كۆپ ئادەم قازا قىلدى! كىشىلەرنىڭ زارى ھېچنىمىگە دالدا بولالمىدى

文摘   2024-11-02 21:59   新疆  
200دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى! قۇچاقتىكى بالا ۋە ئانىنىڭ زارى كەلكۈنگە دالدا بولالمىدى

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

بىر قېتىملىق ئاپەت خاراكتېرلىك قارا يامغۇر ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىغا، بولۇپمۇ ۋالېنسىيە رايونىغا ئېغىر زەربە بەردى!

بۇ كەلكۈن ئاپىتى زور مال-مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلغان، ھەتتا 200دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن قانچىلىك ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى تېخى نامەلۇم.

ۋالېنسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى پايپورتا بازىرىدا، 34 ياشلىق لودىس مارىيا گارسىيا ۋە ئۇنىڭ ئەمدىلا ئۈچ ئايلىق بولغان قىزى ئەنجېلىنا سىرتقا چىققاندا بەختكە قارشى قازا قىلغان. ئۇنىڭ ئۈچ بالىسى ئىچىدە، بىر ئېمىتىۋاتقان بالىسىنى سىرتقا بىللە ئېلىپ چىققان، قالغان ئىككىسى ئۆيدە يالغۇز ئاتا-ئانىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتكەن.

ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق تېلېفوندا، بۇ ياش ئانا يېقىن دوستىغا ئۆزىنىڭ 10 ياشلىق ۋە 13 ياشلىق ئىككى بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىنى ئۆتۈنگەن. كىشىلەر ئۇلارنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرگەندە، ئانا-بالا ئىككىسى ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىدە دەلدەڭشىپ تۇرۇپ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولۇپ، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا ئاپتوموبىل يەنىلا كەلكۈننىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆرۈلۈپ كەتكەن.

بۇ ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈش ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر ئۇزاققا سوزۇلغان كۆڭۈل ئاغرىقى ۋە قاباھەتلىك چۈشىگە ئايلانغان. بەزىلەر ئۇنىڭ ئېرى نەگە كەتتى دەپ سورىشى مۇمكىن!

ئەسلىدە، گارسىيانىڭ ئېرى ئايالى بىلەن قىزىنىڭ ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىگە چىقىشىغا ياردەملەشكەندىن كېيىن، ئۆزىنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتكەن. گارسىيانىڭ ئېرى ئانتونىئو تاراسونا «تاراتقۇلارغا مۇنداق دېگەن: «مەن دېرىزىدىن يامىشىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم، لېكىن ئۇ چاغدا سۇ ئورنى بىر يېرىم مېتىر ئېگىزلىككە ئۆرلەپ، سۇ بەك ئۇلغىيىپ كەتكەن ئىدى. مەن ئامال قىلىپ ئاپتوموبىلدىن ئۆمىلەپ چىقتىم، قىزىمنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغاندا، سۇ ئېقىتىپ كېتىپ، بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ كەتتىم. مەن ئەڭ ئاخىرىدا كۆرگەن كۆرۈنۈش بولسا ئۇلار ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىدە قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان كۆرۈنۈش.»

يارىلانغان ئانتونىئو پاناھلىنىش ئورنىدا ئۆزى يالغۇز نەچچە سائەت ساقلاپ، ئايالى ۋە قىزىنىڭ ساق-سالامەت قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلغان. بىراق، چارشەنبە كۈنى ئىسپانىيە دائىرىلىرى گارسىيا بىلەن ئەنجېلىنانىڭ جەسىتىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

گارسىيانىڭ دوستى ۋە بالا باققۇچى كىلارا ئاندرېس سەيشەنبە كۈنى كەچتە گارسىيادىن كەلگەن ئەڭ ئاخىرقى تېلېفوننى ئەسلەپ: «ئۇ ئامال بار بەرداشلىق بېرىمەن دېگەنىدى» دېگەن. لودىس ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا قوشۇلۇشنى ئۆتۈنگەن.

