ئامېرىكىلىق ئەر ئايالىنى ئۆيدىكى مۇنچىدا ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈۋەتتى

文摘   2024-11-11 19:26   新疆  

سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ

ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بېككى بىلانىكنىڭ دادىسى قىزى بىلەن ئالاقىلىشالمىغاچقا، 2023-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇنىڭ ئامېرىكا ئىللىنوئىس ئىشتاتى كۇۋىنچى بازىرىدىكى ئۆيىگە ئۇنى كۆرگىلى كەلگەندە، ئۇ ئەڭ يۈزلىنىشنى خالىمايدىغان مەنزىرىنى بايقىغان. بېككى مۇنچىنىڭ پولىدا، بەدىنى مۇزدەك، قېتىپ قالغان، مىدىرلىمىغان ھالدا ياتقان. ئەتراپتا ئالىتاغىل قان داغلىرى بار بولۇپ، ھاۋانى ئېغىر قان پۇرىقى قاپلىغان.
ساقچى گۈدۈكى سەھەردىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ، ساقچىلار ناھايىتى تېزلا نەق مەيدانغا كېلىپ، بېككىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەن. ئۇنىڭ بەدىنى ئوق ئىزى بىلەن تولغان، 14 پاي ئوق ئۇنىڭ بەدىنىگە تەگكەن، نىشاندىن چەتنەپ كەتكەن بىردىنبىر ئوق مۇنچىنىڭ تېمىنى تېشىپ ئۆتكەن. زوراۋانلىق جىنايەتلىرى كۆپ يۈز بەرمەيدىغان بۇ كىچىك بازاردا، بۇ رەھىمسىز قاتىللىق دېلوسى ناھايىتى تېزلا ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاققا تارقالغان.
ناھايىتى تېزلا، ھەممە ئادەمنىڭ كۆزى بىر ئادەمگە مەركەزلەشكەن. كىشىلەر بېككىنىڭ ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان ئېرى تىم توغرىسىدا پەس ئاۋازدا مۇنازىرە قىلىشقا باشلىغان.
2019-يىلى تىم بىر قېتىم «ئائىلە جېڭى» پىروگراممىسىغا چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولغان، شۇنداقلا بۇ بازاردا ئازتولا نام چىقارغان.
پىروگرامما جەريانىدا رىياسەتچى ئۇنىڭدىن: «توي كۈنىدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقىڭىز نېمە؟» دەپ سورىغان. تىم كۈلۈپ تۇرۇپ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر جاۋابنى ئېيتقان، يەنى «مەن خالايمەن دېگەنلىكىم» دېگەن. ئەينى ۋاقىتتا بۇ چاقچاق بۇ پىروگراممىدىكى كىلاسسىك كۆرۈنۈش بولۇپ قالغان. بىراق، بېككى ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كەتكەن بۇ پەيتتە، قارىماققا يەڭگىلتەك كۆرۈنگەن بۇ چاقچاقنى كىشىلەر قايتا تىلغا ئېلىپ، تېخىمۇ ئېغىر مەنا بىلەن تەپسىلىي كۆزىتىشكە باشلىغان.
تىم بىلەن بېككى كۋېنسي داشۆسىدا تونۇشقان بولۇپ، دەسلەپتە پەقەت دوست ئىكەن، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئاندىن رەسمىي ئۇچرىشىشقا باشلىغان. ئەينى چاغدا، بېككى دورا سېتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، خېلى كۆپ كىرىم قىلىدىغان بولۇپ، تىم بولسا كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىۋېلىش كەسپىدە مۇقىم كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان، كىرىمىمۇ ناھايىتى ياخشى ئىكەن. ئوچۇق-يورۇق، شوخ بېككى بىلەن ھاياتىي كۈچكە تولغان تىم ئۇچرىشىشقا چىققاندىن كېيىن، ھېسسىياتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ناھايىتى تېزلا مۇناسىۋىتىنى بېكىتىپ، بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈشكە باشلىغان. بىر نەچچە يىل مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن، ئۇلار توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.
كېيىن بېككى دورا سېتىش خىزمىتىدىن ۋاز كېچىپ، پۈتۈن كۈنلۈك ئانا بولۇشنى تاللاپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۈچ ئوغلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان. لېكىن بالىلارنىڭ ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ، بېككى ئۆزىنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنىنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك ئانا بولۇشلا ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتىدىن خىزمەت ئورنىغا قايتىپ، پەرۋىش كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇپ، سېستىرا بولۇشنى قارار قىلغان. بىراق، تىم بۇ قارارنى قوللىمىغان.
