شەرەپ ساناتورىيەسى قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈش

文摘   2024-11-12 12:37   新疆  

ئاپتونوم رايوننىڭ شەرەپ ساناتورىيەسى قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى تۇرپاندا ئۆتكۈزۈلدى 


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز پېڭ دەننى، ۋاڭ زىجيې) 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ شەرەپ ساناتورىيەسى قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈش يىغىنى تۇرپان شەھەرلىك شەرەپ ساناتورىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتناشتى. شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىدىقۇت رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شەن لىپىڭ، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئابلىمىت ئابلىز پائالىيەتكە قاتناشتى.
كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تۇرپان شەھەرلىك شەرەپ ساناتورىيەسىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يۈرۈشۈش ئەھۋالى، داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. شەھەرلىك شەرەپ ساناتورىيەسى ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، نەپىقە ئوبيېكتلىرىنى ئەتراپلىق ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىش ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك پەرۋىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ تەدبىرلەر كۆزدىن كەچۈرۈش ئۆمىكىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
سۆھبەت يىغىنىدا، ھەرقايسى ۋەكىللەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تۈر قۇرۇلۇشى، مۇلازىمەت قىلىش - باشقۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتلەردىكى نەتىجە ۋە يېتەرسىزلىكلەرنى ئالماشتۇرۇپ ھەمبەھرىلىدى، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە، ئۇسۇللارنى خۇلاسىلىدى ۋە كېڭەيتتى، شەرەپ ساناتورىيەسىدە ئېتىبار بېرىش ئوبيېكتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇش مەزمۇنىنى كۆپەيتىش قاتارلىقلارنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى.
كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: شەرەپ ساناتورىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ ئىلغار بولغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىدىيەسى ۋە تېخنىكا ۋاسىتىسىنى كىرگۈزۈپ، نەپىقە ئوبيېكتلىرىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى كۆپ تەرەپلىمە ئۆستۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىپ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:مەريەمگۈل رىشىت

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:买尔艳古力·热西提

吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章