首页
时事
民生
政务
教育
文化
科技
财富
体娱
健康
情感
更多
旅行
百科
职场
楼市
企业
乐活
学术
汽车
时尚
创业
美食
幽默
美体
文摘
ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىقى
文摘
2024-11-07 21:56
新疆
سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
ئامېرىكىنىڭ ھېكايىسى دۇنيانىڭ 200 يىلغا يېقىن ئۇرۇش ۋە تىنچلىقى، خارابلىشىشى ۋە تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىقى ھەم سىياسىي ھەرىكەت خىتابنامىسى، ھەم دەۋر تەرەققىياتىنىڭ بەلگىسى.
كونا بىلەن يېڭىنىڭ ئالمىشىش پەيتىدە، بىز بىرلىكتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ تارىختا قانداق «تۇنجى قېتىملىق تەسىر» كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسلەپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتنىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشىنىپ باقايلى.
01، جورجى ۋاشىنگتون (George Washington)
تۇنجى، شۇنداقلا بىردىنبىر سايلام ئۆمىكىنىڭ پۈتۈن ئاۋاز بىلەن قوللىشىغا ئېرىشكەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى. 1789-يىل 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 1797-يىل 3-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان.
1776-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنى شىمالىي ئامېرىكىدىكى 13 مۇستەملىكىنىڭ ۋەكىللىرى «ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نى ئىمزالاپ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى مۇستەملىكىلەر بىلەن مۇستەملىكىچى دۆلەت ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇشنى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا ئايلاندۇرغان. ۋەكىللەر ئەنگلىيە ئارمىيەسىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قۇرۇشنى قارار قىلغان، ئۇنىڭغا ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ سابىق ئوفىتسېرى جورجى ۋاشىنگتون رەھبەرلىك قىلغان، فىرانسىيە قورال بىلەن تەمىنلىگەن.
1778-يىلى فىرانسىيە رەسمىي ھالدا ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، نۇرغۇن فىلوت ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنى ئەۋەتىپ، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىقىغا ياردەم بەرگەن.
1781-يىلى «قوشما ئىشتاتلار نىزامى»نى تەشكىل قىلغۇچى 13 ئىشتات تولۇق ماقۇللاپ، مەڭگۈلۈك قوشما ئىشتات قۇرۇلغان.
1783-يىلى فىرانسىيە بىلەن ئىسپانىيەنىڭ ياردىمىدە، جاپالىق سەككىز يىللىق مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئاخىر ئەنگلىيە ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلغان، ئەنگلىيە پادىشاھى جورجى IIIنىڭ ۋەكىلى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋەكىلى 1783-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى «پارىژ شەرتنامىسى»نى ئىمزالىغان، ئەنگلىيە شىمالىي ئامېرىكىدىكى 13 مۇستەملىكىنىڭ مۇستەقىللىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان.
1787-يىلى ھەر قايسى ئىشتاتلار بەش يىلغا يېقىن تالاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئاساسىي قانۇن تۈزۈش يىغىنى قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى ۋاشىنگتوننىڭ رىياسەتچىلىكىدە فىلادېلفىيەدە چاقىرىلغان. يىغىندا ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ سايلام شەكلى سايلىغۇچىلار ئۆمىكى تۈزۈمى قىلىپ بېكىتىلگەن.
1789-يىلى ۋاشىنگتون بارلىق سايلام بېلىتىگە ئېرىشىپ زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، جورجى ۋاشىنگتون ئامېرىكا تارىخىدىكى بىردىنبىر سايلام ئۆمىكىنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن قوللىشىغا ئېرىشكەن زۇڭتۇڭ بولۇپ قالغان.
1799-يىلى 12-ئايدا ۋاشىنگتون زۇكام بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىك قىزىغان ۋە گېلى ئاغرىغان ھەمدە ئېغىرلىشىپ كېكىردەك ياللۇغى ۋە ئۆپكە ياللۇغىغا ئايلانغان، گەرچە كېسەللىك ئەھۋالى ئانچە ئېغىر بولمىسىمۇ، لېكىن دوختۇرلار ئۇنىڭغا قان ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغان. 1999-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى، ۋاشىنگتون قان كۆپ چىقىپ كەتكەنلىكتىن 67 يېشىدا قازا قىلغان.
ۋاشىنگتوندا ئۆلگەندە، ئۇ يەنىلا 8000 ئىنگلىز موسى (32 كىۋادرات كىلومېتىر) كېلىدىغان دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئىگىسى ۋە 317 قۇلنىڭ خوجايىنى ئىدى.
جورجى ۋاشىنگتون ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن نۇرغۇن ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ماختاشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 65 ياشلىق ۋاشىنگتون ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ جون ئادامسقا تىنچ ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ۋاشىنگتون زۇڭتۇڭنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك دېگەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇرغان، بۇ خىل ئۇسۇل كېيىنكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىگە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۈلگە دەپ قارالغان.
1940-يىلىغا كەلگەندە، فىرانكلىن دېلانو روزۋېلت بۇ ئەنئەنىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇدا ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىگەن تۇنجى زۇڭتۇڭ بولۇپ قالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئادەتنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئامېرىكا پارلامېنتى 1951-يىلى ئاساسىي قانۇننىڭ 22-ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئىككى نۆۋەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى رەسمىي بەلگىلىگەن.
(سۈرەتتىكىسى ۋاشىنگتوننىڭ خوشلىشىش نۇتقى)
ۋاشىنگتون مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن: «دۆلەتنى تونۇش ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئىتتىپاقلاشقان ئامېرىكا ئەركىنلىك ۋە گۈللىنىشنى قوغدايدۇ.» ئۇ ئامېرىكىدا ئۈچ گەۋدىلىك خەۋپ بار دەپ ئاگاھلاندۇرغان: «رايونچىلىق، پارتىيە-گۇرۇھلار تالاش-تارتىشى ۋە تاشقى تالاش-تارتىش». ئۇ يەنە «ئامېرىكا دېگەن بۇ ئىسىم سىلەرگە مەنسۇپ، سىلەرنىڭ دۆلەت سالاھىيىتىڭلار ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققانىيەت تۇيغۇسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى مەڭگۈ ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك» دېگەن. ئۇ چەتئەللەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزمەسلىكنى، چەتئەللەرنىڭ ئىچكى ئىشلارغا ئارىلىشىشىدىن، گۇرۇھۋازلاردىن ھوشيار بولۇشنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ بارلىق دۆلەتلەر بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش ۋە سودا پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن، لېكىن ياۋروپا ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى تەۋسىيە قىلمىغان. ئۇ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، «ئەخلاق جۇمھۇرىيەتنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان قوللىشى» دېگەن.
ۋاشىنگتوننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش نۇتقى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئۈچۈن ئاساس سالغان، بولۇپمۇ بىتەرەپلىك توغرىسىدىكى كۆز قاراشنى كېيىنكىلەر ئۇزاق مۇددەت نەقىل كەلتۈرگەن. تاكى 1949-يىلىغا كەلگەندە ئامېرىكا «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى»نى قۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغانغا قەدەر.
02، جون ئادامس (John Adams)
ئاقسارايغا كىرگەن تۇنجى زۇڭتۇڭ.
1797-يىلىدىن 1801-يىلىغىچە ئامېرىكىنىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان، ئۇ يەنە جورجى ۋاشىنگتوننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بولغان.
ئامېرىكا مۇستەقىل بولغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ھەر قايسى ئىشتاتلار يېڭى پايتەختنىڭ ئورنىنى چۆرىدەپ كەسكىن مۇنازىرىلەشكەن. شىمالدىكى ئىشتاتلار نيۇيورك شەھىرىنى دۆلەتنىڭ مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا مايىل بولسا، جەنۇبتىكى ئىشتاتلار پايتەختنىڭ تېخىمۇ ئىللىق جەنۇب زېمىنىغا جايلىشىشىدا چىڭ تۇرغان. مۇشۇنداق ئىختىلاپ ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ئاخىرى مۇرەسسە قىلىش يولىنى تاللاپ، ھەم شىمالغا تەۋە بولمىغان، ھەم پۈتۈنلەي جەنۇبقا تەۋە بولمىغان يېڭى جايدا بىر يېڭى شەھەر قۇرۇشنى قارار قىلىپ، ئىناق دۆلەتنىڭ سىمۋولى ۋە يادروسى قىلماقچى بولغان.
بۇ تەدبىرنىڭ ئارقىسىغا رىۋايەت تۈسىنى ئالغان بىر ھېكايە يوشۇرۇنغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، توماس جېففېرسون (ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنى تەييارلىغۇچى، ئامېرىكىنىڭ 3-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى) كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان بىر مەيدان كەچلىك زىياپەتتە، جامېس مادىسون (ئامېرىكىلىق سىياسىيون، دۆلەت قۇرغۇچىسى، تۆتىنچى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ) ئالېكساندېر ھامىلتون بىلەن چوڭقۇر ئويلانغاندىن كېيىن، بىرلىكتە بۇ كەلگۈسى شەھەرنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇلار تاللىغان ئورۇن شىمال بىلەن جەنۇبنىڭ تۇتاشقان جايىغا جايلاشقان بولۇپ، جۇغراپىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپلا قالماي، يەنە ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەت تالاش-تارتىشىغا بىۋاسىتە ئارىلىشىشتىن ئەپچىللىك بىلەن ساقلانغان.
شۇنىڭ بىلەن «فېدېراتسىيە شەھىرى» بارلىققا كەلدى، بۇ ئارزۇدىكى شەھەر 100 كىۋادرات ئىنگلىز مىلى كېلىدىغان رومبا شەكىللىك رايون قىلىپ پىلانلانغان، بۇنىڭدىكى مەقسەت سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە دىپلوماتىيە بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال مەركىزىي شەھەر قۇرۇش. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي بولۇپلا قالماي، يەنە دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېڭى بىر دۆلەتتىن دۇنيا سەھنىسىدىكى مۇھىم كۈچكە ئايلانغانلىقىغا گۇۋاھ بولغان.
