سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسىيېقىندا مۇنداق بىر ۋىدىيو توردا تارقىلىپ كەتتى. بوللىۋۇد شاھى شاھرۇھ خان داڭلىق چولپان پىرىيانكا چوپرا-يەنى بۇرۇنقى ئاتالمىش ئاشىقى بىلەن بىرگە ئويۇن قويۇۋاتقان پەستە ئولتۇرغان گورى خاننىڭ كۆزلىرى ئالىيىپ، ئېغىزلىرى پۈرۈشۈپ ئۇف تارتىپ كەتكەن. ئۇ چاندۇرماسلىقنى مەيلى قانچە خالىسۇن ئەمما كۆڭۈلنىڭ دەرىزىسى كۆز دېگەندەك ئۇنىڭ كۆزلىرى بۇنى پەقەتلا يوشۇرۇپ قالالمىغان.بۇنى ئاز دېگەندەك ئايالىنىڭ چىراي ئىپادىلىرىدىن خەۋىرى يوق شاھرۇھ خان سەھنىدە پىرىيانكا بىلەن ھەدەپ يېقىنچىلىقنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداشقا باشلىغان.بۇ قىلىقلىرىنى ئۇ پەقەت قىزىقچىلىق ئۈچۈن قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلىسىمۇ ئالدىدىكى پىرىيانكانىڭ تۇيغۇلىرى بەزى ئىشلارنى ئاشكارىلاپ قويغاندەك قىلاتتى. بۇ دەل پىرىيانكانىڭ شاھرۇھ خان بىلەن ئىشى باركەن دەپ خەۋەرلەر تارقىلىپ كەتكەن ۋاقىت. گورى خانمۇ بۇنى قانداق يېپىۋېتىشنى بىلەلمەي، ئېرىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ نام-ئابرويى ئۈچۈن تىركىشىپ ئائىلىسىنى قانداق ساقلاپ قېلىشنى ئويلاۋاتقان ۋاقىتلىرى ئىدى.«پادىشاھ خان»نىڭ ئايالى بولماس ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇ قانچىلىغان سەھنىلەردە قانچىلىغان كىنولاردا قىزلارغا يېقىنچىلىق قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى ئورۇندايدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىنى پەستە تاماشبىنلار ئارىسدا ئولتۇرغان گورى خان ئىچىدە يىغلىسىمۇ كۈلۈپ ئولتۇرۇپ كۆرۈشكە مەجبۇر. ئىچىدە يىغلىسا دېگىنىمىز جاھاندا ئېرىنى كۈنلىمەيدىغان ئايال بولمايدۇ.ئەمما ئۇ ئېرىنى چىن قەلبىدىن سۆيگەچكە ئۇنىڭ كەسپىنى قوللىغاچقا خۇددى ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن قوللىغۇچىسىدەك ھەربىر نومۇرلىرىنى پەستە تاماشبىنلار ئارىسىدا چىن قەلبىدىن كۈلۈمسىرىگەن پېتى ئالقىش ياڭرىتىپ كۆرۈپ ئولتۇراتتى. ئەمما بۇ قېتىمقىسى تازا ئوخشىمايدىغاندەك قىلىدۇ.ئۇنىڭ قوللىرى چاۋاك چېلىۋاتسىمۇ پىرىيانكانىڭ قىلىقلىرىدىن، ئېرىنىڭ ئۆزىنى بىلمەي قېلىۋاتقانلىقىدىن غىجىنغاندەك قىلاتتى. ھەي ئسېت ئايال كۆڭلى كىممۇ چۈشەنسۇن؟ ئۇنىڭ قەلبى دەريادەك بولسىمۇ چاندۇرماي تۇرالمايدۇ-دە. سەھنىدىكى كۆرۈنۈش مۇنداق ئىدى. شاھرۇھ خان ھەدەپ پىرىيانكانىڭ ئۈستىدىكى تونىنى سالدۇرۇۋاتقان.ئۇ سېلىنغاندىن كېيىنلا پىرىيانكانىڭ ئىچىدىكى تەنناز قارا ئۇزۇن كۆينىكى نامايان بولاتتى. ئەمما شاھرۇھ خاننىڭ قىلىقلىرى چىراي ئىپادىسى، خۇددى ئۇلار سەھنىدە ئەمەس يالغۇزدەك كىشىنى سەل گۇمانغا سېلىپ قوياتتى. ئۇنى ئازدەپ پىرىيانكامۇ ئاشىقىغا ماسلىشىپ بەرگەن. ئۈستىدىكى قارا تونى سالدۇرۇلۇپ پىرىيانكا ئارقىغا يانغان شۇ پەيتتە گورى خاننىڭ چىرايى راستلا ئۆزگەردى.تاقەتسىز، ئاچچىقى كەلگەن، ئامالسىز مانا مۇشۇنداق بىر قاتار ئىاپادىلەر ئۇنىڭ يۈزىدە چىقىپ تۇراتتى. مۇشۇ قىسقىغىنە ۋىدىيو تازا قويۇلدى، كىشىلەر تازا مۇلاھىزە قىلىشتى. ئەممازە ياخشى يېرى بۇ ئۆتكەن ئىشتە. پىرىيانكا ھوشىنى يىغىپ ھوللىۋۇقا قايتتى. ۋە ئۇنىڭ شاھرۇھ خان بىلەن «ئاشىق-مەشۇقلۇق ھېكايسى»مۇ دەل ۋاقتىدا ئاياغلاشتى.بولمىغان بولسازە شاھرۇھ خاننىڭ رومانتىك شاھ نامىغا داغ يېتەتتى. گورى خانمۇ ئائىلىسىنى دەل ۋاقتىدا قۇتۇلدۇرۇۋالدى. بۇ ئامىتاب باچچان بىلەن ئايالى ۋە رېكانىڭ ھېكايىسىدىنمۇ بەك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىش بولدى. ھەي شۇنداق قىلىپ تېمىغا قايتىپ كەلسەك، گورى خان ئەسلىدە ناھايىتى كەڭ قورساق ئايال. ئۇ ھەرقاچان ئېرىنىڭ نومۇرلىرىنى چاۋاك چالغان پېتى ناھايىتى قىزىقسىنغان ھالدا كۆرىدۇ. خۇددى: «مەن سېنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچۇڭ» دەۋاتقاندەك.ئەمما بۇ قېتىمقى ۋىدىيودا چىرايىنىڭ چېنىپ قالغىنى ناھايىتى نورمال. ئۆسەك سۆزلەر ئۇنىمۇ بىئارام قىلغاندە. قېنى ئەمىسە سىلەر قانداق قارايسىلەر؟
تەۋسىيەلىك رومانلار
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىزتۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدىتەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭيانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340