مېنىڭ پالەچ ئېرىم 🧡 171-قىسىم (ئەپچىدە 190قىسىم تولۇق)

文摘   2024-07-26 00:03   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ئارافات ئۆزلەشتۈرۈپ تەييارلىغان، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «مېنىڭ پالەچ ئېرىم» ناملىق روماننىڭ يازما ۋە ئاۋازلىق نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ دوستلىرىڭىز ۋە چەمبىرەكلەرگە تەۋسىيە قىلىۋېتىپ ۋە مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىمدىن 80-قىسىمغىچە    مېنى   بېسىڭ  
81-قىسىم
82-قىسىم
83-قىسىم
84-قىسىم
85-قىسىم
86-قىسىم
87-قىسىم
88-قىسىم
89-قىسىم
90-قىسىم91-قىسىم
92-قىسىم
93-قىسىم
94-قىسىم
95-قىسىم
96-قىسىم
97-قىسىم
98-قىسىم
99-قىسىم
100-قىسىم
101-قىسىم
102-قىسىم
103-قىسىم
104-قىسىم
105-قىسىم
106-قىسىم
107-قىسىم
108-قىسىم109-قىسىم110-قىسىم
111-قىسىم112-قىسىم113-قىسىم
114-قىسىم115-قىسىم116-قىسىم
117-قىسىم118-قىسىم119-قىسىم
120-قىسىم121-قىسىم122-قىسىم
123-قىسىم124-قىسىم125-قىسىم
126-قىسىم127-قىسىم128-قىسىم
129-قىسىم130-قىسىم131-قىسىم
132-قىسىم133-قىسىم134-قىسىم
135-قىسىم136-قىسىم137-قىسىم
138-قىسىم139-قىسىم140-قىسىم
141-قىسىم142-قىسىم143-قىسىم
144-قىسىم145-قىسىم146-قىسىم
147-قىسىم148-قىسىم149-قىسىم
150-قىسىم151-قىسىم152-قىسىم
153-قىسىم154-قىسىم155-قىسىم
156-قىسىم157-قىسىم158-قىسىم
159-قىسىم160-قىسىم161-قىسىم
162-قىسىم163-قىسىم164-قىسىم
165-قىسىم166-قىسىم167-قىسىم
168-قىسىم169-قىسىم170-قىسىم

بۈگۈنكى قىسىمى 

♥يازما نۇسخىسى♥

-يەر شارىدىكى ۋىرۇس ۋە باكتېرىيىلەر جانلىقلار زەنجىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۇچىدا تۇرىدىغان جانلىق، بۇ دۇنيانىڭ خوجايىنى، ئىنسانلار ھەرقانچە يامان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۇلار يۇتۇۋېتىدىغان تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، -دېدى.

-دوختۇرنىڭ بۇرچى بۇ باكتىرىيەلەر بىلەن كۈرەش قىلىش، ئۇلارنىڭ قولىدىن ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش، -دېدى يالغان دىلنۇر تەمكىنلىك بىلەن.

ئەر سوغۇق كۈلۈپ تۇرۇپ:

-بۈگۈن مەن سىزنىڭ زادى قانچىلىك يامان ئىكەنلىكىڭىزنى كۆرۈپ باقاي، - دېدى.

سۇباتنىڭ چوڭقۇر مۇز كۆزلىرىدە بىر سوغۇق نۇر چاقنىدى.

-بىز قاتىل ئۈچۈن كەلگەن، سىز بىلەن ماھارەت سىنىشىش ئۈچۈن كەلمىگەن.

-سىلەر مېنى يېڭەلسەڭلار، مەن قاتىلنى سىلەرگە تاپشۇرۇپ بېرىمەن.

سۇباتنىڭ تېنىدىن بىر خىل سوغۇق چىقىپ تۇراتتى.

-قانداق ئوينىماقچى؟

نىقابلىق كىشى ھاراق ئىشكاپىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئىچىدىن بىر بوتۇلكا قىزىل ھاراقنى ئېلىپ بىر رومكا قۇيدى:

-بۇ بىر ئىستاكان زەھەرلىك ھاراق، ئەگەر ئۈچ كۈن ئىچىدە، خىسلەتلىك تېۋىپ ئۆزىنىڭ زەھىرىنى قايتۇرسا، سىلەر يەڭگەن بولىسىلەر، مەن سىلەرگە بىلگەننى ئېيتماي قويمايمەن، ئېيتقاندىمۇ قالدۇرماي ئېيتىمەن.

ئۇ گېپىنى تۈگىتىپلا دىلنۇر قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى.

-مەن تېخى قىزىقارلىق ئويۇنمىكىن دەپتىمەن، ئەسلىدە بۇنداق كونا، زېرىكىشلىك ئىكەن ـ دە.سىزدە ھەقىقەتەن ئازراقمۇ يېڭىلىق يوق ئىكەن، تېخى ئۆزىڭىزنى بىيولوگىيە تالانت ئىگىسى دەيسىز، ئادەمنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈردىڭىز.

ئەرنىڭ يۈزى نىقابنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان بولۇپ، چىراي ئىپادىسىنى كۆرگىلى بولمايتتى، لېكىن ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان ساقاللىقنىڭ جاۋغايلىرى تارتىشىپ قالدى، خۇددى دىلنۇرنىڭ گېپى تەسىر قىلغاندەك.

-ئەجەبا سىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئوينايدىغان ئامالىڭىز بارمۇ؟

دىلنۇر ئۈستەلنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۈستىدىكى قۇرۇق ئىستاكاننى ئېلىپ، سومكىسىدىن بىر بوتۇلكا سۇنى ئېلىپ ئىستاكانغا قۇيدى.

-بۇ يەردىمۇ بىر ئىستاكان زەھەرلىك سۇ بار، ئۇنىڭدىن كۆرە ھەممەيلەن ئىچىۋېتەيلى، ئۈچ كۈن ئىچىدە كىم ئاۋۋال زەھەر قايتۇرسا، شۇ يېڭىدۇ، بۇنداق ئوينىسا ئاندىن پەيزى بولىدۇ، سىز چاشقاندەك قورقۇنچاق بولسىڭىز، ئويناشقا ئەلۋەتتە جۈرئەت قىلالمايسىز!

غەلىتە ئادەمگە تاقابىل تۇرۇشتا، غەلىتە ئۇسۇل قوللىنىش كېرەك.

قارشى تەرەپ ئۇنىڭ زەھىرىدە زەھەرلەنسە، يېنىكلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، ئۇلار پاسسىپلىقنى تەشەببۇسكارلىققا ئايلاندۇرالايدۇ.

نىقابلىق كىشى بۇرۇلۇپلا ساقاللىق كىشىگە بىر قارىۋىدى، ساقاللىق كىشى دىلنۇرنىڭ قولىدىكى ئىستاكاننى ئېلىپ ئۇنىڭغا سۇندى ۋە زەھەرلىك ھاراقنى كۆرۈپ «مۇشۇنداق ئوينامدۇق» دېدى.

دىلنۇر مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ:

-ئويۇن دېگەن ئويۇن، بىز ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشنى خالىمايمىز، ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇتقان تەرەپ چوقۇم زەھەر قايتۇرۇش دورىسىنى ئۇتتۇرغان تەرەپكە بېرىشى كېرەك.بۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە، سىز چوقۇم بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزگە كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كېرەك.

-بولىدۇ.

كىچىك ساقال بېشىنى لىڭشىتىپ، يالغان دىلنۇر تەرەپكە قارىدى.

-دىلنۇر خانىم، سىز خوجايىن بىلەن بىللە زەھەرلىك دورىنى قۇرۇتۇڭ!

-توختاپ تۇرۇڭ.

سۇباتنىڭ پەس ئاۋازدا دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇ نىقابلىق ئادەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ، قولىدىكى ئىستاكاننى ئېلىپ ساقاللىق كىشىگە سۇندى، .

-پەقەت ھەقىقىي مارتىنلا ئايالىمغا جەڭ ئېلان قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە.

ساقالنىڭ يۈزىدىكى بىر پارچە مۇسكۇل قاتتىق تارتىشىپ قالدى، قارىغاندا ئۇنىڭ كىچىك مەخپىيەتلىكىنى قارشى تەرەپ بايقاپ قالغان ئوخشايدۇ.

-سىز قانداق بايقاپ قالدىڭىز؟

سۇبات ئالدىرماستىن:

-مەرۋايىت سىلەرگە گەپ قىلغاندا، كۆزى سىزدە، سىز ئۇنىڭ ئېچىپ تاشلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنىڭغا نىقاپ تاقىۋالغىنى خوجايىن، دەپ ئەسكەرتىڭىز، -دېدى.

-قارىغاندا سىز بەك يامانكەنسىز، -دېدى مارتىن چىشىنى چىشلەپ.

ئۇنىڭ سەل ئاچچىقى كەلدى، ئەسلىدە سىياقداش پىلانىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى دەپ ئويلىغانىدى، ئويلىمىغان يەردىن بىردىنلا ئاشكارىلىنىپ قالدى.

دىلنۇر كۆڭلىدە سۇبات بەگزادىنىڭ بىر جۈپ ئۆتكۈر كۆزى بار، مەيلى قانداق يالماۋۇزلار بولسۇن، ئۇنىڭ ئالدىدا ئەسلى قىياپىتىنى ئاشكارلايدۇ، دەپ ئوغرىلىقچە كۈلدى.

مارتىننىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل ياۋۇزلۇق چىقىپ تۇراتتى.

-ئوينايلى، نېمىشقا ئوينىمايمىز؟مەن ھاياجانغا سالدىغان ئويۇنلارنى ياخشى كۆرىمەن.

