بوي ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قىلمىغىنى قالمىدى

文摘   2024-11-11 19:26   新疆  

سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ

ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭ
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
يېقىندا، كورېيەلىك 37 ياشلىق بىر ئەر «گىئالۇرونىك كىسلاتا» (玻尿酸)نى ئوكۇل قىلىپ سېلىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بويىنى ئۆستۈرگەن. بۇ ئەر ئوتتۇرا ياشقا كەلگەندە، ئۆزىنىڭ 162.5 سانتىمېتىرلىق بوي ئېگىزلىكىدىن رازى بولمىغاچقا، ئالايىتەن دوختۇر تېپىپ، قارشى تەرەپتىن ئاغرىقسىز، مەڭگۈلۈك بوي ئېگىزلىتىدىغان شەكىل تۈزەش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن دوختۇر ئۇنىڭغا «ئوكۇل سېلىپ ئېگىزلىتىش»نى، يەنى گىئالۇرونىك كىسلاتانى ئۆكچىنىڭ ياغ سېلىنچىسىغا ئوكۇل قىلىپ سېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، 10 مىللىلىتىر گىئالۇرونىك كىسلاتانى چوڭقۇر قاتلامدىكى ياغ توقۇلمىلىرىغا يەتكۈزۈپ، ئەرنىڭ بويىنى دەرھال 1.2 سانتىمېتىر ئۆستۈرگەن. كېيىنكى بىر يىلدا، بۇ ئەرنىڭ بوي ئېگىزلىكى يەنىلا 1.7 سانتىمېتىر ئاشقان.
(ئوكۇل سېلىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن)
گەرچە 162 سانتىمېتىردىن 164 سانتىمېتىرغىچە بولغان ئېگىزلىك كۆرۈنەرلىك بىلىنمىسىمۇ، لېكىن بۇ كىچىككىنە ئېگىزلىتىش ئۈنۈمى ئۈچۈن، يەنىلا ئۆكچىگە جاپا سالىدىغان گەپ.
كورېيەلىكلەر بوي ئېگىزلىكىگە بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى ئۆتكەن بىر ئەسىردە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرئەتتە ئاشقان،
مەلۇم ئورۇننىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، 1914-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە كورېيە ئاياللىرىنىڭ بوي ئېگىزلىكى 20.2 سانتىمېتىر ئاشقان، ئەرلەرنىڭ بويى 15.2 سانتىمېتىر ئاشقان، ئەمما بۇ مەزگىلدە يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكىمۇ 7.62 سانتىمېتىر ئاشقان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە كورېيە جەمئىيىتىدە بوي ئېگىزلىكىگە بولغان بىر تەرەپلىمە قاراش ئاشكارا ئېتىراپ قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا، كورېيەدىكى بىر پىروگراممىنىڭ بىر ئايال مېھمىنى ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا بوي ئېگىزلىكى 180 سانتىمېتىردىن تۆۋەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسىنى «مەغلۇبىيەتچى» دەپ ئاتىغان، بۇ نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان، 200دىن ئارتۇق ئادەم ئاخبارات كېسىم كومىتېتى ئارقىلىق بۇ تاراتقۇنى ئەرز قىلىپ، 4 مىليارد ۋون تۆلەم تەلەپ قىلغان.
بۇ كورېيەلىكلەرنىڭ بويغا قانچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيدۇ.
يەنە بىر ئەلرايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 9 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغان 500 نەپەر زىيارەت قىلىنغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىچىدە، %50تىن ئارتۇق ئادەم بوي ئېگىزلىكىنى تۇرمۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسمى، دەپ قارايدىكەن. سەۋەبىگە كەلسەك، بوي ئېگىزلىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىدىغان، جەمئىيەت قوبۇل قىلىدىغان، يات جىنسلار بىلەن ئۇچرىشىدىغان، رازى بولىدىغان ئىجتىمائىي ئالاقە تۇرمۇشىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئامىل ئىكەن.
ھەتتا سەنئەتچىلەرنىڭ بوي ئېگىزلىكىمۇ ئاستا-ئاستا كىشىلەرنىڭ بوي ئېگىزلىكىگە بولغان گۈزەللىك قارىشىغا ئەگىشىپ ئېشىپ، ئاياللارنىڭ 159.6 سانتىمېتىر، ئەرلەرنىڭ 172.5 سانتىمېتىرلىق ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن.
2022-يىلى مەيدانغا چىققان قىزلار گۇرۇپپىسى H1-KEYنىڭ ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكى 171 سانتىمېتىر كېلىدۇ.
بوي ئېگىزلىتىش ئۈچۈن، ئۇلار بوي ئېگىزلىتىش پېتىكى سېلىش، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يېيىش، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئىشلىتىشكىچە قولىدىن كېلىدىغانلا ئىش بولسا قىلىپ باقىدۇ.
بازار تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا كورېيەنىڭ ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن بازىرى تۆت يىل ئىچىدە بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشقان، بوي ئېگىزلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان يېمەكلىك تولۇقلاش دورىسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى شىددەت بىلەن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدە 10 ھەسسە ئۆرلىگەن.
