كېلىشكەن، لېكىن«ئېغىزى مايماق» 10چولپاندىن كىمنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟

文摘   2024-11-07 21:56   新疆  
سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ




دۆلىتىمىزدىكى ئۆزى كېلىشكەن، لېكىن «ئېغىزى مايماق» 10 ئەر چولپاندىن كىمنى ئەڭ ياقتۇرىسىز؟
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تاماشا ساھەسىدە ئايال چولپانلار گۈزەللىكى بىلەن تونۇلغىنىغا ئوخشاش ئەر چولپانلارنىڭ چىراي ئالاھىدىلىكىمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. بەزى ئەر چولپانلار ناھايىتى كېلىشكەن بولسىمۇ لېكىن مەلۇم  بىر كەمچلىكى سەۋەبىدىن مۇكەممەل ئوبرازىغا تەسىر يەتكەن، تۆۋەندە بىز ئۆزى ئىنتايىن كېلىشكەن، لېكىن «ئېغىزى مايماق» ئەر چولپانلار بىلەن تونۇشۇپ ئۆتەيلى:
1. گوڭ جۈن (龚俊)
گوڭ جۈننى چەمبىرەكتىكى «يېڭى ئېقىم چولپىنى» دەپ قاراشقا بولىدۇ، 2021-يىلى «تاغ-دەريا بۇيرۇقى» (山河令) ناملىق تىياتىرنىڭ قويۇلۇشى بىلەن باش رول ئالغان گوڭ جۈنمۇ نام چىقارغان، شۇنىڭدىن كېيىن گوڭ جۈن نۇرغۇن تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدە رول ئالغان ھەمدە ھەر خىل تىپتىكى ئوبرازلارنى يارىتىشقا باشلىغان.
ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر ھەرخىل ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىلىرىدىمۇ ئۇنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر گوڭ جۈننىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ۋە كېلىشكەن تاشقى قىياپىتىگە مەپتۇن بولۇپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر قىسىم كىشىلەر گوڭ جۈننى «ئېغىزى مايماق» دېيىشكەن.
رول ئالغاندا گوڭ جۈننىڭ ئېغىزى ھەمىشە غەلىتە بولۇپ قىلىپ، گەپ-سۆزلىرىمۇ بىنورماللىشىپ قالغان،  تورداشلارمۇ بۇنىڭغا چىدىيالماي قالغان، ئىنچىكە كۆزەتسەك گوڭ جۈننىڭ ئاستىنقى كالپۇكىنىڭ ئۈستۈنكى كالپۇكىدىن ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى، ئانچە چىرايلىق ئەمەسلىكىنى بايقايمىز.
«ئەنلې ھەققىدە قىسسە» (安乐传)دە پېرسوناژ جىددىي چىراي ئىپادىسى چىقارغاندا ئۇنىڭ ئېغىز مەسىلىسى تېخىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ كەتكەن. بۇنىڭغا قارىتا گوڭ جۈن زىيارەت قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ۋېلسىپىت مىنىپ يىقىلىپ چۈشكەنلىكتىن ئېغىز شەكلىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئەينى چاغدا ئېغىزىدىن نۇرغۇن قان چىقىپ كەتكەن بولۇپ، دوختۇرخانىغا بارغاندىن كېيىن ئون يىپلىق تىككەن، نەتىجىدە ئېغىز شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن. گەرچە ئېغىز شەكلى ئانچە مۇكەممەل بولمىسىمۇ لېكىن گوڭ جۈن يەنىلا ئىنتايىن كېلىشكەن بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ چەمبىرەكتىكى كەسپىي تەرەققىياتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا.
2. چېڭ يى (成毅)
«نىلۇپەر راۋىقى» (莲花楼)نىڭ قويۇلۇشى تاماشىبىنلارغا كېلىشكەن ھەم ئەمەلىي كۈچكە ئىگە ئەر ئارتىس چېڭ يىنى تونۇتقان. ئۇنىڭ بۇ ئەسەردىكى ئىپادىسى تاماشا ساھەسى ئىچى ۋە سىرتىدىكىلەرنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ھەممەيلەن ئۇنىڭ رول ئېلىش ماھارىتىنى بەس-بەستە ماختاشقان.
