سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ
«ئالۋاستى قونچاق» ئۆيىنى ئىگىلىۋالدى، پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالدى
ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
نۇرغۇن كىشىلەر «ئالۋاستى قونچاق» يۈرۈشلۈك قورقۇنچلۇق فىلىملىرىنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن، بۇ فىلىمدە قارىماققا زىيانسىز بىر قونچاق قورقۇنچلۇق ۋەقەلىكنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالغان، ئۇ ھەتتا نۇرغۇن ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلغان. ئويلىمىغان يەردىن، كىنودىكى ۋەقەلىك ھازىر ئەنگلىيەدە رېئاللىققا ئايلانغان.
بۇ قېتىم باش پېرسوناژ «نورماند» ئىسىملىك قونچاق بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەنگلىيەدىكى «ئەڭ رەزىل» قونچاق ئىكەن.
بۇ ئىش 2022-يىلى 10-ئايدا باشلانغان. شېفىلدتىكى 47 ياشلىق دادىسى خوكسۋورس بەش ياشلىق قىزى ۋىئولېتنى ئېلىپ ئاسارە-ئەتىقە كۆرگەزمىسىگە بارغان. پۈتۈن مەيدان ئايلانغاندىن كېيىن دادىسىغا بەك ئالاھىدە ئالغۇدەك بىرەر نەرسە ياراپ كەتمىگەن، لېكىن كىچىك ۋىئولت بىر قاراپلا ئۈچ فوندسىتېرلىڭ (تەخمىنەن 28 يۈەن)لىق كونا ئويۇنچۇقنى ياقتۇرۇپ قالغان.
بۇ قونچاق ئىنتايىن ئوماق، قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنىدۇ.
باھاسى ئەرزان، بالىلار ياخشى كۆرىدۇ، شۇڭا خاۋكېسۋورس قىزىنىڭ بۇ ئويۇنچۇقنى سېتىۋېلىشىغا قوشۇلغان. بىراق، كىممۇ ئويلىغان دەيسىز، بۇ ئىش ئۇنىڭ «بەختسىزلىكى»نىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان.
قىزى بۇ يېڭى قونچاققا «نورماند» دەپ ئىسىم قويغان، ئەمما خاۋكېسۋورسنىڭ ئەسلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۆيگە قايتىش يولىدا ئۇ بۇ قونچاققا قاراپ ئىختىيارسىز سەسكىنىپ بىئارام بولۇپ كەتكەن. ئادەتتە شوخ، ئوچۇق-يورۇق ۋىئولت ئۆيگە بارغاندىن كېيىن قونچاقنى قۇچاقلاپ چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق ھالدا بۇرۇلۇپ دادىسىغا قاراپ سوغۇق تەلەپپۇزدا: «دادا، نورماند سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ» دېگەن.
خوكسۋورس قىزىنىڭ تۇيۇقسىز سوغۇق تەلەپپۇزىدىن چۆچۈپ كەتكەن، ئەمما ئۇ بالام چاقچاق قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئاخىرىدا كۆپ پەرۋا قىلىپ كەتمىگەن. لېكىن كېيىن يۈز بەرگەن ئىشلار ئۇنى تېخىمۇ گاڭگىرىتىپ قويغان، ئىككىنچى كۈنى، ئۇنىڭ سازاڭسىمان ئۆسۈكچىسى تۇيۇقسىز يېرىلىپ كېتىپ، ئەجەللىك يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە ئېلىپ كىرىلىپ جان تۇمشۇقىغا كېلىپ قېلىشنى قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، شۇنداقلا ئاخىرىدا ھايات قالغان.
