ما شۆلياڭ ئىدىقۇت رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

文摘   2024-11-13 18:19   新疆  
ما شۆلياڭ ئىدىقۇت رايونىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك




تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز لى يەنچياڭ) 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى،شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شۆلياڭ ئىدىقۇت رايونىغا كېلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئىدىقۇت رايونى ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.
تۇرپان شەھەرلىك خېڭزې كۆمۈر خىمىيە چەكلىك شىركىتىدە، ما شۆلياڭ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت جەريانىدا ساقلانغان قىيىنچىلىقلىرى، يىرىك پىلان تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇھىت قوغداش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، كارخانا ئىستراتېگىيەلىك پىلاننى ياخشى تۈزۈپ، پائال بازار ئېچىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، زامانىۋى كۆمۈر خىمىيە سانائىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار مۇلازىمەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ماسلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېز كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ئىدىقۇت رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش مەركىزىدە، ما شۆلياڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىنى يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى لى يەنچياڭ فوتوسى

ئىدىقۇت رايونلۇق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا، ما شۆلياڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش تەرتىپى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى ھەم تەجرىبە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ يۈرۈشۈشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش - ئۆلچەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، شەھىرىمىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆتكىلىنى چىڭ ساقلاپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك شەھەر قۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك. خۇنەن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۈچلۈك تەكشۈرۈش - ئۆلچەش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، تەكشۈرۈش - ئۆلچەشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش - ئۆلچەشتە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ «يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى»گە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
ياركۆل تاش كېمىرلىرىنى قوغداش - پايدىلىنىش تۈرى ۋە تۇرپان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك ئەۋرىشكە ئامبىرى تۈرى نەق مەيدانىدا، ما شۆلياڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش - پايدىلىنىش خىزمىتىگە كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش ئالدىنقى شەرتىدە، كەسىپ تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تۈرلەشتۈرۈلگەن تىجارەت ئىدىيەسى ۋە زەنجىرسىمان تەپەككۇر ئارقىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىنى ئورگانىك بىرىكتۈرۈپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەمئىيەت ئۈنۈمى ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى ئەڭ زور چەكتە قويۇپ بېرىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تارماقلىرى ئۆگىنىش، تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى قاراشنى ھەقىقىي ئۆزگەرتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش - پايدىلىنىش خىزمىتىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ياركۆل تاش كېمىرلىرىنى قوغداش - پايدىلىنىش تۈرى نەق مەيدانىدا، ما شۆلياڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش - پايدىلىنىش تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىمەكتە. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى لى يەنچياڭ فوتوسى

سۆھبەت يىغىنىدا، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىدىقۇت رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شەن لىپىڭ ئىدىقۇت رايونىنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسىللىك ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى. ئىدىقۇت رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە تۇرپان ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىن باش تېمىسىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىكنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ما شۆلياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىدىقۇت رايونى ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تەرەققىياتنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ۋەزىپە - نىشاننى يەنىمۇ يۇقىرىراق بېكىتىش كېرەك، بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى چىقىش قىلىپ، ئەۋزەللىكنى زورايتىپ تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نۇقتىلىق خىزمەت - ۋەزىپىلەرنىڭ ئورۇندىلىش ئەھۋالىنى سىستېمىلىق رەتكە تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم - كوتسىز ياخشى تۇتۇپ، ھېساباتنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تۈر قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىش كېرەك، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار خىزمەت سۈپىتى، ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم كەسىپ تۈرلىرىدە كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. نۇقتىلىق ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، جاسارەت بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىشتەك غەيرەت - جاسارەت بىلەن تەرەققىيات مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، باغچە رايونىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتى قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل ئىزدىنىپ، كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ «تۇرپان تەجرىبىسى»نى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش كېرەك، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سالمىقىنى زورايتىپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش - يۆلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك.
چېن جاڭجيې، تاڭ خۇڭجيې، شۈ گودۇڭ، ۋاڭ چېڭ، ما جېڭبىن قاتارلىق شەھەر رەھبەرلىرى ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. 





تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章