ئۇ بېككىنىڭ سېستىرا بولۇشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، كۆپ قېتىم ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزى بالىلار بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقىتنى قەتئىي كۆپەيتمىگەن. گەرچە ئۇنىڭ قارشى تۇرۇشىدىكى سەۋەب  بىككىنىڭ بېسىمىنىڭ بەك چوڭ بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەش بولسىمۇ، لېكىن بېككى ئېنىقلا بۇنداق قارىمىغان.
ئۇ خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ كۈنسېرى چوڭقۇرلاشقان. ئۇ دائىم دوستلىرىغا ئاغرىنىپ، تىمنىڭ ئۆيدە ھېچ ئىش قىلمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنى يالغۇز ئائىلىنى قامدايدىغاندەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن تىمنىڭ ھەمىشە ئۆزىنى كۈچلۈك كونترول قىلىشنىلا ئويلايدىغانلىقىنى، ئۆزىدە «ھەقىقىي ھەمراھ» كەمدەك ھېس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئەر ـ خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يامانلىشىپ كەتكەن. ئەڭ ئاخىرىدا، 2021-يىلى 1-ئايدا تىم ئالدى بىلەن ئاجرىشىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان، يەنە تېخى بېككىنىڭ ئۆزلىرىنى بىسىۋىلىپ، مەسلىھەت سوراپ بېقىش تەكلىپىنى رەت قىلغان.
ئۇ ئىككىسىنىڭ ئاجرىشىش جەريانىمۇ ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىغان، ئۇلار مال-مۈلۈك، ئۆي ۋە بالىنىڭ بېقىش ھوقۇقى توغرىسىدا توختىماي تالاش-تارتىش قىلغان، ئۇرۇشۇشقا بولىدىغان بارلىق نەرسىلەر ئۈچۈن تالاش-تارتىش قىلغان، ئاجرىشىش جەريانى ئۈزلۈكسىز كەسكىنلىشىپ كەتكەن. بېككى دوستلىرىغا تىمنىڭ بەزىدە بالىسىنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭغا ۋارقىراپ-جارقىرايدىغانلىقىنى، ئاچچىقىدا نەرسە-كېرەكلەرنى ھەممە يەرگە تاشلىۋېتىدىغانلىقىنى، ھەتتا مەكتەپتىكى ئاتا-ئانىلار يىغىنىدا ئۇنى ئىتتىرىۋەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. بۇرۇنقى ئېرىنىڭ قىلمىشى بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كەتكەن، ھەتتا پاراكەندىچىلىك سېلىش ۋە تەھدىت سېلىش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، دائىم ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا رۇخسەتسىز كىرىپ، ئۇنى قاتتىق بىئارام قىلغان.
ئۇ ئىلگىرى سوتقا قوغداش بۇيرۇقى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، تىمنىڭ بۇ قىلمىشى ئۇنى نازارەت قىلىنىۋاتقاندەك ۋە تەھدىت سېلىۋاتقاندەك ھېس قىلدۇرغان، لېكىن قوغداش بۇيرۇقى تەستىقلانمىغان، سوتچى پەقەت تىمغا بالىنى ئېلىپ كېتىدىغان ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ تۇرالغۇسىغا كىرمەسلىك توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
ئۇ ھەتتا بىر قېتىم دوستىغا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ مۇنداق دېگەن: «ئەگەر ماڭا راستتىنلا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، بىرىنچى گۇماندارنىڭ تىم ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈڭ، چۈنكى ئۇ ماڭا بىرەر ئىش قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. مەن ئالايىتەن بۇ ئۇچۇرنى يېزىپ قويدۇم، چۈنكى مەن ئۇنىڭ مەلۇم بىر خىل ئۇسۇل بىلەن ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن، مېنى تېپىۋېلىشىدىن ياكى بىرەر ئىش قىلىپ مېنى بالىلىرىمدىن ئايرىۋېتىشىدىن بەك قورقىمەن. ئۇ نۇرغۇن يالغان گەپ قىلىپ، ئۆزىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى، مېنى جىنايەتچى دەپ ئاتاشنى ئويلىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. مەن بۇلارنى ئاتا-ئانامغا دېمىدىم، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ ئەنسىرەپ ئۇخلىيالماسلىقىنى خالىمايمەن».