1790-يىلى 12-ئايدا، يېڭى پايتەختنىڭ ئورنى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا پارلامېنتى بىر تۈرلۈك تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللاپ، بۇ يەردە زۇڭتۇڭ سارىيى يەنى ئاقساراي سېلىشنى قارار قىلغان. زۇڭتۇڭ جورجى ۋاشىنگتون شەھەر پىلانىغا بىۋاسىتە قاتنىشىپلا قالماي، يەنە شەھەر پىلانلىغۇچىسى پىئېر چارلىز لېنفانت بىلەن بىرلىكتە ئاقساراينىڭ قۇرۇلۇش ئورنىنى تاللىغان. ئاقساراينىڭ لايىھەسىنىڭ ھەم ھەيۋەتلىك، ھەم ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت بىر مەيدان قۇرۇلۇش لايىھەلەش مۇسابىقىسى تەشكىللەپ، ئەڭ ئاخىرىدا توققۇز پارچە لايىھە تاپشۇرۇلغان.
1791-يىل 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ قۇرغۇچىسى جورجى ۋاشىنگتوننى خاتىرىلەش ئۈچۈن، يېڭى پايتەختكە رەسمىي ھالدا ۋاشىنگتون شەھىرى دەپ نام بېرىلگەن، ئۇ تۇرۇشلۇق رايون كولومبىيە ئالاھىدە رايونى دەپ ئاتالغان. ۋاشىنگىتوننى نيۇيوركتىكى فېدېراتسىيە زالىنى لايىھەلىگەن فىرانسىيەلىك ئامېرىكىلىق بىناكار پىئېر چارلىز لېنفانت پىلانلىغان ۋە لايىھەلىگەن. كولومبىيەنىڭ بۇنداق ئاتىلىشى يېڭى قۇرۇقلۇقنى بايقىغان كىرىستوف كولومبوغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى «كولومبىيە» دېگەن سۆز ئەينى چاغدا دائىم ئامېرىكىنىڭ ئاياللىشىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن.
1792-يىل 10-ئاينىڭ 13-كۈنى ئاقسارايغا ئۇل سېلىنغان. 1800-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى پۈتكەن، سەككىز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 232 مىڭ 371.83 ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلغان، پۇل پاخاللىقى ئامىلىنى ئويلاشقاندا، تەخمىنەن ھازىرقى 2 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ (تەخمىنەن 18 مىليون يۈەن).
ئارقىدىن ئامېرىكىنىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جون ئادامس ئاقسارايغا كۆچۈپ كىرىپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئاقسارايغا كىرگەن زۇڭتۇڭ بولۇپ قالغان. ئاقسارايغا كۆچۈپ كىرگەن ئىككىنچى كۈنى، ئادامس ئايالى ئابىگەيلغا يازغان خېتىدە مۇنداق دەپ يازغان: «بۇ ئۆي ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئولتۇرغۇچىلىرىغا ئەڭ ياخشى ئامەتلەر يار بولسۇن. بۇ ئۆيدە پەقەت دۇرۇس، دانا ئادەملەرلا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغۇسى!»
1812-يىلىدىكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئەنگلىيە ئارمىيەسى ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ھەمدە ئۇنى كۆيدۈرۈۋەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاقساراينى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مۇھىم قۇرۇلۇشلار ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئاقساراينىڭ ئىچكى قىسمىنى ئوت يۇتۇپ كەتكەن، سىرتقى تاملىرىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئىسلىنىپ قاپقارا بولۇپ كەتكەن. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ پايتەختنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېزدىن قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى باشلىغان. 1817-يىلى 10-ئايغا كەلگەندە، 5-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ جامېس مونرو ئاقسارايغا كىرگەن، سىمۋوللۇق ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئىمارەت يەنە بىر قېتىم ئامېرىكا سىياسىيسىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان.
ئاقساراينىڭ شىمال تەرىپى
ئاقساراينىڭ جەنۇب تەرىپى
03، جامېس مونرو (James Monroe)
تۇنجى بولۇپ پاراخوتقا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىققان زۇڭتۇڭ.
جامېس مونرو 1817-يىلىدىن 1825-يىلىغىچە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان. مونرو يەنە زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئەڭ ئاخىرقى ئامېرىكا دۆلەت قۇرغۇچىسى.
مونرو ئىلگىرى زۇڭتۇڭ جېففېرسوننىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى بولۇپ، لۇئىسئانانى سېتىۋېلىپ بىرلەشتۈرۈپ ۋەقەسى سۆھبىتىگە ياردەملەشكەن. بۇ سېتىۋېلىش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ كۆلىمى بىر ھەسسىگە يېقىن كېڭەيگەن.
1812-يىلىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، مونرو بىرلا ۋاقىتتا مادىسوننىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ۋە ئۇرۇش مىنىستىرى بولغان. مونرونىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى رەھبەرلىك ئىقتىدارى ئۇنى مادىسوننىڭ ۋارىسىغا ئايلاندۇرغان ھەمدە 1816-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا فېدېراتسىيە پارتىيەسىنىڭ نامزاتى رۇفۇسكىڭنى ئاسانلا مەغلۇپ قىلغان.
مونرو زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە، فېدېراتسىيە پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى سىياسىي كۈچ سۈپىتىدە گۇمران بولغان، مونرو 1820-يىلى يەنە بىر قېتىم سايلانغان. مونرو ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە «مىسسۇرى مۇرەسسەسى»گە ئىمزا قويۇپ، مىسسۇرى ئىشتاتىنى قۇلدارلار ئىشتاتى دەپ ئېتىراپ قىلغان ھەمدە شىمالىي كەڭلىك '30°36نىڭ شىمالىدىكى زېمىندا قۇللۇق تۈزۈمنى يولغا قويۇشنى چەكلىگەن.
تاشقى ئىشلار جەھەتتە، مونرو ۋە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جون كۇينسى ئادامس ئەنگىلىيەگە يارىشىش سىياسىتىنى قوللىنىپ، ئىسپانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1819-يىلى ئىسپانىيە بىلەن ئىمزالانغان «ئادامس ئونىس شەرتنامىسى»دە ئامېرىكا فىلورىدا ئىشتاتىنى ئۆتكۈزۈۋالغان.
زۇڭتۇڭ مونرو ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندا، سانائەت ئىنقىلابى باشلانغان بولسىمۇ، لېكىن پارنىڭ كۈچى ئۇنى تېزلەتكەن. 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىدا ياخشى يوللار يوق دېيەرلىك بولغاچقا، ئامېرىكىلىقلار ئاتلانتىك ئوكيان ۋە قاتناشقا بولىدىغان دەريالارغا تايىنىپ مال توشۇغان.
ئامېرىكىلىق ئىنژېنېر ۋە كەشپىياتچى روبېرت فۇلتون (Robert Fulton) دۇنيا بويىچە سودىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان «كىلېمېنسو» ناملىق تۇنجى پار ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان پاراخوتنى ياساپ چىقىپ، ئامېرىكىدا داڭق چىقارغان. 1800-يىلى فۇلتون فىرانسىيە رەھبىرى ناپولېئون بوناپارتنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بىر سۇ ئاستى كېمىسىنى لايىھەلىگەن؛ ئارقىدىن ئۇ تارىختىكى تۇنجى ئەمەلىي ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئاستى كېمىسى «نائۇتىلۇس»نى ياساپ چىققان. 1807-يىلى «كىلېمېنسو» ناملىق پاراخوت يولۇچىلارنى ئېلىپ ھادسون دەرياسىدا نيۇيورك شەھىرى بىلەن ئالبانى ئارىلىقىدا قاتناپ يۈرگەن، سائەتلىك سۈرئىتى تەخمىنەن بەش مىل (تەخمىنەن سەككىز كىلومېتىر) بولۇپ، تۆت كۈنلۈك مۇساپىنى 32 سائەتكە قىسقارتقان. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق دەريالارنىڭ دەريا قاتنىشى ۋە سودىسىنى ئۆزگەرتكەن.
1817-يىلى جامېس مونرو تۇنجى بولۇپ پاراخوتقا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىققان، ئۇ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغاندا پار كۈچى قاتناش ۋە ئىقتىسادنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىشكە باشلىغان.
1823-يىلى مونرو «مونروئىزىم»دا، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپانىڭ ئەمدىلا مۇستەقىل بولغان ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرگە ھەرقانداق ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى ئابىدە بولۇپ قالغان. مونرو ئامېرىكا مۇستەملىكىچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، بۇ جەمئىيەت قۇللارنى ئازاد قىلىپ ئافرىقىغا ئاپىرىپ مۇستەملىكە قىلىشنى قوللايدۇ، لىبېرىيەنىڭ پايتەختى مونروۋىيە دەل ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
04، جون كۇينسى ئادامس (John Quincy Adams)
ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى دادىسىمۇ زۇڭتۇڭ بولغان، شۇنداقلا بىردىنبىر سەككىز خىل چەتئەل تىلىنى قىسمەن ياكى راۋان ئىگىلىگەن زۇڭتۇڭ. جون كۇينسى ئادامس 1825-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1829-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. ئۇ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جون ئادامسنىڭ چوڭ ئوغلى. 1824-يىلىدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، ھېچكىممۇ يېرىمدىن ئارتۇق سايلام بېلىتىگە ئېرىشەلمىگەن. ئاساسىي قانۇننىڭ 12-تۈزىتىلمىسىگە ئاساسەن، ئاۋام پالاتاسى ئالدىنقى ئۈچ نامزاتقا بېلەت تاشلاپ، ئاخىرىدا ئادامسنى زۇڭتۇڭلۇققا سايلىغان، ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى دادىسىمۇ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن زۇڭتۇڭ بولۇپ قالغان. جامېس مونرو دەۋرىدە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى بولغان ھەمدە «مونروئىزىم»نى تەرەققىي قىلدۇرغان. 1841-يىلى جون كۇينسى ئادامس بىلەن ياش ئادۋوكات روگېر شېرمان بالدۋىن «ئامىستاد» ناملىق قۇل توشۇش پاراخوتى دېلوسىغا بىرلىكتە ۋاكالەتچى بولغان. ئالىي سوت مەھكىمىسى ئالدىدا، ئادامس سوتتا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرۇش روھىغا سىمۋول قىلىنغان دانىشمەنلەرنىڭ ھەيكىلىنى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرغان دانىشمەنلىرىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە دېموكراتىيە غايىسىنى قايتا تەكىتلىگەن. بۇ ھەرىكەت ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرۇشتىكى يادرولۇق قىممىتىنى قايتا نامايان قىلغان، ئەڭ ئاخىرىدا سوت مەھكىمىسى «ئامىستاد» ناملىق پاراخوتتىكى ئافرىقىلىقلارنىڭ دەۋادا ئۇتۇپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان، بۇ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىش ھەرىكىتى ئۈچۈن بېسىلغان مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ.
