىن «پارىژ كېلىشىمى»گە قايتىپ، يەر شارىنى قۇتقۇزۇشىمىز كېرەك دەپ قارايدۇ.
تىرامپ ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھاررىس مۇھىت سىياسىتى ئارقىلىق كىلىمات كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ.
4. بالا چۈشۈرۈش ھوقۇقى
تىرامپ: ھەرقايسى ئىشتاتلارنىڭ بالا چۈشۈرۈشكە قاتتىق چەكلىمە قويۇش ھوقۇقىنى قوللىدى ھەمدە مۇتەئەسسىپ سودىيەلەرنى تەيىنلىدى، بۇ «روۋ بىلەن ۋېد دېلوسى»نى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئۇنىڭ مەيدانى ئومۇمىي جەھەتتىن بالا چۈشۈرۈشكە قارشى تۇرىدۇ، لېكىن مەملىكەت خاراكتېرلىك چەكلەش بۇيرۇقى جەھەتتە ھەقىقەتەن مۈجمەل.
ھاررىس: ئاياللارنىڭ بالا چۈشۈرۈش ھوقۇقىنى قەتئىي قوغدايدۇ، ھەرقانداق چەكلەش تەدبىرىگە قارشى تۇرىدۇ، بالا چۈشۈرۈش ھوقۇقىنى فېدېراتسىيە قانۇنىغا كىرگۈزۈشنى قوللايدۇ، ئاياللارنىڭ ئەركىن تاللىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بالا چۈشۈرۈشكە تىرامپ قىسمەن قارشى تۇرغان، ھاررىس بولسا كۈچلۈك قوللىغان.
5. دىپلوماتىيە سىياسىتى
تىرامپ: «ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»نى تەشەببۇس قىلىش، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، خەلقئارا مەجبۇرىيەتنى ئازايتىش، بىر تەرەپلىمە ھەرىكەت قىلىش، تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
ھاررىس: ئىتتىپاقداشلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قايتا قۇرۇش، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، قارشىلىشىش ئەمەس، بەلكى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىق ۋە دىپلوماتىيە سۆھبىتىنى تەكىتلەيدۇ.
تىرامپ تېخىمۇ رادىكال بولۇپ، مۇستەقىل قارشىلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھاررىس بولسا دۇنياۋى رەھبەرلىك رولىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بەكرەك مايىل.
6. داۋالاش سىياسىتى
تىرامپ: «ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى»غا قارشى تۇرۇپ، خۇسۇسىي بازار رىقابىتىنى كۈچەيتىپ، بازار رىقابىتى ئارقىلىق دورا باھاسىنى تۆۋەنلىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
ھاررىس: ئوبامانىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى قوللايدۇ ھەمدە داۋالاش خىراجىتىنى ئازايتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ فېدېراتسىيە تولۇقلىما دورا باھاسى سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تىرامپ بازارنىڭ داۋالاش تەننەرخىنى كونترول قىلىش كۈچىگە تېخىمۇ ئىشىنىدۇ، ھاررىس بولسا ھۆكۈمەتنىڭ ئارىلىشىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ داۋالىنىش بىلەن قاپلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى قوللايدۇ
ئىككى پارتىيەنىڭ يادرولۇق سىياسەت ئىختىلاپى ئىجتىمائىي ئارزۇنىڭ تۈپ قارشىلىقىغا چېتىلىدۇ، شۇڭا بۇ قېتىم ئىككى پارتىيەنىڭ نامزاتلىرى مۇرەسسە قىلىشقا بولمايدىغان مەيدانغا دۇچ كەلدى.
لېكىن بۇ قېتىمقى سايلامنى مىسلىسىز كەسكىنلەشتۈرىۋەتكىنى، ھەتتا ھايات-ماماتقا يېقىنلاشقىنى ھەرگىزمۇ بۇ سىياسەت تالاش-تارتىشىلا ئەمەس.
ھەر يىلى ئىختىلاپ بولۇپ تۇرىدۇ، لېكىن ئەزەلدىن بۇ يىلقىدەك بۇنداق قاتتىق بولۇپ باقمىغانىدى.
نۇرغۇن ئامېرىكا تاراتقۇلىرى بۇ قېتىمقى سايلامنى ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ كەسكىن سايلام جېڭى دەپ ئاتىدى، ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەر كىم غەلىبە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي داۋالغۇش يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىدى.
