ئىلى-ئاتۇش مۇسابىقىسىنى بۇيەردىن بىۋاستە كۆرۈڭ
2024-يىللىق ئاتۇش لوڭقىسى شىنجاڭ تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ 6-كۈنلۈك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى باشلاندى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىلى كوماندىسى بىلەن ئاتۇش كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ.
ئاتۇش لوڭقىسى A گۇرۇپپا 3-ئايلانما ئاتۇش VS ئىلى كوماندىسى مۇسابىقىسى باشلاندى.
مۇسابىقە باشلىنىپلا تۆت مىنۇت بولغاندا ئاتۇش كوماندىسى ھۇۇجۇۇم قوزغاپ چەكلەنگەن رايونغا كىردى ۋە توپ كىرگۈزدى، مەيدان نەتىجىسى ئاتۇش 0:1 ئىلى.
7-مىنۇتتا ئىلى كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىردى، ئەمما چەكلەنگەن رايوندا جىق ئالدىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن توپ كىرمىدى.
مۇسابىقىنىڭ 8-مىنۇتىدا ئاتۇش كوماندىسى ھۇجۇم قوزغاپ ئوتتۇرا مەيداندىنلا سوقتى، توپ ئىنتايىن چىرايلىق كىردى، مەيدان نەتىجىسى ئاتۇش 0:2 ئىلى.
كېيىنكى مىنۇتلاردا كۈچلۈك ھۇجۇملار بولغان بولسىمۇ مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولماي ئاتۇش كوماندىسى 0:2 نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكتە تۇردى.
15 مىنۇتلۇق ئارام ئېلىشتىن كېيىن توپچىلار مەيدانغا قايتىپ كەلدى، كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلاندى.
مۇسابىقە باشلىنىپلا 47 مىنۇت بولغاندا ئىلى كوماندىسى بىر قىېتىملىق كاللا توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى، لېكىن توپ كىرمەي قالدى.
51-مىنۇتتا ئىلى كوماندىسى يەنە بىر قېتىملىق كاللا توپ پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويدى.
53-مىنۇتتا ئاتۇش كوماندىسى ھۇجۇم قوزغاپ چەكلەنگەن رايونغا بېسىپ كىرىپ قاپقىچىنى ئالداپ ئۆتۈپ توپنى كىرگۈزدى، ئەمما توپنى ئېلىشتىن بۇرۇن ئوفسايت بولغانلىقى ئۈچۈن كىرگەن توپ ئىناۋەتسىز قىلىندى. نەتىجە يەنىلا ئاتۇش 0:2 ئىلى
57-مىنۇتتا ئاتۇش كوماندىسىنىڭ بىر قېتىملىق ئىختىيارى توپ پۇرسىتى ئىسراپ بولۇپ كەتتى.
65-مىنۇتتا ئىلى كوماندىسى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قايتا-قايتا توپ تەپكەن بولسىمۇ لېكىن پۇرسەتنى چىڭ تۇتالمىدى.
66-مىنۇتتا ئىلى كوماندىسى تاكتىكىلىق ئادەم ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.
69-مىنۇتتا ئاتۇش كوماندىسى تاكتىكىلىق ئادەم ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.
75-مىنۇتتا ئىلى كوماندىسى توپچىسى قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن بىۋاستە قىزىل كارتا جازاسى بىلەن مەيداندىن چۈشۈرىۋېتىلدى.
77-مىنۇۇتتا ئىلى كوماندىسى خەمىتنى ئالماشتۇرۇپ مەيدانغا چىقاردى.
78-مىنۇتتا رېپىر ۋار سىن ياردەمچىسىگە قاراپ ئىلى كوماندىسى توپچىسىغا سېرىق كارتا بەردى.
85-مىنۇتتا ئاتۇش كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇم قوزغىدى، شۇنداقلا توپنى كىرگۈزدى، ھازىرقى نەتىجە ئاتۇش 0:3 ئىلى.
ئارقىدىنلا رېپىر ۋار سىن ياردەمچىسىگە قاراپ ئۈچىنچى توپنىڭ ئوفسايت ئىكەنلىكىنى، ئىناۋەتسىز قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى، نەتىجە ئاتۇش 0:2 ئىلى.
90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ 3 مىنۇتلۇق تولۇقلىما ۋاقتى قوشۇپ بېرىلدى.
كېيىنكى مىنۇتلاردا مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولماي ئاتۇش كوماندىسى 0:2 نەتىجىدە ئىلى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۈچ نومۇرنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما يەنىلا گۇرۇپپىدىن چىقالمىدى. ئىلى كوماندىسى گۇرۇپپىدىن ئىككىنچى بولۇپ چىقتى.
يەنە بىر خەۋەر:
ئاقسۇ-چۆچەك مۇسابىقىسىنى بۇيەردىن بىۋاستە كۆرۈڭ
2024-يىللىق ئاتۇش لوڭقىسى شىنجاڭ تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ 6-كۈنلۈك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى باشلاندى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئاقسۇ كوماندىسى بىلەن چۆچەك كوماندىسى مۇسابىقىلىشىدۇ.
ئاتۇش لوڭقىسى B گۇرۇپپا 3-ئايلانما مۇسابىقىسى ئاقسۇ بىلەن چۆچەك مۇسابىقىسى باشلاندى
11-مىنۇتتا ئاقسۇ كوماندىسىنىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تېگىپ چىقىپ كەتتى.
