تۇرپان يورۇقلۇق-ئىسسىقلىق+يورۇقلۇق ۋولتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى

文摘   2024-11-05 18:56   新疆  
تۇرپان 1 مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق - ئىسسىقلىق + يورۇقلۇق ۋولتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى يورۇقلۇق ۋولت ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىلدى


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ئىختىيارىي مۇخبىرى لەن شېڭۋېن خەۋىرى، فوتوسى: 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، تۇرپان 1 مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق - ئىسسىقلىق + يورۇقلۇق ۋولتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى 300 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىلدى.

بۇ تۈردە 2023 - يىلى 6 - ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، ئىدىقۇت رايونى چىچان يورۇقلۇق ۋولت كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان، تاڭشەن خەيتەي يېڭى ئېنېرگىيە پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشقا مەسئۇل بولغان. بۇ تۈرنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 27.34 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاساسلىقى 900 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك تارقىتىش تۈرى ۋە 100 مىڭ كىلوۋاتلىق ئېرىتىلگەن تۇز ئارقىلىق ئىسسىقلىق ساقلاپ توك تارقىتىش تۈرى قۇرۇلىدۇ ھەم 220 كىلوۋولتلۇق بېسىم ئاشۇرۇپ يىغىش پونكىتىدىن بىرى ۋە ئالاقىدار ئۈسكۈنە ھەم يانداش ئەسلىھەلەر يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلىدۇ.


تۇرپان 1GW يورۇقلۇق - ئىسسىقلىق + يورۇقلۇق ۋولتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى 300 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىلدى. 

بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، مۆلچەرلىنىشىچە يىلدا يېڭىدىن كۆپىيىدىغان توك تارقىتىش مىقدارى 1 مىليارد 875 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، 940 مىڭ ئائىلىنىڭ يىللىق توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن، يىلدا 450 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر تېجەپ قالالايدىكەن، 1 مىليون 970 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىد، 7600 توننا ئازوت ئوكسىد، 9100 توننا ئىس - تۈتەك، چاڭ - توزان، 7400 توننا گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىد قويۇپ بېرىشنى ئازايتقىلى بولىدىكەن، مۇھىت قوغداش ئۈنۈمى 831 مىڭ مو يەردە كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلغانغا باراۋەر ئىكەن.
جۇڭگو ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى گۇرۇھى غەربىي شىمال ئېلېكتىر ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا مەسئۇل دىرېكتورى جاڭ پېڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە يورۇقلۇق ۋولت قىسمى ئومۇميۈزلۈك پۈتتى، 300 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك تارقىتىلدى، يىل ئاخىرىدا يورۇقلۇق ۋولت قىسمىنىڭ ھەممىسىنى پۈتكۈزۈپ تورلاشتۇرۇش پىلانلاندى.

تۇرپان 1GW يورۇقلۇق - ئىسسىقلىق + يورۇقلۇق ۋولتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى. 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىدىقۇت رايونى مول شامال، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقىغا تايىنىپ، دۆلەتنىڭ «قوش كاربون» ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، تورلاشتۇرۇلغان يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 760 مىڭ كىلوۋات، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 904 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، «شامال، يورۇقلۇق ۋولت چەكسىز ياخشى» بولۇشتەك يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章