چېڭ يىنىڭ قەدىمكى زامان ئۇسلۇبتىكى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيگەندىكى كېلىشكەن چىرايى ۋە قاملاشقان قەددى-قامىتى سانسىزلىغان قىزلارنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان، ئەمما بۇ تىياتىر قويۇلغاندىن كېيىن چېڭ يىنىڭ «مايماق ئېغىزى»مۇ كۆپچىلىك تالاش-تارتىش قىلىدىغان تىمىسىغا ئايلانغان.
نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەر چېڭ يى تىياتىردا گەپ قىلغاندا ئېغىزى ئېچىلمىغاندەك، كۈلگەندىمۇ ئېغىزى مايماق كۆرۈنىدىكەن دېيىشكەن. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى چېڭ يىنىڭ ئۈستۈنكى كالپۇكى سىرتقا سەل ئىگىلگەن ھالەتتە بولۇپ، گەپ قىلغاندا ئېغىزىنى ئېچىشىمۇ تەسكە توختىغان.
ئۇنىڭ دېيىشىچە ئېغىزىنىڭ شەكلى تۇغما بولۇپ ھېچقانداق زەخمىگە ئۇچراپ باقمىغان، شۇڭا چېڭيىنىڭ  چىرايىنىڭ كېلىشكەن، رول ئېلىش ماھارىتىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۇنىڭ بۇ كەمچىلىكىنىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ.
چېڭ يىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى كەسپىي ھاياتىدا يېڭى سەھىپە ئېچىپ بىزگە تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئېلىپ كېلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
3. ۋاڭ خېدى (王鹤棣)
ۋاڭ خېدى «ساڭلەن رىۋايىتى» (苍兰诀) ناملىق تىياتىردىكى دوڭفاڭ چىڭساڭ ئوبرازى بىلەن ئالقىشقا ئېرىشكەن، ئۇ رولىنى ئالغان دوڭفاڭ چىڭساڭ بەك كېلىشكەن ھەم زومىگەر ئوبراز بولۇپ، ئۇ بۇ ئوبرازى بىلەن قىزلارنىڭ چۈشىدىكى ئاشىقىغا ئايلانغان.
ئۇنىڭ تىياتىردىكى ھەر بىر قاراشلىرى ۋە ھەرىكەتلىرى دوڭفاڭ چىڭساڭ ئوبرازىنى يارىتىشتا مۇھىم رول ئوينىغان، شۇڭا بۇ تىياتىرنىڭ ئالقىشقا ئېرىشىشىنىڭمۇ سەۋەبى بار. ۋاڭ خېدى بۇ تىياتىردا قالتىس رول ئېلىش ماھارىتى بىلەن بۇ ئوبرازىنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان.
ۋاڭ خېدىنىڭ ئالقىشلىنىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ كىشىلەر ۋاڭ خېدىنىڭ «ئېغىزىنىڭ مايماق»لىقىنى تەدرىجىي بايقىغان. ۋاڭ خېدى ھەقىقەتەن كېلىشكەن يىگىت، لېكىن ئۇنىڭ ئاستىنقى ئېڭىكى سەل-پەل قىيسىيىپ قالغان، يەنە تېخى كالپۇكى سەل تومپىيىپ چىقىپ قالغان.
شۇڭا نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەر ئۇنڭ ئېغىزى سەۋەبىدىن تىياتىر كۆرگەندە غەلىتە تۇيغۇدا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتقان.
لېكىن ياخشى يېرى ۋاڭ خېدىنىڭ ئېغىز شەكلى ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتىگە چوڭ تەسىر يەتكۈزمىگەن بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن يەنىلا ئىنتايىن كېلىشكەن كۆرۈنىدۇ. ئاخىرىدا ۋاڭ خېدى يېڭى بىر ئەۋلاد ئالقىشلىق ئارتىس بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋاملىق تىرىشىپ تاماشىبىنلارغا تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.