بۇنىڭ ئىچىدە ئۆستۈرگۈچى ھورموننى ئوكۇل قىلىپ سېلىش ناھايىتى قارشى ئېلىنىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىدا ئادەتتە ھەر كۈنى بالىنىڭ پۇتى، بىلىكى ۋە قورسىقىغا ئوكۇل سېلىنىدۇ، ئوكۇل سېلىش ۋاقتى بەش يىلدىن ئالتە يىلغىچە بولۇپ، ھەر يىلى 10 مىليون ۋون ئەتراپىدا (تەخمىنەن 51 مىڭ 300 يۈەن ئەتراپىدا) خىراجەت كېتىدۇ، كۆپ قىسىم كىشىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئارقىلىق ئاتچوت قىلالمايدۇ، ئادەتتىكى ئائىلىلەرگە نىسبەتەن بۇ ئاز چىقىم ئەمەس.
يەنە ئاۋسترالىيەدىكى كورېيەلىك پۇشتىدىن بولغان ئائىلىلەر بۇ خىل ئۆستۈرگۈچى ھورموننى ئوكۇل قىلىپ سېلىش ئۈچۈن، ھەر يىلى ئىككى قېتىم كورېيەگە بارىدۇ، چۈنكى ئاۋسترالىيەدە ناھايىتى ئاز ساندىكى دوختۇرلا بوينىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن بالىلارغا ئۇزاق مۇددەت ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننى ئوكۇل سېلىشقا قوشۇلىدۇ.
نېمىلا دېگەن بىلەن، يۇقىرى مىقداردىكى دورا ئوكۇلى يۇقىرى قان بېسىم ۋە بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىق ھەر خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ خەتىرى ئىنتايىن يۇقىرى.
تاپاننى تولدۇرۇش ئۇسۇلى نەچچە يىل ئىلگىرى ياۋروپا، ئامېرىكا ھۆسن تۈزەش تور چولپانلىرى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغاندا، كورىيەلىكلەر ئىشلىتىشكە باشلىغان.
2021-يىلى ئەنگلىيەدىكى «شەكىل تۈزەش تەلۋىسى» ساللى بىر پىروگراممىدا چولپان تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى دوكتور پائۇل ناسىف ۋە تېررى دۇبروۋ دوختۇرغا تاپىنىغا سۈنئىي تەنچە كۆچۈرۈش ئويىنى ئىپادىلىگەن، بۇنى ئاڭلىغانلار ھەيران قالغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ پەقەت مۇشۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق نەچچە سانتىمېتىر ئۆسمەكچى بولغان، لېكىن بارلىق دوختۇرلار قەتئىي رەت قىلغان.
ئەينى چاغدا كالىفورنىيە ئىشتاتى بېۋېرلى تاغلىق رايونىدىكى شەكىل تۈزەش تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «پۇت يۈرەككە ئەڭ يىراق جاي، شۇڭا ساقىيىش ئەڭ قىيىن. تاپاندىكى سىلىتسىيلىق يېلىم كۆچۈرۈلمىسىنىڭ يېرىلىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى، چۈنكى ئۇ پۈتۈن بەدەننىڭ ئېغىرلىقىغا بەرداشلىق بېرىدۇ.»
ياپونىيە، كورېيە ئېتىراپ قىلغان كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى پۇت كېسەللىكلىرى دوختۇرى ۋېنجاي سۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھازىر كورېيەدىكى بەزى دوختۇرلارنىڭ پۇتقا سۈنئىي تەنچە كۆچۈرۈشنىڭ ھۆسن تۈزەشكە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن، لېكىن بۇنداق قىلىش ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىكەن.
ئەسلىدە بۇ خىل سىلىتسىيلىق يېلىمغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئوكۇل سۇيۇقلۇقى ياغقا تەقلىد قىلىش رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، ئوكۇل سالغاندىن كېيىن پۇتنى ياغ سېلىنچىسى بىلەن تەمىنلەپ، ياغ سېلىنچىسى يىگىلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تاپان ئاغرىقىنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدىكەن. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ھۆسن تۈزەشكە ئىشلەتكەن، مەسىلەن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بوي ئېگىزلىكىنى ئاشۇرۇش، بۇ خىل ئۇسۇل مۇۋاپىق ئەمەس ئىكەن.
ئەگەر بوي ئېگىزلەتمەكچى بولسا، ئۇ يەنىلا سۆڭەكنى ئۇزارتىش ئوپېراتسىيەسىنى تەۋسىيە قىلغان، چۈنكى بۇ كۆپ قىسىم تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى ئېتىراپ قىلغان ھەقىقىي ئۈنۈملۈك بوي ئېگىزلىتىش ئۇسۇلى.
ئەمما بۇ خىل ئوپېراتسىيەنىڭ باھاسى قىممەت، جەريانى ئازابلىق، خەتىرى يۇقىرى بولۇپ، پاقالچاق ياكى يوتىدا يېپىلىپ بولغان سۆڭەك ئۆسۈش سىزىقىنى قايتىدىن ئېچىپ، يەنە بەدەن سىرتىغا سوزۇش كېرەك. ھەر بىر ئادەمنىڭ توقۇلمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ھەر كۈنى 0.5 مىللىمېتىردىن 1 مىللىمېتىرغىچە سۈرئەت بىلەن پۇت-قولنى ئاستا-ئاستا ئۇزارتىدۇ، بۇ ئادەتتە «سۆڭەكنى سۇندۇرۇپ، بوينى ئۆستۈرۈش» دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ خىل بوي ئېگىزلىتىش ئوپېراتسىيەسىدىن كېيىن يەنە بىر قاتار كېسەللىك ئاسارىتى قالىدۇ، مېيىپ بولۇپ قېلىشى ئېھتىماللىقىمۇ بار، شۇڭا ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغانلار يەنىلا ئاز.
كورېيە ھۆسن تۈزەش چوڭ دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «باشقىچە يول تۇتۇش» ئارقىلىق بوي ئېگىزلىتىشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرىنى تېپىپ چىققان.
تاشقى قىياپىتىنى ياخشىلاش ئۈنۈمىگە يەتكەن ئوپېراتسىيە گەرچە مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئوپېراتسىيەنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، شۇڭا ساغلاملىقنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ يۇقارقىدەك ئۇسۇللارنى قوللىنىش تەلۋىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭ


كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340

Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章