ھازىر، ئۇ راستتىنلا ئۆلۈپ كەتكەن. ساقچىلار ئاجرىشىش تالاش-تارتىشىدا قالغان، تالاش-تارتىش كەسكىن بولغان بېككىنىڭ ئايرىلىپ كەتكەن ئېرى تىمنى دەرھال نۇقتىلىق گۇمانلىنىش ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتكەن.
تىم بولسا دەرھال ئۆزىنى ئاقلاپ، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: «مەن ئەزەلدىن ئادەم ئۆلتۈرۈشنى ئويلاپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مېنىڭ بالىلىرىمنىڭ ئانىسى، مەن ئۇنىڭ بالامغا بولغان مۇھىملىقىنى بىلىمەن، مەن ئۇنى قانداقمۇ ئۆلتۈرىمەن؟». لېكىن، ساقچى تەرەپ ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن. تىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى چاغدا ئۇ پۈتۈن بىر كېچە ئىككى كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۆز ئۆيىدە بولۇپ، ئۈچ ئوغلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان، بالىلارمۇ ئۇنىڭ نەق مەيداندا يوقلۇقىغا ئىسپات بولالايدىكەن.
ساقچىلار مۇنداق دەپ قارىغان: «بۇ نەق مەيداندا يوقلۇق ئىسپاتى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، بالىلارنىڭ يېشى كىچىك، يەنى ئايرىم-ئايرىم 12 ياش، 10 ياش ۋە 5 ياش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئاسان قالايمىقان بولۇپ كىتىدۇ، كۆزىتىش ئاپپاراتى ئارقىلىق ئۇنىڭ نەق مەيداندا يوقلىقىنىمۇ ئىسپاتلىغىلى بولمىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، جىنايەتچى تاڭ سەھەردە بېككىنىڭ ئۆيىگە كىرگەن، ئۇ چاغدا، بىر نەچچە كىچىك بالا ئاللىقاچان ئۇخلاپ قالغان».
ساقچىلار يېقىن ئەتراپتىكى تېلېكامېرانى تەكشۈرۈپ، بىر قىسىم ئىسپاتلارنى رەتلەپ چىقىۋاتقاندا، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى سائەت 1دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە، بېككىنىڭ قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىكى كۆزىتىش ئاپپاراتىدا گۇمانلىق ئادەمنىڭ سايىسى كۆرۈنگەن. سائەت 1دىن 11 مىنۇت ئۆتكەندە، بېككى يان تېلېفونى ئارقىلىق ساقچىلارغا تېلېفون ئۇرماقچى بولغان، ئەمما تېلېفون ئۇرۇشنى تاماملىيالمىغان، شۇنىڭ بىلەن يان تېلېفون ئىشىكنىڭ كەينىگە چۈشۈپ كەتكەن.
سائەت بىردىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە، قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىكى تېلېكامېرا بۇ ئادەمنىڭ كەتكەنلىكىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان. باشقا كۈزىتىش ئاپاراتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كىشى نۇر قايتۇرغۇچ يوق ۋېلسىپىتنى مىنىپ بۇ مەھەللىگە يېقىنلاشقان.
دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداندا ئوخشاشلا بىر قىسىم دەلىل-ئىسپاتلار قالغان. ئالدى بىلەن، ساقچىلار بېككىنىڭ جەسىتىنىڭ ئەتراپىدىن سەككىز دانە توققۇز مىللىمېتىرلىق ھۇجۇم ئەسلىھەسىنى تاپقان، جەسەت ئەتراپىدىكى پولدىن كىچىك بىر پارچە تاللا بازىرىنىڭ سۇلياۋ خالتا پارچىسىنى بايقىغان، ساقچىلار بۇنى ئاۋاز يوقىتىش ياكى ھۇجۇم ئەسلىھەسىنىڭ قالدۇقلىرىنى يىغىشقا ئىشلىتىلىدۇ، دەپ گۇمان قىلغان. ئىككىنچىدىن، ساقچىلار قاتىلنىڭ تاجاۋۇز قىلىپ كىرىش ئۇسۇلىنى تاپقان بولۇپ، ئىككىنچى قەۋەتتىكى بىر بالىنىڭ ياتاق ئۆيىنىڭ دېرىزىسىدە توسۇش تايىقىنى قومۇرۇپ ئاچقان ئىز بار ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ساقچى تەرەپ يەنە كىرىش ئېغىزى ئەتراپىدا بىر قىسىم ئاياغ ئىزىنى بايقىغان، لېكىن بۇ ئىز كونكرېت ئادەم ياكى ئاياغقا ماس كەلمىگەن. بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ساقچىلار ئىزدەش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە باشلىغان. ناھايىتى تېزلا، ئۇلار يەنە بىر گۇمانلىق ۋەقەنى بايقىغان، يەنى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىكى تېلېكامېرامۇ بېككىنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا گۇمانلىق ئادەمنىڭ سايىسىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان.
