توي ۋە سۇيقەست 🧡 55-قىسىم (ئەپچىدە 80قىسىم تولۇق)

文摘   2024-07-17 00:04   新疆  

كۆپ قىسىملىق يېڭى ئەسەر

ئەسەر ھەققىدە 

ھوزۇرىڭىزدا بولۇۋاتقىنى ياش يازغۇچى خەيرىگۈل ئۆمەر قەلىمىدە پۈتكەن، گۈزەلىم سالونىمىزدا ھەر كۈنى بىر قىسىمدىن تارقىتىلىدىغان «توي ۋە سۇيىقەست» ناملىق روماننىڭ ئاۋازلىق ۋە يازما نۇسخىسى. بىزنى قوللاپ مۇشۇ ئېلاننى چېكىۋېتىپ ئەسەر ئوقۇشنى باشلاپ كېتىڭ! شۇنداقلا باشقا ئوقۇرمەن دوستلىرىڭىزغا تارقىتىپ قويۇڭ!

 باشقا قىسىملىرى 

1-قىسىم
2-قىسىم
3-قىسىم
4-قىسىم5-قىسىم6-قىسىم
7-قىسىم8-قىسىم9-قىسىم
10-قىسىم11-قىسىم12-قىسىم
13-قىسىم14-قىسىم15-قىسىم
16-قىسىم17-قىسىم18-قىسىم
19-قىسىم20-قىسىم21-قىسىم
22-قىسىم23-قىسىم24-قىسىم
25-قىسىم26-قىسىم27-قىسىم
28-قىسىم29-قىسىم30-قىسىم
31-قىسىم32-قىسىم33-قىسىم
34-قىسىم35-قىسىم36-قىسىم
37-قىسىم38-قىسىم39-قىسىم
40-قىسىم41-قىسىم42-قىسىم
43-قىسىم44-قىسىم45-قىسىم
46-قىسىم47-قىسىم48-قىسىم
49-قىسىم50-قىسىم51-قىسىم
52-قىسىم53-قىسىم54-قىسىم
55-قىسىم56-قىسىم57-قىسىم
58-قىسىم59-قىسىم60-قىسىم
61-قىسىم62-قىسىم63-قىسىم
64-قىسىم65-قىسىم66-قىسىم
67-قىسىم68-قىسىم69-قىسىم
70-قىسىم71-قىسىم72-قىسىم
73-قىسىم74-قىسىم75-قىسىم
76-قىسىم77-قىسىم78-قىسىم
79-قىسىم80-قىسىم

بۈگۈنكى قىسمى 

♥يازما نۇسخىسى♥
55-قىسىم

-ۋايجان....

ئاۋازنى ئاڭلاپ ئالدىراپ زالغا چىقىپ، پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ قالغان يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسىنى كۆردۈم. پەلەمپەي ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى.

- ۋوي.

 ئۇنىڭ يېنىغا يۈگۈرىپ بارماقچى بولغاندا يولدىشىم قولۇمغا ئېسىلدى.

- نېمە قىلاي دەيسىز.

- باش سۈيى يېرىلىپتۇ، ئۇنى قۇتقۇزايلى.

- ياق. بارمايسىز.

- ئۇنداق قىلماڭ. ئۇنىڭ قورسىقىدىكى.

- قورسىقىدىكىنىڭ سىز بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى.

يولدىشىمنى سىلكىپ ئۆگەي ئاپىسىنىڭ يېنىغا باردىم

- ۋايجان، بەك ئاغرىپ كەتتى، دوختۇر، دوختۇرخانىغا بېرىشىم كېرەك.

-ئۈستىدە ئادەم بارمۇ، بۇ ياققا چۈشۈڭلار.

خىزمەتكارلار چۈشۈپ ئۇنى يۆلىدى.جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېلىفون ئۇرغاندىن كېيىن، يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسىنى يۆلىدىم.

