ئاشنا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئۆچ ئالدى

文摘   2024-11-12 21:50   新疆  

سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ


ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭ

ئۆزىمۇ بىلمەي ئاشنا بولۇپ قالغان ئايال شاپاق ئەردىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلدى

ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

1987-يىلى ئامېرىكىدا «ئەجەللىك ۋەسۋەسە» ناملىق قورقۇنچلۇق فىلىم قويۇلغان بولۇپ، فىلىمدە ئەر ئادۋوكات تام ئايالى ۋە قىزى بار تۇرۇپ، بىر سېرىق چاچلىق ئايال بىلەن ئاشنا ئوينايدىكەن. ئۇ ئەسلىدە بىر مەزگىلدىن كېيىن بۇ مۇناسىۋەتنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغان، ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئايال تەرەپ ئۇنىڭغا چاپلىشىۋالغان. ئۇنىڭ نازاكەتلىك قىياپىتى ئاستىغا بىر جاھىل، ھەسەتخور يۈرەك يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇ تامنىڭ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئايرىلىپ كەتكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن بىر قاتار ئۆچ ئېلىش پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تامنىڭ قىزىنىڭ ئەرمەك توشقىنىنى پىشۇرۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ ئايالىنى ئۆلتۈرۈۋىتىشكە ئۇرۇنغان.

«ئەجەللىك ۋەسۋەسە»دىن كۆرۈنۈش.

كېيىن 2014-يىلى ھېسسىي ئۆچ ئېلىشقا ئائىت يەنە بىر فىلىم «يوقالغان سۆيگۈ» ئامېرىكىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن.

فىلىمدىكى ئايال باش پىرسۇناژ ۋاپاسىز ئېرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ توي خاتىرە كۈنىدە بۇ دۇنيادىن غايىپ بولىدىكەن. ئۇ «يوقاپ كېتىش»تىن بۇرۇن، قەستەن ھەر خىل ساختا دەلىل-ئىسپاتلارنى قالدۇرۇپ، يالغاندىن ئۆزىنى ئېرى ئۆلتۈرگەندەك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇنى كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنىڭ كويىغا چۈشۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قاتتىق تىل-ئاھانىتىگە ئۇچراتقان.

«يوقالغان سۆيگۈ» فىلىمى

بۇ ئىككى فىلىم بىر مەھەل بارلىق ئەرلەرنىڭ قاباھەتلىك چۈشى بولۇپ باھالانغان بولۇپ، ئەمدىلىكتە بۇ ئىككى قورقۇنچلۇق ۋەقەلىك بىرلا ۋاقىتتا جامس بون (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) ئىسىملىك بىر ئەرنىڭ بېشىدا يۈز بەرگەن.

جامس بون، 41 ياش.

ئىشنى 16 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدىكەن، جامس ئەنگىلىيىدە تۇرىدىغان بولۇپ، ئۇ بىر سودا ئادۋوكاتى ئىكەن، ئۇ 2008-يىلى ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ ئادۋوكاتلىق ھۈججەتلىك فىلىمىگە قاتنىشىپ، بۇ ساھەدە خېلى نامى بار ئادەمگە ئايلانغان. بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، ئانىسا ئىسىملىك بىر ئايال ئادۋوكات ئالاقە تورى ئارقىلىق ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭغا قىسقىچە تەرجىمىھالىنى كۆرسىتىپ، بىر قىسىم كەسپىي جەھەتتىن مەسلىھەت سورىماقچى بولغان.

ئەسلىدە ئىككىيلەن پەقەت پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق ئالاقىلاشقان، بىر مەزگىلدىن كېيىن تور سىرتىدا كۆرۈشۈشكە ئۆزگەرگەن، بار-بارا بۇ مۇناسىۋەتتە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىككىيلەن بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىنى باشلىۋەتكەن. ئەلۋەتتە، ئايال ئادۋوكات ئانىسا جامسنىڭ ئايالى بارلىقىنى بىلمىگەن.

ئانىسا، ھازىر 36 ياش.

كۆپ ساندىكى يولدىن چىققان ئەرلەرگە ئوخشاش، جامس دەسلەپتە ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ۋەدىسىنى ئويلاشمىغان، تېخى ھەممىنى كونترول قىلالايمەن، دەپ ئويلىغان، لېكىن توققۇز ئايدىن كېيىن، ئۇنىڭ قاباھەتلىك چۈشى باشلانغان. 2014-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئانىسا ئالاقە تورىدا جامس بىلەن ئايالىنىڭ بىللە چۈشكەن سۈرىتىنى تاسادىپىي بايقاپ قالغان، شۇندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزىمۇ بىلمەي جامسقا ئاشنا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقىغان. ئۇ بۇ ھاقارەتكە چىداپ تۇرالماي، دەرھال ئۆچ ئېلىشنى قارار قىلىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن جامسنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلماقچى بولغان.

