«ئازابسىز ئۆلۈم بۆلمىسى» ۋەقەسىنىڭ داۋامى كەلدى

文摘   2024-11-07 21:56   新疆  
سۈرەتنى بېسىپ كىنو كۆرۈشنى باشلىۋېتىڭ




ئالاقىدا خەۋەرنى بۇنى بېسىپ ئوقۇڭ 

ئازابسىز ئۆلۈش راستلا ئازابسىزمۇ؟ «ئۆلۈم بۆلمىسى»دىن چاتاق چىقتى

بەيدۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شىۋېيتسارىيە ئاز ساندىكى ئازابسىز ئۆلۈم (ئۆلۈۋېلىشقا ياردەملىشىش)نى قانۇنلۇق دۆلەت دەپ قارايدۇ. ئامېرىكىلىق 64 ياشلىق بىر ئايال ئاغرىق ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ شىۋېيتسارىيىگە كېلىپ، ئازابلانماي ئۆلۈشنى ئىلتىماس قىلغان. لېكىن، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە ياردەم بەرگەن ئاپپاراتلار نۇرغۇن ئادەمنى قولغا ئېلىپ، «قەستلەپ ئۆلتۈرۈش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن، قانۇن دوختۇرى ئۆلگۈچىنىڭ بوينىدىن بوغۇلغان ئىزنى بايقىغان. لېكىن شۋېتسارىيەنىڭ ئازابسىز ئۆلۈش تۈرى بىر قەدەر مۇكەممەل ھېسابلىنىدۇ، شۇنداق تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز قاتىللىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالىدۇ؟

ئەسلىدە، بۇ ئايال تاللىغان ئازابلانماي ئۆلۈش قورالى شىۋېيتسارىيەدە يېقىندا بازارغا سېلىنغان ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش بۆلۈمچىسى بولۇپ، «ئازابلانماي ئۆلۈش بۆلۈمچىسى» دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئۆزى كونترول قىلىدىغان بولۇپ، ئۆلۈم بۆلۈمچىسى ئادەتتىكى ئازابسىز ئۆلۈشكە ئوخشىمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەم ئۆزى مەشخۇلات قىلىدۇ، دوختۇر ياكى سېستىرالارنىڭ ياردىمىگە موھتاج بولمايدۇ، دورا ياكى ئوكۇل ئۇرمايلا «ئۆلۈش»تىن ئىبارەت بۇ بۇ ئىشنى تاماملىغىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭ سىرتقى شەكلى بىر ئالەم كېمىسىگە ئوخشايدۇ، 3D پرىنتىرلانغان، بۆلمە ئىشىكىنى ئاچقىلى بولىدۇ، ئىچىدە بىر يۇمىلاق كۇنۇپكا بار. ئادەم ياتقاندىن كېيىن، بۆلمە ئىشىكى ئېتىلىدۇ، بۇ ھىم ئېتىلگەن مۇھىت بولۇپ، كۇنۇپكىنى يەنە بىر قېتىم باسسىلا ئازوت گازى قويۇپ بېرىلىدۇ. ئاپتوماتىك ئۆلۈم بۆلۈمچىسىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپ چۈشەندۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا بۇنىڭدا ئادەم نەچچە سېكۇنت ئىچىدىلا ئۇخلاپ قالىدىكەن، نەچچە مىنۇت ئىچىدىلا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاغرىقسىز ھەم تىنچ ھالەتتە ئۆلۈپ كېتىدىكەن. ئەلۋەتتە، بۇ تەسۋىرلەر پەقەت نەزەرىيە جەھەتتىكى بايانلار بولۇپ، ھەقىقىي تەجرىبىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئادەم ئىشلەتكەندىن كېيىن ئاندىن دەلىللىگىلى بولىدۇ، ئۇ ئۆلۈشتە ئۆز-ئۆزىگە ياردەم بېرىش بۆلۈمچىسىنىڭ تۇنجى تەجرىبىسى.

تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەندە، ھەقىقىي جەريان نەزەرىيەدىن كۆپ قورقۇنچلۇق! 9-ئاينىڭ 23-كۈنى، بۇ ئايال شىۋېيتسارىيەنىڭ شافخاۋسېندىكى بىر چەت ئورمانلىقتا ئازابلانماي ئۆلۈش ئادرېسىنى تاللىغان (بۇ بۆلۈمچىنىڭ يەنە بىر ياخشى تەرىپى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ھەم خاسلاشتۇرغىلى بولىدىغان). شۇ كۈنى ساقچىلار دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرىۋېلىپ، ئۆلۈم بۆلۈمچىسىدە ئىچىدە ئۇنىڭ جەسىتىنى، بوينىدا يارا ئىزى بارلىقىنى بايقاپ، نەق مەيداندىلا ئۆلۈم بۆلۈمچىسى تەۋە شىركەتنىڭ لېدىرى فلورىئان ۋىلنى قولغا ئالغان، ئۇ ئايال ئۆلگەندە نەق مەيداندىكى بىردىنبىر ئادەم، يەنە باشقا خىزمەتچى خادىملار، ھەتتا فوتوگرافمۇ بىللە قولغا ئېلىنغان. سوراق جەريانىدا، ۋىللېت ئەينى ۋاقىتتىكى جەرياننى ئەسلەپ بەرگەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئايال بىلەن ۋىللېت ئاپتوماتىك ھەيدەش بۆلىمچىنىڭ يېنىغا كېلىپ، بىرلىكتە بۆلمىگە يېپىلغان يېشىل رەڭلىك سۇ ئۆتمەس رەختنى ئاچقان. ۋىللېت ئۇنىڭدىن: «ئەگەر تەييارلىقىڭىز پۈتكەن بولسا، باشلىسىڭىز بولىدۇ» دېگەن. ئۇ: «ئۇنداقتا مەن ئاياغ كىيىمەنمۇ؟» دەپ سورىغان. ۋىللېت ئۆزىنىڭ ئايىغىنى كىيىپ ياتسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇ يەنە ئاپتوماتىك ئۆلۈم بۆلۈمچىسىنىڭ لايىھىلىگۈچىسى بىلەن پاراڭلىشىپ باقايمۇ دەپ سورىغان، لېكىن ئۇ رەت قىلغان. ئارقىدىن، ئۇ ئۆزى ئاپتۇماتىك بۆلۈمچىگە كىرىپ، ياپقۇچنى ئۆزى ياپقان، ئاندىن ئىچىدىكى كونۇپكا يورۇپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزى:«تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟ …… بولىدۇ». ئاندىن كەسكىنلىك بىلەن كۇنۇپكىنى بېسىپ ئازابلانماي ئۆلۈش جەريانىنى باشلىغان، بۆلمە ئازوت گازى بىلەن تولغاندا، ۋىللېت يەنىلا بۆلمە سىرتىدا تۇرۇپ ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈپ:«ئاستا-ئاستا نەپەس ئېلىڭ، داۋاملىق نەپەس ئېلىڭ!» دېگەن. ۋىللېت بۇ ئايالنىڭ ئۆلۈمىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا گۇۋاھ بولغان بولۇپ، ئۇ بۇ ئايالنىڭ ئۆلۈمىنى «تىنچ، تېز ۋە ئىززەت-ھۆرمەتكە ئىگە» دەپ سۈپەتلىگەن.

لېكىن، شافخاۋسېن ئىشتاتلىق تەپتىش مەھكىمىسى بۇ كىشىلەرنى جىنايى ئىشلار دەۋاسى، ئازدۇرۇش، ياردەم بېرىش ۋە ئۆلۈۋېلىشقا كۈشكۈرتۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن، چۈنكى ساقچىلار نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتىلارنى بايقىغان. بىرىنچىدىن، ئايالنىڭ بوينىدىكى يارا ئىزى ناھايىتى گۇمانلىق؛ بۇ بۆلۈمچىسىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە ئېلان قىلىنغان ئىشلىتىش تەسىراتىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، شۇڭا بەزىلەر بۇ ئايالنىڭ ئۆلۈمىنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولمىغان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن، بۇلار قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن دەپ گۇمان قىلغان.