- بىردەم چىداڭ. جىددىي قۇتقۇزۇشنىڭ ئادەملىرى ھازىر كېلىدۇ.

پەلەمپەيدىن چۈشىۋاتقان دادامنى كۆرۈپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇنىڭ چىرايىدا ھېچقانداق خوشاللىق ياكى غەزەپ كۆرۈنمەيتتى.

 بىردەمدىن كېيىن جىددىي قۇتقۇزۇشنىڭ ئادەملىرى كېلىپ يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسىنى ئېلىپ مېڭىشتى.

- بىرگە بارىدىغانلار ماشىنىغا چىقىڭلار.

 دېدى سېستىرا بىزگە قاراپ. يولدىشىم، دادام ۋە مەن بىر-بىرىمىزگە قاراپ تۇرۇپ قالدۇق.

- مەن باراي، سىلەر خەۋەر كۈتۈڭلار.

 دېدىم ئالدىراپ ماشىنىغا چىقىپ. يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى ماڭا قاراپ ۋارقىرىدى.

- ياق، يولدىشىم بارسۇن.

بىز ماشىنىدا ئۇزاپ كەتتۇق. دادام بىلەن يولدىشىم ھېچ ئىپادىسىز كىرىپ كەتتى.

- ۋايجان، ۋايجان، بەك ئاغرىپ كەتتى.

ئۇ بىلىكىمنى كۈچەپ سىقىمدايتتى. ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋېتىشنى، مۇشۇ دەقىقىدە دادامنىڭ، يولدىشىمنىڭ ۋە ئۆزۈمنىڭ ئۆچىنى بىراق ئېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ ئۇنداق قىلالمىدىم. ئۇنىڭ تولغاق يېگەن ھالىتىگە قاراپ يۈرىكىم يەنىلا ئېرىپ كېتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ قولىنى تۇتتۇم.

- چىداڭ، ھازىرلا دوختۇرخانىدا بارىمىز.

ئۇنىڭ مېنى تىللىغۇسى، رەت قىلغۇسى بار ئىدى. لېكىن ئاغرىق ئازابى بۇنىڭغا يول قويمايتتى.

 ئۇزۇن ئۆتمەيلا دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلدۇق. ئۇنى تۇغۇت ئۆيىگە ئېلىپ كىرىشتى. مەن بولسام ئىشىك سىرتىدا ساقلاپ تۇراتتىم. ئۇ ئاغرىقتا ۋارقىرايتتى. مەن بولسام ئىشىككە قارايتتىم. ئىشىكتىن نە دادام، نە ئۇنىڭ ئاتالمىش نەۋرە ئىنىسى كىرىدىغاندەك قىلمايتتى.

 كەيپىياتىم تولىمۇ مۇرەككەپ ئىدى. ئۇنىڭ دادامدىن يوشۇرۇن باشقىلاردىن بالا تاپقىنىنى، دادامنىڭ بايلىقىغا باشقىلارنىڭ بالىسىنى ۋارىس قىلىشنى پىلانلىغىنىنى ئويلىسام ئۇنىڭغا نەپرىتىم كېلەتتى. لېكىن مۇشۇ دەقىقىدە يېنىدا ھېچقانداق ئادەمنىڭ بولمىغىنى ئۈچۈن يەنە ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىيتتى.

 ئۇزۇن بىر چىقىراش بىلەن بىر بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. خوشال تۇغۇت ئۆيىگە قاراپ يۈگۈرۈپ بولۇپ جايىمدا توختاپ قالدىم. بۇ بالىنىڭ مەن بىلەن ھەتتا دادام بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى يوق ئىدى.

- مۇبارەك بولسۇن. قىز پەرزەنتلىك بولدى.

 دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ سېستىرانىڭ قولىدىكى بالىغا قارىدىم. سېستىرا بالىنى يۇيغىلى ئېلىپ كىرىپ كەتتى. ئۇلار ئانىنى ئەچىقىپ ياتاققا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئوكۇلىغا قارىغىنىمچە ئولتۇردۇم.