05، مارتىن ۋانبۇرېن (Martin Van Buren)
تۇنجى بولۇپ ئامېرىكا پۇقراسى سالاھىيىتى بىلەن سايلانغان زۇڭتۇڭ، چۈنكى ئۇ «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ئىمزالانغاندىن كېيىن تۇغۇلغان. ئۇ ھەم بىردىنبىر ئىنگلىز تىلىنى ئىككىنچى تىل قىلغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى، ئۇنىڭ ئانا تىلى گوللاندىيە تىلى. 1837-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1841-يىل 3-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئامېرىكا ئېغىر ئىقتىسادىي چېكىنىشكە دۇچ كەلگەن. ھەر قايسى ئىشتاتلاردىكى بانكىلار ھەددىدىن زىيادە قەغەز پۇل تارقاتقاچقا، ئۇنىڭ قىممىتى ئەمەلىي قولىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش زاپىسىدىن ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن، شۇنداقلا، يېزا ئىگىلىك ھوسۇلىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ۋە ئەنگلىيە بىلەن بولغان سودا پاسسىپ بالانىسى ئىقتىسادىي مەسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، پۇل پاخاللىقىنى ۋە بانكا تېز نەقلەشتۈرۈش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈ چىقارغان. كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بانكا قەغەز پۇل بىلەن ئالتۇن-كۈمۈشنى ئالماشتۇرۇشنى توختىتىشقا مەجبۇر بولغان، بىراق بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلالمىغان. ئاخىرىدا، تەخمىنەن 900 ئىشتاتلىق بانكا ئارقا-ئارقىدىن ۋەيران بولغان، نۇرغۇن زاۋۇتلار تاقالغان، نۇرغۇن ئىشچىلار ئىشسىز قېلىپ، بىر قاتار ئىجتىمائىي داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىمۇ بانكا سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولۇشى بىلەن 9 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە كەلسەك، ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشال ئىككى كۈن مەن ۋەزىپىگە ئولتۇرغان كۈن ۋە ۋەزىپەمدىن ئايرىلغان كۈن بولدى.»
06، ۋىليام ھېنرى ھاررىسون (William Henry Harrison)
تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە ۋاپات بولغان زۇڭتۇڭ. ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاران 32 كۈن بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئەڭ قىسقا بولغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 1841-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1841-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان.
ھاررىسون 1776-يىلى 13 مۇستەملىكە «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نى ئىمزالىغان ۋاقىتتىن بۇرۇن تۇغۇلغان، شۇڭا ئۇ ئەڭ ئاخىرقى ئەنگلىيە پۇقراسى سالاھىيىتى بىلەن تۇغۇلغان، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان ئادەم.
ھاررىسون ۋىرگىنىيە مۇستەملىكىسىنىڭ چارلېس ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى ئامېرىكىنىڭ قۇرغۇچىسى بېنجامىن ھاررىسون V. ھاررىسوننىڭ نەۋرىسى بېنجامىن ھاررىسون كېيىن ئامېرىكىنىڭ 23-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولغان.
ۋىليام ھېنرى ھاررىسون 1841-يىل 3-ئاينىڭ 4-كۈنى قەسەم بېرىپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان ھەمدە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا ئىككى سائەت نۇتۇق سۆزلىگەن. گەرچە سوغۇق ھاۋادا ئۇزۇن ۋاقىت نۇتۇق سۆزلەش ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن ھەقىقىي ئۆلۈش سەۋەبى ئوڭ ئۆپكە تۆۋەنكى قانىتى ياللۇغى. ھاررىسون ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاغرىپ يېتىپ قالغان، كېسەللىك ئەھۋالى تېز سۈرئەتتە يامانلىشىپ، ئاخىرى 1841-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 68 يېشىدا قازا قىلغان.
بۇنىڭدىن باشقا، بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھاررىسوننىڭ ئۆلۈمى ئاقسارايدىكى بۇلغانغان سۇنى ئىچىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. 19-ئەسىردىكى ئاقسارايدا مۇكەممەل بولغان پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى يوق بولۇپ، سۇ مەنبەسى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان، بۇ ئۇنىڭ كېزىك ۋە ئاشقازان-ئۈچەي يولى يۇقۇملىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. گەرچە تارىخشۇناسلار ئۇنىڭ سوغۇق ھاۋادا ئۇزۇن ۋاقىت نۇتۇق سۆزلىشى ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى زامان تېببىي تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەقىقىي «قاتىل» ئۇ ئىچكەن بۇلغانغان سۇ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
07، مىللارد فىلمور (Millard Fillmore)
ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندا مىراسى ياكى مۇستەقىل بايلىقى بولمىغان تۇنجى زۇڭتۇڭ. ئۇ 1850-يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 1853-يىل 3-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان.
1850-يىل 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ۋاشىنگتوندىكى كولومبىيە ئالاھىدە رايونى قاتتىق ئىسسىق بولۇپ، زۇڭتۇڭ تايلېر مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەمدە ۋاشىنگتون خاتىرە مۇنارىغا ئۇل سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن. تەبرىكلەش مۇراسىمىدا، روھنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، زۇڭتۇڭ تايلېر تەركىبىدە گىلاس بولغان مۇزلىتىلغان سۈتنى ئىچكەن بولۇشى مۇمكىن. بەختكە قارشى، بۇ ئۇنىڭ ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، يەنى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى قازا قىلغان. زۇڭتۇڭ تايلېر ئارمىيەدىكى قەيسەرلىكى بىلەن مەشھۇر بولۇپ، «ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدىغان زەبەردەس يىگىت» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇشى پۈتۈن دۆلەتنى ھەيران قالدۇرغان.
7-ئاينىڭ 8-كۈنى، شۇ چاغدا كېڭەش پالاتاسىدا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ مىللارد فىلمور خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال ئاقسارايغا بېرىپ، زۇڭتۇڭنىڭ ھۇجرىسىنىڭ سىرتىدا ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەن. شۇ كۈنى كەچكىچە، مىللارد فىلمور ۋىللارد مېھمانسارىيىدا ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى ئىمزا قويغان زۇڭتۇڭنىڭ ۋاپات بولغانلىق رەسمىي ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغان. خەتنىڭ راستلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، مىللارد كېچىچە ئۇخلىمىغان. ئەتىسى ئۇ ئاۋام پالاتاسىغا بېرىپ، كولومبىيە ئالاھىدە رايونى فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سودىيەسى ۋىليام كىرانچنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، پارلامېنت بىرلەشمە يىغىنىنىڭ گۇۋاھلىقىدا قەسەم بېرىپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان.
1850-يىللاردا، ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ئىشتاتلارنىڭ مۇناسىۋىتى يېڭى زېمىندا قۇللۇق تۈزۈمنى يولغا قويۇش-قويماسلىق مەسىلىسى تۈپەيلىدىن كىرىزىسقا پېتىپ قالغان. ئىشتات باشلىقى پېتىر ھانسبورو بېل باشچىلىقىدىكى تېكساس ئىشتاتى قورال كۈچى ۋاسىتىسى ئارقىلىق يېڭى مېكسىكا زېمىنىنىڭ تەۋەلىكىنى بېكىتىشكە ئۇرۇنغان. 1850-يىل 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغىنىغا بىر ئاي بولغان زۇڭتۇڭ فىلمور پارلامېنتقا ئالاھىدە ئۇچۇر يوللاپ، ئىشتات باشلىقى بېل بىلەن زۇڭتۇڭنىڭ ئالاقىسىنى ئاشكارىلىغان، ئۇ پارلامېنتقا تېكساس ئىشتاتى قوراللىق قىسىمىنىڭ تاجاۋۇزچى دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، پارلامېنتنىڭ مۇرەسسە قىلىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، بىر قىسىم جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشىگە تۈرتكە بولغان. 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا، ئامېرىكىدا ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئالامەتلىرى بارغانسېرى روشەنلەشكەن.
08، ئابراھام لىنكولىن (Abraham Lincoln)
ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن تۇنجى زۇڭتۇڭ.
