سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
سابىق مودېل ۋە ئۇسسۇلچى جورجىنا (Georgina Rodríguez) ھازىرقى ھەمراھى كىرىستىيانو رونالدو بىلەن ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن، ناھايىتى ئاددىي بىر قىز ئىدى. ئۇ كىچىكىدىنلا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرگەن بولۇپ، تۇرمۇشىنى قامدايدىغان دائىملىق خىزمىتى بار ئىدى. كىرىستىيانو رونالدو بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، جورجىنا رودرىگۇز باتۇرلۇق بىلەن ئۆتمۈش بىلەن خوشلىشىپ، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن، ئۇ بىر مەھەل ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن WAGنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەنگەن.
كىشىنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرىدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تاشقى قىياپىتى ئۇنىڭ بۇ سۇپىدا نەچچە مىليون مەستانە توپلىشىغا تۈرتكە بولغان، ئۇ يەنە دائىم بالىلىرىنىڭ سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلەپ تۇرغان، ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا داڭلىق ماركىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئېلىپ كەلگەن. لېكىن، بۇ ئۇنىڭ ھەممىسىگە ئېنىقلىما بېرەلمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ يەنىلا بىر مەخپىي ئادەم، شەخسىي تۇرمۇشىنىڭ كۆپ قىسىم تەپسىلاتلىرىنى ئۇ ئىزچىل ناھايىتى مەخپىي تۇتۇپ كەلگەن.
جورجىنا بۇئېنۇس ئايرېستا تۇغۇلغان، دادىسى ئارگېنتىنالىق، ئانىسى ئىسپانىيەلىك. ئەمما ئۇلار ئارگېنتىنادا تۇرمىغان، ئۇزۇن يىل ياققا يۇرتلاردا چېپىپ يۈرگەندىن كېيىن، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئاخىرى خاكا دېگەن كىچىك بازاردا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. جورجىنا رودرىگۇزنىڭ ئائىلىسى ئانچە باياشات بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ تىنچ تۇرمۇشتىن ناھايىتى ھۇزۇرلانغان. خۇددى ئۇ «مەن جورجىنا» پىروگراممىسىدا ھەمبەھىرلىگەندەك، ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى گۈزەل ئەسلىمىلىرى ناھايىتى كۆپ. گەرچە ھازىر ئۇ ئېرىشمەكچى بولغان ھەممە نەرسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالمىغان.
خۇددى ئۇنىڭ ھەمراھى كىرىستىيانو رونالدوغا ئوخشاش، ئۇنىڭ ئائىلىگە بولغان مۇھەببىتى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. 2022-يىلى 1-ئايدا، ئۇ سۇپىدا بىر ئۇزۇن ماۋزۇ بىلەن ئاپىسى ۋە ئاچىسىغا ئېھتىرام بىلدۈرگەن ھەمدە مۇنداق دەپ يازغان: «ئانام ۋە ئاچام ئىۋانانىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇپ، كۆڭۈلدىكىدەك كىشىلىك ھايات يولىدا ماڭغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن، ماڭا توغرا قىممەت قارىشىنى سىڭدۈرگەنلىكىگە تېخىمۇ رەھمەت ئېيتىمەن.»
جورجىنا رودرىگۇز كىچىك ۋاقتىدىلا سەھنىگە چىقىشنى ئارزۇ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئانىسى ئۇنىڭغا بالېت ئۇسسۇلى ئويناشنى ئۆگىتىپ، ئۇنىڭ بۇ قىزغىنلىقنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلىدىغان كەسىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئەمما ئۇ ئون نەچچە ياشقا كىرگەندە، ئانىسى بۇ سەنئەتنىڭ يۇقىرى چىقىمىنى كۆتۈرەلمەي قالغان. شۇنداق قىلىپ، جورجىنانىڭ كەلگۈسىدە بالېت ئوقۇتقۇچىسى بولۇش ئارزۇسى يوققا چىققان.
گەرچە ئۇنىڭ بالېت ئۇسسۇلى سەپىرى قىسقارتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھازىر باشقا شەكىلدىكى ئۇسسۇللاردىن خۇشاللىق تاپقان. 2020-يىلى ئۇ ئىتالىيەدىكى سان رېمو مۇزىكا بايرىمىدا ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ كىيىپ تانگو ئۇسسۇلى ئويناپ سەھىنىدىن ئوت چىقىرىۋەتكەن، تۆۋەندە ئولتۇرغان كىرىستىيانو رونالدومۇ ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن.
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، جورجىنا رودرىگۇز يەنىلا سىرلىقلىق تۇيغۇسىنى ساقلاپ كەلگەن ئايال چولپان ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەمەلىيەتتە كىرىستىيانو رونالدو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ناھايىتى ئاز تىلغا ئېلىپ كەلگەن، شۇنداقلا زىيارەت جەريانىدا ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلغان دادىسى جورگې ئېدۋاردو رودرىگۇز گورخوننى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۇنىڭ دادىسى ئىلگىرى تۈرمىگە كىرگەن بولۇپ، ئىسپانىيەگە قايتىشىمۇ چەكلەنگەن، ئاخىرىدا 2019-يىلى سەكتە سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
بۈگۈنكى كۈندە، جورجىنا رودرىگۇز ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئىسىم بولۇپ قالغان. لېكىن 2010-يىلىدىن بۇرۇن، ئۇ يۇرتىدىن تەخمىنەن بىر سائەت يىراقلىقتىكى بىر ئاشخانىدا كۈتكۈچى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، ھەپتىلىك كىرىمى ئاران 100 يۈەندىن ئاشقان. ئۇ يەنە نۇرغۇن ۋاقىت چىقىرىپ ئىنگلىز تىلى دەرسىگە قاتناشقان، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن ئىزچىل ھەشەمەتلىك بۇيۇملار ساھەسىدە خىزمەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم، شۇڭا مەن چوقۇم ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشىم كېرەك.»