 دوختۇرلار بوۋاقنى ئەكىرىپ كىچىك كارىۋاتقا سېلىپ قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم.

« ھەي بىچارە قىز، تۇغۇلغاندا دادىڭىز يېنىڭىزدا يوق. ھېچكىم سىزنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىدى، قانداق قىسمەتلەر سىزنى كۈتۈپ تۇرغاندۇ ھە!» ئۇنىڭ كىچىك قولىنى تۇتۇپ قويدۇم.

يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسى كۆزىنى ئاچتى. ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا باردىم. ئۇ ئېغىر ئېغىر تىناتتى.

- بالا، ئوغۇلمىكەن؟

- ياق. چىرايلىق قىز تۇغۇپسىز.

ئۇنىڭ كۆزىدە ئېيتقۇسىز ئۈمىدسىزلىك ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

-جىيەنىڭىزنىڭ نومۇرىنى دەڭ. مەن تېلىفون ئۇرۇپ قوياي، ئۇ كەلسۇن.

- بولىدۇ، ئاندىن نەۋرە ئىنىمغا.

-چۈشەندىم.

ئۇ دەپ بەرگەن نومۇرغا تېلىفون ئۇرۇپ تۇققانلىرىنى چاقىرىپ قويغاندىن كېيىن ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم.

- مەن بالىڭىز چۈشۈپ كەتكەندە قۇتقۇزمىغان، لېكىن سىز.

- بولدى. ھېچنېمە دېمەڭ، ماڭا رەھمەت ئېيتىپ تەسىرلەندۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، قارىسام باشقىلارنىڭ سىز بىلەن مېڭىشى ئەپسىزكەن شۇڭا مەن كەلدىم، تۇققانلىرىڭىز كەلسە مەن كېتىمەن.

مۇئاۋىن دېرىكتور ئالدىراپ ئىشىكتىن كىردى. ئۇ ماڭا بىر قاراپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن يولدىشىمنىڭ ئۆگەي ئاپىسىغا قارىدى.

- ئا، ئاچا، قانداقراق؟

كۈلكەمنى زورىغا يوشۇرۇپ ئۇلارغا قارىدىم.

-جىيەنىڭىزمۇ ھېلى كېلىدۇ، مەن ماڭدىم ئەمىسە.

ياتاقتىن چىقىپ ئۇدۇلدا تۇرغان دادامنى كۆردۈم.

- تا، دادا، سىز كەپسىزغۇ.

- ئۇ قانداقراق؟

- ياخشى، سالامەت يەڭگىدى. بالا قىزكەن.

- چۈشەندىم.

 دادام يېنىمدىن ئۆتۈپ ياتاققا كىردى. سىرتقا چىقىپ كېتىۋاتقان قەدىمىم توختاپ ئۇنىڭغا ئەگەشتىم.

- دادىسى كەلدىڭىزمۇ، ق، قىزىڭىز.

دادام بوشقىنە كۈلۈپ بالىغا قاراپ قويدى.

- لى، لىدىر، ئاچامنىڭ نومۇرىدا تېلىفون ئۇرۇپتىكەن، شۇڭا كەلگەن.

- ياخشى بوپتۇ، ئاچاڭغا سەن بولسىمۇ ھەمراھ بوپسەن.

دادام ئايالىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئايالى دادامنىڭ بالىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەسلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمىدى بولغان، ھېلىغىچە بالىنىڭ قىز بولۇپ قالغىنى ئۈچۈن ئوڭايسىزلىنىۋاتاتتى.

- ئوغۇل بالا تۇغقۇم بار ئىدى، لې، لېكىن قىز.

- بولدى. ھېچقىسى يوق. بالىنىڭ قانداق تۇغۇلىشىنى بىز قارار قىلالمايمىز.

-كېيىنكىسى بەلكىم ئوغۇل تۇغۇلار.

