«كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» بويىچە ئۆزگەرتىش

文摘   2024-11-02 17:53   新疆  
تۇرپان شەھىرىدىكى 90 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسى «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» بويىچە ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى


تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز تيەن جىبىن، شيې دۇڭفېي، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز سەي جۈنجيې) «ئىلگىرى قىشتا ئۆينى كۆمۈر قالاپ ئىسسىتاتتۇق، ئۆينىڭ ھەممە يېرىگە كۈل توزۇغاننىڭ ئۈستىگە، كاربون چالا ئوكسىدتىن زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيتتۇق. <كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش> ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغاندىن كېيىن، ئۆيلەر ياخشى ئىسسىپلا قالماي، يەنە پاكىز تۇرىدىغان بولدى» دېدى 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى قىزىلتۇر مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى قاھار ئەدەيتۇل «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» تۈرىنىڭ پايدىسىنى سۆزلەپ. 

 

دۆلەت ئېلېكتىر تورى تۇرپان توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرمەكتە. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى تيەن جىبىن فوتوسى

قاھار شەھىرىمىز يولغا قويغان «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» تۈرىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەرنىڭ بىرى، بۇ تۈرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، قاھارغا ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ئامما پاكىز، بىخەتەر ئىسسىنىش ئۈسكۈنىسىنى ئىشلىتىدىغان بولدى. 

ئىگىلىنىشىچە، 2022 - يىلىدىن بۇيان، شەھىرىمىز يېشىل، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر بولغان پاكىز پار بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىپ، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» تۈرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن يولغا قويغان. ھازىرغىچە، پۈتۈن شەھەر بويىچە جەمئىي 90 مىڭ 172 دېھقان ئائىلىسىدە «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» ئۈسكۈنىسىنى ئورنىتىش ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، يېڭى شەكىلدىكى ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرى تەدرىجىي ھالدا ئەنئەنىۋى ئىسسىنىش شەكلىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، پاكىز، قولايلىق ئىسسىنىش شەھىرىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما ئىشلىتەلەيدىغان، بىخەتەر ئىشلىتەلەيدىغان ئىسسىنىش شەكلىگە ئايلاندى. 


دۆلەت ئېلېكتىر تورى تۇرپان توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرمەكتە. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى تيەن جىبىن فوتوسى


مەش ئوچاق ئىشلىتىشنى توختىتىش، تۇرخۇنلارنى بۇزۇۋېتىش، قارىداپ كەتكەن تاملارنى ئاقارتىش... «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» تۈرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شەھىرىمىز زامانىۋى پەن - تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مۇكەممەل بولغان سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىر تورىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «كۆمۈرنىڭ ئۈستىگە توك ئىشلىتىش» تۈرىنىڭ تولۇق قاپلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 

دۆلەت ئېلېكتىر تورى تۇرپان توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى توك تەقسىملەش تورى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مەخسۇس مەسئۇلى ما ليېجۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئېلېكتىر تورى تۇرپان توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، «كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش» تۈرىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، 12 مىڭ 983 ئىستولبىنى قۇراشتۇرۇپ، 511.49 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى سىمنى چىڭىتىپ، 384 توك تەقسىملەش ساندۇقىنى ئورناتتى. 


ئامما قۇراشتۇرۇلغان توكلۇق ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى ماختىماقتا. تۇرپان شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى تيەن جىبىن فوتوسى


كېيىنكى قەدەمدە، شەھىرىمىز پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىنىشنى كېڭەيتىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاھالىنىڭ پاكىز، قولايلىق، بىخەتەر ئىسسىنىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.




تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: مەمەت ياسىن 

مەسئۇل مۇھەررىر: ئادىل غاپپار

مۇھەررىر:خاتىمە پەتتار

审核:买买提·牙生

责编:阿地力·阿帕尔

编辑:哈提曼·帕塔尔


吐鲁番零距离维吾尔语平台
تۇرپاندىكى نوپۇزلۇق يېڭى تاراتقۇ. ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازەتنامە نومۇرى:65120230003
 最新文章