تاماشادىكى چولپانلارنىڭ ھەممىسى جەم بولدى

文摘   2024-11-06 22:20   新疆  

سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

11-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋېيبو كۆرۈش دائىرىسى يىغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى، بۇ قېتىم تاماشا ساھەسىدىكى چولپانلارنىڭ ھەممىسى بىريەرگە جەم بولدى. گەرچە ھاۋا سوغۇق بولسىمۇ، ئايال چولپانلار ناھايىتى تەنناز كىيىنىپ گۈزەللىكىنى نامايان قىلدى.

56ياشلىق جوۋ تاۋ (周涛) ئىككى پېشقەدەم ئارتىس جاڭ گولى (张国立) ۋە ۋاڭ گاڭ (王刚) بىلەن بىرلىكتە سەھنىگە چىقتى.

جوۋ تاۋ گەرچە سۇس گىرىم قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى ئارقىلىق كۆپچىلىككە، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرا ياشقا بارغاندىمۇ ناھايىتى چىرايلىق، مۇكەممەل ھالىتىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.

34 ياشلىق لەن يىڭيىڭ (蓝盈莹) بىلەن تۇڭ داۋېي (佟大为) بىرلىكتە سەھنىگە چىقتى، لەن يىڭيىڭنىڭ قىپقىزىل كۆينىكى كۆزلەردىن ئوت چىقاردى.

39ياشلىق خۇاڭ شۈەن (黄轩) شۇ كۈنى ئاچ-سېرىق رەڭلىك كاستۇم كىيىۋالغان، قىسقا بارماقلىرىغا ماشىنا ئادەملەرنى دوراپ تۆمۈر تىرناق تاقىۋالغانىدى.

50 ياشلىق ليۇ لىن (柳林) بىلەن 27 ياشلىق سۈن چيەن (孙千) بىرلىكتە سەھنىگە چىقتى. ليۇ لىننىڭ چېچى بىر قاراشقىلا بۇرۇنقىدىن خېلى جىقلاپ قالغان، ئۆزىمۇ روھلۇق كۆرىنەتتى. ئۇ بۇ ئوبرازى بىلەن ئەمدى يېزا ئاياللىرىنىڭ رولىنىلا ئېلىۋەرمەي، يېڭى دەۋىردىكى قابىلىيەتلىك ئاياللارنىڭ رولىنىمۇ سىناپ باقسا بولىدىغاندەك قىلاتتى.

سۈن چيەن بۇ قېتىم تەنناز ئۇسلۇبتا ياسىنىپ، قارا تور پايپاق تارتىپ، زىلۋا بەدەن شەكلىنى نامايان قىلىپ ھەممىنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقاردى.

30 ياشلىق بەي لۇ (白鹿) راستتىنلا بارغانسېرى چىرايلىق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، ئۇ بېلىق قاسرىقىسىمان مۇراسىم كۆينىكى كىيىپ، قولىدا ئاپتاپپەرەس تۇتۇپ، خۇددى ئاپتاپپەرەستەك ئېچىلىپ كەتتى.

26 ياشلىق جاۋ لۇسى (赵露思) قىسقا كۆينەك كىيىپ، كورېيە ئۇسلۇبىدا گىرىم قىلىپ، يەنىلا بۇرۇنقى ئوماقلىقىنى نامايان قىلدى.

29 ياشلىق يۈ شۇشىن (虞书欣) كۆكرىكىگە بېلىق قاسرىقىسىمان گۈل تۇتۇلغان مۇراسىم كىيىمى كىيىپ، تەننازلىقىنى نامايان قىلدى، ئۇ سەھنىگە چىقىپلا ئۆزىنىڭ يېڭى تياتىرىنى تەشۋىق قىلىپ، كەسپىي ئەخلاقىدا چىڭ تۇردى.

34 ياشلىق جاڭ تيەنئەي (张天爱) تەنناز مۇراسىم كىيىمىگە قىپقىزىل لەۋسۇرۇق ماسلاشتۇرۇپ كونا دوستى بىلەن بىرلىكتە سەھنىگە چىقتى.

27 ياشلىق گۈەن شياۋتوڭ (关晓彤) بۇ قېتىم مۇراسىم كۆينىكىنى يەنە توغرا تاللىدى، ئۇ قىسقا كۆينەك كىيىشتىن ۋاز كەچكەندىن بېرى نازاكىتى بارغانسېرى ئۇرغۇپ تېشىۋاتىدۇ. شۇ كۈنى ئۇ ئېگىز پاشنىلىق ئاياغقا كۆنەلمىگەنلىكتىنمۇ، دەلدەڭشىپ مېڭىپ، تۇرغاندىمۇ مەزمۇت تۇرالماي قالدى. نېمىشقىكىن، ئۇ يېقىندىن بېرى تياتىر ئىشلىمەي يوقاپلا كەتكەنىدى، يېقىندا ئۇ رول ئالغان «تار كوچىدىكى كىشىلەر» (小巷人家) ناملىق تياتىر قويۇلدى، ئۇنىڭ يېڭى تياتىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

27 ياشلىق ۋاڭ يۈۋېن (王玉雯 ) دوستى جاڭ شىن (张新) بىلەن بىرلىكتە سەھنىگە چىقتى، ئۇلار خۇددى دېيىشىۋالغاندەكلا قارا رەڭلىك مۇراسىم كىيىمى كىيىۋالغانىدى.

44 ياشلىق سوڭ جيا (宋佳) بۇ قېتىم دائىم بوغۇۋالىدىغان چېچىنى قويۇپ بېرىپ، يېڭىچە چاچ پاسونى بىلەن سەھنىگە چىقتى.

48 ياشلىق ليۇ مىنتاۋ (刘敏涛) قىزىل رەڭلىك تەنناز نۇسخىدىكى كۆينەك كىيىپ، رەڭگارەڭ گۈل كۆتۈرىۋېلىپ، خۇددى قولىدىكى گۈلدەك ئېچىلىپ كەتتى. ئۇنىڭ قولىدىكى رەڭگارەڭ گۈللەر قىزىل گىلەمنىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

56 ياشلىق ۋاڭ جىنسوڭ (王劲松) بىلەن 60 ياشلىق گاۋ شۇگۇاڭ (高曙光) بىللە سەھنىگە چىقتى، ئۇلاردەك كونا ئارتىسلارنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن بۇ قېتىمقى قىزىل گىلەمنىڭ دەرىجىسى بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەندەك بولدى.

يەنە باشقا چولپانلارنىڭ يىغىلىشتىكى سۈرەتلىرىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنايلى

كىنولار

تەۋسىيەلىك رومانلار

مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章