- بولدى. كېيىنكىسىنىڭ پىلانىنى قىلماي، ياخشى داۋالىنىڭ، مەن دوختۇر پۇللىرىنى تاپشۇرۇپ قويدۇم. جىيەنىڭىز سىزگە قارىسۇن. قالغان ئىشنى سىز دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن دېيىشەيلى.

- نېمە ئىشنى؟ قىز بالا تۇغدى دەپ ئېتىراپ قىلماي قويمايدىغانسىز ھە.

 دادام بوۋاقنىڭ بېشىنى بوشقىنە سىيلاپ قويغاندىن كېيىن گەپ قىلماي چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭغا ئەگەشتىم.

ئۇ يەر ئاستى ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا كېلىپ ئېغىر بىرنى تىنىۋەتكەندىن كېيىن ماشىنىغا چىقتىم. ئۇ ماڭا قارىدى.

- ماڭا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتىڭىزغۇ دەيمەن.

- يا، ياقەي. بەزىدە ئادەم شۇنداق بولۇپ قالىدۇ.

-دوختۇرخانىدا ئىش تېرىپ ھەممە ئادەمنىڭ پاراڭ تېمىسىغا ئايلىنىپ قالغۇم يوق.

-توغرا چۈشىنىمەن، تاغا.

- تاغا دېمەي دادا دەڭ. مەيلى ئېتىراپ قىلىڭ ياكى قىلماڭ. مېنىڭ دادىڭىز ئىكەنلىكىم ھەقىقەت.

- بۇ ئاتاقنى ئۆزگەرتىش ماڭا تولىمۇ ئېغىر كېلىۋاتىدۇ. دادام ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەي دادا دەپ چاقىرغاندا شۇنداق ئازادىلىك ھېس قىلغانىدىم، دادام ئىكەنلىكىڭىزنى بىلگەندىن كېيىن تىلىم گاللىشىۋاتىدۇ.

 دادام ئېغىر بىرنى تىنىۋەتكەندىن كېيىن كۆزلىرى قىزىرىشقا باشلىدى.

- ئۆزۈمنىڭ خاتالىقى. تۇنجى بالامنى قەدىرلىمىگىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنىڭ پۇشتىدىن قايتا بالا بولمىدى.

-دېمەك مېنىڭ پۇشتىڭىزدىن بولغىنىمغا يەنىلا رازى ئەمەسكەنسىزدە.

- ئۇنداق ئەمەس. ھەر نېمە بولسا سىزنى تاپتىم.

- ئەمىسە نېمىشقا يەنە ئاھ ئۇرىسىز.

- ئىككى ئايالىمنىڭ قورسىقىدىكى بالا مېنىڭ بولماي قالدى، تۇغۇت بۆلۈمىگە كېلىشتىنمۇ نومۇس ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.

- دادا، ئەمدى پۇشايمان قىلغاننىڭ پايدىسى يوق.

- شۇنداق. ئادەم ياشلىقىدا ئۆتكۈزگەن خاتالىقنىڭ بەدىلىنى قېرىغاندا تۆلەيدىكەن.

- ئەمدى قانداق قىلاي دەيسىز.

- بالىنىڭ چېچى بىلەن ئۆزۈمنىڭكىنى تەكشۈرۈشكە بېرىپ قويدۇم، نەتىجىسى بىر نەچچە كۈندىن كېيىن چىقىدۇ.

-ئۇنى ھەيدەپ چىقارماقچىمۇ؟

- ئۇنىڭغا قارىتا ئۆزۈمنىڭ قارارى بار.

ماشىنا قوزغالدى. دادام بىلەن داچىغا قايتىپ كەلدۇق. ئۇ جىمجىتقىنە ئۈستى قەۋەتكە چىقىپ كەتتى. مەن بولسام ھۇجرىغا قايتىپ كىردىم.