22-مىنۇتتا چۆچەك كوماندىسى ھۇجۇم تەشكىللىدى، لېكىن پۇرسەت ياخشى تۇتۇلماي قالدى.
24-مىنۇتتا ئاقسۇ كوماندىسى يەنە بىر قېتىملىق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى.
26-مىنۇتتا ئاقسۇ كوماندىسى يەنە بىر قېتىملىق ياخشى ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتى ياراتتى، لېكىن ئۈسكەن كاللا توپ ئېگىز چىقىپ كەتتى.
27-مىنۇتتا چۆچەك كوماندىسى توپچىسى يارىلىنىپ كوماندا دوختۇرلىرى نوسۇلكا بىلەن مەيداندىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
32-مىنۇتتا ئاقسۇ كوماندىسى قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ يەكمۇيەك پۇرسەتكە ئېرىشتى، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا قاپقىچى قالتىس ئىپادىسى بىلەن توپنى توسۇۋالدى.
36-مىنۇتتا ئاقسۇ كوماندىسىغا ئىنتايىن ياخشى يەردىن ئىختىيارى توپ تېپىش پۇرسىتى كەلدى. ئەمما ئىنتايىن چىرايلىق تېپىلگەن بولسىمۇ توپ كىرمەي قالدى.
41-مىنۇتتا ئاقسۇ كوماندىسى يەنە بىر قېتىم قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ ئەخمەتجان يەكمۇيەك ھالەتتە توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى، شۇنداقلا قاپقىچىنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكۈزۈپ چىرايلىق ئۇرغان توپى قاپقا تۆمۈرىگە تېگىپ چىقىپ كەتتى.
45 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ 4 مىنۇتلۇق تولۇقلىما ۋاقتى قوشۇپ بېرىلدى.
كېيىنكى مىنۇتلاردا مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولماي ئىككى كوماندا ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ۋاقتىنچە 0:0 نەتىجىدە تەڭلىشىپ قالدى.
15 مىنۇتلۇق ئارام ئېلىشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن توپچىلار مەيدانغا قايتىپ كەلدى، شۇنداقلا مۇسابىقە باشلىنىپلا ئاقسۇ كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزدى، نەتىجە ئاقسۇ 0:1 چۆچەك.
51-مىنۇتتا ئاقسۇ كوماندىسى يەنە بىر قېتىم قالتىس ھۇجۇم قوزغاپ توپنى چىرايلىق ماسلىشىپ تەپكەن بولسىمۇ توپنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى.
55-مىنۇتتا ئاقسۇ كوماندىسى ئىنتايىن چىرايلىق پاسلىشىش ئېلىپ باردى، ئەمما ئەڭ ئاخىرىقى قېتىملىق توپنى ئۇرۇشتا خاتالىق سادىن بولدى
59-مىنۇتتا ئاقسۇ كوماندىسى يەنە بىر خەتەرلىك ھۇجۇم قوزغىدى، ئەمما قاپقىچىنىڭ قالتىس ئىپادىسى بىلەن بۇ توپمۇ كىرمىدى.
64-مىنۇتتا ئاقسۇ كوماندىسى ئىنتايىن چىرايلىق ھۇجۇم تەشكىللىدى، ئۇلاغات توپ كىرگۈزدى. نەتىجە ئاقسۇ 0:2 چۆچەك.
70-مىنۇتتا ئاقسۇ كوماندىسى تاكتىكىلىق ئادەم ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى.
72-مىنۇتتا ئاقسۇ كوماندىسى يەنە ھۇجۇم قوزغىدى، ئەمما قاپقىچى يەنە قالتىس ئىپادىسى بىلەن توسۇۋالدى.
77-مىنۇۇتتا ئاقسۇ كوماندىسى يەنە بىر قېتىملىق ئىنتايىن قالتىس ھۇجۇم قوزغىدى، ئەمما چەكلەنگەن رايون ئىچىدە تەپكەن توپى قاپقا تۆمۈرىگە تېگىپ چىقىپ كەتتى.
82-مىنۇتتا ئاقسۇ كوماندىسى ئىنتايىن چىرايلىق ھۇجۇم پۇرسىتى ياراتتى، شۇنداقلا توپنى كىرگۈزدى، ئەمما ئوفسايت گۇمانى بولغانلىقى ئۈچۈن رېپىر ۋار سىن ياردەمچىلىرى بىلەن پاراڭلاشتى. شۇنداقلا كىرگەن توپنىڭ ئىناۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. نەتىجە ئاقسۇ 0:3 چۆچەك.
90 مىنۇتلۇق مۇسابىقە ئاخىرلىشىپ ئىككى مىنۇتلۇق تولۇقلىما ۋاقتى قوشۇپ بېرىلدى.
چۆچەكنىڭ ئىخىتىيارى توپى كىرمەي قالدى.
كېيىنكى مىنۇتلاردا مۇسابىقە نەتىجىسىدە ئۆزگىرىش بولماي ئاقسۇ كوماندىسى 0:3 نەتىجىدە چۆچەك كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۈچ نومۇرنى قولغا كەلتۈردى، شۇنداقلا ئومۇمىي 7 جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشىپ گۇرۇپپىدىن 1-بولۇپ چىقتى. چۆچەك كوماندىسى 0 جۇغلانما نومۇر بىلەن گۇرۇپپىدىن شاللىنىپ كەتتى. بۇ گۇرۇپپىدىن ئۈچ كوماندا يەنى ئاقسۇ، قەشقەر، ئاتۇش كوماندىلىرى گۇرۇپپىدىن چىقتى.