ئازابسىز ئۆلۈش راستلا ئازابسىزمۇ؟ «ئۆلۈم بۆلمىسى»دىن چاتاق چىقتى

文摘   2024-11-05 22:17   新疆  

سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ



ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

«ئازابسىز ئۆلۈم بۆلمىسى» ساركو (Sarco)نىڭ شىۋېيتسارىيەدە تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىشى بىلەن، تېخىمۇ كۆپ گۇمانلىق نۇقتىلار پەيدا بولغان. «30 سېكۇنتلۇق ئازابسىز ئۆلۈم ئاددىي ھەم قولايلىق» دەپ ئاتالغاچقا، ساركو دۇنياغا كەلگەندىن بۇيان، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئازابسىز ئۆلۈشنى خالايدىغان كىشىلەرنى جەلپ قىلغان.

ئالدىنقى ئايدا، ساركو رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. ئامېرىكىدىكى 64 ياشلىق ئايال A شىۋېيتسارىيەگە بېرىپ ساركونى ئىشلەتكەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قازا قىلغان (بۇ ھەققىدە ئىلگىرى نۇرداشلارغا ئايرىم تېما تەييارلىغانىدۇق، قىزىقىدىغانلار بۇ يەرنى چېكىپ كۆرسەڭلار بولىدۇ)، لېكىن ئۇ قازا قىلغاندىن كېيىن، نەق مەيداندىكى خىزمەتچىلەرنى شۇ جايدىكى ساقچىلار قولغا ئالغان.

كېيىن تاراتقۇلار ئاشكارىلىغان تەپسىلاتلار تېخىمۇ چوڭ زىلزىلە پەيدا قىلغان، چۈنكى Aنىڭ بوينىدا بوغۇلغان ئىز بايقالغان، «ئۇنى بەلكىم نەق مەيداندىكى خىزمەتچىلەر بوغۇپ ئۆلتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن».

ۋەقەنىڭ يۈزلىنىشى بارغانسېرى غەلىتىلىشىپ كەتكەن.

بىز Aنىڭ ئازابسىز ئۆلۈش جەريانىنى كۆرۈپ باقايلى.

A ئىزچىل ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان، قاتتىق قىينالغان، ھايات تۇرغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى دەپ ھېس قىلغان. ساركودىن ئىبارەت بۇ خىل مەھسۇلاتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، A ناھايىتى ھاياجانلىنىپ، شىۋېيتسارىيەگە بېرىپ ساركودىن پايدىلىنىپ ئازابسىز ئۆلۈشنى ئىلتىماس قىلغان.

ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئازابسىز ئۆلۈشنى ئىلتىماس قىلىشتا مۇرەككەپ رەسمىيەتلەر بولۇشى كېرەك، يەنە ئالاھىدە سالاھىيەتكە ئىگە خادىملار ئارىلىشىپ، دورىنى ئوكۇل قىلىپ سېلىشنى تاماملىشى كېرەك، بۇنىڭغا نەچچە ئون مىڭ يۈەن كېتىشى مۇمكىن.

ساركونىڭ دۇنياغا كېلىشى بۇ نۇقتىنى ئۆزگەرتكەن. گەرچە رەسمىيەتنى تەكشۈرۈش يەنىلا ناھايىتى قاتتىق بولسىمۇ، لېكىن ساركونى ئىشلەتكەندە پۈتكۈل جەرياننى ئۆزى تاماملايدۇ، باشقىلارنىڭ ئارىلىشىشى ھاجەتسىز.

ئىلتىماس قىلغۇچى پەقەت 150 يۈەن ئازوت گازىنىڭ باھاسىنى تۆلىسىلا، بۆلمىدە يېتىپ، كۇنۇپكىنى بېسىپ ئازوت گازىنى قويۇپ بېرىپ، تېخىمۇ «ئەركىن، قولايلىق» ھالدا ئۆلۈمگە قاراپ ئاتلىنىدۇ.

ئىلتىماس ماقۇللانغاندىن كېيىن، A ئۆزىنىڭ ئۆلگەن جايىنى شىۋېيتسارىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مېرىشاۋسېنغا جايلاشقان بىر كىچىك ئۆي ئەتراپىدىكى ئورمانلىققا تاللاپ، دەرەخ ۋە ئاسمانغا قاراپ كۇنۇپكىنى باسقان.

ئازوت گازى ناھايىتى تېزلا بۆلمىگە قاچىلانغان، A ئىككى مىنۇت ئىچىدە ھوشىنى يوقىتىپ، بەش مىنۇتتىن كېيىن قازا قىلغان.

ئارقىدىن مەلۇماتنى تاپشۇرۇپ ئالغان ساقچىلار ئورمانلىققا كېلىپ، نەق مەيداندىكى كىشىلەرنى قولغا ئالغان.

