يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە - مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزى شەھىرىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاۋات ـ باي، ئىناق - گۈزەل، بەختلىك زامانىۋىلاشقان تۇرپان قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، داۋاملىق تۈردە «ئىسلاھات» روھى، «ئاتاكىغا ئۆتۈش» غەيرىتى، «ئەمەلىي بولۇش» ئىستىلى، «ئىشلەش» ھالىتى بىلەن ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىق توپلىنىشى، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نىشانىغا قاراپ پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەھىرىمىز خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ «1535» خىزمەت تەپەككۇرىنى چىڭ كۆزلەپ، «ئىسلاھات ئارقىلىق شەھەرنى جانلاندۇرۇش» ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىقتىساد، خەلق تۇرمۇشى، مەدەنىيەت - ساياھەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتقا سىجىل كۈچەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى.
شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى (ئىسلاھات ئىشخانىسى) نىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پېڭ شيەن مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمىزگە قويۇپ، ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يول خەرىتىسى، ۋاقىت جەدۋىلىنى ئىلمىي تۈزۈپ، مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولغان ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، پۈتۈن جەريانلىق ئىز قوغلاپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئىگىلەپ، بۇ يىل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى بېكىتكەن 160 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى سان - سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ھالدا تاماملاپ، 10 جەھەتتىكى ئىسلاھات تەتقىقات تېمىسىدا باسقۇچلۇق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىمىز.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئومۇمىي يىغىن «قارارى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەزى مۇھىم نەزەرىيەۋى قاراشلارنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىزاھلاشنى كۈچەيتىپ، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىغا يۈزلەنگەن تەشۋىقات، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا چۈشەنچە بېرىپ گۇماننى تۈگىتىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت ئىسلاھاتنى ئورتاق تۇتۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسى، ئاممىۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى نەزەرىيە تەشۋىقاتىنىڭ ئاساسىي بازىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزاھلاش ۋە چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشكە ھەقىقىي تۈرتكە بولدى.
شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى باشقۇرۇش ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئالىي لېكتورى گۈزەلنۇر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: «بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىش، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىش» ئاساسىدا، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى ئىچكى قىسىمدا مۇھاكىمە قىلىش، كوللېكتىپ دەرس تەييارلاش، مەكتەپ بويىچە سىناق تەرىقىسىدە لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق، دەرس تەسىس قىلىشنى تېز باشلاپ، 《《56+X+X》》 دەرس سىستېمىسىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىپ، «پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش» بويىچە ئوقۇتۇش بۆلىكىنى ئايرىم تەسىس قىلىپ، نەزەرىيە لېكسىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، لېكسىيە مەزمۇنىنىڭ «ئاممىغا يېقىن بولۇشى، خەلق رايىنى تۇتاشتۇرۇشى»غا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ (شۆيۈەن) مۇدىرى ۋاڭ لىلى مۇنداق دېدى: ھازىرغا قەدەر، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيەدىن 70 نەچچە مەيدان قېتىمنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن شەھەر بويىچە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى 3 - ئومۇمىي يىغىنى روھىنى ئاساس قىلىپ ئالتە قارار مەركەزلىك نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى، بۇ، 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئاممىنى قاپلاپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈلۈشى، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى تولۇق قوزغاش ئىسلاھاتنى ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئىسلاھات ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭرىتىش، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش كېرەك.
ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئىدىقۇت رايونى ئىدىقۇت يولى كوچا باشقارمىسى ئورتاق قۇرۇش يولى مەھەللىسى تەشۋىقات شەكلىدە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، «دائىرە + ياشانغان ئانىلار پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىل ئارقىلىق، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، كەڭ ئاممىنىڭ جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملىشىگە تۈرتكە بولدى. مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جوۋ چېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، مەھەللە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى تېخىمۇ قولاي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەھەللە كادىرلىرى، پىدائىيلارنى ئائىلىلەرگە كىرىپ لېكسىيە سۆزلەشكە تەشكىللەش بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، سىجىل تۈردە مەھەللىنىڭ ئىنچىكىلەشكەن مۇلازىمىتىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىمىز.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