ئۇ قولىدىكى ئىستاكاننى كۆتۈرۈپ ئىچىۋەتتى.

-خىسلەتلىك تېۋىپ، نۆۋەت سىزگە كەلدى.

دىلنۇرنىڭ سىياقدىشى قولىدىكى رومكىنى مىدىرلىتىپ، رومكىدىكى ھاراقنى ئالدىرىماي ئىچىۋەتتى، دىلنۇر بېرىپ ئۇنىڭ قولىدىكى ئىستاكاننى ئېلىپ، ئۇنىڭغا بىر تال زەھەر قايتۇرۇش كۇمىلىچى بەردى.

زەھەر قايتۇرۇش كۇمىلىچى ھەر خىل زەھەرلەرنى قايتۇرالايتتى، قايتۇرالمىغان تەقدىردىمۇ زەھىرىنى كونتىرول قىلاتتى.

مەرۋايت مارتىنقا قارىدى، چىرايى سەل تاتىرىپ كەتتى، خۇددى ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەندەك تۇراتتى.

-سىلەر يېنىڭلارغا زەھەر سېلىۋاپسىلەر، - دېدى ئۇ.

دىلنۇر ئەلۋەتتە ناھايىتى ئەتراپلىق تەييارلىق قىلدى، دەرىجىدىن تاشقىرى باكتېرىيە ياسىيالايدىغان بىر بىئولوگىيە سارىڭى بىلەن كۆرۈشكىلى باردۇ، ئۇنىڭغا زەھەر ئېلىپ كەلمىسە، بىخەتەرلىككە قانداق كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؟

-خاتىرجەم بولۇڭ، بىزنىڭ خانىمغا ھېچ ئىش بولمىسىلا، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمايدۇ.

مارتىن ھەقىقەتەن بىر ساراڭ، قانچە خەتەرلىك بولسا ئۇ شۇنچە ياخشى كۆرىدۇ.

ئۇ ئىلگىرى كارىۋاتتا يېتىپ، ئوقيا چۈمىلىگە ئۆزىنىڭ ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتىنى چاققۇزۇپ، سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك ئاغرىقنى ھېس قىلغان.

-سىلەرنىڭ ياتىقىڭلار 3-قەۋەتتە؛ مەن سىلەرنىڭ تەجرىبىخانامنى ئىشلىتىشىڭلارغا رۇخسەت قىلىمەن، ئادىل كۈچ سىنىشىمەن، -ئۇ شۇنداق دەپلا ئۈستىگە چىقىپ كەتتى.

ھىيلە - مىكىرگە تايىنىپ غەلىبە قىلىش ئۇنىڭغا غەلىبىنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرمايدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ قارشى تەرەپنى يېڭىشى كېرەك.

مارتىننىڭ بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسى يەر ئاستى بىرىنچى قەۋەتكە قۇرۇلغان، بۇ يەر ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، ھەممىسى ئەڭ ئىلغار ئەسۋاب - ئۈسكۈنىلەر ئىدى.

دىلنۇر ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئەسۋاب ۋە ئېرىتمىنى تېپىپ، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، ئىستاكاندىكى قالدۇق زەھەرنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئىچىدە كۆپ خىل توكسىن بارلىقىنى، يەنى نېرۋا توكسىنى، گېمورراگىك توكسىن ۋە مۇسكۇل توكسىنى بارلىقىنى بايقىدى.

ئۇ دەسلەپكى قەدەمدە بۇ خىل زەھەرلىك دورىنى يىلان زەھىرى بىلەن قۇرت زەھىرى، ئارىلاشما باكتېرىيە ئارقىلىق ياساپ چىققان دەپ ھۆكۈم قىلدى.

ئۇ دەرھال يالغان دىلنۇرنى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ، كۈمۈش يىڭنە بىلەن ئۇنىڭ قان تومۇرىنى ئېتىپ، زەھەرنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

-ئەمەلىيەتتە سىز زەھەرلىك ھاراق ئىچىشنى رەت قىلسىڭىز بولاتتى، قاتىلنىڭ ئۇچۇرىنى ئالالمىساقمۇ ھېچقىسى يوق، سىزنىڭ جېنىڭىز ئۇنىڭدىن مۇھىم.

-خوجايىن ئىككىڭلار تۇرساڭلار، قورققۇدەك نىمىسى بار؟سىلەر چوقۇم مېنى قۇتقۇزىسىلەر.

دىلنۇر بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى بىلىپ بولغانلىقىنى بىلدى.

-خاتىرجەم بولۇڭ شەھىرزات، سىزگە ھېچ ئىش بولمايدۇ، -دېدى ئۇ .

ئۇ كەلگەندە، بۇ ئورمانلىقتا نۇرغۇن ياۋا ئۆسۈملۈك دورا بارلىقىنى بايقىدى، ئۇ سىرتقا چىقىپ ئازراق يىغىپ دورا ياسىشى كېرەك ئىدى.

سۇبات ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ تىك يار تاغلىق كەنتىدىن چىقىپ كەتتى.

-ئۇنىڭغا نېمە زەھەر سالدىڭىز؟

-بىر خىل ئوقيا چۈمۈلە چېقىۋالغانغا قارىغاندا تېخىمۇ ئازابلىق زەھەر.

-ئۇ يېشەلەمدۇ؟

-مېنىڭچە تەس، -ئۇ مۈرىسىنى قىسىپ قويدى.

بىئولوگ بەرىبىر بىئولوگ، مېدىتسىنا ئالىمى بىلەن پەرقى بار.

باكتېرىيە ۋە ۋىرۇس يېتىشتۈرۈش جەھەتتە، ئۇ بەلكىم تېخىمۇ ئۈستۈن تۇرۇشى مۇمكىن، لېكىن زەھەر قايتۇرۇش جەھەتتە، ئۇ چوقۇم ئۇنىڭغا يەتمەيدۇ.

بىراق ...

-بىز يېڭىۋالساقمۇ، ئۇ قاتىل تاپشۇرۇپ بەرمەسلىكى مۇمكىن.

-خاتىرجەم بولۇڭ، مېنىڭ ئامالىم بار.

سۇبات بۇرۇنلا كېيىنكى تەدبىرنى ئويلاپ قويغان، ئۇ ئىش قىلغاندا ئەزەلدىن قىلچە بىخەستەلىك قىلمايدۇ، قارشى تەرەپكە چېكىنىش يولى بەرمەيدۇ.

دىلنۇر ئۇنىڭ چوقۇم ئەتراپلىق پىلانى بارلىقىنى بىلەتتى.

ئالدىدىكى ئورمانلىقتا بىر چوڭ تاق مۈڭگۈزلۈك نېلۇپەر تۇراتتى.

ئۇ ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، دەرھال بىر قىسىم ياۋا تاق مۈڭگۈزلۈك نېلۇپەرنى كولىدى، ئۇنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتەي دەپ قالغان ئىدى.

بۇ ھەقىقەتەن بىر گۆھەر ئارال ئىكەن، نۇرغۇن ئاز ئۇچرايدىغان ياۋا دورىلىق ئوت - چۆپلەر بار ئىكەن.

تاغلىق كەنتتە، مارتىننىڭ بەدىنىدىكى زەھەر قوزغىلىپ قالدى، ئۇ سانسىزلىغان زەھەرلىك تۈكلۈك قۇرتنىڭ ئۇنىڭ مۇسكۇلى ۋە قان تومۇرلىرىنى غاجىلاۋاتقاندەك ھېس قىلدى، قىچىشىش ۋە ئاغرىش ئۇنىڭغا نۆۋەتلىشىپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزنى ئۆلتۈرۋالغۇسە كەلدى.

بۇ خوتۇننىڭ زەھرى ......ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن!

ئۇ مەرۋايتقا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنى باغلاپ قويۇشقا بۇيرىدى.

-زەھەرلىك دورانىڭ تەركىبىنى ......تەكشۈرۈپ چىقتىڭمۇ؟

-بۇ بىر خىل ناھايىتى مۇرەككەپ توكسىن، كونكرېت تەركىبى تېخى تولۇق تەكشۈرۈپ چىقىلمىدى، بىراق مەن بىئولوگىيەلىك ئىشقارنىڭ تەركىبىنى تەكشۈردۈم، كۆپىنچىسى بەزى زەھەرلىك ئۆسۈملۈكلەردىن ئايرىۋېلىنغان ئىكەن، -دېدى مەرۋايت.

غوجىدار دورا ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى، ئۇ بىر دوختۇر ئىدى، ئادەتتە مارتىنقا تەجرىبە جەريانىدا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، ئۇ داۋالاشقا مەسئۇل بولاتتى.

-بەگزادە، مەن ئاۋۋال سىزگە بىر تال قىچىشىشنى توختىتىش زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى دورا ئوكۇل قىلىپ، قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن ئاندىن كېسەلگە قاراپ دورا بېرەي.

-ماڭا يەنە بىر ئاغرىق توختىتىش ئوكۇلى ئۇرۇپ قوي، مەن ھازىر ھەم ئاغرىپ ھەم قىچىشىپ، ھەقىقەتەن بەك بىئارام بولۇپ كەتتىم.

مارتىن ھۆڭرەپ يىغلىدى، يۈزىدىكى بەش ئەزاسى ئېغىر دەرىجىدە تولغىنىپ كەتتى، گەرچە ئۇ ئۆزىنى خورلاشنى ياخشى كۆرسىمۇ، لېكىن ھازىرقى تەسىراتى ئۇ بەرداشلىق بېرەلەيدىغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتتى.