ئۇ كۈنى ئۇلار قىسقا ئۇچۇر يوللاپ بېككىنى ئەسكەرتكەن. بېككى جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا ھېچكىمنى كۆرمىگەنلىكىنى، لېكىن ئارقا ھويلىدىن ئاۋاز چىققانلىقىنى ئاڭلىغانلىقىنى، يەنە تېخى ھەرىكەت ئىندۇكسىيەسى چىرىغىنىڭ يانغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئەينى چاغدا، ئۇلار تېخى يېقىن ئەتراپتىكى سەرگەردان ياكى ئوغرىلار ئارىسالدى بولۇپ، بىرەر نەرسىنى ئوغرىلىماقچى بولغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ ئويلىغان، لېكىن بېككى ئۆلتۈرۈلگەن كۈنى، ئۆي ئىچىدە ھېچقانداق نەرسە ئوغرىلانمىغان.
2-ئاينىڭ 14-كۈنى نېمە ئىش يۈز بەرگەن؟
ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى كۈنى بېككىنىڭ ئوغۇل دوستى ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەن ھەمدە ماشىنىسىنى ئۇنىڭ ماشىنا يولىغا توختىتىپ قويغان، شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە، تىمنىڭ يان تېلېفونىدا 200 قېتىمدىن ئارتۇق ئىزدەش خاتىرىسى بار بولۇپ، ئۇ بېككىنىڭ ئوغۇل دوستىنىڭ ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى ۋە ئاپتوموبىل پەرقلەندۈرۈش نومۇرىنى سۈرۈشتۈرگەن. گەرچە تىم ئۆزىنىڭ بېككىنىڭ يېڭى مۇھەببىتىدىن بۇرۇنلا خەۋەر تاپقانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن روشەنكى، بۇ خىل قاراش پۇت تىرەپ تۇرالمايدىكەن. بولۇپمۇ ساقچىلار ئۇنىڭ يان تېلېفونىدىن باشقا ئىسپاتلارنى تاپقان ئەھۋال ئاستىدا.
ئۇنىڭ ئىزدەش خاتىرىسىدە، «قوزۇق كالتەك بىلەن ئىشىكنى قانداق ئېچىش كېرەك»، «قانداق قىلغاندا كىچىك ھەربىي ئەسلىھەنىڭ ئاۋاز يوقاتقۇچىنى ياسىغىلى بولىدۇ»، «قولىدىكى ئەسلىھە دورىسىنى قانداق تازىلاش كېرەك» دېگەندەك مەزمۇنلار بار ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئالاقە تورى ئاكونتى «جون شىمىس» ئارقىلىق نۇر قايتۇرمايدىغان ۋېلسىپىتنىڭ سېتىلىش ئۇچۇرىنى كۆرگەن، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ۋېلسىپىتنىڭ پاسونى دەل تېلېكامىرادا سۈرەتكە ئېلىنغان ۋېلسىپىت بىلەن ئوخشاش ئىكەن.
تىمنىڭ ئۆيىدە ساقچىلار يەنە تېخىمۇ كۆپ قوشۇمچە ئىسپاتلارنى تاپقان. مەسىلەن، نەق مەيداندىن تېپىلغان ئەلدى ماركىلىق سۇلياۋ خالتا تىمنىڭ ئۆيىدىكى سۇلياۋ خالتا بىلەن بىردەك ئىكەن. تىمنىڭ يەر ئاستى ئۆيىدە بىر تال قومۇرغۇچ بار بولۇپ، قومۇرغۇچتىكى ئىز بىلەن دېرىزىدىكى قومۇرۇش ئىزىنىڭ ئازراق ئوخشاشلىقى بار ئىكەن. ھەل قىلغۇچ دەلىل-ئىسپات بولسا تىمنىڭ ئۆيىدە بايقالغان 27 پارچە ئەسلىھە قالدۇقى بولۇپ، ساقچىلار سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، بۇلارنىڭ بېككى دىلوسى يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى ئەسلىھە قالدۇقى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىغان. بۇ ئۇلار مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلدە بېككى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان 9 مىللىمېتىرلىق ئەسلىھە ئىكەن. ئەينى چاغدا سوتچى تىمدىن ئەسلىھەنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇ يالغاندىن يىتتۈرۈپ قويدۇم دېگەن، لېكىن ئۆيىدە بۇ ئەسلىھەنى ئىشلەتكەندىكى قالدۇق پەيدا بولغان. ئۇ ئايالى سوۋغا قىلغان سوۋغات بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرگەن.