4. جاڭ لىڭخې (张凌赫)
جاڭ لىڭخې يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان كۆپلىگەن تىياتىردا ئەر باش رولچى ئوبرازى ئوتتۇرىغا چىقتى، شۇڭا ھازىر ئۇنىڭ ئالقىشلىق دەرىجىسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى. بۇنىڭ ئىچىدە كىشىدە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى «نىڭئەن چۈشى» (宁安如梦)دىكى شيې ۋېي ئوبرازى بولۇپ، ئەر باش پېرسوناژ بولۇش سۈپىتى بىلەن كېلىشكەن قەددى-قامىتى ھەقىقەتەن كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.
جاڭ لىڭخېنىڭ قەدىمكى زامان ئۇسلۇبىدا كىيىنگەن ھالىتى ھەقىقەتەن كېلىشكەن بولۇپ تۈمەنلىگەن قىزلارنىڭ قەلبىنى بويسۇندۇرغان، ئالقىشقا ئېرىشكەن يېڭى بىر ئەۋلاد ئارتىس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ نۇرغۇن چوڭ تىياتىرلاردا رول ئالغان.
مەيلى «ساڭلەن رىۋايىتى»دە بولسۇن ياكى « نىڭئەن چۈشى»دە بولسۇن ئۇنىڭ ئىپادىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇ كامالەتكە يەتكەن رول ئېلىش ماھارىتى ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان روللارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئالغان.
ئۇ تىلغا ئېلىسا مەستانىلەر ئۇنى قەددى-قامىتى كېلىشكەن، بىر قاراشتا كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ دېيىشىدۇ. لېكىن نۇرغۇن كۆرۈرمەنلەر جاڭ لىڭخېنىڭ ئېغىزىنى بەك غەلىتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقنى بىلدۈرۈشكەن.
بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى جاڭ لىڭخېنىڭ بۇرنىنىڭ ئاستى سەل ئۇزۇن بولۇپ، بۇرنىنى قارىماققا بەك گەۋدىلىك كۆرسىتىپ قويىدۇ، ئېغىزى تەبىئىي يۇمۇلمىغاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
ئەمما بۇ جاڭ لىڭخېنىڭ مۇكەممەل چىرايىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، ئۇ يەنىلا قىزلارنىڭ نەزىرىدىكى كېلىشكەن يىگىت.
5. چېن فېييۈ (陈飞宇)
چېن فېييۈ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى مۇكەممەل چىرايىغا ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، يەنە تېخى قالتىس رول ئېلىش ماھارىتىگىمۇ ۋارىسلىق قىلغان. تاماشا ساھەسىگە كىرگەن كۆپ يىللاردىن بۇيان ئەمەلىي كۈچى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «دادىسىغا تايىنىپ ئالقىشقا ئېرىشمىگەن»لىكىنى ئىسپاتلاپ كەلدى.
ئۇ «مەڭگۈلۈك تۈن» (将夜) تىياتىرىدىكى ئوبرازى بىلەن كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ كۆرۈرمەنلەرگە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرغان.
چېن فېييۈ توغرىسىدا تالاش-تارتىش قوزغىغان بىردىنبىر نۇقتا ئۇنىڭ ئېغىزى بولۇپ، بەزىلەر ئۇنىڭ ئېغىزىنى غەلىتە، سەت دەپ قارايدۇ.
چېن فېييۈ يەنە دادىسىنىڭ ئېغىز شەكلىمۇ تولۇق ۋارىسلىق قىلغان، ئەلۋەتتە بۇ ئانچە گەۋدىلىك ئەمەس،
سىنچىلاپ قارىغاندا ئۇنىڭ ئېغىز مەسىلىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بۇ ئۇنىڭ چىرايىغا ئازدۇر-كۆپتۇر تەسىر كۆرسەتكىنى بىلەن، لېكىن ئۇنىڭ كېلىشكەن چىرايىغا بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ ئەمەس.
بۈگۈنكى كۈندە چېن فېييۈ تىياتىرلاردىكى ئەر باش ئوبراز رولىغا تايىنىپ تاماشا ساھەسىدە بىر كىشلىك ئورۇن ئېلىپ بولدى.