غوجىدار ئوكۇلنى ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، مارتىن سەل راھەتلىنىپ ھاسىراپ تۇرۇپ :

-ھېلىقى خوتۇن ھازىر قانداقراق ؟ -دەپ سورىدى .

ئۇنىڭ سالغان زەھىرى بەك كۈچلۈك بولۇپ، بىرىنچى باسقۇچتا، قارشى تەرەپنى ئاغرىتىپ يىغلىتىپ، يەردە دومىلىتىۋېتىدۇ، خۇددى سانسىزلىغان ئوقيا چۈمۈلە چىشلىۋالغاندەك بولىدۇ؛ ئىككىنچى باسقۇچتا، نېرۋىغا ھۇجۇم قىلىپ، قارشى تەرەپ ساراڭ بولۇپ قالىدۇ، ھەممە يەرنى چىشلەيدۇ، خۇددى غالجىر كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندەك.

ئۈچىنچى باسقۇچقا كەلگەندە قانغا ئۆتىدۇ، پۈتۈن بەدەندىن قان چىقىپ، بەش ئەزا زىيانغا ئۇچرايدۇ، ئۈچ كۈندىن كېيىن زەھەر قايتۇرۇش دورىسى بولمىسا، چوقۇم ئۆلىدۇ.

قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئۇ ئۆيدە ئاغرىقتىن ۋارقىراپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، ئۇ نېمىشقا ئازراقمۇ ئاۋازنى ئاڭلىيالمايدۇ؟

خوجىدار چىقىپ كۆرۈپ باقتى، لېكىن ھېچقانداق شەپە يوق.

-ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى تاقاق، بىرسى ئۇنى ساقلاپ تۇرىدۇ، كونكرېت ئەھۋالنى مەنمۇ ئېنىق بىلمەيمەن، بىراق مەن ئۇنىڭ ئېرى بىلەن ئايال قوغدىغۇچىنىڭ بىللە چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم، بەلكىم دورىلىق ئوت - چۆپ ئىزدەپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.

-ھېلىقى ئايال قوغدىغۇچى بىر قىسىم داۋالاش تېخنىكىلىرىنى بىلىدۇ، بەلكىم خىسلەتلىك تېۋىپنىڭ زەھەر قايتۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، -دېدى مەرۋايت.

مارتىن چىشىنى چىشلەپ ھىم قىلىپ قويدى، ئۇ ياسىغان زەھەرنى ھېچكىم يېشەلمەيدۇ.

ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز 190- قىسىمغىچە چىقىدۇ👇



...............................................................................................................................................................................................................................................................................................ھە؟

-پۇشايمان قىلىۋاتامسىز؟

-ياقەي، مەن شۇ تازا ئىشنەلمەيۋاتىمەن، سىز باي ئائىلىنىڭ قىزى، مەن بولسام ھېچنىمەم يوق يالاڭتۆش،مېنى تاشلىۋەتمەيدىغانسىز ھە مۇنىرە؟

-مەن سىزنى بىر ئۆمۈر باقىمەن، ئەتىۋارلايمەن، ياخشى مۇئامىلە قىلىمەن،-دېدىم مەن يادىكارنىڭ يۈزىنى سىلاپ.

-مېنى بوزەك قىلمايدىغانسىز؟

-ئەلۋەتتە ھەركۈنى بوزەك قىلىمەن.

-ئەمدى قانداق قىلارمەن؟ تازا بىر ھازازۇلنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قالدىممۇ نېمە؟ پۇشايمان قىلسام پۇرسەت بارمۇ؟

-ئەمدى پۇشايمان قىلسىڭىز بولمايدۇ، چىكىنىش يولىڭىز قالمىدى جۇمۇ، ئەتە ئەتىگەندىن باشلاپ سەھەر تۇرۇپ ماڭا ناشتىلىق تەييارلايسىز، ئاندىن ئۆي يىغىشتۇرىسىز، كىر يۇيىسىز، ئاندىن چىقىپ سەي ئەكىرىپ، ماڭا تاماق ئىتىپ بىرىسىز، مېنى ياخشى كۈتسىز.

بىز چاقچاقلىشىپ بىردەم كۈلۈشتۇق.

ئەتىسى ئەتىگەندە مەن يادىكارنى ناشتىغا چاقىرىپ كىرسەم ئۇنىڭ چىرايى تازا ياخشى ئەمەس كۆرۈندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ياتقۇزۇپ قويۇپ، ناشتىلىقنى ياتىقىغا ئېچىقىپ بەردىم، يادىكار ئازراق قىزىپ قالغانىدى، دوختۇرخانىغا بارايلى دېسەم ئۇنىماي، قىزىتما ياندۇرۇش دورىسىنى ئىچىپ قايتىدىن يوتقانغا كىرىپ ياتتى.

ئاپام يادىكارنىڭ قىزىپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئەنسىرەپ ئولتۇرالماي قالدى.

-دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى.

-ئۇنىمىدى ئاپا، دورا ئىچىتى.

-مۇنىرە، يادىكار سەن ئۈچۈن بەك كۆپ قۇربانلىق بىرىۋەتتى، شۇڭا ئۇنى قەدىرلە، بۇرۇنقىدەك ئاچچىقلىنىپ قىلساڭ بولمايدۇ، ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ رايىغا باققىن، كۆڭلىنى ئاغرىتما ماقۇلمۇ؟

-بىلدىم ئاپا، مەن چۇقۇم دېگىنىڭدەك قىلىمەن.

-يەنە ئۆزۈڭنى تەكشۈرتۈپ باققىن، مەسىلە بولسا داۋالىنىپ، توغۇش ئۈچۈن تىرىشقىن.

مەن ئەسلىدىمۇ شۇنداق قىلىشنى ئويلاپ يۈرگەن، شۇ ۋاقىت چىقىرالمىغان ئىدىم شۇ.ئىلگىرى خالىدە دورامنى ئالماشتۇرۋەتكەچكە ھامىلدار بولمىغان، ئەمدى تەكشۈرۈتۈپ بېقىشىم كىرەك ئىدى.

بىر چاغدا ئىشك قوڭغىرىقى جىرىڭلىدى، بېرىپ ئىشكنى ئاچسام، يادىكارنىڭ ئاپىسنىڭ سىڭلىسى كەپتۇ، مەن بۇ ئايالنى بىر قېتىم باھار بىلەن بىللە تاماق يەۋاتقاندا كۆرگەن ئىدىم. مەن دەقىقە قاراپ تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ئارقامغا قاراپ:

-ئاپا، يادىكارنىڭ كىچىك ئاپىسى كەپتۇ،-دېدىم.

ئۇ ئايال ئىشكتىن كىردى، ئۇ چىرايلىق بولۇپلا قالماستىن مېڭىشلىرىمۇ شۇنداق چىرايلىق ئىدى.

ئاپام ئالدىغا چىقىپ ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن:

-بىلمىدىم خاسىيەتگۈل بىزنىڭ ئۆيدە نېمە ئىشڭىز بار ئىدى؟

-بۈگۈن مەخسۇس سىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدىم نىگار خانىم،-دېدى يادىكارنىڭ كىچىك ئاپسى خاسىيەتگۈل.

-ھە...

«مەن بۇ خېنىم بىلەن ئەزەلدىن باردى كەلدى قىلىپ باقمىسام، مېنى ئىزدەپ كەلگۈدەك ياخشىراقمۇ تونۇشمايدىغان تۇرساق نېمىگە كەلگەندۇ؟»...

-يادىكارنىڭ مىجەزى سەل قوپال ھەم بەكلا جاھىل، بىر ئىشنى قارار قىلدىمۇ بولدى، ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، شۇڭا نىگار خانىم ئۇنىڭغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان بولسىڭىز.

ئاپام ئىككىمىز يادىكارنىڭ بۇ كىچىك ئاپسىغا قاراپ ئولتۇرۇپ قالدۇق، بىز تېخى ئۇنى ئاچىسىنىڭ ئورنىدا بىزگە گەپ قىلىپ قايىل قىلغىلى كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىكەنمىز، بىراق ئۇنىڭ يادىكارنىڭ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمىز.

-مۇنىرە، ئەگەر بىزنىڭ يادىكار بولمىغان بولسا، سىزمۇ بۈگۈنكىدەك سورۇقچىلىق، كۆڭۈل ئاغرىقىلىرىنى تارتمىغان بولاتتىڭىز، ھەممىسى يادىكارنىڭ خاتالىقى، نېمىلا بولمىسۇن ھازىر بىللە ئۆتۈدىغان بولدۇڭلار، مەن بۇنىڭدىن بەكلا خوشال بولدۇم، مېنىڭ سىلەرگە بەرگۈدەك باشقا نەرسەممۇ يوقكەن، بۇنى ئىلىڭ، ئىككىڭلارغا بەخت تىلىگىنىم بولۇپ قالسۇن قىزىم،-دېدى خاسىيەت ئاپاش چىرايلىق بىر دۇخاۋا قاپنى ماڭا سۇنۇپ.

-رەھمەت خاسىيەتگۈل، كۆڭلىڭىز بىزگە تىگىل بولدى، بىراق بۇ سوۋغىتىڭىزنى بىز قوبۇل قىلالمايمىز،-دېدى ئاپام رەت قىلىپ.

-مۇنىرە، بۇنى چۇقۇم قۇبۇل قىلىڭ.

-....

-مەن ئىلگىرى يادىكارغا ۋەدە قىلغان، ئۇ توي قىلىدىغان چاغدا مەن كىلىنچەككە بىر سوۋغات بىرىدىغان بولغان، سىلەرنىڭ تويۇڭلارغا مەن ھەقاچان قاتنىشالمايمەن، شۇڭا قۇلۇمنى ياندۇرمىغان بولسىڭىز.