ئۇ 1861-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1865-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. ئابراھام لىنكولىن ئامېرىكىغا رەھبەرلىك قىلىپ ئۆز تارىخىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك ئۇرۇش، ئەڭ دەھشەتلىك ئاساسىي قانۇن ۋە سىياسىي كىرىزىسم بولغان جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرگەن. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش ئارقىلىق لىنكولىن فېدېراتسىيەنىڭ بىرلىكىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوغداپلا قالماي، يەنە قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق قۇللارنى ئازاد قىلىپ، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇزىنى كۈچەيتكەن ھەمدە دۆلەتنىڭ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلىپ، زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولغان. شۇڭا، مەيلى ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر بولسۇن ياكى ئادەتتىكى كىشىلەر بولسۇن، ھەممىسى ئابراھام لىنكولىننى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن زۇڭتۇڭنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ. 1863-يىلى فېدېراتسىيە گېتتىسبۇرگ ئۇرۇشىدا مۇھىم غەلىبىگە ئېرىشكەن. 1863-يىل 11-ئاينىڭ 19-كۈنى لىنكولىن مەشھۇر گېتتىسبۇرگ نۇتقىنى سۆزلىگەن. كېيىن، بۇ نۇتۇق ئامېرىكا تارىخىدا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان نۇتۇق بولۇپ قالغان. لىنكولىن 1864-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1864-يىلى ماريلاند ئىشتاتىدىن داڭلىق ئارتىس ۋە قوشما ئىشتاتلارنىڭ ھېسداشلىق قىلغۇچىسى جون ۋىلكېس بۇس كەلگەن، گەرچە ئۇ قوشما ئىشتاتلار بىرلەشمە ئارمىيەسىگە رەسمىي قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن قوشما ئىشتاتلار ئاخبارات چەمبىرىكى بىلەن ئالاقىسى بار ئىدى. ئۇ ئەسلىدە لىنكولىننى تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمىدىكى ئىتتىپاقداش ئەسكەرلەرنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇشنى پىلانلىغان. لېكىن، 1865-يىل 4-ئاينىڭ 11-كۈنى لىنكولىن قارا تەنلىكلەرنىڭ سايلام ھوقۇقىنى قوللاپ نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن، بۇس غەزەپلىنىپ زۇڭتۇڭنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى قارار قىلغان. لىنكولىننىڭ فورد تىياتىرخانىسىدا ئويۇن قويىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان بۇس، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ ئاندرېۋ جونسون ۋە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ۋىليام ھېنرى سېۋاردقا بىرلا ۋاقىتتا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان. 4-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە، لىنكولىننىڭ ئاساسلىق قوغدىغۇچىسى يوق بولۇپ، يەنە بىر مۇھاپىزەتچى يېرىم يولدا كېتىپ قالغان، لىنكولىن ھارۋىكەش بىلەن ياندىكى سافادا ھاراق ئىچكەن، بۇس يېقىنلاشقان ھەمدە لىنكولىننىڭ كەينىدىن ئوق چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئېغىر يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇس بىر ئوفىتسېر بىلەن قىسقا ۋاقىت ئېلىشقاندىن كېيىن نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن. بۇس قېچىپ ئون كۈندىن كېيىن، فېدېراتسىيە ئارمىيەسى ئۇنى ۋىرگىنىيە ئىشتاتىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدىن تېپىۋالغان. ئارمىيە بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغاندا، بۇسنى بوستون كوربېت ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
09، يۇلىسېس سىمپسون گىرانت (Ulysses Simpson Grant)
ئۇ غەربىي نۇقتا ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن تۇنجى زۇڭتۇڭ، شۇنداقلا جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىغا قاتناشقان تۇنجى زۇڭتۇڭ.
ئۇ 1869-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1877-يىل 3-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. 1864-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئىچكى ئۇرۇشتا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى لىنكولىن گىرانتنى گېنېرال لېيتېنانت (جۇڭجياڭ) قىلىپ تەيىنلەپ، فېدېراتسىيە ئارمىيەسىنىڭ باش قوماندانى قىلغان. گىرانت جورجى ۋاشىنگتوندىن كېيىنكى ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى لېيتېنانتى. ئۇ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: «كەلگۈسىدىكى تىنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن، چوقۇم ئۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىش كېرەك.»
10، چېستېر ئارتۇر (Chester Arthur)
فېدېراتسىيە كۆچمەنلەر قانۇنىنى ئېلان قىلغان تۇنجى زۇڭتۇڭ، بۇ قانۇندا نامراتلار، جىنايەتچىلەر ۋە ئېلىشىپ قالغانلارنىڭ چېگرادىن كىرىشى چەكلەنگەن. ئۇ 1881-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 1885-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. 1881-يىلى ئامېرىكىنىڭ 20-نۆۋەتلىك مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلانغان، 9-ئايدا زۇڭتۇڭ جامېس ئابرام گارفىلد قەستكە ئۇچراپ ئىككى ئايدىن كېيىن، دوختۇرنىڭ داۋالىشى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ئۈچۈن قازا قىلغان. ئارتۇر 21-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان.
11، سىتېفېن گىروۋېر كىلېۋېلاند (Stephen Grover Cleveland)
تۇنجى بولۇپ ئۇدا سايلانمىغان ئاساستا ئىككى قېتىم سايلانغان زۇڭتۇڭ. ئۇنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 1885-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1889-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە. ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 1893-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1897-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە بولغان. كىلېۋېلاند 1837-يىلى تۇغۇلغان، بۇرۇن قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان، كېيىن نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ بۇففالو شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان ھەمدە شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىكى خىيانەتچىلىك قىلمىشىغا قەتئىي زەربە بېرىپ نام چىقارغان. 1882-يىلى نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلىنىپ، ئىسلاھات سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويغان. ئۇنىڭ دۇرۇس ئوبرازى ۋە ئۈنۈملۈك رەھبەرلىك ئىقتىدارى بولغاچقا، كىلېۋېلاند 1884-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىقىغا ئېرىشكەن ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان جامېس بىلايېننى مەغلۇپ قىلغان، ئاندىن ئىچكى ئۇرۇشتىن بۇيان زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان تۇنجى دېموكراتچى بولۇپ قالغان. بىرىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە، كىلېۋېلاند ھۆكۈمەت چىقىمىنى تىرىشىپ ئازايتىپ، تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىشنى قوللىغان ھەمدە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇقىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان. لېكىن، ئۇ 1888-يىلىدىكى سايلامدا بېنجامىن ھاررىسونغا ئۇتتۇرۇپ قويغان. تۆت يىلدىن كېيىن، كىلېۋېلاند يەنە بىر قېتىم سايلامغا قاتناشقان ھەمدە ھاررىسوننى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېڭىپ، قايتىدىن زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە، كىلېۋېلاند ئىقتىسادىي كىرىزىس بولغان 1893-يىلىدىكى ۋەھىمىگە دۇچ كەلگەن، بۇ ئېغىر ئىقتىسادىي چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئالتۇن بىرلىكى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرغان ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئەنگلىيە بىلەن ۋېنېسۇئېلا چېگرا تالاش-تارتىشى قاتارلىق بىر قاتار دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلغان. كىلېۋېلاند ئۆزىنىڭ مۇستەھكەم خاراكتېرى، ئاساسىي قانۇنغا بولغان ساداقىتى ۋە شەخسىي ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئەھمىيەت بېرىشى بىلەن كېيىنكىلەرنىڭ ئېسىدە قالغان. ئۇ پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن تاكى 1908-يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئاممىۋى ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان.
12، بېنجامىن ھاررىسون (Benjamin Harrison)
ئاقسارايغا تۇنجى بولۇپ ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى ئورناتقان زۇڭتۇڭ. ئۇ 1889-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1893-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. ئۇنىڭ بوۋىسى ۋىليام ھېنرى ھاررىسون ئامېرىكىنىڭ 9-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولۇپ، ئىككىسى ئامېرىكا تارىخىدىكى بىردىنبىر زۇڭتۇڭ ئىدى. ئۇنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى بېنجامىن ھاررىسون V ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرۇش ئاتىسى بولۇپ، «مۇستەقىللىق خىتابنامىسى»نى ئىمزالىغان. ھاررىسون نۇرغۇن مۇھىم قانۇن چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرگەن، بۇ «شېرمان تىرېستقا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئامېرىكىنىڭ سودا مونوپوللۇقىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان تۇنجى فېدېراتسىيە قانۇنى. ئۇ يەنە تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشنى قوللاپ، بۇنىڭ ئامېرىكا سانائىتىنى قوغداشقا پايدىسى بار دەپ قارىغان. دىپلوماتىيە سىياسىتى جەھەتتە، ھاررىسون ھۆكۈمىتى لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى پائال ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان قانال قۇرۇشنى قوللىغان.
13، ۋېليام مەككىنلى (William Mckinley)
تۇنجى بولۇپ تېلېفون ئارقىلىق سايلام رىقابىتىگە قاتناشقان زۇڭتۇڭ. ئۇ 1897-يىل 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1901-يىل 9-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. مەككىنلى ئامېرىكىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئامېرىكا-ئىسپانىيە ئۇرۇشى (1898-يىلى)نى باشتىن كەچۈرگەن، بۇ ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى شۇكى، ئامېرىكا فىلىپپىن، گۇئام ئارىلى ۋە پوئېرتورىكو قاتارلىق چەتئەللەردىكى زېمىنغا ئىگە بولغان، بۇ ئامېرىكىنىڭ چوڭ جاھانگىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تېلېگرامما ۋە تېلېفوننىڭ تەرەققىي قىلىشى مەككىنلىنىڭ ئۇرۇشنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىر زۇڭتۇڭغا قارىغاندا تېخىمۇ زورايتقان، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە دېڭىز ئارمىيەسى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ يۆتكىلىشىگە قوماندانلىق قىلالايدىغان بولغان. 1900-يىلى مەككىنلى يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. لېكىن 1901-يىل 9-ئاينىڭ 6-كۈنى نيۇيوركنىڭ بۇففالو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پان ئامېرىكان يەرمەنكىسىدە، ئۇنى ھۆكۈمەتسىزلىك تەرەپدارى لېئون چولگوش ئېتىۋەتكەنلىكتىن، سەككىز كۈندىن كېيىن ئېغىر يارىلىنىپ قازا قىلغان. ئارقىدىن مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ تېئودور روزۋېلت زۇڭتۇڭ بولغان. مەككىنلىنىڭ قەستكە ئۇچرىشى ئۇنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە ئامېرىكا تارىخىنىڭ مۇساپىسىنى ئۆزگەرتىپ، روزۋېلتنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە ئىسلاھ قىلىنغان زۇڭتۇڭلۇق دەۋرىنى ئاچقان.
14، تېئودور روزۋېلت
نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۇنجى زۇڭتۇڭ، شۇنداقلا بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى ئامېرىكىلىق، چۈنكى ئۇ ياپونىيە-رۇسىيە ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ياردەم بەرگەن. ئۇ 1901-يىل 9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 1909-يىل 3-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. روزۋېلىت فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۆمۈر يول ۋە چوڭ كارخانىلارغا بولغان نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ۋە مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار ئىلغار سىياسەتلەرنى يولغا قويغان. ئۇ يەنە خەلقئارا ئىشلارغا پائال ئارىلىشىپ، دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەنگلىيە ۋە كانادا بىلەن بولغان چېگرا تالاش-تارتىشىنى ھەل قىلغان.
