ئۈمىدجان ئىلھام تەشۋىقاتچى «ۋاڭخۇڭ» بولۇپ، قاتناش «تىنچ ئامانلىق ساداسى»نى تارقاتتى
تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى ليۇ زىئاڭئۈمىدجان ئىلھام توقسۇن ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ تەشۋىقاتچى خەلق ساقچىسى. خىزمەتكە قاتناشقاندىن بۇيان، ئۇ يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىدا قاتناش بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ نەزەرىدىكى قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتىدىكى «ۋاڭخۇڭ»غا ئايلاندى.2021 -يىلى 7 - ئايدا، ئۈمىدجان تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، قاتناش باشقۇرۇش تەشۋىقات ئەترىتىگە كىردى. ئۇ، بۇ ئۇچۇر دەۋرىدە تور سۇپىسى ئارقىلىق قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنى ئۈنۈملۈك تارقىتىشنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى ۋە تەسىر كۈچىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ياخشى چۈشىنەتتى.ھالبۇكى، ئۇنىڭ تور تەشۋىقات يولى ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى. تور ئۇچۇرلىرىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە كۆپ خىللىقى ئۈمىدجانغا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى: كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان تەشۋىقات مەزمۇنى ئۇچۇر دېڭىزىدا «چۆكۈپ» كېتىپ، ئاممىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىيالمىدى؛ تورداشلار ئۇنىڭغا گومانىي نەزەر بىلەن قارىدى، ئۇنى خاتا چۈشەندى...«قاتناش بىخەتەرلىكى تور تەشۋىقات بازىسىدىن ھەرگىز ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ.» ئۈمىدجان قىيىنچىلىق ئالدىدا بەل قويۇۋەتمەي، قىيىنچىلىققا دادىل يۈزلەندى. بىر تەرەپتىن تورداشلارنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خاتا چۈشىنىپ قالغان، گۇمانلانغان مەسىلىلەرنى سەمىمىيلىك ۋە قىزغىنلىق چۈشەندۈردى، يەنە بىر تەرەپتىن يېڭى تارقىتىش ماھارەتلىرىنى داۋاملىق ئۆگىنىپ، توردا تارقىتىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قائىدىلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئامما ياقتۇرىدىغان ئاخبارات مەھسۇلاتلىرىنى تىرىشىپ ئىجاد قىلدى. ئىجتىھات بىلەن تىرىشىشىش ئارقىلىق، ئۈمىدجان ئاخىرى چۈشىنىشلىك تىل ۋە جانلىق دېلو مىساللىرى ئارقىلىق، ئاممىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىك بىلىملىرىنى بېيىتتى. «قاتناش بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتىدا ئاممىغا يېقىن بولۇش، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى دەل ۋاقتىدا ئىگىلەش كېرەك.» ئۈمىدجان مۇشۇنداق دېدى ھەم شۇنداق قىلدى.ھەر قېتىملىق ھەرىكەتتە، ئۈمىدجان ڧوتو ئاپپارات، كامېرانى ئېلىپ 1 - سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، 1 - قول ماتېرىياللارنى ئىگىلەپ، ئەمەلىي ئەھۋاللارنى دەل ۋاقتىدا، ئوبيېكتىپ خەۋەر قىلىپ، كامېرا ئارقىلىق ئاممىغا گۇڭئەن قاتناش باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ جاپالىقلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، ساقچىلار قەلبى ۋە خەلقنىڭ رايىنى مۇجەسسەملىدى.2024 - يىلى 6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، G3012 تۇرپان - خوتەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ گەنگوۋ بۆلىكىدە تاغ گۈمۈرۈلۈپ قاتناش توسۇلۇپ قالدى. ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۈمىدجان دەرھال نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىشكە ئاتلاندى ھەمدە تېزلىكتە نەق مەيدان سۈرەتلىرىنى تارتىپ، ۋېيشىن سۇپىسى، قىسقا سىن قاتارلىق تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، جەمئىيەتكە يول ئەھۋالى ئۇچۇرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئېلان قىلىپ، ئاممىنى سەپەرگە چىقىش پىلانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئەسكەرتتى. ئۇنىڭ دەل ۋاقتىدا خەۋەر قىلىشى ئاممىنى سەپەرگە چىقىشتىكى قىممەتلىك پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەپ، ئاممىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.2023 - يىلىنىڭ بېشىدا، G30 ليەنيۈگاڭ - قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ پارچەساغال 30 كىلومېتىرلىق شامال رايونىدا 15 بال قاتتىق بوران چىقتى، ئۈمىدجان بوران خەتىرىگە قارىماي نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ، سۈرەتكە تارتىپ سىنغا ئالدى، ئۇ ئىشلىگەن ئاخبارات ئەسىرى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، توردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈمىدجان ئېلان قىلغان سۈرەت، قىسقا سىنلار يېڭى تارقىتىش سۇپىلىرىدا كۆپ قېتىم قويۇلۇپ، قويۇلۇش قېتىم سانى 30 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. بۇ تەشۋىقات خەۋەرلىرى ئاممىنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى ئېڭىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە قاتناش باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ ياخشى تاشقى ئوبرازىنى تۇرغۇزدى. 2023 - يىلى، ئۈمىدجان تارتقان سۈرەت ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتى فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىدە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.«قاتناش بىخەتەرلىكى بىلىملىرىنىڭ خۇددى باھار شامىلىغا ئوخشاش توقسۇننىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىشىنى، قاتناش بىخەتەرلىكى قارىشىنىڭ قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى ئۈمىدجان.تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن
مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار
مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار
审核:买买提·牙生
责编:阿地力·阿帕尔
编辑:哈提曼·帕塔尔