تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ترامپ سايلامدا غەلىبە قىلدى، ئامېرىكا دوللىرى، ئامېرىكا پاي چېكى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى، بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى داۋاملىق ئۆرلىدى، ئەمما ئالتۇن باھاسى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىدى. 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئالتۇن ھەر ئۇنسىيەسى 2650 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەنلەپ، 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم چۈشۈپ، بۇ يىلقى شىددەتلىك ئۆرلەش بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولدى. ئالتۇننىڭ يۈزلىنىشى ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى سەۋىيەسى، ياۋروپا-ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيەسى ۋە خەۋپتىن ساقلىنىش ئامىلى قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدىگەن، ترامپ تەشەببۇس قىلغان باجنى كېمەيتىش، تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇشتىن ئىبارەت سىياسەت ئالتۇن بازىرىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشىگە تېخىمۇ كۆپ ئېنىقسىزلىق قوشتى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئاخىرلاشتى، بېيجىڭ ۋاقتى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى، ترامپ ئوڭۇشلۇق ھالدا بىر قەدەر چوڭ ئۈستۈنلۈك بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ سايلامنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
ترامپنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشى بازارنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىدى، ئامېرىكا پاي چېكى كۆرسەتكۈچى قەرەللىك مال باھاسى زور دەرىجىدە ئۆستى، ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى ئۆرلىدى، لېكىن ئالتۇن باھاسى تېز تۆۋەنلىدى. 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، لوندون ئالتۇن باھاسى كۈنلۈك بازار مەزگىلىدە ھەر ئۈنسىيەسى 2650 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەنلەپ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 2643.32 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشتى، بۇ 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن باھا. بازارغا قارايدىغان بولساق، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئالتۇننىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلىدى. 2-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، COMEX ئالتۇن قەرەللىك مېلىنىڭ باھاسى ئۆسۈپ، 3-ئايدا كۆپ قېتىم تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىپ، ھەر ئۇنسىيەسى 2100 ئامېرىكا دوللىرىدىن 2200 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى. 4-ئاينىڭ باشلىرىغىچە، COMEX ئالتۇنىنىڭ باھاسى ھەر ئۈنسىيە 2300 ئامېرىكا دوللىرى چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، 4-ئاينىڭ 12-كۈنى داۋاملىق تارىخىي يېڭى يۇقىرى نۇقتا يارىتىپ، 2400 ئامېرىكا دوللىرى چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى.
ئالتۇن باھاسى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا كەينىگە چېكىنىپ، بىر مەھەل 2300 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلدىن چۈشۈپ كەتتى، ئەمما 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ھەر ئۇنسىيەسى 2439.02 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقىپ، يەنە بىر قېتىم تارىخىي يېڭى يۇقىرى نۇقتا ياراتتى. 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، نەق ئالتۇن بازىرى 2790 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھەر ئۈنسىيەسى 2789.95 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقتى.
گەرچە ئالتۇن ئۆتكەن بىر مەزگىلدە كۈچلۈك ئېشىش ۋەزىيىتىنى نامايان قىلىپ، كۆپ قېتىم تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى ئورنىنى يېڭىلىغان بولسىمۇ، ئەمما سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ترامپ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، مەبلەغ سالغۇچىلار دىققىتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ يوشۇرۇن قىممىتىگە يۆتكەلدى، ئالتۇننىڭ خەتەردىن ساقلىنىش مۈلكى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەلپ قىلىش كۈچى ۋاقتىنچە ئاجىزلىدى.
ئالتۇنلا ئەمەس، نېفىتمۇ تۆۋەنلىدى، 11-ئاينىڭ 7-كۈنى، نيۇيورك خام نېفىتىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 71.469 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، كۈندىلىك چۈشۈش نىسبىتى %0.3 بولدى؛ برېنت خام نېفىتىنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 74.855 دوللار بولۇپ، كۈندىلىك چۈشۈش نىسبىتى %0.09 بولدى.
ترامپ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، خام نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى بازارنىڭ كەلگۈسى بازار باھاسىغا بولغان مۆلچەرىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. ترامپ ئامېرىكىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، ئەمما خام نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى باشقا ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن، مەسىلەن دۇنيا ئامبار زاپىسى بېسىمى، جۇغراپىيىلىك خەتەر قاتارلىقلار.
ترامپ سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، خام نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى بازارنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. ئوتتۇرا مەزگىلدىن قارىغاندا، خام نېفىت ئېھتىياجى بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە، بولۇپمۇ جۇغراپىيەلىك جىددىيلىك كۈچىيىۋاتقان ئەھۋالدا، دۇنيا تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېنىقسىزلىقى ئېشىپ، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ياسىمىچىلىق كەسىپلىرىدە تەمىنلەش قىيىنچىلىقى بار، بۇ ساھەلەردىكى ئېھتىياجنىڭ ئاجىزلىشىشى خام نېفىت ئېھتىياجىغا ۋاسىتىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش بەلگىلىمىسى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش مۇساپىسىنىڭ تېزلىشىشىمۇ خام نېفىتقا تايىنىشنى تەدرىجىي ئاجىزلىتىشى مۇمكىن.
