10 - ئايدىكى تۇرپاندا كۈزنىڭ ھاۋاسى كىشىگە راھەت بېغىشلايتتى، 10 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلىپ، خۇنەن ئۆلكىلىك ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، تۇرپان شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا بولغان كۆيۈنۈشى ۋە غەمخورلۇقى تولۇق نامايان قىلىندى، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان سەمىمىي ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە مۇھىم تاپشۇرۇق مۇجەسسەملەندى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل تۇرپاننى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا بولغان ئىشەنچ ۋە ئىرادە تېخىمۇ چىڭىدى.
بىر تۈرلۈك ئۆزىنى بېغىشلاش يىللارنى تەسىرلەندۈردى؛ بىر تۈرلۈك ھېسسىيات ئوت يۇرتىنى ئىللىتتى. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ 10 - تۈركۈمدىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتى 2023 - يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭغا كەلگەندىن بۇيان، خىزمەت نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، سىجىل كۈچەپ، «مەركىزىي كومىتېتنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يەرلىكنىڭ ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، خۇنەننىڭ پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىش» خىزمەت تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، تۇرپان ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، «قىزىل ئانار» شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داڭلىق ماركىسىنى ئۈزلۈكسىز جۇلالاندۇردى. شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، «قىزىل ئانار» شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داڭلىق ماركىسىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تۇرپان شەھىرىدە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىدىن 190نى يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 752 مىليون يۈەننى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۈركۈملىگەن خۇنەن كارخانىلىرى ۋە ئەلا سۈپەتلىك تۈرلەرنىڭ تۇرپانغا ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولدى؛ شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىشكە سىجىل كۈچ چىقىرىپ، 3 - پەسىلنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى بويىچە ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 248 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، «قىزىل ئانار» مائارىپ، داۋالاش داڭلىق ماركىسىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى؛ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا «يېڭىچە» شەكىلدە قەلبلەرگە تېخىمۇ سىڭدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خۇنەن - تۇرپان ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىنى 16گە كۆپەيتتى، «قىزىل ئانار» خۇنەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق مەخسۇس فوندىنى تەسىس قىلىپ يولغا قويدى، 50 نەچچە تۈرلۈك ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 53 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى. ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، خۇنەن - تۇرپان ئىككى جايدىكى ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى 2700 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇشقا ئەۋەتتى، 150 نەچچە كىشىنى ئىش ئورنىدا ۋەزىپە بىلەن چېنىقتۇردى،
شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئارقىلىق تەربىيەلەنگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپرەككە يەتتى.
شياڭجياڭ دەرياسى ساھىلىدىن ئايدىڭكۆل بويىغىچە، ۋۇلىڭشەن تاغ تىزمىسىدىن يالقۇنتاغ ئېتىكىگىچە، خۇنەن بىلەن تۇرپاندىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئاتلىنىشى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدىغان بىر مەيدان دەۋر كۈچ ئۇلاش بولۇپ، خۇنەندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن تۈركۈم - تۈركۈم كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئوت يۇرتىغا ئاتلىنىپ، تەر ئاققۇزۇپ، خۇش پۇراق چاچتى. بۈگۈنكى كۈندە، «قىزىل ئانار» شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داڭلىق ماركىسى تۇرپان تۇپرىقىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىپ، خۇنەن - تۇرپان پۇقرالىرى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، گۈزەل «شىنجاڭ»دىن ئىبارەت نىشانغا قاراپ ئورتاق تىرىشماقتا. شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بىر تۈرلۈك داۋاملاشتۇرۇپ كۈرەش قىلىدىغان ئىش بولۇپ، خۇنەندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئەۋلادمۇئەۋلاد كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېسىل پەزىلەتكە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىپ، پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «قىزىل ئانار» شىنجاڭغا ياردەم بېرىش داڭلىق ماركىسىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ. بىز بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، دىققەتنى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ «1535» خىزمەت تەپەككۇرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، «خەلقنى مەركەز قىلىش» ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلاپ، كۆتۈرەڭگۈ ھالدا جان تىكىپ ئېلىشىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلمىي ئۇسۇلدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، شىنجاڭغا خەلق تۇرمۇشى جەھەتتە ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش داۋامىدا ساداقەتمەنلىك روھىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش داۋامىدا ئەمەلىي بولۇش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى نامايان قىلىپ، قاتتىق تەلەپ قويۇش داۋامىدا ياخشى ئوبراز تىكلەپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش ئارقىلىق «شىنجاڭغا نېمە ئۈچۈن كېلىش، شىنجاڭدا نېمە قىلىش، شىنجاڭدىن ئايرىلغاندا نېمە قالدۇرۇش» دېگەن مەسىلىگە ياخشى جاۋاب بېرەيلى.
تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى يەردە قويمايمىز. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتتە قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاۋات - باي، ئىناق - گۈزەل، بەختلىك زامانىۋىلاشقان تۇرپان قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