خاسىيەت ئاپاش ئۇنىمىغىنىمىزغا ئۇنىماي سوۋغىسنى قويۇپ قايتىپ كەتتى، ئۇ يادىكارنى سورىمىدى.

-ھەجەپ ئىش، خاسىيەت بىلەن خەدىچە بىر تۇققان بولسىمۇ، بىراق مىجەزى پەقەتلا ئوخشىمايدىكىنا.

-شۇ ئەمەسمۇ، ئۇ نېمىشقا چۇقۇم ماڭا سوۋغا بىرىمەن دەپ تۇرىۋالىدۇ؟

مەن شۇنداق دېگەچ ئۇ قالدۇرغان سوۋغاتلىق قاپنى ئاچتىم، ئىچىدە ئىنتايىن نەپىس سۇقۇلغان بىر يۈرۈش ئالاھىدە نۇسقىلىق ئاق ئالتۇن يۈرۈشلىكى جۇلالىنىپ ياتاتتى.

-بۇ نەرسە قانداق بولۇپ خاسىيەتنىڭ قولىدا بولۇپ قالدى؟-دېدى ئاپام بىردىنلا تاتىرىپ.

-نېمە بولدى ئاپا؟

-بۇ ياقۇتتىن كۆز قويۇلغان ئاق ئالتۇن يۈرۈشلىكى قانداق بولۇپ ئۇنىڭ قولىدا بولۇپ قالدى دەيمەن؟

-ئاپا، ئادەمنى تېپىشماق تاپقىلى سالماي گەپنى ئۇچۇق قىلغىنە.

-بۇ بىر يۈرۈش زىبۇ زىننەت ئوتتۇز يىل ئىلگىرى بىر كىم ئارتۇق سېتىشتا بىر مىليۇن باھاغا سېتىلغان، ئەينى چاغدا داداڭ ئىككىمىز قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقت ئىدى، مەن شۇچاغدا بۇ بىر يۈرۈشنى بەكلا ياقتۇرۇپ قالغاچقا داداڭ يۇقىرى باھادا سېتىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئاخىرىدا يادىكارنىڭ دادىسى بىر مىليۇن باھا بىلەن ئېلىۋالغان، ئۇ چاغدا بىر مىليۇن دېگەن بەكلا كۆپ پۇل ئىدى.

-يادىكارنىڭ دادىسى سېتىۋالغان بولغاندىكىن، خەدىچە خانىمنىڭ قولىدا بولماي نېمىشقا خاسىيەتگۈل ئاپاشنىڭ قولىدا بولىدۇ؟ ئەلۋەتتە يادىكارنىڭ دادىسى بۇنى ئۆزىنىڭ خوتۇنىغا بىرىشى كىرەكتۇ؟

-كىم بىلىدۇ دەيسەن؟ ئۇ ۋاقىتلاردا جەننەت ئاپاڭ بىلەن يادىكارنىڭ دادىسى يەھيا تېخى ئايرىلىپ كەتمىگەن، مەن تېخى ئۇنى جەننەتكە سوۋغا قىلامدىكىن دەپتىكەنمەن.

ئاپام مېنى بۇ قىممەت نەرسە ياخشىراق تىقىپ قوي دېگەچكە مەن بۇ زىننەت بۇيۇمىنى ياتاق ئۆيگە ئېلىپ چىقىپ يىغىشتۇرۋەتتىم، بىر چاغدا يادىكار ئويغاندى.

-قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟

-ياق، ئۇسساپ قالدىم.

مەن ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان سۇقويۇپ بەرگەندىن كېيىن:

-ھەراست بايا كىچىك ئاپىڭىز كەپ كەتتى.

-ھە كىچىك ئاپام كەلدىمۇ؟ نېمە دەپ كەپتۇ؟

-بۇنى ئىككىمىزنىڭ تويىغا ئاتاپ ئەكەپتۇ،-دېدىم مەن بايا تىقىپ قويغان قاپنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلەپ.

-قارىغاندا كىچىك ئاپام سىزنى ھەقىقەتەن بەك ياقتۇرۇپ قاپتۇ، ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسنى بىرىشكە كۆزى قىيىپتۇ ئەمەسمۇ.

-يادىكار سىزنىڭ كىچىك ئاپىڭىز بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز بەكلا ياخشىمۇ نېمە؟

-ھەئە، ئاپام بەكلا ئاچكۆز ئايال، ئۇ بوۋام مومامنىڭ ئۇنىڭغا شىركەتنىڭ موچەن پېيىنى ئۆزىگە تۇتقۇزمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە بىكار تۇرماي شىركەتكە ئۆزىنىڭ ئادەملىرىنى قانداق قىلسا قىلىپ كىرگۈزۈپ شىركەتنى قانداق قىلىپ كونتۇرول قىلىشنىڭ كۇيىدىلا يۈرىيدىغان ئايال، بىراق كىچىك ئاپام ئۇنداق ئەمەس، ئۇ بەكلا مۇلايىم، ئەقىللىق، كۈيۈمچان ئايال، ئىلگىرى ئاپام ھەر تەرەپكە چېپىپ يۈرگەچكە ئاكام ئىككىمىزنىڭ ھالىدىن ئىزچىل كىچىك ئاپام خەۋەر ئېلىپ كەلگەن، مەن تۇغۇلغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ھەممە ئىشمنى كىچىك ئاپام بىر قوللۇق قىلىپ، مېنى بېقىپ چوڭ قىلغان، بىراق ئاپام بىرەر قېتىممۇ ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ باققىنى يوق، شۇڭا بىزنىڭ توي ئىشمىزدا ئاپامنىڭ پىكىرى مۇھىم ئەمەس دېگىنىم شۇ، بىراق كىچىك ئاپامنىڭ پىكىرى بەكلا مۇھىم.

-كىچىك ئاپىڭىز بىزنىڭ ئىشىمىزغا قارشى ئەمەستەك.

-ھەئە، ئۇ سىزگە بەكلا ئامراق ئىكەن، بولمىسا ماۋۇنى ئۇ ھەرگىز سىزگە بەرمەيتتى.

-يادىكار كچىك ئاپىڭىز نېمىشقا ھازىرغىچە توي قىلماي كەلدى؟ ئۇ شۇنداق چىرايلىق، مۇلايىم تۇرسا، بۇنداق يالغۇز ئۈتۈپ كەتسە ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئەمەسمۇ؟

-بۇنى مەنمۇ بىلمەيمەن، مېنىڭ قىياسىمچە كىچىك ئاپام مۇھەببەتتىن قاتتىق ئازار يىگەن شۇڭا ئۇ بۇ ئۆمرىدە ياتلىق بولماسلىقنى تاللىۋالغان بولسا كېرەك.

بىز توي خېتىنى ئېلىۋىتىش ئۈچۈن نوپۇس دەپتىرى كىملىكنى ئالغىلى بارغان بولساقمۇ، بىراق بوۋاي بىزنى ئىشكتىن كىرگۈزمەي قويدى، يادىكار تېلېفۇن قىلىغانىدى، ئالمىدى، قارىغاندا بىزنىڭ بىللە بولىشىمىز بۇنداق ئاسانغا توختىمايدىغاندەك قىلاتتى.

-مۇنىرە، مېنىڭ سەۋەبىمدىن شىركەت تاقىلىپ قالسا، ۋەيران بولۇپ كەتسە قانداق قىلىمىز؟

-پەقەت سىزبىلەن بىللە بولسام، ھەممە نېمەمدىن ئايرىلىپ قالساممۇ مەن رازى.

تەلىيىمگە ئاپاممۇ بۇ قېتىم ئىككىلەنمەيلا بىز تەرەپتە تۇردى.

-بوۋىڭىز خالىغاننى قىلسۇن، ناھايتى كەلسە شىركەت ۋەيران بولار شۇ، قىزىم بەختلىك بولسىلا، قالغىنى چوڭ ئىش ئەمەس.

بىز نوپۇس دەپتىرىنىڭ ئىشىغا تاھىرنى ياردەم قىلامدىكىن دەپ ئۇنى چاقىرىپ چىقتۇق.

-كەچۈرگىن بۇرادەر، بۇ قېتىم بوۋاڭ بۇيرۇقنى بەك سوقتى، دادام«ئەگەر يادىكارغا ياردەم قىلىپ ئائىلىمىزنى بالاغا تىقىدىغان بولساڭ پاچىقىڭنى چېقىپ، ئىتنى باققاندەك باقىمەن» دەيدۇ، شۇڭا ساڭا ياردەم قىلالمايمەن، مېنى كەچۈر ئاغىنە.

-بوۋامغا دەپ قوي، ئەمدى مېنى قىستايدىغان بولسا، مېنىڭدىن رەنجىمىسۇن.

-نېمە قىلاي دەيسەن؟ بوۋاڭنىڭ مەقسىتى سېنى كەينىڭگە قايتۇرۇش، پەقەت سەنلا بېشىڭنى ئەگسەڭ ھەممە ياخشى بولۇپ كەتمەمدۇ؟

-مەن بېشىمنى ئەگسەم مەيلى بىراق شەرتىم شۇ مۇنىرە بىلەن توي قىلغىنىم قىلغان.

å-ياق، مەن نېمىشقا ئاشىقىمنى بۇنداق ئۇۋالچىلىققا قويغۇدەكمەن؟

-مۇنىرە، بىلىمەن يادىكار سىزنى بەكلا ياخشى كۆرىدۇ، بىراق ئۆزىڭىزمۇ كۆردىڭىز بۇ سولتەك ئىشەكتەك جاھىل نېمە، سىز ئەقىللىق قىز، ياخشى ياماننى ئايرىيالايسىز، ئىككىڭلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن، كەينىڭىزگە بىر قەدەم چىكىنىسىڭىز بولماسمۇ؟ يادىكارنىڭ قەلبىدە بەرىبىر سىز بولغاندىكىن، ئازراق ئۇۋالچىلىق تارتقانغا ھېچنىمە بولماس.