كۆپ خىل ئامىل ئالتۇن باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىنى قالايمىقانلاشتۇرماقتا،
ئالتۇننىڭ باھا بېكىتىش لوگىكىسى ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى سەۋىيەسى، ياۋروپا-ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيەسى ۋە خەۋپتىن ساقلىنىش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا بولىدۇ، ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئالتۇن يەنە قانداق بازار ئەھۋالىغا دۇچ كېلىدۇ؟
تاموژنا بېجىغا قارىتا، ترامپنىڭ پوزىتسىيەسىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ھازىر بار بولغان باج كېمەيتىش تەدبىرلىرىنى ئۇزارتىش ھەمدە كارخانا تاپاۋەت بېجىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش، ئامېرىكىدا ئىشلەپچىقىرىلغان شىركەتلەرنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى نىسبىتىنى %15كە تۆۋەنلىتىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ترامپ تىلغا ئالغان بىر قاتار سىياسەتلەر بازارغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ، مەسىلەن، يېڭى تاموژنا بېجى بەلگىلىمىسى پۇل پاخاللىقىنىڭ تېز ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ . لېكىن، بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ئالتۇن بازىرىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئىككى تەرەپلىمىلىك: بىر تەرەپتىن، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلىشى ئادەتتە ئالتۇننىڭ پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش ۋاسىتىسى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەگەر پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۆرلىشى ئامېرىكا زاپاس پۇل فۇندى كومىتېتىنىڭ پۇل بەلگىلىمىسىنى تەڭشىشىگە تۈرتكە بولسا، مەسىلەن، ئۆسۈم قوشۇشنى تېزلىتىش ياكى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى توختىتىش قاتارلىقلار، ئالتۇننى ساقلاش تەننەرخىنى ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن.
ئالتۇن بازىرىنىڭ كەلگۈسى يۈزلىنىشىغا كەلسەك بۇ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان كۈچلەرنىڭ قانداق تەڭپۇڭلىشىشىغا باغلىق. ئىقتىسادشۇناسلار مۇنداق دېدى: ترامپنىڭ سايلىنىشى بازارنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا ئالتۇن ئەنئەنىۋى خەۋپتىن ساقلىنىش مۈلكىنىڭ رولى زورىيىپ، تېخىمۇ كۆپ خەۋپتىن ساقلىنىش خېرىدارلىرىنى جەلپ قىلىپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئەگەر ترامپ ئوتتۇرىغا قويغان باجنى كېمەيتىش ۋە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىقتىسادنى قوزغىتىش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلسا ھەمدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىنسا، ئامېرىكا دوللىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئەكسىچە ئالتۇن باھاسىنى تىزگىنلىشى مۇمكىن.
ترامپ سايلانغاندىن كېيىن، خەلقئارا ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋالغۇشى ترامپنىڭ كونكرېت بەلگىلىمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.
تارىختا، ئالتۇن باھاسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ 10 يىللىق قەرەلدىكى زايوم پايدا نىسبىتى ئوتتۇرىسىدا ئادەتتە مەنپىي باغلىنىش بولىدۇ، يەنى ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى ئۆرلىگەندە، ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلىشى مۇمكىن، لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ باغلىنىش ئاجىزلاپ كېتىۋاتىدۇ. 3-ئايدىن بۇيان، ئالتۇن باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ 10 يىللىق قەرەلدىكى زايومىنىڭ پايدا نىسبىتىمۇ ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆرلەش ھالىتىدە تۇردى، مەركىزىي بانكىنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىشىنى يادرولۇق ئۆزگەرگۈچى مىقدار قىلغان ئالتۇن باھاسىنى بېكىتىش يېڭى مىخانىزىمى پەيدىن-پەي شەكىللەندى.
بىراق، ترامپنىڭ بەلگىلىمىسىنى ئىجرا قىلىش ئۈنۈمى ۋە بازارنىڭ ئىنكاسىدا يەنىلا ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئويلاشقاندا، ئالتۇننىڭ ئەنئەنىۋى بىخەتەر مۈلۈك بولۇش رولى پۈتۈنلەي يوقالمايدۇ.