خاۋكېسۋورس بۇ ئېغىر كېسەلدىن ئامان قالغاندىن كېيىن نەس باستى دەپ ئويلىغان. كىم بىلسۇن، ئۆيگە قايتىپ نەچچە كۈن بولمايلا ئۇ شىركەتنىڭ ئىش ھەققىنى ئۈچتىن بىر قىسىم قىسقارتىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋالغان. ئۇ گەرچە خۇراپىي بولمىسىمۇ ئەمما بۇ ئىشلارنىڭ ھېلىقى قونچاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىقىنى ئويلاشقا باشلىغان. ئۇ نورماندنى تاشلىۋەتمەكچى بولغان، لېكىن قىزى ئۇنى توسۇۋالغان. تالاش-تارتىش جەريانىدا، ئۇ ئاچچىقىدا قونچاقنى يەرگە تاشلىۋەتكەن. لېكىن، غەلىتە ئىش يەنە يۈز بەرگەن.جېدەلنىڭ ئىككىنچى كۈنى، ئۇ ماشىنىنى ھەيدەپ تاغقا چىققان، ماشىنىنىڭ سۈرئىتى تېزلەشمەي تۇرۇپلا، تورمۇز تۇيۇقسىز ئىشلىمەس بولۇپ قالغان. ئۇ ئاپتوموبىلنىڭ تېز سۈرئەتتە سىيرىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، جېنىنىڭ بارىچە ئاپتوموبىلنى بىر ياققا بۇراپ، قول تورمۇزى بىلەن ئاران تەسلىكتە توختىتىپ، تېخىمۇ چوڭ ئاپەت پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغان. جېنى ئامان قالغان بولسىمۇ، لېكىن ئاپتوموبىل پۈتۈنلەي كاردىن چىققان، موتوردىن كاشىلا چىقىپ، رېمونت قىلغىلى بولمىغان.ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن سائىتىگە 40 ئىنگلىز مىلى سۈرئەت بىلەن پەسكە چۈشۈشكە باشلىدىم، ئامال قىلىپ ماشىنىنى بۇراپ، قول تورمۇزنى تارتىپ، يول بويىغا ھەيدەپ، باشقا ماشىنا ۋە ئادەملەرگە سوقۇلۇشتىن ساقلاندىم.»شۇ چاغدا ئۇ ئۆلۈپ كەتكىلى تاس قالغان، يەنە بىر قېتىم ھاياتى قىل ئۈستىدە قالغان لېكىن بەختسىزلىك بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىغان. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ باغچىدا سەيلە قىلىۋاتقاندا ئويلىمىغان يەردىن سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان بىر ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ يەل تاپانچىسىنىڭ ئوقى ئۇنىڭ قورسىقىغا تەگكەن، گەرچە جاننى ئالمىسىمۇ ئەمما ئاغرىق مېڭىگە چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ساقچىلار ھازىرغىچە دېلونى پاش قىلالمىغان، ھۇجۇم قىلغۇچى خۇددى ئىستەك غايىپ بولغان.خوكسۋورس بۇ نەس باسقان ھەم قورقۇنچلۇق ئىشلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، قىزىغا بۇ «ئالۋاستى قونچاق»نى تاشلىۋېتىشنى قايتا-قايتا ئۆتۈنگەن، لېكىن ۋىئولېت نورماندقا «ياخشى مۇئامىلە قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن دادىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ بەختسىزلىكلەردىن قۇتۇلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، دادىسى مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇنىڭدىن بەك قورقتۇم، قىزىم خۇددى ئۇنىڭغا ئەسىر بولۇپ قالغاندەكلا بولۇپ قالدى.»ئۇ بۇ قونچاقنىڭ ئۇنى نەس باسقۇزغانلىقىنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىگە بارغانسېرى ئىشەنگەن.2022-يىلى روژدېستۋو بايرىمىدا ئۇنىڭ كۈندىن-كۈنگە بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، 88 ياشلىق ئانىسى ئاخىرى چىداپ تۇرالماي، ئۆز قولى بىلەن نورماندنى تاشلىۋېتىشنى قارار قىلىپ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئازادە قىلىپ، داۋاملىق ئوغلىنىڭ خۇشاللىقىنى تېپىپ كەلمەكچى بولغان.