-بولمايدۇ، ئىشقىلىپ مەن ھەرگىز ئۇنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا گەپكە قالدۇردىغان ئىشنى قىلمايمەن، سەنمۇ بىزگە نەسىھەت قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولما، ھازىر بوۋاي مېنىڭ تېلېفۇنۇمنى ئالمايۋاتىدۇ، شۇڭا سەن ئۇنىڭغا دەپ قوي، مېنى بەك قىستىمىسۇن، ئەگەر قىستاۋەرسە، مەن ئاچچىقىمدا گوروھنىڭ رەقىبىگە ئىشلەپ قالسام ئۇچاغدا ئىشنىڭ ئاخىرىنى يىغىشتۇرۋالغىلى بولمايدۇ.

-يادىكار ساقتۇ سەن؟

-ھازىرچە ساق، ئەمما بۇۋام ماڭا ياشاش يۇلى بەرمىسە، قالغىننى ئۆزىدىن كۆرسۇن، سەن پەقەت گەپنى يەتكۈزۈپ قويساڭ بولدى، مېنىڭ مۇنىرەنى ئالغىنىم ئالغان، مەن دادام ئەمەس، ئۇ نېمىلا دېسە مەيلى دەپ ئۆز سۆيگىنىمدىن كىچىپ ئۇلارنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرىشىغا بويسۇنىدىغان.

-ساراڭ بوپتىغۇ بولار، ماقۇل ماقۇل مەن يەتكۈزۈپ قوياي.

ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، بىر كۈنى تۇيۇقسىز ناتۇنۇش بىر نومۇردىن تېلېفۇن كەلدى.

-مۇنىرە، ئىككىمىز بىر كۆرۈشسەك بوپتىكەن.

بۇ يادىكارنىڭ مومىسى ئىدى، مەن قۇلۇمدىكى دەزمالنى پاتەمخان ھاممامغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، موماي دېگەن يەرگە كەلدىم.

-مۇنىرە، سىزدىن ئۈتۈنەي يادىكاردىن ئايرىلىپ كېتىڭ بولامدۇ؟ مېنى نېمە قىل دىسىڭىز شۇنى قىلاي.

-سىز يادىكارنىڭ مومىسى، شۇڭا مەن سىزدىن ئۈتۈنەي بىزنى ئايرىۋەتمىگەن بولسىڭىز.

-سىز مۇشۇنداق جاھىللىق قىلىپ، بىزنىڭ ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلمىغۇچە كۆڭلىڭىز تىنمايدىغان ئوخشىمامدۇ؟

-مېنىڭ قولۇمدىن ئۇنداق قالتىس ئىشلار كەلمەيدۇ، يادىكار بىلەن ئىككىمىز بىرگە بولۇشى ئاسانغا توختىمىدى، شۇڭا بىزنى مۇرادىمىزغا يەتكىلى قويسىڭىز.

-مۇنىرە سىز يادىكارنى ياخشى كۆرسىڭىز ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قېلىشىغا چىداپ تۇرالمىغان بولاتتىڭىز، يادىكار سىزنى دەپ پۈتۈن بىر گوروھتىن ۋاز كىچىپ كەتتى، بىراق سىزچۇ؟ مېنىڭ نەۋرەم ئۈچۈن نېمە قىلىپ بىرەلىدىڭىز؟سىزنىڭ مەقسىتىڭىز نەۋرەمنى ئالداپ، بىزنىڭ رىقابەتچى شىركەت بىلەن بىرلىشىپ ياپراقنى ۋەيران قىلىش شۇنداقمۇ؟

-ئۇنداق ئەمەس، مەن ئەزەلدىن ئۇنى سىلەر بىلەن دۈشمەنلىشىپ كەتسۇن دېگەننى ئويلاپ باقمىدىم، نېمىشقا بىزنى خاتىرجەم ياشىغىلى قويمايسىلەر؟

موما ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا چوڭلار سىز بىلەن بوۋامنى بىللە بولۇشقا قوشۇلمىغان بولسا سىز بوۋامدىن ۋاز كىچەمتىڭىز؟

-ھەقەپ گەپكە ئۇستىكەنسىز ھە،بىلەتتىم زادى سىز كۈرۈنىشتىكىدەك بۇنداق ئاددى، يۇۋاش قىز ئەمەس.

-موما، مەن يادىكاردىن ئايرىلمايمەن، شۇڭا نېمە دېسىڭىزمۇ پايدىسى يوق.

موماي ئۇزاقتىن ئوزاق ماڭا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتى.

-مۇنىرە، مەن كەينىمگە بىر قەدەم چىكىنەي، سىزمۇ بىر قەدەم چىكىنىڭ.

-قانداق چىكىنىمەن؟

-سىز يادىكار بىلەن ئارلاشسىڭىز بولىدۇ، مەن قارشى تۇرمايمەن، بىراق ئۇنىڭ ئايالى سىز بولمايسىز، پەقەت ئادەم يوق يەردىلا يادىكار بىلەن بىللە بولىسىز، سورۇنلارغا، تويلارغا ئاشكارە يىتىلىشىپ بارمايسىز، يادىكار سىزنى ياخشى كۆرسە بولىدۇ، بىراق سىزنى ئالسا بولمايدۇ، ئۇ بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلاپ بىز دېگەن قىزنى ئېلىشى، ئۇنىڭ بىلەن بالىلىق بولۇپ ئائىلە ئىگىلىكىمىزنى گۈللەندۈرۈشى كىرەك.

-سىز مېنى يادىكارنىڭ يۇشۇرۇن ئادىمى، سەترەك قىلىپ دېگەندە مېنى نەۋرىڭىزگە ئاشنا بول دېمەكچىمۇ؟

-سىز ئىلگىرى قىلىپ باقمىغان ئىش ئەمەسقۇ بۇ؟ مېنىڭ بىلىشمچە سىز ئىرىڭىز بار تۇرۇپ بىزنىڭ يادىكار بىلەن يىتىلىشىپ يۈرۈپتىكەنسىزغۇ؟-دېدى موماي مېنى مازاق قىلغاندەك قاراپ.

مەن ئەنە شۇ چاغدىلا دادامنىڭ نېمىشقا ماڭا يادىكار بىلەن بولغان ئىشمنى ئۇققنىدا ئاچچىقلاپ ئۆيگە سولاپ قويغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم، شۇ تاپتا يۈزۈم كۈيۈشۈپ ئاسمانغا چىقاي دېسەم يىراق يەرگە كىرىۋالاي دېسەم قاتتىق كىلىۋاتاتتى.

-ئەگەر قوشۇلمايدىغان بولسىڭىز، دادىڭىزنىڭ سىرتتىن تاپقان قىزى چولپاننىڭ ئىشنى ئاپىڭىزغا ئاشكارلىۋىتىمەن.

مەن قۇلاقلىرىمغا ئىشنەلمەي مومايغا قارىدىم، ئۇلار شۇ قەدەر رەھىمسىز ئىدىكى ئۆز نەۋرىسىگە گەپ يىگۈزەلمەي مېنىڭ ئاجىزلىقىمدىن پايدىلىنىپ بىزنى ئايرىۋەتمەكچى بولىۋاتاتتى.

-قايتىپ كېتىپ ياخشى ئويلىنىپ جاۋاب بىرىڭ، ئەر كىشى دېگەن تېپىلىدۇ، بىراق مۇشۇ سەۋەبلىك ئاپىڭىزغا بىر ئىش بولۇپ قالسا، سىزمۇ بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابى تارتىسىز. مەنمۇ سىزنى يادىكاردىن ئايرىلىپ كەت دېمىدىمغۇ، ئىلگىرى ئۆزىڭىزمۇ دېگەن، يادىكارغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىمەن، ھېچقانداق نام مەنپەئەت يادىكاردەك مۇھىم ئەمەس دەپ، بۇ ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلى، يادىكار ئىگىلىكىمىزگە ۋارىسلىق قىلىشى كىرەك، بۇ ھەر ئىككىمىز ئۈچۈن ياخشى.

- موما بۇ گەپلرىڭنىڭ بەك ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلمىدىڭمۇ؟

يادىكارنىڭ مۇزدەك ئاۋازى يېنىمىزدىلا ياڭرىدى، ئۇ قاچانلاردا بىزنىڭ يېنىمىزغا كەلگەندۇ؟ قانداق تېپىپ كەلگەندۇ؟

يادىكار يېنىمغا كىلىپ قۇلۇمنى تۇتتى.

-موما، قانداق گەپ بولسا ماڭا دېسەڭلا بولمىدىمۇ؟ ئۇنى تەڭلىك قىلىپ نېمە قىلىسەن؟

-قارا بۇ سولتەكنى، موماڭغىمۇ مۇشۇنداق گەپ قىلامسەن؟ سەن جاھىللىق قىلىپ تۇرۋالمىغان بولساڭ بوۋاڭ ئىككىمىز ئۇنى ئىزدەپ يۈرەمتۇق؟

-موما، بوۋام تېلېفۇننى ئالغىلى ئۇنمىدى، شۇڭا سەن بوۋامغا دەپ قويغىن، مېنىڭ سەۋرىم چەكلىك، مۇنىرەنى ئۇچۇق ئاشكارە خوتۇن قىلىپ ئالىمەن، ھەرگىزمۇ بۇلۇڭ پۇشقاقلاردا ئوغۇرلۇقچە كۆرۈشۈپ جېنىمنى قىينايدىغان ئىشنى قىلمايمەن، مەن ئۇنى ياخشى كۆرىمەن موما، ئەمدى چولپاننىڭ ئىشنى قېيناپامغا ئېيتىدىغان نىيىتىڭدىن يان، مەن سېنى بۇ مەقسىتىڭگە يەتكۈزمەيمەن.