ئۇ ئالدى بىلەن جامسنىڭ ئايالى، باشقا ئائىلە ئەزالىرى، دوستلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىغا پاراكەندىچىلىك سېلىش ئۇچۇرى ئەۋەتىپ، ئەتراپىدىكى ھەممە ئادەمگە بۇ ئاشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتنى تەپسىلىي سۆزلەپ بېرىپ، ئۇنىڭ «ئائىلىنى سۆيىدىغان ئەر»دەك ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلىغان، يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئايالىنىڭ يۈزىگە سۇلفات كىسلاتاسى چېچىۋىتىمەن دەپ جار سالغان.

ئۇلار ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆي كۆچۈشكە، ئاپتوموبىل ئالماشتۇرۇشقا، ھەتتا تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغان، ئۇلار ھەر قېتىم ئۆيدىن چىققاندا ئەتراپقا نەزەر سېلىپ، ئانىسانىڭ يېقىن ئەتراپقا يوشۇرۇنىۋىلىپ ئۆزلىرىگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرگەن.

كېيىن ئايالى جامستىن ئايرىلىپ كەتكەن. ئەمما ئانىسا جامسقا يەنە توختىماي تەھدىت سېلىپ، تىللاپ تۇرغان، جامس ئاخىرىدا چىدىيالماي، 2015-يىلى 1-ئايدا ساقچىلاردىن ياردەم سورىغان. ساقچىلار ئانىسانى دەرھال ئاگاھلاندۇرغان، ئەمما بۇ ئىش ۋەزىيەتنى بېسىقتۇرمايلا قالماستىن، ئەكسىچە زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكەن.

ئانىسا دەرھال كېيىنكى قىساس ئېلىش پىلانىنى باشلاپ، جامسنىڭ ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە ئۇنىڭ خىزمىتىنى ۋەيران قىلىشنى نىشانلىغان.

ئۇ جامسنىڭ نامىدا بىر خىزمەت ھېسابات نومۇرى قۇرغان، ئاندىن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئۆزىگە توختىماي پوچتا يوللانمىسى يوللىغان، مەزمۇنى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ مەخپىي شەخسىي سۈرەتلىرىنى ئاشكارىلايمەن، دەپ تەھدىت سېلىپ، بۇ ئارقىلىق جامسنى ئۇنىڭغا ئاستىرتتىن پاراكەندە قىلغان ساختا كۆرۈنۈش ياساپ چىقىپ، ئۇنىڭ شىركەتتىكى خىزمىتىدىن توختىتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئانىسا يەنە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئوغۇل دوستى تونىي(ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم)غا چاپلىشىۋېلىپ، ئۇنىڭغا جامسنىڭ نامىدا بىر يانفون سېتىۋېلىشنى، ئاندىن ئۇنىڭغا توختىماي تېلېفون قىلغان جامس قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ تېلېفوندا ئۇنى پاراكەندە قىلىشىنى ئېيتقان. بىراق كېيىن، بۇ ساختا دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ھەممىسىنى مۇتەخەسىسلەر پاش قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەكسىچە پاراكەندىچىلىك سېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

جامسقا تۆھمەت چاپلىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىگە ئۆزى زىيانكەشلىك قىلغان ئانىسا.

ئانىسا جىنايەتتىن قۇتۇلۇپ، جامستىن داۋاملىق ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، يەنە بىر قېتىم پىلانىنى ئىشقا سىلىپ، جامسنىڭ ئۆزىگە كۆپ قېتىم باسقۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئېيتىپ تۆھمەت قىلغان. گەرچە يالغان گەپ بولسىمۇ، ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا «مەزمۇنى تەپسىلىي ھەم كىشىنى قايىل قىلىدىغان» بىر ئىسپاتنى توقۇپ چىققان. بۇ قېتىمقى جىنايەت يولدىن چىقىش ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىشتىنمۇ ئېغىر بولۇپ،  بىرىنچىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئىككىنچىدىن ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى جامسقا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئانىسا بۇ ئىشنى كۆتۈرۈپ چىققان. ئەمما ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇ يەنە بىر قېتىم مەقسىتىگە يەتكەن. 2015-يىلى 6-ئايدا، ساقچىلار جامسنى راستتىنلا قولغا ئالغان. ئۇ ھاياتىدىكى ئەڭ ئۇزۇن يەتتە سائەتنى تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن، ئۇ ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولۇشى، ئىشلىرىنىڭ ۋەيران بولۇشى، نام-ئابرويىنىڭ ۋەيران بولۇشى قاتارلىق ئىشلارنى ھەمدە ناۋادا زاسېداتېللار ئۆمىكى ئانىسانىڭ گېپىگە ئىشىنىپ قالسا، يەنە تۈرمىدە ياتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، بىر مەھەل ئۆلۈۋالماقچى بولغان.