6. خۇ يىتيەن (胡一天)
خۇ يىتيەن تىلغا ئېلىنسا كۆز ئالدىمىزغا ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئېگىز بويى ۋە بىر جۈپ كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان كۆزلىرى كېلىدۇ، ھازىر ئۇ كۆزگە كۆرۈنگەن تاشقى قىياپىتىگە تايىنىپ ھەر خىل تىپتىكى كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدە رول ئېلىۋاتىدۇ.
بۇلارنىڭ ئىچىدە «سۆيۈملۈكۈم» (亲爱的,热爱的)نىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ تىياتىردىكى ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان، نۇرغۇن كىشىلەر تاماشا ساھەسىدە خۇ يىتيەننىڭ مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى ناھايىتى تۆۋەن دەپ قارايدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى ئۇنىڭ بەك كەمتەر بولغانلىقىدىن بولغان.
ئۇ توغرىسىدا ئەسەرلەردە رول ئالغاندىن باشقا ۋاقتتا ھېچقانداق ئۆسەك سۆز يوق،شۇنى دېمەي تۇرالمايمىزكى ئۆزى كېلىشكەن ھەم ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، تۆۋەن ماقامدا يۈرىدىغان ئەر چولپانلارنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئادەم يوق دېيەرلىك.
خۇ يىتيەن توغرىسىدا سۆز بولۇنسا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئېغىز شەكلىنىڭ مايماق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
بۇ ئاساسلىقى ئۇنىڭ كالپۇكىنىڭ نېپىزلىكى ۋە يۈزىنىڭ بەك ئورۇن بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىدىن بولغان.
ئۇ ئېغىزىنى چىڭ يۇمغان ۋاقتتا تەبىئىي ئەمەستەك كۆرۈنىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ كىچىككىنە نۇقسان خۇ يىتيەننىڭ  كېلىشكەن چىرايىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەن، ئۇ يەنىلا قىزلارنىڭ قەلبىدىكى «ئاق ئاتلىق شاھزادە».
ھازىر خۇ يىتيەن تاماشا چەمبىرىكىدە ناھايىتى ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ كۆپچىلىككە داۋاملىق نادىر ئەسەرلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
10. ۋۇ لېي (吴磊)
ۋۇ لېي بالا چولپان بولۇش سۈپىتى بىلەن تاماشا ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن نادىر كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىگە قاتناشتى.
تاماشا چەمبىرىكىدە كۆپ يىللىق چېنىقىش ئارقىلىق ۋۇ لېي قالتىس رول ئېلىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرگەن بولۇپ، مەيلى قانداق ئوبراز بولسۇن ھەممىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يارىتالايدۇ.
«قار-شىۋىرغان يېتىپ كەلگەندە» (在暴雪时分) ناملىق تىياتىردا ئۇنىڭ ئىپادىسى كىشىگە ھەقىقەتەن مۇھەببەتلىشىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان بولۇپ ئادەمنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالىدۇ. رول ئېلىش ماھارىتى جەھەتتە ۋۇ لېينىڭ ھەقىقەتەن دېگۈدەك گېپى يوق، لېكىن چىراي جەھەتتە تالاش-تارتىش كۆپ.
ۋۇ لېينىڭ ئېغىز مەسىلىسىگە قارىتا نۇرغۇن كىشىلەر ۋۇ لېينىڭ ئېغىزى بەك غەلىتە، گەپ قىلغاندا بولسۇن ياكى چىڭ يۇمۇلغاندا بولسۇن تەبىئىي ئەمەس دېيىشكەن، چۈنكى ۋۇ لېينىڭ ئۈستۈنكى كالپۇكى بەك نېپىز بولمىغاچقا ئۈستۈن كالپۇكى بەك غەلىتىدەك كۆرۈنىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇ ۋۇ لېينىڭ ئەرلىك سالاپىتىگە ۋە رول ئالغان تىياتىرىدىكى كېلىشكەن ئوبرازىغا ئازراقمۇ تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ.
ھازىر ۋۇ لېي چەمبىرەكتىكى «ئەمەلىي كۈچى بار ئارتىس»لار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، ئۇنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى شان-شەرەپكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
سىزنىڭچە بۇ 7 چولپاننىڭ «مايماق ئېغىزى» كېلىشكەن چىرايىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭ 
كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章