- سىزنى چۈشىنەلمەي قالدىم. نېمىشقا ئۇنى قۇتقۇزىسىز؟

- بۇ بىز ئاياللاردا بولىدىغان ئورتاق ئالاھىدىلىك. يەنە بىر ئايالنىڭ تولغاقتا قىينىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسەك قۇتقۇزماي تۇرالمايمىز.

- ئۇنى قۇتقۇزمىسىڭىز بەلكىم ئۇنىڭدىن ياخشى نەتىجە چىقاتتى.

- مەن قۇتقۇزمىساممۇ خىزمەتكارلار بار، ھامان بىرسى قۇتقۇزغان بولاتتى.

- سىزنى ئىشىمنى ئوڭشىغىلى كەلدىمىكىن دېسەم، بۇزغىلى كەپسىز.

- بايلىقنى دەپ قاراپ تۇرۇپ بىر جانغا زامىن بولساق بولماس. سىز ئۇنداق قىلالىغان بىلەن مەن ئۇنداق قىلالمايمەن. مېنىڭ يۈرىكىم ئۇنىڭغا يول قويمايدۇ.

- گەپلىرىڭىز باشقىچىغۇ، ماڭا تەنە گەپ قىلىۋاتامسىز.

- ياق. تەنە گەپ قىلغۇدەك ماغدۇرۇم يوق، ھېرىپ قاپتىمەن، مەن ئۇخلىدىم.

- ئۇنىڭ بالىسى ئوغۇلمىكەن؟

- ياق. قىزكەن.

- ھاھا، يامان نىيىتىگە چۇشلۇق بالىسى ئوغۇل تۇغۇلماپتۇ.

-شۇنداق، ئۇ ئۆزىمۇ سەل ئۈمىدسىزلەنگەندەك تۇرىدۇ.

- ئەتە دادامغا ئۇ سىننى كۆرسىتىمەن، شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىدىن بۇ ئۆيگە كېلەلمەيدۇ.

- ئۇنداق قىلماڭ. بۇ ئىش بەرىبىر ئاشكارلىنىدۇ.

- ئۇنىڭغا ئىچىڭىز ئاغرىپ قالدىما؟ سىز زادى قانداق ئادەم، مۇھەببەت نەپرىتىڭىز ئېنىق ئەمەسكەنغۇ.

- بۇنى مەن سىزدىن ئۆگەندىم. سىزنىڭمۇ مۇھەببەت نەپرىتىڭىز ئېنىق ئەمەسقۇ.

- مەيلى نېمىلا دېسىڭىز، مەن سىز بىلەن ئاجراشمىسام بولمايدۇ.

- بولىدۇ. مەن دادىڭىزغا يالۋۇرۇپ سىناپ باقتىم ئۈنۈمى بولمىدى، ئەمدى ئۆزىڭىز سىناپ بېقىڭ، ئۈنۈمى بوپلا قالسا مەن ئاجرىشىمەن.

 شۇنداق دەپ قويۇپ چىراغنى ئۆچۈرۈپ يالغۇز كىشىلىك كارىۋاتقا ئۆزۈمنى تاشلىدىم.

- سىز راستىنلا پۇرسەتپەرەسكەنسىز، دادامنىڭ كاللىسىنى يۇيۇپ، بۇ ئۆيدە قېلىشنىڭ پىلانىنى تۈزىۋاتىسىز.

- شۇنداق. شۇنداق. بۇ ئۆيگە كەلدىم، ئەمدى مېنى كەتكۈزىمەن دەپ ئويلىماڭ.

- مەن سىزنى پەقەت توختاملىق ئالغان، خالىغان ۋاقىتتا قويىۋېتەلەيمەن.

- مەن ئەزەلدىن قوشۇلمايمەن دەپ باقمىدىم، لېكىن سىزنىڭ مېنى كەتكۈزىۋېتىشكە كۈچىڭىز يەتمەيدۇ، چۈنكى دادىڭىز بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ.

- ھۇ يالماۋۇز.

 دېدى ئۇ يېنىمغا كېلىپ.