ئامېرىكا كۆچمەنلەر مەسىلىسى مۇتەخەسىسلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «سايلامدىن بۇرۇنقى بىر مەزگىلدە، ئامېرىكىدىكى بايلارنىڭ كۆچمەن بولۇشقا ئېھتىياجى ئېشىپ كەتتى، ئىككىنچى پاسپورت ۋە چەتئەلدە تۇرۇش ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانىدا يېڭى رىكورت يارىتىلدى، ئۇلار يامغۇرلۇق كۈننىڭ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئەڭ ناچار ۋەزىيەتكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.»
ئەڭ يېڭى ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەندىشىسى كۆرۈلدى. %80كە يېقىن سايلىغۇچى سايلامدىن كېيىن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىدى، بۇنىڭ ئىچىدە تىزىمغا ئالدۇرغان%41 سايلىغۇچى بەزىلەرنىڭ زوراۋانلىق كۈچى بىلەن سايلام نەتىجىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلدى،%35 سايلىغۇچى يەنە باشقا ئەندىشىنى ئىپادىلىدى.
ئەھۋال نېمىشقا بۇنچە جىددىي؟
بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، تىرامپ بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى «كونا-يېڭى ئاداۋەت»نى چۆرۈپ تاشلىغىلى بولمايدۇ.
پۈتۈن دۇنيا تىرامپنىڭ تەسىر كۈچىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ بولغاندا قانچىلىك ھەيران قالارلىق ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ قانچىلىك تەلۋە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
2016-يىلى دېموكراتلار پارتىيەسى ئەلرايىنى تەكشۈرۈشتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغاچقا، بىخەستەلىك قىلىپ ئاخىرىدا ئاقساراينى قولدىن بېرىپ قويۇپ، تەمتىرەپ قالدى، شۇنىڭدىن كېيىنكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان تەسىر تا ھازىرغىچە تارقالمىدى. شۇڭا، بۇ قېتىم دېموكراتلار پارتىيەسى بارلىق كۈچىنى چىقىرىپ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي تىرامپنىڭ ئاقسارايغا قايتىپ كېلىشىنى توستى.
يىل بېشىدىن باشلاپ، تۈرلۈك جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەشلەر كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىپ، تىرامپقا ئارقا-ئارقىدىن زەربە بەردى. ئوخشاش بولمىغان جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىش، تىرامپنى قايتا-قايتا ئاختۇرۇش، قايتا-قايتا سوتلاش داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇردى.
بۇ ئەيىبلەشلەرنىڭ يالغان بولۇشى ناتايىن، لېكىن راست-يالغانلىقى مۇھىم ئەمەس.
سىياسىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، پەقەت بىرلا مەقسەت بار، ئۇ بولسىمۇ تىرامپنىڭ سايلام رىقابىتىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۇنىڭ سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىشىغا ۋاقىت چىقىرىشىنى توسۇش.
ئەگەر تىرامپ زۇڭتۇڭ بولالمىسا، چوقۇم جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ئەيىبلەشلەرگە داۋاملىق يۈزلىنىشى كېرەك، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئۇنىڭ تەختنى قايتىدىن قولغا ئېلىش ئۈمىدى يوق دېيەرلىك بولدى.
سايلام رىقابىتى باسقۇچىدا، ئىككى تەرەپتە تېخىمۇ داۋالغۇش بولدى.
7-ئاينىڭ 13-كۈنى تىرامپ پېنسىلۋانىيەدىكى بىر قېتىملىق سايلام يىغىلىشىدا ئەجەللىك ھۇجۇمغا ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالدى. بۇ قېتىمقى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش گەرچە تىرامپقا ماھىيەتلىك زىيان كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولسىمۇ، لېكىن تىرامپ قوللىغۇچىلىرىنىڭ قەلبىدە غەزەپ ئوتىنى ياندۇردى، ئۇلار بۇنى ئادەتتىكى سىياسىي كۈرەش ئەمەس، بەلكى ئېنىقلا ئۇرۇش قوزغىغانلىق دەپ قارىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، دېموكراتلار پارتىيەسىمۇ خاتىرجەم بولالماي، بىر مەيدان تارىخىي خاراكتېرلىك چوڭ ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.
بايدېن تىرامپ بىلەن بولغان سايلام جېڭىدە ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوقتەك كۆرۈنۈپ، ساغلاملىق مەسىلىسى ۋە قېرىلىق ھاردۇقىنى تەدرىجىي ئاشكارىلاپ، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تەشۋىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىۋەتتى.
ئەڭ ئاخىرىدا، بايدېن تۇنجى قېتىملىق مۇنازىرىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ «بايدېننى سېقىپ چىقرىشى» مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، شۇنداق قىلىپ ھازىرقى زۇڭتۇڭ بايدېن زۇڭتۇڭ نامزاتلىق ئورنىدىن چېكىنىپ چىقىپ، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ھاررىسقا «ئورۇن بەردى».
بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ جىددىي سايلام رىقابىتى بولۇپ قالدى، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، دېموكراتلار پارتىيەسى تىرامپنىڭ يەنە بىر قېتىم تەختكە چىقىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتكە بەرداشلىق بېرەلمەيتتى.
ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپنىڭ «ئۇتتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئاقىۋىتىگە قۇربى يەتمىسە»، ئۇنداقتا كېيىنكى ئىشلار ئامېرىكىلىقلارنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ. پۈتكۈل دۆلەت دەككە-دۈككىدە قالدى، خۇددى چوڭقۇر ھاڭنىڭ گىرۋىكىدە تۇرغاندەك، داۋالغۇش ۋە قالايمىقانچىلىققا ئىتتىرىلىپ قېلىشتىن قورقتى.
بۇ قېتىمقى سايلام كۈرىشى كەسكىنلىشىش باسقۇچىغا كىرگەندە، ئىككى تەرەپ جېنىنىڭ بارىچە مەبلەغ توپلاشقا باشلىدى. ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىدا سايلام رىقابىتى مەبلىغىنىڭ يۇقىرى چېكى بولمىغاچقا، بۇ سايلام رىقابىتى ئەمەلىيەتتە بىر مەيدان كاپىتال ئويۇنى بولۇپ قالدى، پۈتكۈل سايلام رىقابىتىدە، نامزاتلار ئەلرايىنى ئۇتۇش ئۈچۈن ناھايىتى زور مەبلەغنى كۆيدۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.
بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، 11 مىڭ سىياسىي گۇرۇھنىڭ 2024-يىلىدىكى چوڭ سايلامدا سەرپ قىلغان خىراجىتى 14 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.
ئامېرىكا ئېلان ئىز قوغلاش شىركىتى AdImpactنىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى سايلام ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ قىممەت زۇڭتۇڭ سايلىمى بولۇپ قالىدىكەن.
10-ئاينىڭ 19-كۈنى تىرامپنىڭ سايلام يىغىلىشىدا، ماسك نەق مەيداندا بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق چەكنى بىر تاماشىبىنغا سۇنۇپ، كىشىلەرنى يىغىلىشقا كېلىپ تىرامپنى قوللاشقا ئىلھاملاندۇردى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ يەنە توردا ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنى قوللايدىغان مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى ھەمدە 11-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى ئامېرىكا سايلام كۈنىدىن بۇرۇن، ھەر كۈنى مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويغان كىشىدىن بىرنى تاللاپ بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
كۆرۈنۈشتە، بۇ «سايلام بېلىتىنى سېتىۋېلىش» ھېسابلانمايدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن ئەمەلىيەتتە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ بېلەت سېتىۋىلىش بىلەن پەرقى يوقلىقىنى بىلىدۇ.
ھاررىسنىڭمۇ ئۇنىڭغا يەنە ياردەم قىلىدىغان «ئالتۇن دوستلىرى» بار، ھەتتا تىرامپتىنمۇ كۆپ.
«فوربېس» ژۇرنىلىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تىرامپ تەخمىنەن 50 مىلياردېرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن، ھاررىس بولسا 80 مىلياردېر ۋە ھوللىۋودتىكى نۇرغۇن چولپانلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
نېمىشقا باجنى كۆپەيتىشنى قوللايدىغان ھاررىسنى چوڭ شىركەتلەر ۋە بايلار يەنىلا داۋاملىق قوللايدۇ؟
چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ كۆپرەك باج تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلسىمۇ، لېكىن پەن-تېخنىكا، ساغلاملىق ۋە مۇھىت ئاسراش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ پىلانى بار، بۇ بۇ ساھەلەرگە مەبلەغ سالغان بايلار ئۈچۈن غايەت زور سودا پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە مۇقىم ئىقتىسادىي سىياسەتكە كۈچ چىقىرىدۇ، بۇ دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە پاي بازىرىنى جانلاندۇرىدۇ. ئەگەر بۇ سىياسەتلەر سەۋەبىدىن پاي بازىرى تېخىمۇ ئۆرلىسە، ئۇنداقتا باجنى ئاشۇرۇش تەننەرخى چوڭ ئىش ھېسابلانمايدۇ.
تېخىمۇ مۇبالىغە بولغىنى شۇكى، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان سىياسىيغا ئارىلاشمىغان بىل گەيتىسمۇ ھاررىسقا «ئۈن-تىنسىز ھالدا» 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلدى.