2016-يىلى جورجىنا رودرىگۇز بىر ھەشەمەتلىك بۇيۇملار دۇكىنىدا خىزمەتكە ئېرىشكەن، بۇ خىزمەت ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتكەن.
جورجىنا «مەن جورجىنا»دا ئەسلىگىنىدەك، دەل شۇ مەزگىلدە، ئۇ كىرىستىيانو رونالدوغا ياردەملىشىپ مال تاللايدىغان ئادەمدىن ئۇنىڭ قىز دوستىغا ئايلانغان، ئىككىيلەن دەسلەپتە ئۇچرىشىشنى باشلىغاندا، كىرىستىيانو رونالدو ھەمىشە ماشىنا ھەيدەپ ئۇنىڭ ئىشتىن چۈشۈشىنى ساقلاپ تۇرىدىغان بولغان، گەرچە ئۇلارنىڭ ھېسسىياتى ئىنتايىن سەمىمىي بولسىمۇ، لېكىن رېئال تۇرمۇشتا ئەڭ داڭلىق ئەر چولپان بىلەن ئۇچرىشىش ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس ھېسابلىنىدۇ.
تۇيۇقسىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقاچقا، جورجىنا ئەينى چاغدىكى خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن، ئۇ باشقا ھەشەمەتلىك بۇيۇملار پارچە سېتىش دۇكانلىرىدا خىزمەت قىلىشقا ئامالسىز قالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ زېھنىنى ھېسسىياتقا قارىتىپ، مودېللىق بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن.
ئىككەيلەن بىر نەچچە ئاي ئارىلاشقاندىن كېيىن، پۇتبول چولپىنى كىرىستىيانو رونالدو زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا جورجىنانىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەمنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان، بولۇپمۇ بىر مەزگىل زەربىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، كىرىستىيانو رونالدو ئۇنى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى دەپ قارىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ جورجىنانى ئاپىسى مارىيا دولورېس ئاۋېيروغا رەسمىي تونۇشتۇرغان. 2016-يىلى 11-ئايدا، كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئاپىسى ئۆزىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە دوستلىرى بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى سۇپىغا چىقارغان، مەستانىلەر ناھايىتى تېزلا جورجىنانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغان.
2018-يىلىلا، مارىيە دولورېس ئاۋېيرو ئوغلى ۋە بولغۇسى كېلىنىنىڭ كەلگۈسىدىن بېشارەت بەرگەن. ئۇ ژورنالنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئوغلىنىڭ ھەمراھىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھەمبەھىرلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇ مېنىڭ نەۋرەم، نەۋرەمنىڭ ئانىسى، شۇنداقلا مېنىڭ كەلگۈسىدىكى كېلىنىم.»
كىرىستىيانو رونالدومۇ ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئورتاقلاشقان، ئۇ جورجىنانىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆزىنىڭ ئايالى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلغان.
جورجىنا لاياقەتلىك ئانا بولۇپلا قالماي، يەنە ئوغۇل دوستىنىڭ بىرىنچى مەستانىسى. ئۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئوغۇل دوستىنىڭ ھەر خىل مۇسابىقىلىرىگە قاتنشقان ھەمدە ئوغۇل دوستىنى قوللاۋاتقان سۈرەتلىرىنى ھەمبەھىرلىگەن. 2017-يىلى، خانلىق مادرىدتا چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ مېدالىنى تاقاپ سۈرەتكە چۈشكەن.
ئوغۇل دوستى ئۆيدىكى بىردىنبىر چولپان ئەمەس، كىچىك كىرىستىيانو رونالدو دوس سانتوس ئاللىقاچان ئۆسمۈرلەر بىرلەشمىسىدە نۇرغۇن شان شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. 2021-يىلى ئۇ چوڭ ئوغلىنىڭ بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئوپچە سۈرىتىنى ھەمبەھىرلىگەن ھەمدە قوشۇمچە قىلىپ: «مېنى قوللايدىغان چوڭ بالا» دەپ يازغان.
2022-يىلى، بۇ جەمەتنىڭ چوڭ ئوغلى مانچېستېر بىرلەشمىسىگە رەسمىي قوشۇلغان، گەرچە دادا بولغان كىرىستىيانو رونالدو ئوغلىنىڭ ئىمزا قويۇش ۋاقتىغا قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن جورجىنا دەل ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ يېنىدا تۇرغان. چوڭ ئوغلى توختام ئىمزالىغاندىن كېيىن، جورجىنا يازما يوللاپ: «بالام، بىز بىرلىكتە ئارزۇيىمىزنى قوغلىشايلى، ئانىڭىز سىزنى ئەڭ سۆيىدۇ» دېگەن.