-سەن سولتەك، بۇرنۇڭغا يىمىگۈچە ئادەم بولمايدىغان ئوخشمامسەن؟

-موما ئۇنتۇپ قالما، بەش يىل ئاۋال، مەن سىلەرنىڭ قىستىشىڭلار بىلەن ۋاز كىچىپ بولغان، بۇ قېتىم ھەرگىز ئۇنداق خاتالىقنى سادىر قىلمايمەن، گىپىم يەنىلا شۇ مېنى قىستاۋەرمەڭلار، ئاقىۋىتىنى سىلەر كۈتۈرەلمەيسىلەر، ساراڭلىقىم تۇتىدىغان بولسا، مەن ھەرقانداق ئاقىۋەتنى ئويلىماي ئەسكىلىكنى قىلىۋىتىشىم مۇمكىن.

-سەن بىزگە تەھدىت سېلىۋاتامسەن؟

-ياق موما، مەن پەقەت ئەسكەرتىپ قويىۋاتىمەن، ھازىر مەن ئۆزۈمنىڭ نېمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنىلىكمىنى، يەنە نېمىلەرگە يۈزلىنىدىغانلىقمنى ئىنىق بىلىمەن. شۇڭا بۇنداق بىسىم قىلىدىغان ئىشنى ئامال بار قىلمىغىنىڭلار ياخشى، موما سەنمۇ ئائىلىمىزنىڭ ئىگىلىكىنىڭ مېنىڭ قولۇمدا ۋەيران بولۇپ كېتىشىنى خالىمايسەنغۇ ھە؟

115-قىسىم 

ياق موما، مەن پەقەت ئەسكەرتىپ قويىۋاتىمەن، ھازىر مەن ئۆزۈمنىڭ نېمىگە ئىھتىياجلىق ئىكەنىلىكمىنى، يەنە نېمىلەرگە يۈزلىنىدىغانلىقمنى ئىنىق بىلىمەن. شۇڭا بۇنداق بىسىم قىلىدىغان ئىشنى ئامال بار قىلمىغىنىڭلار ياخشى، موما سەنمۇ ئائىلىمىزنىڭ ئىگىلىكىنىڭ مېنىڭ قولۇمدا ۋەيران بولۇپ كېتىشىنى خالىمايسەنغۇ ھە؟

يادىكار مېنى مومىسىنىڭ ئالدىدىن يىتىلىگەن پېتى چىقىپ كەتتى.

-بۇنىڭدىن كېيىن بۇۋام مومام تېلېفۇن قىلىپ قالسا ئالماڭ، ئۇلارغا تەڭ كىلەلمەيسىز، ئۇلار دېگەن گەپكىمۇ ھەرگىز ئىشەنمەڭ، بولمىسا ئۇلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كېتىسىز.

-بىراق ئۇلار ئاپامغا چولپاننىڭ ئىشنى دەپ قويامدىكىن دەپ بەكلا ئەنىسرەۋاتىمەن.

-ئۇنداق قىلمايدۇ، ئەگەر ئېيتىدىغان ئىشى بولسا بۇرۇنلا ئېيتقان بولاتتى، ھەرگىز ھازىرغا كەلگەندە سىزگە تەھدىت سالمايتتى.

-سىز شىركەتكە كەتمىگەنمىدىڭىز؟ قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كىلىپ قالدىڭىز؟

-ئوناق خوتۇنۇم ماڭا قوۋەت شورپىسى قىلىپ بىرىمەن دېگەن تۇرسا، شۇڭا قايتىپ كەلمىسەم قانداق چىدايمەن؟ قايتىپ كەلسەم سىز يوق، قېينئاپامدىن سورىسام، سىزنى تېلېفۇن كەلگەن ئېلىپلا ئالدىراپ چىقىپ كەتتى دېدى، شۇڭا ئىزدەپ كەلدىم.

-چولپاننىڭ ئىشى ھەرۋاقىت بېشىمغا بالا بولامدىكى دەپ ئەنسىرەپلا يۈرىۋاتىمەن، بۇ ئىشنى زادى قانداق بىر تەرەپ قىلسام بولار؟

يادىكار ماڭا تەسەللى قىلىپ كۆڭلۈمنى تىندۇردى.

مەن بىر قانچە دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنگەن بولساممۇ بىراق نەتىجە ئوخشاش چىقتى، ئاپام كۆڭلۈمگە تەسەللى بىرىپ تۇرسىمۇ، نېمىشقىكىن كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم ئىدى، مەن لىتىپ دېگەن خۇمسى بىلەن بەش يىل بالىنىڭ دەردىنى تارتىقىنىم ئۈچۈن، ئەمدى يادىكار بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن، بۇ ئاجىزلىقىمنىڭ بېشىمنى تۈۋەن قىلىپ قويىشىنى خالىمايتتىم،ئۇنىڭ ئۈستىگە يادىكارنىڭ ئائىلىسىگە نىسپەتەن مەن توغمايدىغان بوپ قالسام ئۇلارغا ئۇۋال بولاتتى، يادىكارنىڭ ئاكىسى تۈگەپ كەتكەن، ھازىر شۇنچە چوڭ جەمەتتە، بوۋاينىڭ بىردىنبىر نەۋرىسى پەقەت يادىكار ئىدى، مەن بۇ ئىشقا قانداق يۈزلىنىشنى بىلەلمەي قالدىم. مەن يادىكارنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتىگە ئىشەنمىگىنىم ئەمەس، بالىلىق بولۇش مەسلىسى راستىنلا ئاددى مەسىلە ئەمەس ئىدى.

مەن بۈگۈن شىركەتكە يادىكارنى ئىزدەپ بېرىپ، زالدا سانىيە بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدىم.

-بۇ يەرگە نېمە دەپ كەلدىڭىز؟-دېدىم مەن ئاچچىقىم بىلەن.

-ئەلۋەتتە يادىكارنى ئىزدەپ كېلىمەندە، مەن ئۇنىڭغا يىللاردىن بىرى ئۇنتۇيالماي كەلگەن ئاشىقىنىڭ ئۇچىرىنى يەتكۈزۈپ قوياي دەپ كەلگەن.

-ھېھ، ساختىپەز، مېنى يالغان گەپلەرگە ئىشەندۈرىمەن دەپ قالماڭ.

-سىز ئىشەنمىسىڭىز كارايىتى چاغلىق، يادىكار ئىشەنسىلا بولدى، بەك كۆرەڭلەپ كەتمەڭ«موزاينىڭ يۈگۈرىشى سامانلىققىچە»دەپتىكەن، نەچە كۈنگە قالمايلا يېلى چىققان توپتەك بولۇپ قالمىغىنىڭىزنى كۆرەي، ئۆزىڭىزچە يادىكار بىلەن ئەر -خوتون بولۇپ ئۆتىمەن دەپ قاپسىزدە، نامىڭىز شۇنداق سەت، يەنە كېلىپ توغالمايدىغان بىر قىچىرنىڭ يوغىناپ كەتكىننى كۆرەيمۇ؟

سانىيەنى دەيدىغاننى دەۋىلىپلا ماڭا گەپ قىلغۇدەك پۇرسەت بەرمەي تولغاپ دەسسەپ چىقىپ كەتتى. مەن بولسام ئاچچىق يۇتقان پېتى ئۇدۇل يادىكارنىڭ يېنىغا چىقتىم.

-مېنى يوقلاپ كەلدىڭىزمۇ؟-دېدى يادىكار مېنى كۆرۈپ كۈلۈپ.

-سانىيە نېمىگە كەپتۇ؟-دېدىم مەن دوقۇلداپ.

-ماڭا دەيدىغان ئازراق ئىش بار ئىكەن شۇڭا كەپتۇ، نەدىكى ئاقماس گەپلەرنى كۈتۈرۈپ كەپتۇ، كارىڭىز بولمىسۇن، نېمە بولدى ئاچچىقىڭىز كەپ قاپتىغۇ قوزام؟

-ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسىڭىز كۆڭلۈم بىئارام بولىدىكەن شۇ.

-بۇنىڭدىن كېيىن كۆرۈشمەي.

يادىكار مېنى تىزىغا ئولتۇرغۇزۇۋېلىپ سۆيدى، مەن ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ:

-سىزگە دەيدىغان بىر گەپ بار ئىدى.

-ئادەمنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرۇشقا ئۇستا جۇمۇ سىز، دەڭە.

-دوختۇرخانىغا بارغانىدىم...

-نەرىڭىز ئاغرىيدۇ؟

-ھېچ يېرىم ئاغىرىمايدۇ.

-ئەمىسە نېمىشقا دوختۇرخانىغا باردىڭىز؟

-مەن شۇ توغالامدىم يوق دەپ تەكشۈرتكىلى بارغان.

-بالىلىق بولغىڭىز كەپ قالدىمۇ؟-ئۇ يۈزۈمنى چىمدىپ،-ئاندىن قانداق بولدى؟

-دوختۇر مېنى ھامىلدار بولۇش نىسپىتىڭىز تۈۋەن دەيدۇ.

-قايسى دوختۇرخانىدا تەكشۈرتتىڭىز؟

-ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش بىلەن ھەربىي دوختۇرخانىدا.

-شۇنداقمۇ؟ ئۇلار دەپ قويۇپتۇ، سىزدە مەسىلە يوق، چۇقۇم ھامىلدار بولالايسىز.