- ماڭا قول تەككۈزسىڭىز ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشەلمەيسىز.

- سېنىڭ ئاھاڭلىرىڭ ئۆزگىرىپ كېتىۋاتىدۇ، دادام ساڭا نېمە دېدى؟

- دادىڭىز ئاجرىشىشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى دېدى، ئۇ مەندىن باشقا كېلىننى ئېتىراپ قىلمايدىكەن.

- شۇڭا ئۆزۈڭچە مېنى ئاجراشتۇرالمايدۇ دەپ خوش بولۇپ كەتكىنىڭما بۇ؟!

- شۇنداق، دادىڭىز سىزنىڭ خالىغان بىرسىنى ئېلىپ بالىلىق بولىشىڭىزنى خالىمايدىكەن، شۇڭا بۇ ئۆمرىڭىزدە مەندىن باشقا ئايالىڭىز بولمايدۇ ھاھا.

 ئۇنىڭغا تۇنجى قېتىم بۇنداق ئاھاڭدا گەپ قىلىشىم ئىدى.

- ئۆلگۈر، نېمىشقا سەن بىلەن توي قىلغاندىمەن.

- مەن ئەزەلدىن سىزگە ماسلىشىپ كەلدىم، لېكىن بەزى ئىشلارنى ھەل قىلىشقا سىزنىڭ كۈچىڭىز يەتمەيدۇ، بىلدىڭىزمۇ؟

- مەن دادامنى چوقۇم قوشۇلدۇرىمەن.

- بولىدۇ. دادىڭىزنىلا قوشۇلدۇرالىسىڭىز مەن كېتىمەن، ھاھا.

- دادام تەرەپكە ئۆتىۋېلىپ ئۆزۈڭچە مېنى كۆزگە ئىلمايۋاتامسەن؟

- ياقەي. مەن بىلەن ئاجرىشىش ئۈچۈن شۇنچە كۈچىگىنىڭىزگە كۈلگۈم كېلىۋاتىدۇ.

-ئەسلىمۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا پەقەت ھەمكارلىقلا بار، مۇھەببەت يوق.

- بۇرۇن باشقىلارنىڭ ئائىلىسىنى بۇزغانلارغا، پۇل بايلىقنى دەپ توي قىلغانلارغا ئۆچ ئىدىڭىز، گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ ئىشىنىپ قاپتىمەن، ئەسلى ئەركىشى دېگەننىڭ ھەممىسى ئوخشاشكەن. قولىغا پۇل تەگسە باشقا ئاياللارنى ئىزدەيدىكەن. ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىكى ۋە ۋىجدانى بىلەن ھېسابلاشمايدىكەن.

- ئۇ بىزنىڭ ئائىلىنى بۇزمىدى، ئەسلىمۇ ئارىمىزدا مۇھەببەت يوق. پەقەت ھەمكارلىقلا بار.

- شۇنداق. لېكىن بۇ ئىككىمىز ئارىسىدىكى مەسىلە. ئۇ قىز بىلمەيدۇ. ئۇ قىز سىزنىڭ ئايالىڭىز، ئائىلىڭىز بارلىقىنى بىلىدۇ. يەنە بۇ ئۆيگە كىرمەكچى بولىۋاتىدۇ.

- ئۇ كىرىمەن دېمىدى. مەن ئەكىرمەكچى.

- بولىدۇ. دادىڭىزنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈزەلىسىڭىزلا ئېلىپ كىرىڭ، مەن قارشى ئالىمەن.

- مۇشۇنداق دېگىنىڭگە بولسىمۇ، ئۇنى بۇ ئۆيگە ئېلىپ كىرمىسەم.

- دادىڭىزدىن نەپرەتلىنىپ تۇرۇپ، يەنە دادىڭىز تۇتقان يولنى تۇتماقچىكەنسىزدە.

