سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
ھېكايىنى باش پېرسوناژنى تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلايلى.
ئاۋستىرالىيەلىك يىگىت دان سوندېرز (Dan Saunders) بىر ھاراق تەڭشىگۈچى.
بىر كۈنى بۇ مەيپۇرۇش ئاۋسترالىيەنىڭ ۋانگاراتتا ھاراق ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆيىگە قايتىش يولىدا بىر پۇلئالغۇ (ATM)نىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋېتىپ، ئازراق پۇل ئالماقچى بولغان. ئۇ چاغدا سوندېرز سەل مەست بولۇپ قالغان بولۇپ، يەنە كېلىپ يېرىم كېچە بولغاچقا، ئۇ ھېساباتتىن پۇل ئالماقچى بولغان، لېكىن پۇلئالغۇدا ئىزچىل «قالدۇق سومما ئىشلىتىشكە يەتمەيدۇ» دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىناۋەت كارتىسىدىكى 200 دوللارنى ئامانەت كارتىسىغا يۆتكىگەن، پۇلئالغۇ «سودا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى» دەپ كۆرسىتىپ، كارتىنى چىقىرىۋەتكەن.
ئۇ سەل غەلىتىلىك ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئامانەت كارتىسىدىن 200 ئامېرىكا دوللىرى چىقىرىپ، نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىشنى قارار قىلغان. نەتىجىدە، بۇ 200 ئامېرىكا دوللىرى پۇلئالغۇدىن چىققان. دەسلەپتە ئۇ كۆپ ئويلانماي، پۇلنى ئېلىپ داۋاملىق ھاراق ئىچكەن. شۇ كۈنى كەچتە، ئۇ يەنە بىر قېتىم پۇلئالغۇدىن ئۆتكەن، ئۇ يەنە سىناپ باقماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتا-قايتا سىناپ، جەمئىي 2000 ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل ئالغان.
ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇ بانكىغا تېلېفون قىلىپ تەكشۈرۈپ، ئامانەت كارتىسىدا ئۆزگىرىش بولغان-بولمىغانلىقىنى سورىغان، نەتىجىدە ئۆزگىرىش بولمىغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇ سەھەر سائەت 1دىن سەھەر سائەت 3كىچە بولغان ئارىلىقتا، مەلۇم بىر پۇلئالغۇنىڭ بانكا تورىدىن ئۈزۈلۈپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان. پۇلئالغۇ بىلەن بانكا ئوتتۇرىسىدا ئارقىدا قېلىش مەۋجۇت، بۇ ئۇنىڭ مەيلى قانچىلىك پۇل خەجلىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر كۈنى كەچتە مۇشۇ ۋاقىتتا پۇلئالغۇدىن بىكارغا پۇل ئالالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ مەخپىيەتلىكنى بايقىغاندىن كېيىن، سوندېرز ھاياجانلىنىپ كەتكەن. ئۇنىڭ كېيىن مۇخبىرغا دەپ بېرىشىچە، شۇ چاغدا ئۆزىنى خۇددى «ئوت بايقىغان غار ئادىمى»دەك ھېس قىلىپ، ھاياجانلانغىنىدىن پۈتۈنلەي ئۆزىنى تۇتالماي قالغان...
شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۇ ھەر كۈنى كەچتە نەچچە يۈز ئامېرىكا دوللىرى ئېلىپ، سېخىيلىق بىلەن قاۋاقخانىدىكىلەرنى ھاراق ئىچىشكە تەكلىپ قىلغان، ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى بازاردىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك رېستۇرانغا بېرىپ زىياپەت بەرگەن، يەنە شادلىق زىياپىتى ئۆتكۈزگەن. 60 مىڭ دوللار خەجلەپ لايىقى ئۈچۈن 20 كىشىلىك تىك ئۇچارنى ئىجارىگە ئالغان.
ئۇ ھەر خىل ھەشەمەتلىك مېھمانخانىلاردا بېلىق تۇخۇمى قىيامى، شامپان، سىگارتتىن قانغۇچە ھۇزۇرلانغان.
بارلىق قىممەت باھالىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تېتىپ باققان.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ساياھەت قىلغان.
سەيلە كېمىسى ئىجارىگە ئالغان.
ئۇ ئىلگىرى بىر مىنىبۇسنى ئىجارىگە ئېلىپ، مېلبۇرندىكى ھەر قايسى ياشلار مېھمانخانىلىرىغا بېرىپ ھەقسىز سومكا توشۇغان، بىر قېتىم ئۇ ياشلارنى ئېلىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان ياررا جىلغىسىدا ئىجارىگە ئالغان بىر قورۇققا ئاپىرىپ، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى زىياپىتى ئۆتكۈزگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە دوستىنىڭ ئورنىدا بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۇلىنى تۆلىگەن، يەنە بىر كىچىك دوستىنى فىرانسىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن.
ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، بىر قېتىم ئۇ بانكىغا پۇل ئالغىلى بارغاندا، پۇكەينىڭ كەينىدىكى خانىم ئۇنىڭ قالدۇق سوممىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، پوزىتسىيەسىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن.
ئۇ سىستېمىدىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، قىسقىغىنە بەش ئاي ئىچىدە جەمئىي 1 مىليون 600 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى ئېلىپ، ھەممىسىنى بۇزۇپ چېچىپ خەجلىگەن.
لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قىلمىشىدىن بارغانسېرى ئۆكۈنگەن ۋە تەشۋىشلەنگەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى بېسىم بارغانسېرى كۈچەيگەن. ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى چۈشەپ قالغان، «بىر كۈنى كەچتە، مەن بىر قورقۇنچلۇق چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە ئالاھىدە ساقچى ئەترىتى مەن چۈشكەن مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا ئىدى.»
ئىككى يىلدىن كېيىن، سوندېرز ئۆزىنىڭ بىر كېچىدىلا بېيىپ كېتىشىنى قوبۇل قىلىشنىڭ بارغانسېرى تەسلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرۈنۈشكە باشلىغان. ئۇ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: «مەن كۆڭلۈمدىكى تەشۋىشنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، لېكىن مەن ئەمدى كەينىمگە قايتالمايمەن، مېنىڭ تۇرمۇشۇمدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى.» پىسخىكا دوختۇرى ئۇنىڭغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىشنى ئېيتقان. سوندېرز ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ يەنىلا جۈرئەت قىلالمىغان، ئۇ ساقچىلار بىلەن ئالاقىلاشمىغان، لېكىن پۇل ئېلىشنى توختىتىپ، بارلىق پۇلنى خەجلەپ بولغاندىن كېيىن 2011-يىلى 6-ئايدا بانكا بىلەن ئالاقىلەشكەن. بانكا دەسلەپتە ناھايىتى ھەيران قالغان، ئاندىن ئۇنىڭغا ساقچىلارنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاندىن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە، ھېچكىم سوندېرز بىلەن ئالاقىلاشمىغان...
بۇ مەزگىلدە، سوندېرز بۇ غەلىتە ھېكايىنى ئېلىپ شۇ جايدىكى بىر قانچە كىچىك گېزىتكە بارغان ھەمدە ئاۋسترالىيە ئاخبارات پىروگراممىسى «نۆۋەتتىكى ئىشلار»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. پىروگراممىدا ئۇ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان. ئۇنىڭ نام-ئابرۇيى بىر مەھەل يۇقىرى پەللىگە يەتكەن، ھەتتا بەزىلەر ئۇنى كىنو قىلىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئۈچ يىلدىن كېيىن، يەنى 2014-يىلى ئۇ ئالدامچىلىق ۋە ئوغرىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق 111 تۈرلۈك جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان. قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ئۇ ناھايىتى خۇشال ھالدا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان. سوتتا كۆپچىلىكنىڭ ئىنكاسى ئىنتايىن ناچار بولغان، ئۇ ئۆزىنى ئېغىر جازاغا ئۇچرايمەن دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى ھەقىقىي چۈشەنمىگەن، سودىيەمۇ بىلمىگەن، تەپتىش ئەمەلدارىمۇ بىلمىگەن، ھەتتا بانكىمۇ بىلمىگەن. تەمىنلىگەن دەلىل-ئىسپاتلار ناھايىتى ئاز بولغاچقا، 2016-يىلى 5-ئايدا ئۇ بىر يىل تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن تۈرمىدىن چىقىپ، يەنە بىر قېتىم قاۋاقخانىغا قايتىپ خىزمەت قىلغان، سائەتلىك ئىش ھەققى 22 ئامېرىكا دوللىرى بولغان.
مىليونېرغا ئايلىنىپ، يەنە ئەسلىدىكى باشلىنىش نۇقتىسىغا قايتىپ، مۇشۇنداق دىراماتىك تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەندىكى ھېسسىيات قانداق بولىدۇ؟ سوندېرز تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «مەن ئېزىقتۇرۇش ئالدىدا ھەقىقىي ئۆزۈمنى يوقىتىشنىڭ ئاسان ئىكەنلىكىنى چۈشىنىمەن، ئەمما مەن ئاستا-ئاستا نورمال ھالەتكە قايتتىم.»
كىنولار