ئىككىنچىدىن، ساقچىلار يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئىشلىتىشكە باشلاشتىن بۇرۇن، ئۆلۈم بۆلۈمچىسىنىڭ كۆپ قېتىم ئېچىپ تاقالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھىملىقىنى تەكشۈرگەنلىكىنى بايقىغان؛ شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر گۇمان پەيدا بولۇپ، ئۈسكۈنە لايىھەسى مۇۋاپىق ئەمەس ياكى كاشىلا كۆرۈلۈپ، ئايال قىينىلىپ ئۆلگەن، دەپ قارىغان.

ئۈچىنچى، ھازىر بار بولغان ئۈنئالغۇ ئىسپاتىدىن قارىغاندا، بۇ ئايال يېرىم سائەتتە ئاران ئۆلگەن، ئۇ ئۆلگەندە قاتتىق تىركەشكەن بولۇپ، قارىماققا ناھايىتى ئازابلانغاندەك قىلاتتى. بۇ قاراشنى ئىسپاتلايدىغان ئاساسلىق ئىككى ئىسپات بار، بىرى، ۋىللېت بىلەن ئۆلۈم بۆلۈمچىسىنى لايىھىلىگۈچىنىڭ تېلېفوندا سۆزلىشىشى.

ئايال كۇنۇپكىنى بېسىپ 6 مىنۇت 30 سېكۇنتتىن كېيىن، ئاپتوماتىك ئۆلۈم بۆلمىسىدىكى كومپيۇتېر كۈچلۈك سىگنال بەرگەن، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، ۋىللېت لايىھەلىگۈچىگە تېلېفوندا:«فىلىپ، ئۇ تېخى ھايات ئىكەن» دېگەن. سىگنال ئاۋازى ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل داۋاملىشىپ ئاندىن توختىغان. كۇنۇپكىنى بېسىپ يېرىم سائەتتىن كېيىن، ۋىللېت يەنە دوكلات بېرىپ:«ئۇ راستتىنلا ئۆلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ» دېگەن. بۇ پۈتكۈل ئۆلۈم جەريانىنىڭ ئىلگىرى تەشۋىق قىلىنغان بىر نەچچە مىنۇت ئەمەس، بەلكى يېرىم سائەت داۋاملاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

يەنە بىر ئىسپات بولسا تېلېكامېرا خاتىرىلىگەن مەزمۇن بولۇپ، بۆلۈمچە ئىچىگە بىر تېلېكامېرا ئورنىتىلغان ھەمدە كونۇپكىغا قارىتىلغان، بۆلۈمچە سىرتىدىكى دەرەختىمۇ تېلېكامېرا بار. لېكىن تېلېكامىرا پۈتكۈل جەرياننى ئۇدا خاتىرلىمەيدۇ، شەپە بولسىلا سۈرەتكە ئالىدۇ. بۆلۈمچە ئىچىدىكى تېلېكامېرا ئىككى قېتىم قوزغىتىلغان بولۇپ، كۇنۇپكىنى بېسىپ تەخمىنەن ئىككى يېرىم مىنۇتتىن كېيىن، ئايالدا ئىككى قېتىم قاتتىق تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. سۈرەتكە ئېلىش نۇقتىسى مۇناسىۋىتى بىلەن، كونكرېت نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكى ئېنىق ئەمەس. لېكىن شۇنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈش مۇمكىنكى، بۇ ئايال ئۆلگەندە ئۇنداق تىنچ ۋە خاتىرجەم ئەمەس.

ھازىر قارايدىغان بولساق، بۇ دېلودا نۇرغۇن گۇمانلىق نۇقتىلار بار، كۆپ تەرەپنىڭ كۆز قارىشىمۇ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ساقچى تەرەپ ئىلگىرى بۇنىڭغا قارشى تۇرغان، ئۆلۈم بۆلۈمچىسى بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇنلا، شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپ ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان، بۇ بەلكىم ئىشلەتسىلا جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ شىركەت بۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان. شىركەت ئۆزىنىڭ دۇرۇس ئىش قىلىدىغانلىقىنى، تەكشۈرۈشتىن قورقمايدىغانلىقىنى ئىيتقان.