كىشىلەرنىڭ ئىككى نامزاتنى قوللاش نىسبىتى باشتىن-ئاخىرى بىر-بىرىدىن قېلىشمايدۇ، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى بۇ يىلقى سايلامنى «مۇشۇ ئەسىردىن بۇيانقى ئەڭ كۈچ جەھەتتە تەڭلەشكەن بىر مەيدان سايلام رىقابىتى» دېدى.
سايلام رىقابىتى ئاخىرقى باسقۇچقا قەدەم قويغاندىن كېيىن، مەبلەغ سېلىنمىسى بارغانسېرى كۆپتۈرۈلۈپ، ئېلان، قىسقا ئۇچۇر، پوچتا يوللانمىسى قاتارلىق بېلەت تاشلاش مەزمۇنلىرى سايلىغۇچىلارنى جەلپ قىلدى.
ئوخشاش بولمىغان ئەلرايىنى تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ مۆلچەر نەتىجىسى پۈتۈنلەي ئەكسىچە بولۇپ، كىمنىڭ تەۋرەنمە ئىشتاتتا يېڭىشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.
تەۋرەنمە ئىشتات دېگىنىمىز، بۇ ئىشتاتلاردىكى سايلىغۇچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان سايلام يىللىرىدا ئوخشاش بولمىغان پارتىيەلەرنى قوللايدىغانلىقىنى، بەزىدە دېموكراتلار پارتىيەسىنى، بەزىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇ تەۋرەنمە ئىشتاتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە كۆپ مەنبەلىك سايلىغۇچىلار بار، ئىرق، مائارىپ، ئىقتىساد، رايون ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى پەرق بىر قەدەر چوڭ ياكى نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، سايلام ئەھۋالىنى مۆلچەرلەش قىيىن، زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭ.
بۇ قېتىم سايلامدا ئەڭ ھالقىلىق يەتتە تەۋرەنمە ئىشتات تۆۋەندىكىچە:
بۇ قېتىم تىرامپ ئۇدا ئۈچ تەۋرەنمە ئىشتاتنى قولغا كەلتۈردى، ئۇلار شىمالىي كارولىنا ئىشتاتى، جورجىيە ئىشتاتى ۋە پېنسىلۋانىيە ئىشتاتى، ئۇ بۇ ئىشتاتلارنى قولغا كەلتۈرۈپ مۇددەتتىن بۇرۇن غەلىبىنى مۇقىملاشتۇردى.
ئەلۋەتتە، بەزى كىشىلەر ناۋادا ھاررىس مەغلۇبىيەتنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىسا قانداق قىلىش كېرەك، دەپ سورىشى مۇمكىن.
ئەگەر ئۇتتۇرۇپ قويغان نامزات سايلام نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمىسا، سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ دەۋا قىلىپ، قايتىدىن بېلەت ھېسابلاشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، سوتچى سايلام بېلىتىنى قايتا تەكشۈرۈشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار-يوقلۇقىنى قارار قىلىدۇ.
ئەگەر سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن سايلام نەتىجىسىدە مەسىلە يوق دەپ قارىسا، ئۇنداقتا ئۇتتۇرغان نامزاتنىڭ يەنە تەكشۈرۈش تەلىپى رەت قىلىنىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يېڭىلگۈچى ئىشنى ئىزچىل ئەرز سۇنۇپ، ئىشنى كەينىگە سۆرىسە بولمايدۇ، ھامان ئاخىرقى كېسىم بولۇشى كېرەك.
ئۇتتۇرغۇچىلار قايىل بولمىسىمۇ، لېكىن يەنە ئەڭ ئاخىرقى تەرتىپ بار، يەنى پارلامېنت سايلام بېلىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كىمنىڭ زۇڭتۇڭ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ 1-ئاينىڭ بېشىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھالقا بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى، ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان جەزملەشتۈرۈش ھالقىسى ھېسابلىنىدۇ.
11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە، ھەرقايسى ئىشتاتلار مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە سايلام نەتىجىسىنى دەلىللەيدۇ. 12-ئاينىڭ 17-كۈنى سايلام ئۆمىكى يىغىن ئاچىدۇ. 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا پارلامېنتى يىغىن ئېچىپ، سايلىغۇچىلارنىڭ بېلەت سانىنى ئىستاتىستىكا قىلىدۇ ۋە دەلىللەيدۇ. 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى سايلانغان زۇڭتۇڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرىدۇ، بۇ ھوقۇقنىڭ ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭ 
كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章