كىلارادا شۇئان ئەڭ يامان ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرەپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، خەتەرگە قارىماي، پىيادە پاپورتاغا بېرىپ، قورقۇپ كەتكەن، ئەمما ساق-سالامەت ئىككى بالىنى ئېلىپ كەتكەن، ئۇلار شۇ كۈنى كەچتە توك ۋە تېلېفون سىگنالى يوق ئۆيدە يالغۇز ئۇزۇن بىر كېچىنى ئۆتكۈزگەن.

بۇ قېتىمقى ئاپەت خاراكتېرلىك قارا يامغۇر گۈزەل ۋالېنسىيا رايونىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغان، غەربىي قىسىمدىكى چىۋانى مىسالغا ئالساق، شۇ جايدا قىسقىغىنە سەككىز سائەت ئىچىدە بىر يىللىق يامغۇر بىراقلا ياغقان. بۇ يېرىم ئەسىرىدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قورقۇنچلۇق مەنزىرە.

قارا يامغۇر گەرچە توختىغان بولسىمۇ، لېكىن قالدۇرغان جاراھەت ۋالېنسىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىنىڭ قىياپىتىنى قىسمەن ئۆزگەرتكەن، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئۆي، سودا رايونى ۋە تاشيوللارنى لاي-لاتقا بېسىپ كەتكەن، دەل-دەرەخلەر يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان، ئاپتوموبىللار سۇدا قالغان.

57 ياشلىق فىرانسىيەلىك فىرانك ۋالېنسىيە ئۆلكىسىنىڭ ئولىۋا كەنتىدە تۇراتتى، ئۇ ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ نۇرغۇن دوستلىرىم ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ قالدى... سەيشەنبە كۈنى كەچتىن باشلاپ، يامغۇر تۆكۈلۈشكە باشلىدى، كۈچلۈك شامالغا ئەگىشىپ، ئاسمان قارىداپ كەتتى. بۇ يەردە 50 نەچچە يىل ياشىدىم، مەن ئەزەلدىن بۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈپ باقمىغان.»

يەنە بىر 57 ياشلىق فىرانسىيە-ئىسپانىيە قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە ئاھالە روۋلاند ۋالېنسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى خاۋېيا شەھىرىدە تۇرىدۇ، ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «دۈشەنبىدىن باشلاپ، بىز غايەت زور قارا بۇلۇتنى كۆردۇق، گۈلدۈرماما ئاۋازى ۋە چېلەكلەپ قۇيغاندەك يامغۇر جاھاننى بىر قاپلىدى. تاغ ئارىسىدىكى ئېرىق دەرياغا ئايلاندى، قورام تاشلار تاغدىن دومىلاپ چۈشتى... بۇ خىل ئەھۋال 48 سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى.»

29 ياشلىق گابرىئېلا تۆت ئايلىق ۋە بەش ياشلىق ئىككى بالىسىنى ئېلىپ كېسەل كۆرسەتكىلى بارغاندا يولدا قاپسىلىپ قالغان: «بىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا 12 سائەت قاپسىلىپ قالدۇق، ھېچقانداق ئۇچۇر ۋە ياردەم يوق، تاكى ئەتىسى ئەتىگەندە سۇ ئورنى ئازراق تۆۋەنلىگەنگە قەدەر. بىز پۈتۈن بىر كېچىنى ماشىنىدا ئۆتكۈزدۇق، بەك قورقۇپ كەتتۇق...»

ۋالېنسىيە رايونلۇق ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتىنىڭ باشلىقى جوسې مىگېل باسېت چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بەختكە قارشى، ھاۋارايى شارائىتى سەۋەبىدىن، جىددىي قۇتقۇزۇش ئورۇنلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان بارلىق رايونلارغا يېتىپ بارالمىدى.»

پەقەت سەيشەنبە كۈنى كەچتىن چارشەنبە كۈنىگىچە 200گە يېقىن ئادەم قۇتقۇزۇپ چىقىلغان. ھۆكۈمەت 1000 ھەربىي ۋە 1500 ساقچىنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتىپ، سانى تېخى ئېنىقلانمىغان يوقاپ كەتكەنلەرنى ئالدى بىلەن ئىزدىگەن.

ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچېز 30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تەبىئىي ئاپەت ئالدىدا مەملىكەت بويىچە ئۈچ كۈن تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن:

نۇرغۇن مەھەللىلەرنى سۇ بېسىپ كەتتى، يوللار ئۈزۈلۈپ قالدى، كۆۋرۈكلەرنى كەلكۈن ئېقىتىپ كەتتى. ھازىر مېترودا قاتناش تېخى ئەسلىگە كەلمىدى، مەكتەپلەر دەرس توختاتتى، باغچىلار تاقالدى. نۇرغۇن يول ۋە بۇزۇلغان كۆۋرۈكلەرنى رېمونت قىلىشقا بىر نەچچە كۈن ۋاقىت كېتىدۇ.

كېلىمات ئۆزگىرىشى كۈنسايىن ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، شەھەر ھەرگىزمۇ پاناھلىنىدىغان جاي ئەمەس، ھەر بىر ئادەم ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەر قۇرۇلۇشىدا ھاۋا رايىنىڭ تەسىرىنى تولۇق ئويلىشىشى كېرەك...

بىيولوگىيەلىك كىلىمات تۈرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شەھەر پىلانلىغۇچىسى كىلېمېنت گايلارد بۇ قېتىمقى ئىسپانىيەدىكى كەلكۈن ئاپىتى توغرىسىدا بەزى ئويلارنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇنىڭ تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، شەھەرلىشىش ۋە تېخىمۇ كۆپ ئاھالىنى سىغدۇرۇش ئۈچۈن، 55 يىل ئىچىدە، ۋالېنسىيا رايونىدىكى 9000 گېكتار ئوچۇق يەر (مېۋىلىك باغ قاتارلىقلار) ۋەيران بولغان، بۇ ئاساسەن دېگۈدەك پۈتكۈل پارىژنىڭ كۆلىمىگە باراۋەر.

بىراق، يوقالغان بۇ يەرلەردە مۇھىم بولغان يەر يىلتىز سىستېمىسى تورى بار بولۇپ، سۇنىڭ يەر ئاستى سۈيىگە سىڭىپ كىرىشى ۋە ئېقىشنى چەكلىشىگە پايدىلىق. تەبىئىي مۇھىتتا يامغۇر ياغقاندا، مۆلچەرلىنىشچە پەقەت %5-%10 سۇ ئېقىپ كېتىدۇ. شەھەرلەردە بېتون مەۋجۇت بولغاچقا، %55 تىن%65 كىچە سۇ يەر ئاستىغا سىڭىپ كىرمەي يوقاپ كېتىدۇ.

بۇ 9000 گېكتار شەھەرلەشكەن يەردىكى 13 مىليون 500 مىڭ كۇپ مېتىر سىرغىمىنى تارقاقلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ 5400 ئولىمپىك سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى سۇنىڭ تېشىپ كەتكىنىگە باراۋەر.

ئۇنىڭ ئۈستىگە 1957-يىلى 10-ئايدا قارا يامغۇر ۋالېنسىيەنى قورشىۋالغان تۇرىيا دەرياسىنى يار ئېلىپ كېتىپ، 81 ئادەم قازا قىلغان. شۇڭا دائىرىلەر دەريا يولىنى جەنۇبقا يۆتكەشنى قارار قىلغان، چۈنكى ئەينى چاغدا بۇ رايوندا پەقەت مېۋىلىك باغلا بار بولۇپ، خەتەرلىك كەلكۈن رايونى بىلەن شەھەر رايونى ئوتتۇرىسىدا ئارىلىق شەكىللەنگەن. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ بىر قىسىم مېۋىلىك باغلار پۈتۈنلەي شەھەرلەشتۈرۈلگەن.

كىنولار

تەۋسىيەلىك رومانلار

مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章