ئەمما نەۋرە قىزى ۋىئولت سوغۇق چىراي بىلەن ئەسكەرتىپ: «نورماند بۇنداق بولۇشىنى ياقتۇرمايدۇ» دېگەن. بىر نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئادەتتە سالامەتلىكى ياخشى بۇ موماينىڭ بۇرنى تۇيۇقسىز قاتتىق قاناپ، دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ، ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان. خوكېسۋورس ئائىلىسىدىكى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن نەس باسقان ۋەقەلەر ناھايىتى تېزلا ئەنگلىيىگە تارقالغان.41 ياشلىق «ئالۋاستى قونچاق» يىغىپ ساقلىغۇچى كەندىس كوللىنىس بۇ پىتنە-پاساتلارغا دىققەت قىلغان. كەندىس كىچىكىدىنلا سىرلىق ئىشلارغا ئامراق ئىدى، چۈنكى ئۇ كىچىك ۋاقتىدا بىر «ئالۋاستى قونچاقلار بىلەن تولغان» ئۆيدە تۇراتتى.ئۇ كېيىن تەبىئەتتىن ھالقىغان ھادىسىلەرنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، يەنە «شۇملۇق» دېيىلگەن نەچچە ئون قونچاقنى يىغىپ، «ئەرۋاھ قونچاقلار مۇزېيى» ئېچىشنى ئارزۇ قىلغان. ئۇنىڭ يىغىپ ساقلىغان بۇيۇملىرى ئىچىدە ھەر بىر پارچىسىغا ئۇنىڭ بۇرۇنقى خوجايىنىدا يۈز بەرگەن بەختسىزلىككە ئائىت بىر قاتار ئېچىنىشلىق ھېكايىلەر ھەمراھ بولغان، لېكىن كەندىس ئۆزىگە بۇ قونچاقلارنىڭ «زىيانكەشلىك» قىلىشىدىن قورقمىغان.2023-يىلى ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن خوكسۋورس بىلەن ئالاقىلىشىپ، نورماندنى ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ يىغىپ ساقلىغان بۇيۇملىرىغا قوشقان. ۋاھالەنكى ئۇنىڭدىن كىيىن نورماند ئۇنى «ئۈمىدسىزلەندۈرمىگەن»-ھالاكەتمۇ ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن.كەندىس بۇ قونچاقنى يېڭى ئالغان چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇ قاچىلانغان قۇتىنى ئېچىشىمغىلا ئۆي ئىچى سۆڭەكتىن ئۆتكۈدەك سوغۇق بولۇپ كەتتى، ھاۋانى بىر خىل ئېغىر بېسىم قاپلىدى، مەن شۇ چاغدىلا بۇ قونچاقنىڭ تېنىدە بىرەر نەرسە بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم.»ئۇ دەرھال ئەينەك قۇتا بىلەن نورماندنى «پېچەتلەپ» دەرھال «يامان روھلارنى قوغلاش»نى باشلىغان. بۇ قونچاق ھەقىقەتەن باشقا قونچاقلارغا ئوخشىمىغان، ھەرقانداق قورقۇنچلۇق نەرسىلەرنى كۆرۈپ مىت قىلىپ قويمىغان كەندىس بۇ قونچاقتىن ھەقىقەتەن قورققان.قاباھەتلىك چۈش ئۇنى چىرمىۋالغان، كەندىس ھەر كۈنى كەچتە قاباھەتلىك چۈشتىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتكەن، چۈشىدە ھەمىشە كۆرۈنمەس قارا كۆلەڭگىنىڭ ئۆزىنى بېسىپ تۇرغانلىقىنى ھېس قىلغان، ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىر رەزىل ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرغاندەك بولغان. ئەڭ قورقۇنچلۇق يېرى شۇكى، ئۇ ھەتتا ئۈچ ياشلىق ئوغلىنىڭ تۇيۇقسىز گەپ قىلىپ، يەنە تۇيۇقسىز سىرلىق كۈلۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان.كاندىسنىڭ ئېيتىشىچە بۇرۇنقى ئىگىسىگە ئوخشاش، نورماند ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭمۇ سالامەتلىكىمۇ ناچارلىشىپ كەتكەن. كەندىس بىلەن ھەمراھى نىكنىڭ سالامەتلىكى تېز ناچارلىشىشقا باشلىغان، تېرىسى كۆكىرىپ كەتكەن، دۈمبىسىدە چوڭقۇر تاتىلانغان ئىز پەيدا بولغان.