-بىراق دوختۇر ئىنىق شۇنداق دېگەن تۇرسا، يەنە كىلىپ بىز سانسىز قېتىم بىللە بولغان تۇرۇپمۇ، ئازراق شەپىسىمۇ بولمىسا...

-مۇنىرە، سىز راست بىلمەمسىز ياكى بىلمەسكە سېلىۋاتامسىز؟

-نېمىنى؟

يادىكار كۈلۈپ كېتىپ قولىقمغا ئاستا پىچىرلىدى.

-مەن نېمىشقا بىلمىدىم؟

-بولدى ئەمدى بۇ مەسىلىنى دېيىشمەيلى،  راستىنلا ماڭا توغۇپ بەرگىڭىز بولسا، بۈگۈن كەچتە ئۆيگە كەتمەي، ياتاق ئېچىپ بالا تاپايلى قانداق؟

-نېمىشقا ياتاق ئاچىمىز؟

-ئۆيدە بولۇپ قالساق، ئاپام ئاڭلاپ قالىدۇ، سىزمۇ مەنمۇ خىجىل بولۇپ قالىمىز.

-مەن ئاۋازىمنى چىقارمىساملا بولمىدىمۇ؟

-بولمايدۇ، چىقىرىسىڭىز پەيزى بولمامدۇ؟ مەن سىزنىڭ تاتلىق چىقىراشلىرىڭىزغا ئامراق.

-داپ، قېلىن داپ...

كەچتە ئىككىمىز ھويلىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا ئاپام يادىكارنى چاقىرىپ ئەكىرىپ كېتىپ ئۇزاققا قالماي يادىكارنىڭ تېلېفۇنى سايرىدى.

-تېشلىقمۇ؟

-....

قارشى تەرەپ گەپ قىلماي بىردەم تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن قويىۋەتتى.

بىردەمدىن كېيىن مەن ئۆيگە كىرىپ، يادىكارغا تېلېفۇننى ئۇزاتتىم.

-ھازىر بىرى تېلېفۇن قىپتىكەن، مەن ئالسام گەپ قىلماي قويىۋەتتى.

-خاتا ئۇرغان بولسا قويىۋەتكەندۇ؟-دېدى يادىكار ئىرەنشىمەي.

ھېلىقى نۇمۇردىن قايتىلاپ تېلفۇن كەلگەنىدى، يادىكار ئېلىپ ئىنگىلىزچە بىر قانچە ئېغىز پاراڭلىشىپ، چىرايى بىرىدىنلا ئۆزگىرىپ كەتتى.

-نېمە ئىش بولدى؟

-ھە..ھېچ ئىش يوق ئەنسىرىمەڭ.

بىردەمدىن كېيىن يادىكار ئۆزىنىڭ تاھىر بىلەن كۆرۈشۈشكە دېيىشىپ قويغانلىقىنى، كەچتە مېنى ساقلىماسلىقنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى.

ئەتىسى شەكىلە ماڭا تېلېفۇن قىلىپ دوختۇرخانىغا بېرىشىپ بىرىشىمنى، يىقىندىن بىرى نېمىلا يىسە يېنىپ، ئاشقازىننىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفۇن قىلىپ قالدى.

بىز دوختۇرغا ئەھۋالنى دېگەندىن كېيىن، دوختۇر شەكىلەگە دورا يېزىپ بەردى.

دورا ئالايلى دەپ ماڭساق، يارى ھاىسراپ ھۆمىدەپ كەپتۇ.

-سىلەرنى ھەجەپ تەستە تاپتىم.

-خوتۇنۇڭنى يەپ كىتەرمىكى دەپ ئەنسىرەپ كەلگەن ئوخشىمامسەن؟

-ئۇنداق ئەمەس، بىردەم جىم تۇرە سەن، خوتۇن بىز ئاياللار بۈلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرتەيلى.

-نېمىشقا؟

-سىز بەلكىم ئاشقازان كىسىلى بولماسلىقىڭىز مۇمكىن.

-دوختۇر مېنى ئاشقازان كىسىلى بولۇپ قاپسىز دېدى، سىز دوختۇرمۇ ياكى ئىچىدىكى دوختۇرمۇ؟

-دوختۇر سىزنىڭ ئەھۋالىڭىزنى بىلمەيدۇ، بەلكىم قورسىقىڭىزدا بالىمىز بار بولىشى مۇمكىن، ئۇنداق قىلماي مەن بىلەن بىللە ئاياللار بۈلۈمىگە بېرىڭ بولامدۇ خوتۇن؟

-مۇمكىن ئەمەس.

-نېمىشقا مۇمكىن بولمايدىكەن؟ سىزنىڭ ھېلىقى نېمە بۇئايدا كەلمىدىغۇ.

-كىچىكىپ قالدى شۇ، كېلىدۇ، مەن ھامىلدار ئەمەس.

شەكىلەنىڭ بۇنداق دېيىشىدە ئۇ يارىغا ئۇقتۇرماي ئىزچىل ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى يەۋاتقان بولغاچقا، شۇڭا ئۆزىنى ھامىلدار ئەمەس دېيەلەيتتى.

-مەن سىزنىڭ دورىڭىزنى ۋىتامىنغا ئالماشتۇرۋەتكەن، شۇڭا تەكشۈرتۈپ باقايلى.

-نېمە؟خەپ بۇ ئەبلەخنى...

-خوتۇن، ئوبدان خوتۇن ئاچچىقلانماڭ، گەپ بولسا چىرايلىق دېيىشەيلى، ئەگەر ھامىلدار بولغان بولسىڭىز خوشاللىق ئىش ئەمەسمۇ، جۈرىڭە.

-سىز كالۋا ماڭا زىيانكەشلىك قىپسىز.

-قانداق زىيانكەشلىك قىلدىم؟ بىز دېگەن ئەر خوتۇن، بالىلىق بولۇش دېگەن نۇرمال ھادىسە، قانۇنغا خىلاپ ئەمەس، تىز بولىڭە تەكشۈرتۈپ چىقايلى.

-تەكشۈرتمەيمەن.

-مۇنىرە، دوستۇڭغا گەپ قىلە.

-شەكىلە، ئاۋال تەكشۈرتەيلى، بۇ سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس قارا، يارىنىڭ گىپىنى ئاڭلا ھە ئۇمىقىم.

يارى ئىككىمىز ئاران دېگەندە شەكىلەنى قايىل قىلىپ ئاياللار بۈلۈمىگە كىلىپ بىچاۋ تەكشۈرتتۇق، دېگەندەكلا شەكىلە ھامىلدار بىر ئايدىن ئاشقان ئىدى. يارى خوشاللىقىدا كىچىك بالىدەك سەكرەپ كەتتى، ئاندىن دەرھال تېلېفۇننى قولىغا ئېلىپ دادىسىغا ئۇلىدى:

-دادا، سەن بوۋا بولىدىغان بولدۇڭ،-دېدى.

يارى خوشاللىقىدا قاقاھلاپ كۈلۈپ ئۆزىنى باسالماي تۇرغاندا، شەكىلە بىر تەرەپتە تۇرۇپ ئۇنى تىللاۋاتاتتى.

-قېلىن داپ، ھىلىگەر، ساختىپەز....

-خوتۇن مەن شۇنداق قىلمىسام قاچان دادا بولالايمەن؟

-يەنە دېگىننى، سىزنىڭ بىر توپ ئامرىقىڭىز بار ئىدىغۇ، نېمىشقا ئۇلارغا دېمەيسىز؟ شۇلار توغۇپ بەرسە بولمامتى؟

-خوتۇن، يوق گەپنى قىلماڭە، مېنىڭ سىرتتا ھېچكىمىم يوق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىزنى جىلە قىلىش ئۈچۈن ئويناپ قويغان ئويۇنلىرىم خالاس، خوتۇن جۈرۈڭ ئۆيگە قايتايلى، ھەراست مەن ھازىرلا توغۇت باققۇچى تاپاي، مەخسۇس سىزنىڭ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالسۇن.

-مېنى ياشىغىلى قويامسىز يوق؟

مەن يارىنىڭ شەكىلەنى يۈلەپ ئېچىقىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرۇپ قالدىم، شەكىلەمۇ خوشاللىقىدا مېنى ئۇنتۇغان ھالدا قورسىقىنى تۇتۇپ يارى بىلەن چىقىپ كەتتى. مەنمۇ ئېغىر كۈنلەردە ماڭا ھەمدەم بولغان دوستۇم ئۈچۈن خوشال بولدۇم. مەن جايىمدا بىردەم تۇرغاندىن كېيىن، ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا ماڭدىم، خىيال بىلەن ماڭغاچقا تۇيۇقسىزلا بىرسىگە سۇقۇلۇپ كەتتىم.

ئۇنىڭغىچە مەن سۇقۇلۇپ كەتكەن قىزنى ئارقىسىدىكى سېمىزرەك ئايال يۈلىۋالدى.؟ ھامىلدارلىقىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ ئەگەر سۇقۇپ يىقىتىۋەتسىڭىز قانداق قىلىسىز؟

-كەچۈرۈڭ.

مەن ئالدىدىمدىكى كۆزەينەك تاقاپ، ئۇزۇن كۆڭلەك كىيىۋالغان قىزنىڭ قوللىرىغا قاراپ، ئۇنى بەك ئاق بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم

-قىزىم بىرنېمە بولمىغانسىز؟-دېدى ھېلىقى سىمىز ئايال.

-ياق.

