شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالىدى، «ئارمىيەنىڭ جابدۇق كاپالىتى نىزامى» ئېلان قىلىندى، 2024 - يىلى 12 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
«نىزام»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، شى جىنپىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيە فاڭجېنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ بۇرچ - ۋەزىپىسىنى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىش كۆزلىنىپ، دىققەت ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشكە، جەڭ قىلىشقا ئومۇميۈزلۈك مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، جابدۇق كاپالىتى خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتى چوڭقۇر ئىگىلىنىپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى جابدۇق كاپالىتى خىزمىتىنىڭ ئاساسىي تەلىپى ۋە تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئارمىيەنىڭ جابدۇق كاپالىتى خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئاساسى.
«نىزام» جەمئىي سەككىز باب، 92 ماددا بولۇپ، ھەربىي كومىتېت ئومۇمىي جەھەتتىن باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇش، ئۇرۇش رايونلىرى ئۇرۇش قىلىشقا مەسئۇل بولۇش، ئارمىيە تۈرلىرى ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل بولۇش ئومۇمىي پىرىنسىپى بويىچە، يېڭى تۈزۈلمە، يېڭى ئىشتات شارائىتىدىكى ئارمىيەنىڭ جابدۇق كاپالىتى خىزمىتى مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك جابدۇق كاپالىتى تارماقلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جابدۇق كاپالىتىنىڭ «تەمىنلەش، باشقۇرۇش، رېمونت قىلىش» مېخانىزمى تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، جابدۇق كاپالىتى خىزمىتىنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، ئارمىيەنىڭ جابدۇق كاپالىتى خىزمىتىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