روزۋېلت «گەپ قىلغاندا مۇلايىم بولۇش، ئەمما قولىدا چوڭ كالتىكى بولۇش»تەك دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويغان.
ئۇ ياپونىيە-رۇسىيە ئۇرۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كېلىشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، 1906-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، بۇ مۇكاپات تۈرىگە ئېرىشكەن تۇنجى ئامېرىكىلىق بولۇپ قالغان. بۇ جەرياندا ئۇ يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىدىغان يوشۇرۇن تەھدىتىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پاناما قانىلىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى فىلوتىنىڭ تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكيان ئوتتۇرىسىدىكى يۆتكىلىشىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ مۇھىم ھەربىي كۈچكە ئىگە قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن. شۇڭا، ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە پاناما قانىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچىنىڭ بارىچە ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتى دەپ قارىغان.
15، توماس ۋۇدروۋ ۋىلسون (Thomas Woodrow Wilson)
جون خوپكىنس داشۆسىنىڭ سىياسىي پەنلەر بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن تۇنجى ۋە بىردىنبىر زۇڭتۇڭ. ئۇ 1913-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1921-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. ۋىلسون «فېدراتسىيە زاپاس قانۇنى» ئارقىلىق ھازىرقى زامان ئامېرىكا مەركىزىي بانكا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، «كىلايتون تىرېستقا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ئارقىلىق چوڭ شىركەتلەرنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىيپەرۋەر سىياسەتنى داۋاملىق يولغا قويغان ھەمدە «ئادامسون قانۇنى» ئارقىلىق سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى ئورناتقان. 1-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئامېرىكا بىتەرەپ مەيدانىنى ساقلاپ قالغان، لېكىن گېرمانىيە سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا ئەڭ ئاخىرىدا 1917-يىلى ئۇرۇشقا قاتناشقان. ئۇرۇشتىن كېيىن، ۋىلسون «14 نۇقتىلىق پىلان»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تېخىمۇ ئادىل، ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچ تەرتىپ ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنىڭغا خەلقئارا ئىتتىپاقنى قۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، 1920-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى بېرىلگەن. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى كونتروللۇقىدىكى كېڭەش پالاتاسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاققا كىرىش ئىشىنى چۆرىدەپ كەسكىن كۈرەش قىلىۋاتقاندا، ئۇ سەكتە بولۇپ ھوشىدىن كەتكەن. مۇرەسسە قىلىشنى رەت قىلغانلىقتىن، ۋىلسون ئەڭ ئاخىرىدا خەلقئارا ئىتتىپاققا كىرىش لايىھەسىنى كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللىيالمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ئاخىرىدا خەلقئارا ئىتتىپاققا كىرەلمىگەن.
16، ۋاررېن گامالىيېل ھاردىڭ (Warren Gamaliel Harding)
جەنۇب-شىمال ئۇرۇشىدىن كېيىن تۇغۇلغان تۇنجى زۇڭتۇڭ، شۇنداقلا ئاياللار سايلاش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن سايلانغان تۇنجى زۇڭتۇڭ. ئۇ 1921-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1923-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. ئۇ 1920-يىلى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، 1923-يىلى يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان. ھاردىڭ زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە، 1919-يىلىدىن 1920-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە رۇسىيە پىرولېتارىيات ئىنقىلابىنىڭ ئامېرىكىدا پەيدا قىلغان ۋەھىمىسىنى تىنچىتقان.
ئامېرىكا ئىقتىسادى تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى باشتىن كەچۈرگەن، بۇ ئاساسلىقى ھۆكۈمەتنىڭ باجنى كېمەيتىشى، كارخانىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇشى ۋە خەلقئارا سودىنى قوللاش سىياسىتىنىڭ پايدىسىدىن بولغان. ۋاھالەنكى، ھاردىڭ ھۆكۈمىتىمۇ بىر قاتار سەتچىلىكلەر تۈپەيلىدىن قارا كۆلەڭگىگە چۈشۈپ قالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ داڭلىقى «چەينەك ئۈستى سەتچىلىكى» (茶壶顶丑闻) بولۇپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قانۇنسىز ھالدا ئاممىۋى يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ نېفىت شىركىتىگە پارا بېرىشىغا چېتىلىدۇ.
17، ھېربېرت كىلارك خۇۋېر (Herbert Clark Hoover)
مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ غەربىدە تۇغۇلغان تۇنجى زۇڭتۇڭ. ئۇ 1929-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. خۇۋېر 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى جەھەتتىكى خىزمىتى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا ئېرىشكەن، ئۇ 1929-يىلىدىن 1933-يىلىغىچە ئامېرىكىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن 31-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ.
خۇۋېرنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك 1929-يىلى باشلانغان چوڭ كاساتچىلىق بەلگىلىگەن، يەنى بىز ئاڭلىغان قارا پەيشەنبە دەل شۇ. بۇ قېتىمقى ئىقتىسادىي كىرىزىس ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىق ئىش بولۇپ، زور مىقداردىكى ئىشسىزلىق، بانكا تاقىلىپ قېلىش ۋە كەڭ كۆلەملىك نامراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خۇۋېر ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئىقتىسادىي كىرىزىسنى پەسەيتمەكچى بولغان، مەسىلەن، گۈللىنىش پۇل مۇئامىلە شىركىتى قۇرۇش ۋە ئاممىۋى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى قوللاش، ئەمما ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى كىرىزىسنىڭ كۆلىمى ۋە ئېغىرلىقىغا تاقابىل تۇرۇشقا يەتمىگەن.
18، فىرانكلىن روزۋېلت (Franklin Roosevelt)
تۆت قېتىم سايلانغان تۇنجى زۇڭتۇڭ، شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ «مەش تۈۋىدىكى سۆھبەت» ناملىق قەرەللىك رادىيودا ئاممىغا سۆز قىلغان زۇڭتۇڭ. ئۇ 1933-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. ئۇدا ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ۋەزىپە ئۆتىگەن بىردىنبىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى. فىرانكلىن روزۋېلتنىڭ يىراق تۇغقان ئىنىسى تېئودور روزۋېلت («چوڭ روزۋېلت») بولۇپ، ئۇمۇ ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ئىدى.
روزۋېلتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئامېرىكىدىكى چوڭ كاساتچىلىق ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەقەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىك ئۇسلۇبى ۋە سىياسىتى ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ تارىخىي مۇساپىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
روزۋېلتنىڭ يېڭى سىياسىتى ھازىرقى زامان ئامېرىكا پاراۋانلىق دۆلىتىگە ئاساس سېلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇرۇش مەزگىلىدىكى رەھبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، روزۋېلت ئامېرىكىنى يېتەكلەپ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيادىكى رەھبەرلىك ئورنىنى تىكلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، روزۋېلت يەنە مېيىپلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشى ئارقىلىق فىزىيولوگىيەلىك توسالغۇغا دۇچ كەلسىمۇ، ئادەتتىن تاشقىرى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان. 1945-يىل 4-ئاينىڭ 12-كۈنى روزۋېلت جورجىيە ئىشتاتىنىڭ خوت سىپرىڭس شەھىرىدىكى ئىستراھەت داچىسىدا مېڭىسىگە قان چۈشۈپ 63 يېشىدا قازا قىلغان.
19، ھاررى تىرۇمىن (Harry Truman)
تۇنجى، شۇنداقلا بىردىنبىر چەتئەللەرگە ئاتوم بومبىسى ئىشلىتىش ھوقۇقى بەرگەن زۇڭتۇڭ. 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 1953-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. 1944-يىلى تىرۇمىن زۇڭتۇڭ فىرانكلىن دېلانو روزۋېلتنىڭ سايلام رىقابىتىدىكى ھەمراھى بولۇپ سايلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بولغان. روزۋېلت ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تىرۇمىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان، ئۇ چاغدا ئامېرىكا 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە تۇراتتى. 1945-يىلى 8-ئايدا، ياپونىيەنىڭ جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، تىرۇمىن ئاتوم بومبىسى ئارقىلىق خىروشىما ئارىلى بىلەن ناگاساكىغا ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلىپ، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنى تېزلەتكەن. ئۇرۇشتىن كېيىن، تىرۇمىن ھۆكۈمىتى تېزدىن سوۋېت ئىتتىپاقى پەيدا قىلغان يېڭى تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇشقا يۈزلەنگەن. 1947-يىلى تىرۇمىن مەشھۇر «تىرۇمىنىزىم»نى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ يىلى، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى جورجى مارشال مارشال پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياۋروپاغا نۇرغۇن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملىگەن.
دۆلەت ئىچىدە، تىرۇمىن باراۋەرلىك ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرگەن، بۇ ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇش ۋە ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقىنى قوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ يەنە «ئادىل سودا» دەپ ئاتىلىدىغان كەڭ قانۇن چىقىرىش قارالمىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، گەرچە بۇ تەكلىپلەرنىڭ كۆپىنچىسى پارلامېنتتا ماقۇللانمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار كېيىنكى پۇقرالار ھوقۇقى ھەرىكىتىگە ئاساس سالغان.
20، دىۋايت ئېزىنخاۋېر (Dwight David Eisenhower)
تۇنجى، شۇنداقلا بىردىنبىر ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان زۇڭتۇڭ. 1953-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 1961-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. ئېزىنخاۋېر كۆزگە كۆرۈنگەن ھەربىي رەھبەر. غەربىي نۇقتا ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ئالىي قوماندانى بولۇپ، نورماندىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىش قاتارلىق ھالقىلىق جەڭلەرگە قوماندانلىق قىلىپ، ناتسىست گېرمانىيەسىنى يېڭىش ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان.