نەق مەيداندا قولغا ئېلىنغانلاردىن ساركو تەتقىقات شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى فىلورىيان ۋىللېت (Florian Willet) بار بولۇپ، ئۇ ئەينى چاغدا ئىزچىل ساركونىڭ كەشپىياتچىسى فىلىپ نىچىك (Philip Nitschke) بىلەن سىنلىق سۆزلىشىپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىپ تۇرغان.

(سولدا ۋىللېت، ئوڭدا فىلىپ)

دەسلەپتە، ۋىللېت ۋە باشقا بىر قانچە قاتناشقۇچى «ئۆلۈۋېلىشقا ياردەملىشىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.

لېكىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، تەكشۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ۋىللېت «قەستلەپ ئۆلتۈرۈش» گۇمانىنى ئۈستىگە ئېلىشقا باشلىغان.

سوتتا، تەپتىش ئەمەلدارى Aنىڭ بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان. ھۆججەتتە كۆرسىتىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 23-كۈنى A قازا قىلىپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىنكى تېلېفون خاتىرىسىگە ئاساسەن، تەپتىش تەرەپ قانۇن دوختۇرىدىن قازا قىلغان Aنىڭ بوينىنىڭ ئېغىر يارىلانغانلىقىنى بىلگەن.

روشەنكى، ساركونىڭ تەتقىقات شىركىتى بۇ خىل قاراشنى قوبۇل قىلمىغان.

ئۇلار «قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش» ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەر بەكلا بىمەنە، A ئۆزى خالاپ بۆلمىگە كىرىپ، كۇنۇپكىنى بېسىپ بۆلمىگە ئازوت گازى كىرگۈزۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆلگەن، دېگەن.

بوينىدىكى گۇمانىي «بوغقان ئىز»غا قارىتا، Aنى باش سۆڭەك يىلىك ياللۇغى بولۇشى مۇمكىن، دېگەن.

بۇ خىل كېسەللىك يىلىكنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بويۇندا بوغقانغا ئوخشاش ئىزلارنى پەيدا قىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، شىركەت تەرەپ يەنە ھالقىلىق دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇلار نەق مەيداندىكى بۆلمە ئىچى-سىرتىغا كامېرا ئورنىتىپ پۈتۈن مۇساپىنى خاتىرىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئازابسىز ئۆلۈش پۈتۈنلەي پىلان بويىچە ئىجرا قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇلار يەنە كامېرانى خاتىرىسىنى تەكشۈرسىلا، ئىشلەتكۈچىنىڭ بوشلۇققا ئازوت گازى توشقانلىقتىن تىنچ ھالەتتە ئۆلگەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ قەستەن بوغۇپ ئۆلتۈرۈلمىگەنلىكىنى بايقىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئەمما كۆپچىلىك تەكشۈرگەندىن كېيىن، كامىرا خاتىرىسىنىڭ ئۇلارنى ئاقلىيالمايدىغانلىقىنى بايقىغان. شىركەت تەرەپ ئېيتقاندەك، نەق مەيداندا ھەقىقەتەن ئىككى كامېرا بار بولۇپ، بىرى ساركونىڭ ئىچىگە ئورنىتىلىپ، ئازوت گازىنى كونترول قىلىش كۇنۇپكىسىغا توغرىلانغان، يەنە بىرى سىرتتىكى دەرەخكە ئورنىتىلىپ، ساركوغا توغرىلانغان.

ھەر ئىككى كامېرا ئاۋازنى خاتىرىلىيەلەيدىغان بولۇپ، ئەمما ئۇلار ئۇدا سىنغا ئالمىغان.

ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئەرمەك ھايۋانلار كامېراسىغا ئوخشاش، ئورمانلىقتىكى كامېرالار پەقەت كامېرانىڭ ئەتراپىدا روشەن ھەرىكەت بارلىقىنى سەزگەندە ئاندىن سىنغا ئېلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن تارتىلغان سىن ئۇدا سىنغا ئېلىنماستىن، بەلكى بىر بۆلەك بىر بۆلەكتىن ئېلىنغان.

فىلىمدە ۋىللېتنىڭ بۆلمىدە ياتقان Aنىڭ قانداق ئۆلۈۋالغانلىقى، بەدىنىنى قانداق ئارام ئالدۇرىدىغانلىقى، ئازوت گازى بۆلمىگە تولغاندا چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، دۇنيادىن تېزرەك ئايرىلىشنى خالاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولىدىغانلىنى ئېيتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.

پۈتۈن كۆرۈنۈشتىن قارىغاندا، ۋىللېت قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە قول تىقمىغان. بەزى خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، كۆرۈنۈشنى تەھلىل قىلىپ، ۋاقىت جەدۋىلىنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن سىن كۆرۈنۈشىنى ئۆزگەرتىۋېتىش ئالامەتلىرى بايقالمىغان.