شىۋېتسارىيەدە ئۆلۈشكە ياردەم بېرىش قانۇنلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شىركەتمۇ «شەخسىي غەرەز»دە بۇ ئىشنى قىلمىغان، شىركەت پەقەت ھەق ئالمىغان. مۇھىمى بۇ ۋەقەدىكى باش قەھرىمان كۈچلۈك ئازابلانماي ئۆلۈش ئىرادىسىگە ئىگە، روھىي ھالىتى نورمال قۇرامىغا يەتكەن ئادەم بولۇپ، پۈتۈن جەريانغا ئۇ ئۆزى كىرىپ، ئىشىكنى ئۆزى تاقاپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىگەن، باشقىلار قول تىقمىغان، بۇ  شۇ جاينىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن. ئۆلۈم بۆلۈمچىسىنى قوللايدىغانلار بۇ لايىھەنىڭ ياخشىلىقىنى ھېس قىلغان، چۈنكى ئۇ ئەرزان، ئازوت گازى ھەققى تاپشۇرسىلا بولىدۇ، يەنى 100 نەچچە يۈەن خەلق پۇلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرتىپى باشقا ئازاپلانغان ئۆلۈم بۇيۇملىرىغا قارىغاندا ياخشى.

لېكىن، ئالىملار ئازوت گازىدىن پايدىلىنىپ ئازابسىز ئۆلۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ئازوت گازى ئىشلىتىش راستتىنلا ئادەمنى خاتىرجەم ئۆلتۈرەلەمدۇ؟ راستتىنلا باشقا ئازاب ئېلىپ كەلمەمدۇ؟ بۇ مەسىلىلەرگە قارىتا، ئالىملارنىڭ جاۋابى بىردەك ئەمەس. شۇڭا بۇ لايىھەنىڭ ئۆزىدىلا تالاش-تارتىش مەۋجۇت، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلۈم بۆلۈمچىسى ئەزەلدىن ئىشلىتىلىپ باقمىغان، ئىچىدە كاشىلا بار-يوقلۇقىمۇ ئېنىق ئەمەس، ئالدىراپ بازارغا سالسا، ئېنىقلا چوڭ غۇلغۇلا قوزغايدۇ. ھازىر شىركەتنىڭ مەسئۇلى ۋىللېت قاماقتا، باشقىلار قويۇپ بېرىلگەن. بۇ دېلومۇ داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا كەلسەك، بۇ ئاپتوماتىك ئۆلۈم بۆلۈمچىسىدە كاشىلا كۆرۈلگەنمۇ ياكى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇنمۇ؟ پەقەت تەكشۈرۈش ۋە جەسەت تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ.


ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ ئېچىپ نەق مەيدان كۆرۈڭ 
كىنولار
تەۋسىيەلىك رومانلار
مانا مەن ھەقىقىي سۇن ۋۇكۇڭ
ئاۋات شەھەردىكى ئىشلەمچىلىك ھاياتىم
تەڭداشسىز ھۆكۈمران

ﻧﯘﺭ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯗ!!!
بۇ ئىككىلىك كودنى بېسىپ نۇر ئەپنى چۈشۈرۋېلىڭ
ئەمدى تىل جەھەتتە قىينالمايسىز


تۇرمۇش، خىزمەت، ئۆگىنىش جەھەتتە سىزنىڭ تىل ياردەمچىڭىز نۇر تەرجىمانى كەلدى
نۇر كىرگۈزگۈچ يېڭىلاندى
تەرجىمە دېتاللىرىغا ئايدا بەش ئون كوي تۆلەۋەتقان دوستلارغا خۇشخەۋەر ئەمدى تۆلىمەڭ بۇنى ئىشلىتىڭ.
ئايفون ئىشلەتكۈچىلىرى بۇ كودنى سىكانېرلاپ چۈشۈرسىڭىز ياكى ئەپ بازىرىدىن nur输入法 دەپ ئىزدەپ چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
نۇر كىرگۈزگۈچنى مېنى بېسىپلا چۈشۈرۋېلىڭ
سالونىمىزغا ئېلان بەرمەكچى بولسىڭىز ئالاقىلىشىڭ
يانفون ۋە ئۈندىدار: 13699999340


Nur 努尔网
努尔网官方订阅号 | نۇر تورىدىكى ئەڭ يېڭى جەۋھەرلەر ھەر كۈنى ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章