ئاخىرىدا، بېككىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىدا، سوتچى تىم بۇلىفنىكنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بار دەپ ھۆكۈم چىقارغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بۇلىفنىك ئەپەندى، سىز بۇ قاتىللىقنى پىلانلىدىڭىز، سىز بۇ قاتىللىقنى ئىشقا ئاشۇردىڭىز، سىز ئۇنىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلدىڭىز، بىر، ئىككى، ئۈچ، تۆت، بەش، ئالتە، يەتتە، سەككىز، توققۇز، ئون، ئون بىر، ئون ئىككى، ئون ئۈچ، ئون تۆت قېتىم». سوت مەھكىمىسى مۇنداق دەپ قارىغان: «مۇۋاپىق ھۆكۈم مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىش، شەرتلىك قويۇپ بېرىشكە بولمايدۇ».
(بېككىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر).
بېككىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى تىمنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بىلەن ئاخىرلاشقان، گەرچە ھەققانىيەت قانۇن قاتلىمىدىن قانات يايدۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئازابنى ساقايتىشقا مەلھەم بولالمىغان.

كىنايىلىك يېرى شۇكى، دەلىل-ئىسپات شۇنچە تولۇق بولسىمۇ، تىم ئۆزى رەسمىي ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنقى زىيارەتتە، باشتىن-ئاخىر ئۆزىنىڭ جىنايەتچى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلغان.
(تىمنىڭ ئادۋۇكاتى كەيسى شناك).
ئۇنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتىمۇ توختىماستىن بېككىغا قارا چاپلاپ، ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا دوستلىرىغا تىمنىڭ ئۇنى روھىي جەھەتتىن كونتىرول قىلىۋالغانلىقى ۋە ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا قىلغان سۆزلىرىنى پۈتۈنلەي رەت قىلغان. بۇ ئادۋۇكات بىككىنىڭ بارلىق سۆزلىرىنىڭ «قىزلار ئارىسىدىكى ئومۇملاشقان سۆز» ئىكەنلىكىگە بىۋاستە ھۆكۈم قىلغان.
بۇ گەپلەر كۆپچىلىكنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان، تورداشلار بەس-بەستە ئىنكاس يېزىپ مۇنداق دېيىشكەن: «بېككى ئاللىقاچان ئۇنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ بولدى، ئۇنىڭ ياردىمى ۋە پۇلىغا تايانماي خىزمەت تاپتى، ئۇچرىشىشنى قايتا باشلىدى، ئۆزى يالغۇز ياخشى تۇرمۇش كەچۈردى. ئەمما بۇ نەپسانىيەتچى ئۇنى يەنە كونترول قىلالمىغانلىقىغا چىدىيالماي قالدى»
«ئاقلىغۇچى ئادۋۇكاتنىڭ ھەقىقەتەن بېككىنىڭ بەدىنىدە ئەزەلدىن (ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان) ئىز ۋە يارا ئىزى يوق، شۇڭا ئۇ چوقۇم ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى ئەمەس دېگۈدەك يۈزى بار ئىكەن، بۇ ئادەم ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرىدۇ». «14 قېتىم ئېتىۋېتىپتۇ، بۇ ئېنىقلا ئېرى قىلغان شەخسىي ئاداۋەت ئۈچۈن ئۆچ ئېلىش». «ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتنىڭ ھەممە ئىشنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئارتىپ قويۇشتا ھەقىقەتەن كارامىتى بار ئىكەن! ئۇ نومۇس ھېس قىلىشى كېرەك».
«ئائىلە جېڭى پىروگراممىسىدا دېيىلگەن <توي قىلىشىم خاتا> دېگەن جاۋاب دېلودىكى گۇمانلىق نۇقتا ئەمەس، بەلكى دۆۋە-دۆۋە دەلىل-ئىسپات بولالايدۇ».
لېكىن ھەر قانچە كۆپ ئەيىبلەش ۋە تالاش-تارتىش ئۈچ كىچىك بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، بېككىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يېقىن ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى ئۆزگەرتەلمىگەن.

ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭ


كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章