ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەرگە ياردەم بېرىش

文摘   2024-11-13 18:19   新疆  


ياڭ بو: ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ياردەم بېرىمەن

تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرلىرى پېڭ دەننى، ئەنۋەر غوپۇر


«ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلارنىڭ بۇ دۇنيانىڭ ئاۋازىنى تېخىمۇ ياخشى ئاڭلىشىغا ياردەم بېرىش بەختلىك ئىش.» تۇرپان شەھەرلىك گاسلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ياڭ بو مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنى قۇرۇش، ياردەمچى تىڭشىغۇچنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش ئەسۋابىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىم قىيىنچىلىقى بار ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلارغا چىن قەلب بىلەن ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى بۇ دۇنيانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالايدىغان قىلىش ئۈچۈندۇر.
بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن ياڭ بو ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشى. كىچىك ۋاقتىدىكى بىر قېتىملىق قىزىپ قېلىش سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ ئىككى قولىقىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى چېكىنىپ، 4 - دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ قالغان ئىدى. كىچىكىدىنلا كومپيۇتېرغا قىزىقىدىغان ياڭ بو تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى بىر ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتىپىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىردى. ئەمما ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئۇزاققىچە خىزمەت تاپالمىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ «كۈتۈش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» تاماسىدا بولماي، ئۆزى ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىدى.
1997 - يىلى، ياڭ بو ئائىلىسىدىكىلەردىن پۇل ئۆتنە ئېلىپ، تۇرپان بودې ئېلېكتىر سايمانلىرى، كومپيۇتېر رېمونت قىلىش دۇكىنىنى ئاچتى. ھەممە ئىشنى باشلاش قىيىنغا توختايدۇ، يېڭىلا بۇ كەسىپكە قەدەم باسقاندا، ئۇنىڭ تېخنىكىسى خېرىدارلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىدى، بەزىدە خېرىدارلارنىڭ تەڭقىسلىققا سېلىشىغا، ھەتتا سوغۇق مەسخىرىسىگە ئۇچرىدى. بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ياڭ بو خېرىدارلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا بېرىپ كومپيۇتېرىنى ھەقسىز رېمونت قىلىپ بەردى. ئۇنىڭ ئەستايىدىللىقى ۋە سەمىمىيلىكى ئاخىرى خېرىدارلارنى تەسىرلەندۈردى، بىر مەزگىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، خېرىدارلار كومپيۇتېر رېمونت قىلدۇرۇشتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياڭ بونى ئىزدەيدىغان بولدى، دۇكاننىڭ سودىسىمۇ ئاستا - ئاستا ياخشىلاندى.

ياڭ بو بىر ئاغرىقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تەكشۈرمەكتە. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى پېڭ دەننى فوتوسى


كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ياڭ بو نەزەرىيە بىلىملىرىنىڭ دەۋرنىڭ قەدىمىگە يېتىشەلمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى. ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ياڭ بو كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا ئائىت نۇرغۇن كىتابلارنى سېتىۋېلىپ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ قېتىرقىنىپ كۆردى، نۇسخىئالغۇ، پىرىنتېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى رېمونت قىلىش بىلىملىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەندى.

2000 - يىلى، شىنجاڭدا بىر قانچە ياردەمچى تىڭشىغۇچ دۇكىنى ئارقا - ئارقىدىن ئېچىلدى، ياڭ بو ئۈرۈمچىدىن بىر ياردەمچى تىڭشىغۇچ سېتىۋالدى. لېكىن، ھەر قېتىم ياردەمچى تىڭشىغۇچنى تەڭشىتىش ۋە رېمونت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بېرىشقا توغرا كېلەتتى، خىراجەت كۆپ كېتىش بىلەن بىللە، ئۈنۈمىمۇ تازا دېگەندەك ياخشى بولمايتتى. بۇ ئىش ئۇنىڭغا ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلارنىڭ ياردەمچى تىڭشىغۇچ ئىشلىتىشتىكى قولايسىزلىق ۋە قىيىنچىلىقىنى ھېس قىلدۇردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭدا تۇرپاندا بىر ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى قۇرۇش خىيالى پەيدا بولدى.

ياڭ بو پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن مەھسۇلاتىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرمەكتە. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى پېڭ دەننى فوتوسى

شەھەرلىك، ئىدىقۇت رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ ياردىمىدە، 2010 - يىلى، ياڭ بو تۇرپاندىكى تۇنجى ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىنى قۇرۇپ، تۇرپاندىكى ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلارنى ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش، ئاڭلاش ئىقتىدارى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش، ياردەمچى تىڭشىغۇچنى ئاسراش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن ھەقسىز تەمىنلدى. تۇرپاندىكى نۇرغۇن ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېيىشتى: ئۆز جايىمىزدىلا ياردەمچى تىڭشىغۇچنى تەكشۈرتۈش، رېمونت قىلدۇرۇش ھەقىقەتەن ناھايىتى قولايلىق ئېلىپ كەلدى، بىزنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن چىقىمنى تېجەپ بەردى.
لېكىن، ياڭ بو بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى. ئۇ ئەنئەنىۋى ياردەمچى تىڭشىغۇچنىڭ نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلىرى بارلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەچكە، ئەنئەنىۋى ياردەمچى تىڭشىغۇچ سايمانلىرىنى سەپلەش تېخنىكىسى بىلەن كومپيۇتېر بىلىمى، توك يولى بىلىمىنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر ئەسۋاب ياساشقا كۈچ سەرپ قىلدى. ئۈزلۈكسىز تىرىشىش ئارقىلىق، 2019 - يىلى ياڭ بو قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان كەسپىي بىلىمىگە تايىنىپ، ياردەمچى تىڭشىغۇچنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش ئەسۋابىنى تەتقىق قىلىپ ياسىدى ھەمدە پاتېنت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. بۇ تېخنىكا ياردەمچى تىڭشىغۇچنىڭ ئىقتىدارىنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈپ سىناپ، ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئىشلىتىش تەسىراتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەسىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، مۇشۇ سەۋەبتىن ياڭ بو «مەملىكەتلىك ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نەمۇنىچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.
«ھەربىر ئادەم تۇرمۇشقا ئۈمىدۋارلىق بىلەن يۈزلىنىشى كېرەك، قەلبتە غايە بولسىلا، ئۆزىگە تەۋە يول ھامان چىقىدۇ» دېدى ياڭ بو. 




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章