بەختكە يارىشا جامس ئاخىرىدا يەنىلا كېپىللىككە قويۇپ بېرىلگەن، ئۇمۇ ئاخىرى قايتۇرما زەربە بېرىشنى قارار قىلىپ، ساقچىلارنى 350 بەتلىك ھۆججەت بىلەن تەمىنلەپ، ئانىسانىڭ ئەيىبلىشىگە بىر-بىرلەپ رەددىيە بەرگەن. ئەمما تام ئىگىز، ئىتمۇ يامان دېگەندەك، جامس ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندا، ئانىسا يەنە يېڭى پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ ئۆزىنىڭ جېنىنى پىدا قىلغىلى تاس قالغان.

جامس ساقچىلار بىلەن سۆزلەشمەكتە.

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئانىسا ئۆزى رېژىسسورلۇق قىلىپ، ئۆزى بىر مەيدان تۇتقۇن قىلىش دېلوسىنى سادىر قىلىپ، يالغاندىن جامس ياللىغان تۇتقۇن قىلغۇچى قوغلاپ ئۆلتۈرگەندەك قىياپەتكە كىرىۋالغان. ساقچىلار نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىر ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغانلىقىنى، يوتىسىدا 15 سانتىمېتىر كېلىدىغان تىغ يارىسى بارلىقىنى، قان كۆپ چىقىپ كېتىپ، ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغانلىقىنى بايقىغان.

ئاپتوموبىل ئورۇندۇقىغا يۇقۇپ كەتكەن قان دېغى.

كېيىن ئۇ ئۆزىنىڭ بىر بۇلاڭچىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغانلىقىنى، قارشى تەرەپكە ئەگىشىپ ئوكسفورد شەھەر سىرتىغا چىقىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئارقىدىن تۇتقۇن قىلغۇچى ئۇنى ساقچى ئىدارىسىغا پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى جامس ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەتنى قايتۇرۇۋىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى ھەمدە تىغلىق ئەسۋاب بىلەن ئۇنىڭ پۇتىنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ئېيتقان.

ئانىسا ئۆزىنىڭ پۇتىنى يارىلاندۇردى.

دەلىل-ئىسپات بولۇش سۈپىتىدە، ئۇ ئىلگىرى تاپشۇرۇۋالغان تەھدىت ئۇچۇرىنى كۆرسەتكەن، ھەتتا ئۇ تۇتقۇن قىلغۇچىنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان، خەتتە ئۇ ئۆزىنى جامسنىڭ كۈشكۈرتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. بىراق ساقچىلار بۇ نۇقسانسىز گەپكە ئاسانلىقچە ئىشەنمىگەن، ئويلىمىغان يەردىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئانىسانىڭ يەنە يالغان سۆزلەۋاتقانلىقى، ئاتالمىش تۇتقۇن قىلغۇچىنىڭ يەنىلا ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئوغۇل دوستى تونىينىڭ جامس قىياپىتىگە كىرىۋالغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان. كېيىن بۇرۇنقى ئوغۇل دوستى تونىي بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئېتىراپ قىلغان، ئانىسامۇ 2019-يىلى ئاخىرى جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان.

ئانىسا ئوكسفورد جىنايى ئىشلار سوتىدا جازاغا ھۆكۈم قىلىندى.

2021-يىلى 4-ئايدا، ئۇ «ئەھۋالغا قارىلىدىغان ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى»غا ھۆكۈم قىلىنغان، ئەڭ تۆۋەن جازا مۇددىتى تۆت يىل ئالتە ئاي بولۇپ، يەنە ئۆمۈرلۈك چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلۈپ، جامسقا يېقىنلىشىشى چەكلەنگەن. ئانىسا تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىن، جامس قايتىدىن خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئايالىمۇ ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن.

ئەپسۇسكى، ياخشى كۈنلەر ئۇزاققا بارمىغان، جامس يېقىندا ئانىسانىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. بىراق ئۇ ئۆيىدە نەزەربەند قىلىنغاچقا، چوقۇم ئېلىكتىرونلۇق كىشەن تاقىشى كېرەك ئىكەن ھەمدە پەقەت بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆيدىن ئايرىلالايدىكەن. ئەمما جامس يەنىلا ئىنتايىن قورقۇپ كەتكەن بولۇپ، ئەقلىنى يوقاتقان «جاھىللىق تەلۋىسى» ئالدىدا، چەكلەش بۇيرۇقىنىڭ قۇرۇق گەپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنىڭ ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك زىيانكەشلىكنىڭ يەنە باشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقىنى ئويلىغان.

ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭ
كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章