ئەمما بەزى جايلاردا گۇمانلىق نۇقتىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، مەسىلەن، A كۇنۇپكىنى بېسىپ ئۆلگەندىن كېيىن، سىرتقى تەكشۈرۈش ئەسۋابى يەنىلا يۈرەك رىتىمىنى كۆرسەتكەن. ۋىللېت يەنە گۇمان بىلەن: «ئۇ تېخى ھاياتتەك قىلىدۇ» دېگەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە A ئازوت گازىنى سۈمۈرگەندىن كېيىن تېنىدە تارتىشىش ئالامەتلىرى پەيدا بولغان، دائىرە بەك چوڭ بولۇپ، ھەتتا كامېرانىڭ ئاپتوماتىك سىنغا ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇڭا ئۇنىڭ راستتىنلا «ئازابسىز ئۆلۈم» ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

سىن تولۇق بولمىغاچقا، كونكرېت ئۆلۈش ۋاقتى توغرىسىدا ئازراق گۇمان بار.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆلۈش سەۋەبىنى ئىسپاتلايدىغان رەسمىي جەسەت تەكشۈرۈش دوكلاتى تېخى چىقمىغان بولۇپ، ۋىللېتنىڭ ئادۋوكاتىمۇ تېخىمۇ تەپسىلىي دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرمىگەن.

تەكشۈرۈش يەنىلا داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا، تەپتىش ئەمەلدارى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئوخشاشلا ئۆزىنى قاچۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ دېلو ۋاقتىنچە سىر بولۇپ قالغان.

تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ گۇمانى ۋە شىركەت تەرەپنىڭ جاۋابىنىڭ ھەممىسى ئورۇنلۇق، كېيىنكى قەدەمدە قانداق تەكشۈرۈش، دېلونىڭ ئەڭ ئاخىرىدا «ئۆلۈۋېلىشقا ياردەملىشىش» ياكى «قەستلەپ ئۆلتۈرۈش» دەپ بېكىتىلىشىگە كەلسەك، تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

لېكىن، بۇ ۋەقە ئازابسىز ئۆلۈم تالاش-تارتىشىنى تېخىمۇ چوڭايتىۋەتكەن. يەرلىك تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئازابسىز ئۆلۈشنى بىر تەرەپ قىلىش بەك سەزگۈر بولغاچقا، ساركونىڭ ئارقىسىدىكى شىركەت بالدۇرلا ئاگاھلاندۇرۇپ، ساركونى يەرلىكتە ئىشلەتمەسلىكنى ئېيتقان. نەتىجىدە، ساركو ئىشلىتىلىپلا قالماي، يەنە شۇنچە چوڭ ئىش چىقارغان.

ساركودا ئۆلۈش ئۇسۇلى بەك ئاددىي بولغاچقا، كىشىلەر ئىزچىل ساركونى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئۆلۈۋېلىشنى ئەرزىمەس قىلىپ قويىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆلۈۋېلىش قىلمىشىنى گۈزەللەشتۈرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ كەلگەن.

«ئازابسىز ئۆلۈم بۆلمىسى»گە ئوخشاش بىر خىل ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش، بەلكىم كېسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئۈچۈن بىر خىل قۇتۇلۇش بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ساركونىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزى ئۆلۈۋېلىشنىڭ قىيىنلىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ، ئازابلانماي ئۆلۈۋالماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ مۇددىئاسىغا قانداق توغرا ھۆكۈم قىلىش، شەخسنىڭ ئۆلۈمگە بولغان تونۇشىنى قانداق تەتقىق قىلىش قاتارلىقلار ئالدىن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە.

ساركونىڭ ئازابسىز ئۆلۈش جەريانىنى ئاددىيلاشتۇرۇشى ئوخشاشلا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

نورمال ئازابلانماي ئۆلۈشكە سالاھىيىتى بار دوختۇرلار ئارىلىشىدۇ، ھاياتلىق ئالامەتلىرىگە ھۆكۈم قىلىشتىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ. ھازىر ساركو بارلىق جەريانلارنى «تېز بىر تەرەپ قىلىش»قا ئۆزگەرتىپ، جەرياننى خىرەلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئازابلانماي ئۆلۈش» بىلەن «ئۆلۈۋېلىشقا ياردەملىشىش» نىڭ چەك-چېگرىسىنى تېخىمۇ خىرەلەشتۈرگەن.

دېمىسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ساركونىڭ تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلىشى «قەستلەپ ئۆلتۈرۈش»نىڭ كۆلەڭگىسى بولۇپ قالغان. ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان بوران-چاپقۇننى بىر مەھەل بېسىقتۇرغىلى بولمايدۇ.

شىۋېيتسارىيەدەك بۇنداق ئازابلانماي ئۆلۈشكە يول قويۇلغان جەمئىيەتتە، ئازابلانماي ئۆلۈش جەريانىنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرىدىغان ماشىنا بارلىققا كەلدى. قارىماققا ھازىرقى كۆز قاراش ۋە قانۇن قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئازابسىز ئۆلۈش توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەرنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلىشقا، داۋاملىق يېڭىلاشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن.

كىنولار

تەۋسىيەلىك رومانلار

مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章