ئېزىنخاۋېر زۇڭتۇڭ بولۇش سۈپىتى بىلەن تىرۇمىن دەۋرىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرغان، لېكىن ئۇ تېخىمۇ ئېھتىياتچان پوزىتسىيە قوللانغان. ئۇ «كەڭ كۆلەملىك ئۆچ ئېلىش» تاكتىكىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلگەندە يادرو ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ رولىنى كۈچەيتىپ، بىر قاتار مەخپىي ھەرىكەتلەرنى قوللىغان. ئىچكى سىياسەت جەھەتتە، ئۇ فېدېراتسىيە تاشيول سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قوللىغان، بۇ تۈر ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئۆزگىرىشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە 1954-يىلى بىروۋن ۋە توپېكا مائارىپ ئىدارىسى دېلوسىنى قوللىغان، بۇ دېلو ئايرىمىچىلىقنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خەلق ھوقۇقى ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. ئېزىنخاۋېر ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا چاۋشيەن ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سۆھبەت ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغان. ئېزىنخاۋېرنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئالەم بوشلۇقى مۇسابىقىسىگە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان. 1958-يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA)نى قۇرغان، بۇ ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش رىقابىتىگە رەسمىي قاتناشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
21، جون كېننېدى (John Kennedy)
تۇنجى ھەم بىردىنبىر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يارىلانغانلىقى ئۈچۈن سۆسۈن يۈرەك ئوردېنىغا ئېرىشكەن زۇڭتۇڭ. 1961-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 1963-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. كېننېدى بىر باي ھەم تەسىر كۈچى زور ئىرېلاندىيە پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىق ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى جوسېف پ. كېننېدى ئامېرىكىنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، ئانىسى روس كېننېدى ئاكتىپ ئىجتىمائىي پائالىيەتچى. كېننېدى خارۋارد داشۆسىدا ياخشى تەربىيە ئالغان. ئۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا دېڭىز ئارمىيە ئوفىتسېرى بولغان ھەمدە تىنچ ئوكيان جەڭ مەيدانىدا كېمە خادىملىرىنى باتۇرلۇق بىلەن قۇتقۇزغانلىقى ئۈچۈن شەرەپ ئوردېنىغا ئېرىشكەن. كېننېدى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى ئەڭ داڭلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرى بولسا 1962-يىلىدىكى كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۇباغا يادرو باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا بىۋاسىتە قارشىلىشىش پەيدا قىلغان، بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يادرو ئۇرۇشىغا ئەڭ يېقىنلاشقان بىر قېتىملىق كىرىزىس ئىدى. ئاخىرىدا، دىپلوماتىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق، سوۋېت ئىتتىپاقى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قايتۇرۇۋېلىشقا قوشۇلغان، ئامېرىكىمۇ كۇباغا تاجاۋۇز قىلماسلىققا مەخپىي ۋەدە بەرگەن، شۇنىڭ بىلەن كىرىزىس تىنچ يول بىلەن ھەل بولغان. كېننېدى يۈكسەك ئىرادىلىك ئالەم بوشلۇقى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئون يىل ئىچىدە ئىنسانلارنى ئاي شارىغا ئېلىپ چىقىپ، يەر شارىغا بىخەتەر قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، ئەڭ ئاخىرىدا 1969-يىلى ئاپوللو 11-نومۇرنىڭ ئايغا چىقىش ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. 1963-يىل 11-ئاينىڭ 22-كۈنى كېننېدى تېكساس ئىشتاتىنىڭ داللاس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئاشكارا پائالىيەتتە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇنىڭ قەستكە ئۇچرىشى پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان. كېننىدى قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان تۆتىنچى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ قالغان. كېننېدىنىڭ ئۆلۈمى ئامېرىكا سىياسىيسىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئامېرىكا تارىخىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن ۋەقە دەپ قارالغان. ئۇنىڭ قەستكە ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبى ھازىرغىچە مەخپىي.
22، لىندېن جونسون (Lyndon Johnson)
تۇنجى، شۇنداقلا بىردىنبىر ئايروپىلاندا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان زۇڭتۇڭ. 1963-يىلى جون كېننېدى قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇ ھاۋا ئارمىيە 1-نومۇردا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. 1963-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 1969-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. 1960-يىلى جونسون جون كېننېدى بىلەن بىرلىشىپ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان ھەمدە غەلىبە قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بولغان. 1963-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى زۇڭتۇڭ كېننېدى داللاستا قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغاندا، جونسون قەسەم بېرىپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان.
كېننىدىنىڭ قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغانلىقى توغرىسىدا، جونسون مۇنداق دېگەن: «بۇ ھەممە ئادەمنى قايغۇغا سالىدىغان بىر پەيت. بىز مۆلچەرلىگۈسىز زىيانغا ئۇچرىدۇق. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بىر چوڭقۇر شەخسىي تىراگېدىيە. مەن پۈتۈن دۇنيانىڭ كېننېدى خانىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن. بۇ دەل مېنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغىنىم. مەن سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن...»
جونسون زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە، ئامېرىكا 1964-يىلىدىكى «خەلق ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى» ۋە 1965-يىلىدىكى «بېلەت تاشلاش ھوقۇقى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىغان، بۇ قانۇنلار ئايرىمىچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھوقۇقىنى قوللاشتا مۇھىم ۋە ھالقىلىق رول ئوينىغان.
جونسون نامراتلىقنى ئازايتىش، مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ «ئۇلۇغ جەمئىيەت» پىلانى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ پىلان داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىق كۆپ ساھەدىكى قانۇن چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
لېكىن ئۇنىڭ ۋىيېتنام ئۇرۇشىدىكى سىياسىتى تالاش-تارتىش قوزغىغان. ئۇرۇشنىڭ داۋاملىشىشى ۋە ئامېرىكىدا تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچىدىكى قارشىلىق سادالىرى بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ سىياسىي ئورنىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
23، رىچارد نىكسون (Richard Nixon)
تۇنجى، شۇنداقلا بىردىنبىر ئىستېپا بەرگەن زۇڭتۇڭ («ۋاتېرگېيت ۋەقەسى»نىڭ تەسىرىدە). 1969-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 1974-يىل 8-ئاينىڭ 9-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. 1952-يىلى نىكسون دىۋايت ئېزىنخاۋېر بىلەن ھەمكارلىشىپ سايلام رىقابىتىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بولغان. 1960-يىلى نىكسون تۇنجى قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتناشقان، لېكىن سايلامدا جون كېننېدىغا يېڭىلىپ قالغان. 1968-يىلى ئۇ يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىپ، 37-نۆۋەتلىك ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەتلەر ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلىغان. يەنە كېلىپ، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك چەكلەش سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدكە قارشى تۇرۇش شەرتنامىسى»نى ئىمزالىغان. «ۋاتېرگېيت ۋەقەسى» نىكسون ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قاتار مەخپىي ھەرىكەتلىرىگە چېتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇن ھەرىكەتلەر قانۇنغا خىلاپ. بۇ ھەرىكەتلەر سىياسىي رەقىبلەر ۋە نىكسون، شۇنداقلا ئۇنىڭ كوللېكتىپى گۇمان قىلغان نىشانلارنى ئوغرىلىقچە ئاڭلاش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نىكسون ۋە ئۇنىڭ يادرولۇق كوللېكتىپى ئىلگىرى فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ۋە دۆلەت باج ئىدارىسىغا رادىكال تەشكىلات ۋە سىياسىي ئەربابلارنى پاراكەندە قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن. 1972-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى، بەش ئەر ۋاتېرگېيت بىناسىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئىشخانىسىغا ئوغرىلىقچە كىرگەندە قولغا ئېلىنغان، ئارقىدىن «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» بۇ ۋەقەنى داۋاملىق خەۋەر قىلغان. پارلامېنتنىڭ ئەيىبلىشى ۋە سىياسىي قوللاشنىڭ جىددىي تۆۋەنلەپ كېتىشىدەك قوش بېسىم ئاستىدا، نىكسون 1974-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە تېلېۋىزىيە ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتكە سۆز قىلىپ، ئەتىسىدىن باشلاپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن نىكسون ئامېرىكا تارىخىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن تۇنجى زۇڭتۇڭ بولۇپ قالغان.
24، جىممى كارتېر (Jimmy Carter)
ئاقسارايدىن ئايرىلغاندىن كېيىن 100 ياشقىچە ياشىغان تۇنجى زۇڭتۇڭ. 1977-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 1981-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. زۇڭتۇڭ كارتېر ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم دىپلوماتىيە نەتىجىسى ئوتتۇرا شەرقتىكى مەسىلىنى پەسەيتىش بولغان. ئۇ يەنە ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، يەنە پان ئامېرىكا قانىلى شەرتنامىسىنى قوللاپ، پاناما قانىلىنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى تەدرىجىي ھالدا پاناماغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. 1980-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئۇ رونالد رېگانغا ئۇتتۇرۇپ قويغان.
2024-يىلى 8-ئايدا، كارتېر ئۆزىنىڭ 2024-يىلىدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى كامالا ھاررىسنى قوللاش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر بېلەت تاشلىغان.
25، رونالد رېگان (Ronald Reagan)
تۇنجى بولۇپ ئاجراشقان زۇڭتۇڭ، شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ ئاياللارنى فېدېراتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە كۆرسەتكەن زۇڭتۇڭ. 1981-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 1989-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. رېگان ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، «رېگان ئىقتىسادشۇناسلىقى» دەپ ئاتالغان بىر قاتار ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، باجنى كېمەيتىش، قويۇۋېتىش، ھۆكۈمەت چىقىمىنى ئازايتىش ۋە پۇل پاخاللىقىنى كونترول قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان. بۇ تەدبىرلەر خۇسۇسىي تىجارەت تارماقلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. رېگان ئىقتىسادشۇناسلىقى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان، لېكىن باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ چوڭىيىشى توغرىسىدىكى مۇنازىرىنى قوزغىغان. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى جىددىي ۋەزىيەت ئالدىدا، رېگان سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇپ، ھەربىي ئىشلار سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، مەشھۇر «پىلانېتىلار ئارا ئۇرۇش پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ پىلاندا دۈشمەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى توسالايدىغان بىر يۈرۈش مۇداپىئە سىستېمىسى بەرپا قىلىش تەسەۋۋۇرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا غايەت زور پسىخىك ۋە تېخنىكا بېسىمى پەيدا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، رېگان ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى مىخائىل گورباچېف بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ، ئاخىرىدا «ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو كۈچى شەرتنامىسى» قاتارلىق مۇھىم ھەربىي كونترول كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ تىنچ ئاخىرلىشىشىغا تۆھپە قوشقان.