نىكنىڭ يانپاش بوغۇمىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيەسىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولغان، ئۇ مۇنداق دېگەن:«بۇ خۇددى مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان بەختسىزلىكتەك بىلىنىدۇ. بۇنى بۇ ئالۋاستى قونچاق كەلتۈرۈپ چىقارغانمۇ-يوق بىلمەيمەن.»ۋەھالەنكى گەرچە نورماند دېگەن بۇ قونچاق كىشىنى قورقۇتقان، ھەتتا بىر قاتار بەختسىزلىكلەرگە دۇچار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كەندىس ئۇنى ۋاقتىنچە تاشلىۋېتىشنى ئويلىمىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن.كەندىسنىڭ بېكىنمىچىلىكى كىشىلەرگە ئاشۇ قورقۇنچلۇق كىنولاردىكى كىلاسسىك بۆلەكلەرنى ئەسلىتىدۇ: خەتەرنى بىلىپ تۇرۇپ قويۇپ بېرىشكە كۆزى قىيمايدۇ، خۇددى ئاپەت يېقىنلاشقانسېرى، ھەقىقىي ئەھۋالنى شۇنچە ئاشكارىلايدىغاندەك...«ئالۋاستى قونچاق» توغرىسىدىكى بۇ بايانلار زادى قانچىلىك راست، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى ئىنتايىن شەخسىي كەچۈرمىش. نەس باسقان دادىنىڭ قىزىغا قونچاق ئېلىپ بەرگەندىن كېيىنكى بىر قاتار كەچۈرمىشلىرىگە نەزەر سالساق، يەنىلا «نەس بېسىش» لوگىكىسىنى تاپالايمىز.ئۇنىڭ سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغى قوزغىلىشتىن بۇرۇن سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، كۆڭلى خاتىرجەم ئەمەس. ئوپېراتسىيە قىلىپ بولغاندىن كېيىن خىزمەت قىلىشى ياخشى بولمىسا ئىش ھەققى كېمەيتىلىدۇ. قوش زەربىدىن كېيىن يەنە قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى، كېيىن يەنە باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، 80 ياشلىق موماي بەك ئەنسىرەپ كەتكەچكە ئاغرىپ قالدى.ئادەم بىر مەزگىل ئىچىدە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زەربىگە ئۇچرىسا، ھەقىقەتەن «نەس باسىدۇ». يەنە بەزى كىشىلەرنى نەس باسقاندا، ئەيبلەيدىغان ئادەم تېپىشقا ئۇرىنىدۇ، چوقۇم بىر سەۋەب بولغاندىلا، ئاندىن ئۆزى ئۇچرىغان بارلىق ئىشلارنى «مۇۋاپىق» ئارتىپ قويىدىغان ئادەم تاپالايدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەممىنى بۇ قونچاققا دۆڭگەپ قويدى، بۇ ھەتتا قونچاقنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇمۇ ھەقىقەتەن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى: ئۇ 3 فوندسىتېرلىڭغا سېتىۋالغان قونچاقنى 200 فوندسىتېرلىڭغا چىقىپ 10 ھەسسە پايدا ئالدى. يەنى كاندىسقا بەرمىدى، بەلكى سېتىپ بەردى.«ئالۋاستى قونچاق»نى ئالغاندىن كەندىس تەرەپتىكى «نەس»نى تېخىمۇ ياخشى چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئۇ بۇنىڭغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، مەخسۇس مۇشۇ خىلدىكى قونچاقلارنى يىغىش ۋە سېتىش ئارقىلىق پۇل تاپىدۇ. ئۇ ھېكايىنى قانچە ئېسىل سۆزلىسە، ئېقىم مىقدارى ۋە يوشۇرۇن سېتىۋالغۇچىلارنى شۇنچە جەلپ قىلالايدۇ.خۇددى كىلاسسىك پىروگرامما «ئىلىم-پەنگە يېقىنلىشىش»تىكى باشتىكى سىرلىق ھالدا تاماشىبىنلارنى قورقىتىدىغان «سىرلىق ھادىسە»گە ئوخشاش، نۇرغۇن غەلىتە ئىشلار ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئۆزىنى ئۆزى قورقىتىدۇ...كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار
ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىزتۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدىتەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭيانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340