شى جىنپىڭ سېن خاۋخۇي بىلەن كۆرۈشتى

文摘   2024-11-03 16:08   新疆  
شى جىنپىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي بىلەن كۆرۈشتى
  
11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېڭىدىن سايلانغان ھەم مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 ـ نۆۋەتلىك باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي بىلەن كۆرۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېي خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تېلېگراممىسى  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا يېڭىدىن سايلانغان ھەم مەركىزىي ھۆكۈمەت ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 ـ نۆۋەتلىك باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭنىڭ گۇۋاھلىقىدا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ سېن خاۋخۇيغا ئۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 ـ نۆۋەتلىك باش مەمۇرلۇقىغا تەيىنلەش توغرىسىدىكى گوۋۇيۈەننىڭ 794 ـ نومۇرلۇق بۇيرۇقىنى بەردى.
شى جىنپىڭ سېن خاۋخۇينىڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 ـ نۆۋەتلىك باش مەمۇرلۇقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سىز ئىلگىرى ئۇزاق مۇددەت ئاخىرقى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان، ۋەتەننى سۆيۈش، ئاۋمېننى سۆيۈش مەيدانىڭىز مۇستەھكەم، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيىتىڭىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتىڭىز. سىز باش مەمۇر سايلىمىغا قاتناشقاندىن بۇيان، ئەمەلىي، خەلقچىل، مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىدىغان ياخشى ئوبرازىڭىزنى نامايان قىلدىڭىز، سايلامغا قاتنىشىش سىياسىي پىروگراممىڭىز ۋە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەڭىز ئاۋمېننىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، كەڭ ئاۋمېن ئاھالىلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدىگە ئۇيغۇن. سىز باش مەمۇر سايلىمىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن نامزاتلىققا كۆرسىتىلىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن سايلاندىڭىز، بۇ، ئاۋمېن جەمئىيىتىنىڭ سىزنى كەڭ قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. مەركەز سىزنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ، سىزگە تولۇق ئىشىنىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، ئاۋمېننىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ياخشى تۈزۈم. ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن 25 يىلدىن بۇيان، مەركەز ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ ئىچكى رايونلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىپ، ئاۋمېن خاسلىقىغا ئىگە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، ئاساسىي قانۇن ۋە ئاۋمېن نېگىزلىك قانۇندا بېكىتىلگەن ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈم تەرتىپى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇلدى، ئاۋمېننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئالغا باستى، خەلقئارا تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. مەركەز «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزگەرتمەسلىككە، قېيىپ كەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»تەك تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى تاكاممۇللاشتۇرۇش تەكىتلەندى. بۇ، ئاۋمېننىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا سىڭىشىشى، ئۆزىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، يېڭى تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. باش مەمۇرلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش بىر ئېغىر مەسئۇلىيەت بولۇپ، ئۇنىڭغا مەركەزنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقى ۋە كەڭ ئاۋمېن ئاھالىلىرىنىڭ زور ئۈمىدى يۈكلەنگەن. سىزنىڭ ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، بۇرچنى يەردە قويماي، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىش قىلىشقا، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا ماھىر بولۇپ، ئاۋمېن خاسلىقىغا ئىگە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» ئەمەلىيىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
سېن خاۋخۇي مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 6 ـ نۆۋەتلىك باش مەمۇرلۇقىغا تەيىنلىگەنلىكىدىن چوڭقۇر شەرەپ ھېس قىلدى، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداپ، دۆلەت تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، ئاممىۋى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە باشقۇرۇش ـ ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق كۆپ خىللىق تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن ياخشىلاپ، ئاۋمېننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا بەل باغلىدى.
لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، شى تەيفېڭ، چېن ۋېنچىڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەنبە: تىيانشان تورى




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章