26، جورج ھېربېرت ۋالكېر بۇش (George Herbert Walker Bush)
تۇنجى، شۇنداقلا بىردىنبىر ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بولغان زۇڭتۇڭ. 1989-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 1993-يىل 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. تۆۋەندە ئۇنى چوڭ بۇش دەپ ئالايلى. چوڭ بۇش ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا گۇۋاھ بولغان. ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى مىخائىل گورباچېف بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، گېرمانىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش قاتارلىق زور خەلقئارا ۋەقەلەرنى بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىپ، بۇ جەرياندىكى مۇقىم ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلغان. 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ رەسمىي ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرگەن، چوڭ بۇش سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيا ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان.
دۆلەت ئىچىدىكى سىياسەت جەھەتتە، ئۇ «ئامېرىكا مېيىپلار قانۇنى»نى ئىمزالىغان، بۇ بىر ئابىدە خاراكتېرلىك قانۇن بولۇپ، مېيىپلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش، كەمسىتىشنى تۈگىتىشنى مەقسەت قىلغان. لېكىن، ئىقتىسادنى باشقۇرۇش جەھەتتە، چوڭ بۇش خىرىسقا دۇچ كەلگەن، بولۇپمۇ باج مەسىلىسىدە، ئۇ ئىلگىرى «باجنى كۆپەيتمەسلىك» توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن، لېكىن مالىيە قىزىل رەقىمىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا باج نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا نارازىلىق پەيدا قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ 1992-يىلىدىكى سايلام رىقابىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن.
27، بىل كىلىنتون (Bill Clinton)
تۇنجى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئىنتېرنېت تورىدا بىۋاستە كۆرسىتىلگەن زۇڭتۇڭ. 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2001-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. كىلىنتون ئۆزىنىڭ ئىسلاھات روھى، ئىقتىسادىي سىياسىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە خەلقئارا سەھنىدىكى جانلىق ئىپادىسى بىلەن داڭلىق. كىلىنتون ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئامېرىكا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىقتىسادىي ئېشىشنى باشتىن كەچۈرگەن، بۇ تۆۋەن ئىشسىزلىق نىسبىتى، تۆۋەن پۇل پاخاللىقى نىسبىتى ۋە خامچوت ئېشىندىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇ «شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى» (NAFTA)نىڭ ماقۇللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكا بىلەن باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارىلىشىش مۇساپىسىنى تېزلەتكەن. كىلىنتون 1969-يىلىدىن بۇيان تۇنجى بولۇپ فېدېراتسىيە خام چوتىدىكى ئېشىنچىنى ئىشقا ئاشۇرغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى. چىقىمنى ئازايتىش ۋە باجنى ئۆستۈرۈش، بولۇپمۇ يۇقىرى كىرىملىكلەردىن ئېلىنىدىغان باجنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، ھۆكۈمەتنىڭ قەرزى ئۈنۈملۈك ئازايتىلغان. ئۇ يەنە توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىنى قوللاش ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ئىشلارغا ئاكتىپ قاتناشقان. ئۇ يەنە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى كېڭەيتىشنى، ئەزالىرىنى شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىگە كېڭەيتىشنى، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياۋروپا بىخەتەرلىك رامكىسىنىڭ بىر قىسمى قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان.
كىلىنتوننىڭ ئەڭ داڭلىق تالاش-تارتىشلىرىنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئاقسارايدىكى پىراكتىكانت ئوقۇغۇچى مونىكا لېۋىنسكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى. بۇ سەتچىلىك پارلامېنتنىڭ ئۇنى ئەيىبلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇنى يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە ئەدلىيەگە توسقۇنلۇق قىلغان دەپ ئەيىبلىگەن. ئاۋام پالاتاسى ئەيىبلەش ماددىسىنى ماقۇللىغان بولسىمۇ، كېڭەش پالاتاسى جىنايەت بېكىتىشكە كېرەكلىك ئاۋاز سانىغا يېتەلمىگەن.
28، جورج ۋالكېر بۇش (George Walker Bush)
سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن تۇنجى زۇڭتۇڭ. 2001-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. ئامېرىكىنىڭ 41-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جورجى ھېربېرت ۋالكېر بۇش (چوڭ بۇش)نىڭ چوڭ ئوغلى. تۆۋەندە ئۇنى كىچىك بۇش دەپ ئالايلى. كىچىك بۇش زۇڭتۇڭ بولۇشتىن ئىلگىرى 1995-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە تېكساس ئىشتاتىنىڭ باشلىقى بولغان.
قوللىغۇچىلار ئۇنىڭ كىرىزىس پەيتىدە كۆرسەتكەن رەھبەرلىك كۈچىنى ماختىغان، تەنقىدچىلەر بولسا ئۇنىڭ قارارىنى زۆرۈر بولمىغان ئۇرۇش ۋە رايون داۋالغۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى دەپ ئەيىبلىگەن.
29، باراك ئوباما (Barack Obama)
تۇنجى ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان زۇڭتۇڭ، شۇنداقلا تۇنجى ھىندونېزىيە تىلىدا سۆزلىيەلەيدىغان زۇڭتۇڭ، ئۇ بالىلىق دەۋرىدە جاكارتادا ئولتۇراقلاشقاندا بۇ تىلنى ئۆگەنگەن. ئۇ 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان.
ئوباما ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي ئىشتاتى ھونولۇلۇدا تۇغۇلغان. ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغان ۋاقىت دەل يەر شارى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە توغرا كەلگەچكە، ئۇ كەڭ كۆلەملىك ئىقتىسادنى قوزغىتىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. 2010-يىلى ئوباما «ئەرزان باھالىق داۋالاش قانۇنى» (ACA)غا ئىمزا قويغان، بۇ ئادەتتە «ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتى» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكىلىقلارنى ئەرزان داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا ئېرىشتۈرگەن.
دىپلوماتىيە جەھەتتە، ئوباما ھۆكۈمىتى يادرونىڭ كېڭىيىش خەۋپىنى ئازايتىش، ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار دىپلوماتىيە سىياسىتى تەدبىرلىرىنى قوللانغان.
كىلىمات مەسىلىسىدە، ئوباما ھۆكۈمىتى يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، «پارىژ كېلىشىمى»گە قاتناشقان ھەمدە پاكىز ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئوبامانىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسى ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ سىياسىتى ۋە ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، خەلقئارا مۇناسىۋەتكىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
30، دونالد تىرامپ (Donald Trump)
سىياسىي ياكى ھەربىي تەجرىبىسى بولمىغان ئەھۋالدا سايلانغان تۇنجى زۇڭتۇڭ، شۇنداقلا تۇنجى بولۇپ ئېغىر جىنايەت ئۆتكۈزگەن دەپ بېكىتىلگەن سابىق زۇڭتۇڭ.
2017-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولغان. تىرامپ ھۆكۈمىتى بىر قاتار ئىچكى-تاشقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. 2017-يىلى تىرامپ «باجنى كېمەيتىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالىغان، بۇ 1986-يىلىدىن بۇيانقى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى بولۇپ، كارخانا باج نىسبىتى ۋە شەخسىي تاپاۋەت بېجى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. تىرامپ ھۆكۈمىتى كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، مەبلەغ سېلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىپ، نۇرغۇن كەسىپلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە، پۇل-مۇئامىلە ۋە ساقلىقنى ساقلاش كەسىپلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ياكى بوشاتقان.
دىپلوماتىيە جەھەتتە، تىرامپ ھۆكۈمىتى ئاساسلىق سودا ھەمراھلىرىغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇپ، ئامېرىكىنىڭ سودا پاسسىپ بالانىسىنى ئازايتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ياسىمىچىلىقنى قوغداشقا ئۇرۇنغان، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كۆپ تۈرلۈك تاموژنا بېجى تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا سودا ئۇرۇشى قوزغىغان. تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ پارىژ كىلىمات كېلىشىمى، تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك خەلقئارا كېلىشىملەردىن چېكىنىپ چىقىشى ئۇنىڭ «ئامېرىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش»تەك دىپلوماتىيە سىياسىتى ئىدىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.
كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە، تىرامپ ھۆكۈمىتى قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارىتا قاتتىق تەدبىر قوللانغان، بۇ ئامېرىكا-مېكسىكا چېگرا تېمى ياساش، مۇساپىرلارنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سىياسەتلەر كەڭ ئىجتىمائىي تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تىرامپ يەنە ئۈچ نەپەر كونسېرۋاتىپ سودىيەنى ئالىي سوت مەھكىمىسىگە نامزاتلىققا كۆرسەتكەن، بۇ ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىدىيە تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ كەلگۈسى نەچچە ئون يىل ئىچىدە ئامېرىكا قانۇنىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. 2020-يىلىنىڭ بېشىدا يامرىغان يۇقۇم ئالدىدا، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى ئىنكاسى تەنقىدكە ئۇچرىغان، بۇ سىناق قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، بىرلىككە كەلگەن فېدېراتسىيە يېتەكچىلىكىنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ 2020-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا رەقىبى بايدېنغا ئۇتتۇرۇپ قويغان ھەمدە ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشمايلا ئاقسارايدىن ئايرىلغان.
2024-يىللىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىدا تىرامپ رەقىبى ھاررىسنى مەغلۇپ قىلغان بولۇپ، 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ئۇ تارىختىكى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىكى يېشى ئەڭ چوڭ زۇڭتۇڭ، شۇنداقلا گىروۋېر كىلېۋېلاندتىن كېيىن ئۇدا سايلانمىغان ئاساستا ئىككى قېتىم سايلانغان زۇڭتۇڭ بولۇپ قالىدۇ.