مەن تۇنۇش ئاڭلانغان ئاۋازدىن بېشىمنى كۈتۈرۈپ قىزغا تىكىلىپ قارىدىم، بىراق قىز ھۇدۇقۇپ تىزلا كۆزىنى مەندىن قاچۇرۇپ يېنىدىكى ئايالغا:

-ماڭا ھېچ ئىش بولمىدى بىز ماڭايلى،-دېگىنىچە تىز تىز مېڭىپ كەتتى.

مەن ئۇ قىزنىڭ ئارقىسدىن قاراپ ئاۋازى تۇنۇشلا بىلىنگەن بۇ قىزنى ھەرقانچە ئويلاپمۇ كىملىكىنى يادىمغا ئالالمىدىم، مەن بۇنداق بىرىنى تۇنۇمايتتىم، بىراق ئۇنىڭ ئاۋازى بەكلا تۇنۇشلۇق ئىدى. مەن زادى نەدە ئاڭلىغان بولغىيتتىم بۇ ئاۋازنى؟

-مۇنىرە، بۇ يەردە يۈرىيسەنغۇ، ئاغرىپ قالمىغانسەن؟

-ياقەي، شەكىلە ھامىلدار بوپتۇ، شۇڭا كەلگەن.

-شۇنداقمۇ؟ يارى دېگەن گۇي خوشال بولۇپ كەتكەندۇ؟

-ئۇنى بىر دېمە.

نىجات مېنى ئۇنىمىغىنىمغا قويماي بىللە تاماق يەيلى دەپ بىر يەرگە باشلىدى.

-مۇنىرە، يادىكار بىلەن قاچان توي قىلايلى دەۋاتىسىلەر؟

-بىلمەيمەن.

-بىلمەيمەن دېگەن قانداق گەپ؟ ئۇ توي قىلايلى دېمەيۋاتامدۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ؟

-يادىكارنىڭ نوپۇس دەپتىرى چوڭلارنىڭ يېنىدا بولغاچقا بەرمەيۋاتىدۇ.

-ئەمدى قانداق قىلىسىلەر؟

-بىلمىدىم، قاراپ باقارمىز، مەن يادىكارغا لايىق ئەمەس، توي قىلىپ ئاجراشقىنىمغۇ مەيلى، ئۈستىلەپ بالا توغالمايدىغان تۇرسام، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام پۇشايمان قىلامدىكىن دەپ قورقۇپ قالدىم.

-ئۆزۈڭنى بۇنداق تۈۋەن كۆرمە، سېنىڭ ھېچ يىرىڭ يادىكاردىن كەم ئەمەس، يادىكار توي قىلمىغىنى بىلەن ئۇنداق بوش ئەمەس، ئەينى چاغدا ئۇنىڭ باھار بىلەن بولغان ئىشمۇ جاھانغا بىر بولۇپ كەتكەن.

مەن بۇگەپنى ئاڭلاپ نىجاتقا قاراپلا قالدىم، مەن ئىزچىل يادىكار بىلەن باھارنىڭ مۇناسىۋىتىنى سانىيە ئويدۇرۇپ چىقارغان دەپلا ئويلاپ كەپتىكەنمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنقى قېتىم باھار دوختۇرخانىدا ماڭا ئۇنداق گەپلەرنى قىلدى ئەمەسمۇ، ئەمدى بولغاندا نىجات ئۇلارنى بۇنداق دەۋاتىدۇ، بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتتى ئەمدى؟ مېنىڭ ئۆتمۈشىمنى يادىكار ئىنىق بىلىدۇ، بىراق مەن ئۇنىڭ ئۆتمۈشى توغۇرلۇق ھېچنىمە بىلمەيدىكەنمەن.

-ئۇلارنىڭ زادى قانداق مۇناسىۋىتى بار ئىدى؟

-ھە... بۇ ئۈتۈپ كەتكەن ئىشلار، ئۇ ھازىر سەن بىلەن بىللە بولۇشنى قارار قىلغان ئىكەن، بۇ ئىشلارنى كولاپ يۈرگەننىڭ ئەھمىيىتى يوق.

-نىجات مەن بۇ ئىشقا بەكلا قىزىقىپ قالدىم، ماڭا دەپ بەرسەڭ بولامدۇ؟

-ئەمىليەتتىغۇ يوشۇرغىدەك ئىش ئەمەس، مېنىڭ بىلىشمچە يادىاكر بىلەن باھار ئىلگىرى ئارلاشقان، كېيىن يادىكارنىڭ بوۋا مومىسى قوشۇلمىغان بولغاچقا، سەل داغدۇغا قوزغاپ قويغان، ئاخىرىدا ئىككەيلەن يەنىلا ئايرىلىپ كەتكەن.

-مۇشۇنچىلىكمۇ؟

-ئەمىسىچۇ؟ يەنە قانداق بولسا بولاتتى؟-نىجات كۈلۈپ تۇرىۋالدى.

مەن بۇ ئىشنىڭ بۇنداق ئاددى ئەمەسلىكنى قىياس قىلدىم، نىجات دېمىگەن ئىكەن مەن قانداق قىلساممۇ دەپ بەرمەسلىكى ئىنىق.

تاماقتىن كېيىن مەن شىركەتكە كەلدىم، يادىكار يىغىندا ئىكەن، مەن ئۇنى ساقلىغاچ ئويۇن ئويناشقا چۈشتۈم، يادىكار تېلفۇننى قويۇپ چىقىپ كەتكەنىدى، بىر چاغدا ئۇنىڭ تېلېفۇنى سايراۋەردى، مەن دەسلەپ ئىرەن قىلمىغان بولساممۇ، بىراق كەينى كەينىدىن سايرىغاچقا، بېرىپ قارىدىم، تېلېفۇن قىلغىنى تاھىر ئىدى. مەن تېلېفۇننى ئېلىپ يادىكارنىڭ يىغىندا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ قويىۋەتكەندىن كېيىن تېلېفۇننى ئۈستەلگە قويىشىمغا تېلېفۇن ياندىكى شۇبىياۋغا تىگىپ كېتىپ ئىكىران يۇرىدى، ئىكراندا ئارقا تەرىپى ئىنتايىن تۇتۇق بولغان، ئەمما يان تەرەپتىن تارتىلغان ئىنتايىن چىرايلىق بىر قىزنىڭ سۈرىتى پاقىراپ تۇراتتى. مەن دەرھال يىقىن كىلىپ قايتىدىن قارىدىم، بۇ باھاردەك قىلامدۇ نېمە؟ بىراق يادىكار نېمىشقا كومپىيوتېرنىڭ ئىكىرانىغا باھارنىڭ سۈرىتىنى قويۇپ قويىدۇ؟

مەن رەسىمگە ئۇزاقتىن ئوزاق قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىم، بۇ رەسىم ئىلگىرى بىز ساياھەت قىلىپ، كۆڭۈللۈك ئويناپ كەلگەن خاڭجۇدىكى ھېلىقى يەر شۇ ئىدى، مۇشۇ ئارىدا ئۇنىڭغا دائىم شۇ يەردىن تېلېفۇن كىلىدىغان، ئاندىن چىرايى ئۆزگىرىپ، نەچچە كۈنگىچە باشقىچە بولۇپ قالىدىغان بولۇپ قالغانلىقىمۇ راست ئىدى. مەن ئىچىم سىقىلغان ھالدا ئىشخانىدىن چىقىپ يىغىن زالىنىڭ ئالدىغا كەلدىم، قارىسام يادىكار تېخىچە يىغىن ئېچىۋىتىپتۇ، شۇڭا ئۇ يەردە ئۇزۇن تۇرمايلا كەينىمگە ياندىم.

-ئوھوي، خاتىرجەم بولالماي، شىركەتكىچە قوغلىشىپ كەپسەندە.

مەن ئارقامغا قاراپ ئاپئاق پەلتۇ كىيىۋالغان چولپاننى كۆردۈم.

-ھەي مۇنىرە، سەن مۇشۇنداق چاپلاشقاق ئىكەنسەندە، يادىكارنىڭ سېنى تاشلىۋىتىشىدىن ئەنسىرەپ كەلگەن ئوخشىمامسەن؟ بىر يىرىڭ قىمىلداپ بولالماي قاپسەندە، چىك..چىك..چىك.. قارىغىنە چىرايىڭغا، سۇلۇپ، ئۇششاق قورۇقلار چۈشۈپ كېتىپتۇ، ئېغىزىڭدىكى گۆشنى خاتىرجەم يىيەلمەسلىكنىڭ بەكلا ئازابلىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلمىدىڭمۇ؟ ساڭا شۇنى دەپ قوياي يىغلايدىغان كۈنلىرىڭ ئالدىڭدا تېخى.

چولپان ھازىر شىركەتتە ئاشۇ بەش پىرسەنىت پېيىغا تاينىپ ئەڭ تۈۋەن قاتلامدا ئىشلەۋاتاتتى، دادىسىمۇ مالىيە بۈلۈمىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، ئاللىقاچان شىركەتتىن ھەيدەلگەن، يادىكار ئۇنىڭغا تىنغۇدەك ئارام بەرمىگەنىدى، ئەگەر ئاشۇ پاي بولمىغان بولسا، ئۇ شىركەتنىڭ ئىشىكىدىنمۇ كىرەلمەيتتى.

-چولپان، ئەجىبا «ئادەم ئېغىزىدىن كېتىدۇ»دېگەن گەپنى ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟

-يەنە نېمە قىلالايسەن؟ مېنى شىركەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىن تارتىپ چۈشۈرۈپ بولدۇڭ يەتمىدىمۇ؟

-يەتمىدى قانداق؟ ئەڭ ياخشىسى چىشىمغا تەگمەي، كۆزۈمدىن نېرى تۇر، بولمىسا، ئۆيۈڭگە كەت، يوقال

Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章