ترامپنىڭ باجنى كېمەيتىش ۋە مالىيەنى قوزغىتىش بەلگىلىمىسى ئامېرىكىغا قايتا پۇل پاخاللىقى خەۋپىنى ئېلىپ كېلىشى، بازارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مۆلچەرىنى بېسىشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چوڭ سايلام كۈنى ئالتۇن باھاسى چۈشۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا زايومىنىڭ 10 يىللىق نامدىكى ئۆسۈم نىسبىتى ۋە ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %4.4 ۋە %2تىن يۇقىرى بولغان. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئەگەر 2021-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان يامان سۈپەتلىك پۇل پاخاللىقى قايتا كۆرۈلمىسە، ئامېرىكا پۇل پاخاللىقىنىڭ قايتا ئۆرلىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ يادرولۇق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىلى بولماسلىقى مۇمكىن.
مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالتۇن يەنىلا خەۋپ-خەتەردىن ساقلىنىش ۋە ئېنىقسىزلىقتىن ساقلىنىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى قاراڭغۇ بولغاچقا، خەتەردىن ساقلىنىش ئېھتىياجى ئالتۇن باھاسىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە تىرەك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئوتتۇرا مەزگىلدىن قارىغاندا، بازارنىڭ داۋالغۇشى ۋە ئالتۇن باھاسىنىڭ تەڭشىلىش خەتىرى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، بولۇپمۇ ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ياكى ئامېرىكا زاپاس پۇل فۇندى كومىتېتى بەلگىلىمىسىنى تەڭشىگەندە تېخىمۇ شۇنداق. مەبلەغ سالغۇچىلارغا جانلىق ئالتۇن ئورنى تەقسىماتىنى ساقلاشنى تەۋسىيە قىلىنىدۇ، ئۇلار ETF قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆپ خىل مەبلەغ سېلىشنى ئويلاشسا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالتۇن قەرەللىك مال بازىرىنىڭ تەۋرىنىشىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.
نۆۋەتتىكى خەلقئارا ئىقتىسادىي ئارقا كۆرۈنۈشنى كۆزدە تۇتۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئېھتىياتچان، ئۈمىدۋار مەبلەغ سېلىش تاكتىكىسىنى ساقلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. گەرچە ترامپنىڭ سايلىنىشى بەزى ئېنىقسىزلىق ۋە خەۋپ-خەتەرلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن بولسىمۇ، لېكىن بۇمۇ بەزى پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، مەبلەغ سالغۇچىلار بازارنىڭ تەۋرىنىشى بىر قەدەر چوڭ بولغان ئەھۋالدا، مۇتەئەسسىپ مەبلەغ سېلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىشنى ئويلاشسا بولىدۇ، مەسىلەن، ئالتۇن ETFنى تاللاپ سېتىۋېلىش ياكى ئەمەلىي ئالتۇن سېتىۋېلىپ ئەمەلىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىش. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەرنىڭ پۇل ۋە مۈلۈك ئىپادىسىگە دىققەت قىلىپ، بىر قىسىم يوشۇرۇن مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىنى ئىزدەش كېرەك.
يەنە بىر خەۋەر:
11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئالتۇن، كۈمۈش باھاسى
نۇر تورى تەرجىمىسى
ھەر گىرام سېرىق ئالتۇن: 614.61 يۈەن
بۈگۈن سائەت نۆلدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ئالتۇن باھاسىنىڭ ئەمەلىي ئۆزگىرىش ئەھۋالى
ھەر گىرام ئاق ئالتۇن: 228.18 يۈەن
بۈگۈن سائەت نۆلدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ئاق ئالتۇن باھاسىنىڭ ئەمەلىي ئۆزگىرىش ئەھۋالى
ھەر گىرام كۈمۈش: 7.287 يۈەن
بۈگۈن سائەت نۆلدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان كۈمۈش باھاسىنىڭ ئەمەلىي ئۆزگىرىش ئەھۋالى
ئىزاھات:
1. ئالتۇن، كۈمۈش، ئاق ئالتۇنلارنىڭ باھاسى شۇ خىل مېتالىنىڭ خەلقئارا بازاردىكى باھاسىنى كۆرسىتىدۇ، بانكىلاردا سېتىلىۋاتقان ئەمەلىي ئالتۇننىڭ باھاسى ئادەتتە ساقلاش، توشۇش ھەقلىرى قوشۇلغاندىن كېيىنكى باھاسى بولۇپ، بۇ خەلقئارا ئالتۇن باھاسىدىن 10 يۈەندىن 15 يۈەنگىچە قىممەت بولىدۇ.
2. خەلقئارا بازاردا ئالتۇن باھاسى ھەر ئۇنسىيە / ئامېرىكا دوللىرى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، بىر ئۇنسىيە 31.1 گىرامغا تەڭ.
3. پىلاتىنا، يەنە بىر ئاتىلىشى ئاق ئالتۇن، ئادەتتە ئېغىز تىلىمىزدا ئاق ئالتۇن دەپ ئاتالغاچقا، چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن ئاق ئالتۇن دەپ ئېلىندى.