- ئاپام دادامنىڭ ھەقىقىي ئايالى، سەن دېگەن پەقەت ياللانما، ئىككىسى ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئايالىغا ۋاپاسىزلىق قىلدى. لېكىن مەن ھېچكىمگە ۋاپاسىزلىق قىلمىدىم.

- بۇ گەپ ئاخىرى ئاغزىڭىزدىن چىقتى، ئەسلىمۇ مېنى پەقەت ياللانما ئىشچى ئورنىدا كۆرۈپ كەلگەنتىڭىز.

- ئەسلى ئۇنداق ئەمەستى. ئۆزۈڭ ساڭا بولغان كۆز قارشىمنى تولۇق ئۆزگەرتىۋەتتىڭ، ساڭا بولغان ھۆرمىتىم تولۇق تۈگىدى.

- سىزنىڭ ماڭا ھۆرمىتىڭىز بولۇپ باقمىغان. سىز پەقەت ئۆچ ئېلىش ھەم بايلىققا ئېرىشىش ئۈچۈنلا ماڭا يالغاندىن مۇھەببەت بەرگەن.

_-شۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ، يالغان ياكى راست بولسۇن، سېنىڭ ئىززىتىڭنى قىلدىم. بۇرۇنقى يىگىتىڭ ھەم ئاۋۇ دېرىكتورۇڭ ئالدىدا سېنى بېشىمغا ئەپ كۆتۈردۈم. ئاپاڭنىمۇ ھۆرمەت قىلدىم، شۇلار يەتمىدىما؟

- سىز بولغاچقا بۇرۇنقى شىركەتتىن ھەيدەلدىم، ئۇ سىزنى دېمىسە مېنى ھەيدىمەيتتى.

- بۇنى ئۆزۈڭنىڭ دۆتلىكىدىن كۆرى، ھاھا، ئادەم دېگەننىڭ نىيىتى ئۇنداق قارا بولسا بولمايدۇ، سېنىڭ نىيىتىڭ بۇ ئۆيدە قېلىپ بايلىققا ئېرىشىش، مۇشۇنداق بولىشىنى بىلگەن بولسام ھەرگىز سېنى بۇ ئۆيگە باشلاپ كىرمىگەن بولاتتىم.

-مەن بايلىقىڭىزنى بىلگەندە ئاجرىشىپ كېتەيلى دېگەن، ئۆزىڭىز ئاجراشمايلى دېدىڭىز.

- سەن قوشۇلدۇڭ. چۈنكى سېنىڭمۇ باي ئايال بولغۇڭ كەلدى، ئېسىل داچىدا ئېسىلزادىلاردەك ياشىغۇڭ كەلدى، ئۆزۈڭنىڭ نىيىتىنى ئۇنچە پاكقا چىقىرىۋەتمە.

- شۇنداق. قايسى كۈنى ئۆزىڭىز دېگەنتىڭىزغۇ. كىم مال دۇنياغا قىزىقمايدۇ، مەنمۇ قىزىقىمەن. بۇ ئۆيگە كېلىن بولغانكەنمەن، چوقۇم بىرەر نەرسىگە ئېرىشىپ ئاندىن كېتىشىم كېرەك، سىزدىن، ئاۋۇ ئۆگەي ئاپىڭىزدىن، ئاڭلىغان ھاقارەتلەر ئۈچۈن بولسىمۇ، چوقۇم بىر پايدا ئېلىپ كېتىشىم كېرەك، بولمىسا زىيان چىقىدۇ.

ئۇ گېلىمنى سىقىشقا باشلىدى. تىنالماي قىينىلىۋاتاتتىم.


ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئاستىدىكى ئەسەر مۇقاۋا رەسىمىنى چېكىپ ئەپچىدىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ رەسىمنى چەكسىڭىز بارلىق قىسىملىرى تولۇق چىقىدۇ👇


Guzelim
نادىر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ۋە گۈزەل رەسىملەر يوللىنىدۇ. ئاستىدىكى يېشىل خەتنى بېسىپ سىزمۇ قوشۇۋېلىڭ
 最新文章