31، جوي بايدىن (Joe Biden)
سايلامدا 80 مىليوندىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشكەن تۇنجى زۇڭتۇڭ. 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە زۇڭتۇڭ بولىدۇ. بايدېن ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى (2009-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە) سەككىز يىل، دېلاۋىيەر ئىشتاتىنىڭ فېدېراتسىيە كېڭەش پالاتا ئەزاسى (1973-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە) 36 يىل بولغان. بايدېن ھۆكۈمىتى تەختكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا 1 تىرىليون 900 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق «ئامېرىكا قۇتقۇزۇش پىلانى»نى يولغا قويغان، بۇ پىلان يۇقۇم ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي زەربە، شەخسلەرگە بىۋاسىتە چىقىم قىلىش، ئىشسىزلىق قۇتقۇزۇش پۇلىنى كۆپەيتىش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنى قوللاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ يەنە «ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىنىڭ قاتناش تورى، كەڭ بەلباغلىق تورغا چىقىش، سۇ سىستېمىسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان.
خەلقئارا سەھنىدە، بايدېن ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، پارىژ كىلىمات كېلىشىمى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارغا قايتىدىن قاتنىشىشنى تەكىتلىگەن. بايدېن ھۆكۈمىتى كۆپ تەرەپلىمىلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، خەلقئارا سودا، يەر شارى بىخەتەرلىكى قاتارلىق قارالمىلارنى ھەل قىلىشقا پائال قاتناشقان. تىرامپ دەۋرىدىكى بىر قىسىم قاتتىق كۆچمەنلەر سىياسىتىنى بوشاشتۇرغان، مەسىلەن، DACA (چېگرىدىن كىرگەن بالىلارنى قايتۇرۇۋېتىشنى كېچىكتۈرۈش پىلانى)نى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بايدېن ھۆكۈمىتى باراۋەرلىك ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىگەن، بۇ ساقچى ئىسلاھاتىنى قوللاش، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش، ئەمگەك ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ يەنە غەيرىي جىنسلىقلار توپىنىڭ ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدىنقى ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسىم چەكلەش خاراكتېرلىك سىياسەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىىنىڭ دۆلەت باشلىقى، ھۆكۈمەت باشلىقى ۋە ئارمىيە قوماندانى بولۇپ، ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم سايلىنىدۇ، بىر كىشى كۆپ بولغاندا ئىككى نۆۋەتلا ھوقۇق يۈرگۈزەلەيدۇ. ھازىرغىچە 46 زۇڭتۇڭ 59 نۆۋەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن بولۇپ، 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى زۇڭتۇڭلۇق ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغان دونالد تىرامپ شۇ چاغدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 60-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولىدۇ.
ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭ
كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز
تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار:
13699999340
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MjM5NDM0NTYwMA==&mid=2456457781&idx=1&sn=52340c71a75281cac3fc4363634e71e7
Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
最新文章
يېڭى ئالدامچىلىق! سىنلىق كۆرۈشۈپ نۇرغۇن پۇلىنى ئالداپ كەتتى...
كېچىدە توكنى ئۆچۈرمەي كۆرىدىغان قىقاس قورقۇنچلۇق كىنو كەلدى
تايسوننىڭ مۇسابىقىسىدا پىلاكات كۆتۈرگەن قىز دۇنياغاتونۇلۇپ كەتتى
كورېيەلىك 32 ياشلىق ساھىبجامال ئۆزىنى مەلۇم قىلدى
ئالدىرىماڭ! ماي باھاسى تۆۋەنلەيدۇ
ئاۋدىرىي ھېپبىرننىڭ بۇ ئىشلىرىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن؟
ھوللىۋود كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئارتىس
ئامېرىكىدىكى باغچىلار شەھۋانىيلىقنى تازىلاش رايونى بولۇپ قالدى
قورام تاش جونسون بىلەن ئامېرىكا كاپىتانى بىرلەشتى |قىزىل 1-نومۇر
تايلاند پادىشاھىنىڭ يېڭى ئامراق خانىشى رەسمىي نامايان بولدى
تايسون ھازىرغىچە قىممەت باھالىق سائەت تاقاش ئادىتىنى يوقاتمىدى
بەرەڭگە قەلەمچىسى سېتىپ بىر ئايدىلا تور چولپىنى بولۇپ كەتتى
ئالتۇننىڭ باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلىمەكتە
دوختۇرلار بىمارنىڭ پۇتىنى خاتا كېسىپ قويدى
پۇتبول تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس يان ھۇجۇمچىلار
ئاياللارنى يىڭنە بىلەن داۋالايدىغان ئەر جاجىسىنى يېدى!قاتىل كىم
2024-يىلى دوۋيىندا ئالامەت ئوت بولغان ھىندىستان كىنوسى
«ئاتۇش لوڭقىسى»دا كىملەر قانداق مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى؟
بۇ سېمىز ئادەم دوختۇرلارنىڭ قاباھەتلىك چۈشىگە ئايلاندى
چىرايى ۋە 2 قولى ئوپېراتسىيە قىلىنغان ئەر گۈزەل ئايالغا ئېرىشتى
جېننىفېر لوپېزنىڭ قانچە ئەر بىلەن«مۇھەببەتلەشكەن»لىكىنى بىلەمسىز
21-ئەسىردىكى ياۋروپالىق 10 داڭلىق پۇتبول چولپىنى
37-نۆۋەتلىك ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر
پۇتبول دۇنياسىدىكى 2000-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان 10 پۇتبول چولپىنى
ئۆلۈپ كەتكەن ئەرمەك ھايۋىنىنى كىلونلاش مودا بولدى
ئازابلانماي ئۆلۈشكە ئىلتىماس قىلىپ، ئوكۇل سالغاندا يېنىۋالدى
ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى نۇرغۇن ئاياللارنىڭ بېشىغا چىقتى
بۇيىللىق«ئەڭ كېلىشكەن ئەر»باھالاندى!تورداشلار:قانداق باھالاش بۇ؟
بوللىۋود دۇنياسىدىكى ئەڭ «سەتەڭ» چولپان-كارېننا كاپۇر
«باتارېيە شاھى»دەپ نام ئالغان يانفوننىڭ باھاسى1263 يۈەنگە چۈشتى!
ئاتۇش لوڭقىسىدا بۇ كوماندا چېمپىيون بولدى! 2-،3-چۇ؟
4000 ۋولتلۇق توك سوقۇۋەتكەن ئەر مۆجىزىلەرچە ھايات قالدى
ئاتۇش لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ: ئىلى 5:3 ئاقسۇ
ياپۇنىيەدە قولتۇق كومۇلىچى مودا بولدى
بۇ خىل ۋېلىسىپىت ئافرىقىلىقلارنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىدىغان قورال
رۇسىيەلىك قىز يەر شارىدىكى ئەڭ گۈزەل 8قىزنىڭ بىرى بولۇپ تاللاندى
شاھرۇھ خان «رىقابەتچى»نىڭ داۋامىدا رول ئالامدۇ؟
پورتۇگالىيە تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس 10 چولپان توپچى
نامى يوق ئارتىستىن بىراقلا «چوڭ يەڭگە»گە ئايلانغان ئارتىس
ئىنسان قىلىپىدىن چىققان ھېلىقى باسقۇنچى يەنە چاتاق چىقاردى
ئاتۇش لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ: قەشقەر 3:4 ئاتۇش
«تىتانىك»تىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈش رېئاللىقتا يۈز بەردى
پىراكتىكانت دوختۇرغا چىقىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىش دېلوسىغا سوت ئېچىلدى
ئالەم بوشلۇقىدىكى ئۇچقۇچى ئاچ قالدىمۇ؟ئالەم ئۇچقۇچىسى: ۋاي ياقەي
2024-يىللىق دۇنيادىكى ئەڭ ئاسان مەخپىي نومۇرلار ئېلان قىلىندى
ئېمماۋاتسون نېمىشقا كىنودا رول ئېلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدى؟
ياشلارغا ئىنتايىن ماس كېلىدىغان تۆت خىل تەۋسىيەلىك يانفون
ھىندونېزىيە گۈزىلى بىلەن «ئالىيجاناب بايۋەچچە» ئۆزىگە ئىش تېرىدى
ئاتۇش لوڭقىسى 1/4 ھەل قىلغۇچ: خوتەن 1:0 ئاقسۇ
بالا باققۇچى غوجىدارنىڭ ئايالىنى ئۆلتۈرۈپ ئۆيىنى تارتىۋالدى
分类
时事
民生
政务
教育
文化
科技
财富
体娱
健康
情感
旅行
百科
职场
楼市
企业
乐活
学术
汽车
时尚
创业
美食
幽默
美体
文摘
原创标签
时事
社会
财经
军事
教育
体育
科技
汽车
科学
房产
搞笑
综艺
明星
音乐
动漫
游戏
时尚
健康
旅游
美食
生活
摄影
宠物
职场
育儿
情感
小说
曲艺
文化
历史
三农
文学
娱乐
电影
视频
图片
新闻
宗教
电视剧
纪录片
广告创意
壁纸头像
心灵鸡汤
星座命理
教育培训
艺术文化
金融财经
健康医疗
美妆时尚
餐饮美食
母婴育儿
社会新闻
工业农业
时事政治
星座占卜
幽默笑话
独立短篇
连载作品
文化历史
科技互联网
发布位置
广东
北京
山东
江苏
河南
浙江
山西
福建
河北
上海
四川
陕西
湖南
安徽
湖北
内蒙古
江西
云南
广西
甘肃
辽宁
黑龙江
贵州
新疆
重庆
吉林
天津
海南
青海
宁夏
西藏
香港
澳门
台湾
美国
加拿大
澳大利亚
日本
新加坡
英国
西班牙
新西兰
韩国
泰国
法国
德国
意大利
缅甸
菲律宾
马来西亚
越南
荷兰
柬埔寨
俄罗斯
巴西
智利
卢森堡
芬兰
瑞典
比利时
瑞士
土耳其
斐济
挪威
朝鲜
尼日利亚
阿根廷
匈牙利
爱尔兰
印度
老挝
葡萄牙
乌克兰
印度尼西亚
哈萨克斯坦
塔吉克斯坦
希腊
南非
蒙古
奥地利
肯尼亚
加纳
丹麦
津巴布韦
埃及
坦桑尼亚
捷克
阿联酋
安哥拉