mydrivers تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
تەتقىقات ئورگىنى Counterpoint Research ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 3-پەسىلدە دۇنيادىكى ئەڭ بازارلىق يانفونلار ئىچىدە، ئالما بىلەن سامسۇڭ يەنىلا مونوپوللۇق ئورۇندا تۇرغان.
تىزىملىكتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئالما، سامسۇڭ بۇ تىزىملىكتە توققۇز ئورۇننى ئىگىلىگەن، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن يانفونلار ئىچىدە پەقەت شياۋمىلا بۇ تىزىملىككە كىرگەن.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، ئالدىنقى ئۈچ ئورۇننى iPhone 15 يۈرۈشلۈكى ئىگىلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا iPhone 14مۇ بۇنىڭ ئىچىدە، بولۇپمۇ Pro يۈرۈشلۈكىنىڭ سېتىلىش مىقدارى iPhone تىپلىرى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى تۇنجى قېتىم %50تىن ئاشقان!
سامسۇڭ Galaxy A يۈرۈشلۈكىگە تايىنىپ ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە تۆت ئورۇننى ئىگىلىدى، Galaxy S24 يانفونى بولسا ئەڭ ئاخىرقى ئورۇنغا تىزىلدى.
شياۋمىنىڭ Redmi 13C 4G يانفونىنىڭ باھاسى خەلققە يېقىن، شۇنداقلا يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلاردىكى ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، ئۇدا ئىككى پەسىل ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ كەلدى.
ئەلۋەتتە، ھازىرقى ئاندىرويىد يانفون زاۋۇتلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يانفوننىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى جەھەتتە ئالما بىلەن بولغان پەرقى بارغانسېرى چوڭايدى، بولۇپمۇ ھازىر iPhone Pro يۈرۈشلۈكىنىڭ سېتىلىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا.